چىقتىم قەدىمكى شەھىرى خەنزۇچە مەنبەلەردە «达提干»، «达子城»، «赤停» دەپ يېزىلىپ كەلگەن.
تارىخىي كىتابلاردا «چىقتىم» — «齐格塔木»، «七克腾»، «七克台» دېگەن ناملار بىلەن خاتىرىلىنىپ كەلدى.
«يېڭى تاڭنامە. جۇغراپىيىلىك تەزكىرىسى» «新唐书 . 地理志»نىڭ 40– جىلدىدە: «ئېۋىرغول ئايمىقى (قۇمۇل)دىكى لاپچۇقتىن غەربكە 640 يول ماڭسا چىتىڭ (赤停) قورغانىغا كېلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. سې موخو ئەپەندى توپلىغان خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردىمۇ «赤停»، «赤亭镇» دېگەن ناملار بار. مىلادى 980– يىلى سۇڭ سۇلالىسىدىن ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ئەلچى ۋاڭ يەندى «ئىدىقۇتقا سەپەر خاتىرىسى»دە: «赤停 بىلەن 泽田 بىر جاي» دەپ كۆرسەتكەن. «泽田» دېگەن سۆز «دەسسىسە پۇت يېتىپ قالىدىغان، پىيادە كېزىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان سازلىق يەر» دېگەن مەنىدە.
چىڭ سۇلالىسى يىللىرى ئۆتكەن توباۋليەن «辛卯待行纪» («توشقان يىلىدىكى ساياھەت خاتىرىسى») دېگەن كىتابىنىڭ 6– جىلدىدە: «赤停، 泽田، 齐格塔木 لەرنىڭ بىر جاي ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىدىم» دېگەن. ياپۇنىيىلىك ئالىم ئەنبو جەنفۇ «غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتى تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات» («西回鹘国史研究») ناملىق كىتابىدا توباۋليەننىڭ چىقارغان خۇلاسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.
خۇاڭ ۋىنبېي ئەپەندى «قۇجۇ زېمىن دائىرىسى ۋە ۋىلايەت، ناھىيىلىرى توغرىسىدا تەتقىقات» («高昌疆域郡城考») ناملىق ماقالىسىدا «赤停»نىڭ كونكرېت ئورنى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ: «مەن نەق مەيداندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىمگە ئاساسەن چىقتىمنىڭ ئون يول جەنۇبىدىكى قەدىمكى يۇرت بىلەن قەدىمىي ئۆيلەر، قەدىمكى «泽田寺» بۇنى «赤停»نىڭ خارابىسىدۇر» دەيدۇ.
دېمەك، ھازىرقى «چىقتىم قەدىمكى شەھەر خارابىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ جاينى — تاڭ دەۋرىدىكى «赤停» (چىتىڭ)، قەدىمكى «泽田» (زېتيەن)، يەنى «蒲昌» (پۇچاڭ)، «辟展» (پىجەن)لارنى قەدىمكى پىچان ناھىيىسىنىڭ ئورنى دەپ ئېيتالايمىز. بۇ يەردىكى «赤停» — «چىقتىم»نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىنى، «泽田» پىچاننىڭ خەنزۇچە مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. «چىقتىم» قەدىمكى شەھىرىنى ئۇيغۇرلار «داتقان شەھىرى» دەپ ئاتاپ كەلگەن، ھېلىمۇ شۇنداق ئاتايدۇ. بۇ شەھەرنىڭ خەنزۇچە نامى «达子城» (دازىچېڭ) دەپ ئاتىلىدۇ. «دازىچېڭ» دېگەن بۇ نام «داتقان شەھىرى» دېگەن نامدىن كەلگەن. «داتقان» — قەدىمكى تىلىمىزدا «دادىخاھ»، «يامۇل» دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ.
1795– يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى پىچاندا خان ئامبال تەسىس قىلغان ۋە شۇ يىللىرى پىچان ناھىيىسىنىڭ سېپىلى ياسىلىپ پىچان تۇرپان رايونىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى قىلىنغان. 1779– يىلىدىن كېيىن تۇرپان رايونىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى پىچاندىن تۇرپانغا يۆتكەلگەن. گۇاڭشۈينىڭ 28– يىلى (1902– يىلى) پىچان ناھىيىسى رەسمىي تەسىس قىلىنىپ، پىچاننىڭ خەنزۇچە نامى «鄯善县» (شەنشەن ناھىيىسى)گە ئۆزگەرتىلگەن. ئۇيغۇرچە نامى يەنىلا «پىچان» دەپ ئاتىلىۋەتگەن.
================================
مەنبە: «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە»، نىياز كېرىمى، زىۋىدە ساتتار، مىللەتلەر نەشرىياتى