ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قىنى ھېسابلانغان كارىز – بۇلاقلار يۇرتىمىز شىنجاڭدا خىلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئەنە شۇ كارىز ۋە بۇلاقلار ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن، ھازىرمۇ يۇرتىمىز شىنجاڭدا كارىزلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئاساسەن، قۇمۇل، تۇرپان ۋىلايەتلىرىگە ۋە سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى ناھىيەلەردە، گۇما ناھىيىسى، كۇچار ناھىيىلىرىدە كەڭ تارقالغان.
كارىزلارنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 5000 – 7000 كېلومېتىرغىچە بولۇپ، يىللىق ئېقىم مىقتارى 900 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدۇ. يىللىق يامغۇر مىقدارى نۆل چامىسىدا بولغان تارىم ۋە تۇرپان قۇمۇل ۋادىلىرىدا كارىز ئۆز رولىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرغان بولغىيتتى – ھە؟