باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2013 - 3 48
يدسچپجش
     12
3456789
10111213141516
17181920212223
24252627282930
31

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
كۆرسىتىلىش شەكلى: نورمال | تېمىلار تىزىملىكى [1] [2] 

توقسۇن — تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۈچ ناھىيە ئىچىدە ئەڭ ئويمان يەرگە يەنى دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن بولغان ئايدىڭكۆل ياقىسىغا جايلاشقان. توقسۇن ناھىيە بازىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولۇپ، ئېلىمىز بويىچە ئەڭ تۆۋەن ناھىيە بازىرى ھېسابلىنىدۇ.

تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە قورىغار (غەربىي رايون)دىكى 36 دۆلەتنىڭ بىرى بولغان تاغ دۆلىتى توقسۇنغا جايلاشقان.

1936– يىلى توقسۇن ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئۈرۈمچىگە قارىغان. 1975– يىلىدىن باشلاپ تۇرپان ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولدى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ يەر–جاي ناملىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1188

ساقىر: بۇ جاي ئەسلىي «سايقىر» دەپ ئاتىلاتتى. كېيىنچە «ي» ھەرىپى تەلەپپۇزدىن چۈشۈپ قېلىپ «ساقىر»غا ئۆزگەرگەن.

سىركىپ: بۇ «سىر بېرىلگەن كۇپ»، «ئىدىش ياسايدىغان يەر» دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، بۇ جاي ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ فارفۇر مەركىزى ئىدى. «سىركىپ — فارفۇر قاچا دېمەكتۇر» (1).

تەزە: بۇ «ئېگىز جاي» دېگەنلىك بولىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا: «تەزە — ئېگىزلىك دېگەن بولىدۇ» (2) دەپ كۆرسىتىلگەن.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ يەر–جاي ناملىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1084

چىقتىم قەدىمكى شەھىرى خەنزۇچە مەنبەلەردە «达提干»، «达子城»، «赤停» دەپ يېزىلىپ كەلگەن.

تارىخىي كىتابلاردا «چىقتىم» — «齐格塔木»، «七克腾»، «七克台» دېگەن ناملار بىلەن خاتىرىلىنىپ كەلدى.

«يېڭى تاڭنامە. جۇغراپىيىلىك تەزكىرىسى» «新唐书 . 地理志»نىڭ 40– جىلدىدە: «ئېۋىرغول ئايمىقى (قۇمۇل)دىكى لاپچۇقتىن غەربكە 640 يول ماڭسا چىتىڭ (赤停) قورغانىغا كېلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. سې موخو ئەپەندى توپلىغان خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردىمۇ «赤停»، «赤亭镇» دېگەن ناملار بار. مىلادى 980– يىلى سۇڭ سۇلالىسىدىن ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ئەلچى ۋاڭ يەندى «ئىدىقۇتقا سەپەر خاتىرىسى»دە: «赤停 بىلەن 泽田 بىر جاي» دەپ كۆرسەتكەن. «泽田» دېگەن سۆز «دەسسىسە پۇت يېتىپ قالىدىغان، پىيادە كېزىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان سازلىق يەر» دېگەن مەنىدە.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ يەر–جاي ناملىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 20322

ھازىرقى پىچان ناھىيىسى قەدىمدە غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى «قۇتخۇر» (狐胡国) بەگلىكىنىڭ تەۋەسىدە ئىدى. «خەننامە. غەربىي يۇرت (قورىغار) تەزكىرىسى»دە: «قۇتخور بەگلىكىنىڭ مەركىزى قوستىكى يوغانتېرەك ئىدى. بۇ يەردىن چاڭئەنگە 8200 يول (4100 كىلومېتىر) كېلىدۇ» (1) دەپ كۆرسىتىلگەن.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ يەر–جاي ناملىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 961

مۇرتۇق: تۇرپاندىكى بىر يۇرتنىڭ نامى بولۇپ، بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇنداق ئىككى خىل كۆزقاراش مەۋجۈت. بىرى، بۇ يۇرتنىڭ ئەسلىي نامىنى «مۇرتۇغ» دەپ قاراش. مەن «مۇرتۇغ» دېگەن ئىسىمنىڭ لۇغەت مەنىسىنى ئىزدەپ كۆردۈم. «مۇرتۇغ» ئەسلىي «مۇر» (سۆسۈن) ۋە «تۇغ» (بايراق) دېگەن ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن ئىسىم بولۇپ، مەنىسى «سۆسۈن تۇغ» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا مۇرتۇغ ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە سۆسۈن تۇغلۇق قوشۇن تۇرغۇزۇلغان جاي بولۇشى مۇمكىن.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ يەر–جاي ناملىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 966

تۇرپان بۇددا دىنىنىڭ مۇھىم ئوچاقلىرىنىڭ بىر بولۇپ، بېزەكلىك مىڭئۆيى ۋە تۇيۇق مىڭئۆيلىرى جاھانكەشلەر، دىن تارقاتقۇچىلار، راھىبلار توپلىشىدىغان ئاۋات جاي بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر بۇ يەرنى ئۇلۇغ بىلىپ، سەيلە – زىيارەت قىلىشاتتى. تۇرپان خەلقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، ئىسلام دىنى ئومۇملاشقىچە يەرلىك خەلق بۇ جاينى ئولۇغلاپ كەلگەن.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ يەر–جاي ناملىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 987

ئىدىقۇت تېغى: تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. ئىدىقۇت تېغىنىڭ تۇپىسى قىزىل بولغاچقا «قىزىلتاغ» دەپ ئاتىلىدۇ. خەنزۇلار ئىدىقۇت تېغىنى «خويەنشەن» (火焰山) دەپ ئاتايدۇ، مەنىسى «يالقۇنتاغ» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىدىقۇت تېغى «غەربكە ساياھەت» ناملىق كىتابتا، ئوت يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرىدىغان، جىن – ئالۋاستىلار ماكانلىنىۋالغان تاغ قىلىپ كۆرسىتىلگەن.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ يەر–جاي ناملىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 925

سىڭگىم يېزىسى: سىڭگىم يېزىلىق ھۆكۈمەت جايلاشقان ئورۇننىڭ ئەسلىي نامى «پەيزاۋات» ئىدى.

تەنبۇخۇ (坛布胡): ھازىر «تەنبۇخۇ» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جاينىڭ ئەسلىي نامى «قوش قارىياغاچ» دەپ ئاتىلاتتى.

ساقا: بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى تۆۋەن بولۇپ، تەڭرىتاغلىرىدىن سىڭىپ كەلگەن يەر ئاستى سۇلىرى بۇ جايغا كەلگەندە يەر يۈزىگە چىقىپ سازلىقلارنى، بۇلاقلارنى پەيدا قىلغاچقا، «ساقا» دەپ ئاتالغان. «ساقا»نىڭ مەنىسى «ساقىندى سۇ» دېگەنلىكتۇر.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ يەر–جاي ناملىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1132

ئاستانە يېزىسى: ھازىرقى ئاستانە يېزىسىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئورنى ئەسلىي «ئەششا مەھەللىسى» دەپ ئاتىلاتتى. «ئەششا» بولسا «ئەسكى شەھەر» سۆزىنىڭ يىللار – ئەسىرلەر داۋامىدا ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان. «كونا شەھەر» دېگەن مەنىدە. «ئەششا»، «ئەسكى شەھەر» — ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىنىڭ نامى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ يەر–جاي ناملىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 961

كالىلارنىڭ كارىزى: بۇ يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ لەقىمى «كالا» بولغاچقا، بۇ يۇرت «كالىلارنىڭ كارىزى» دەپ ئاتالغان.

تۇر كارىزى: بۇ كارىزدا تۇر بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان.

قۇرۇقلار كارىزى: ئېيتىشلارغا قارىغاندا 200 يىل ئىلگىرى بۇ كارىز ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىككى كىشى بېيجىڭغا بېرىپ قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەنىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ كارىز «قۇرۇقلار كارىزى» (قۇرۇق قوللار كارىزى) دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ يەر–جاي ناملىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1016
[1] [2] 

تۇرپان تەزكىرىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە

新ICP备10202342号-4

吾买尔江·沙塔尔 0991-8982843 ئۆمەرجان ساتتار

بېكىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى «شىنجاڭ تېزلىك تورى»  تەمىنلىگەن

Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.046875 second(s), 3 queries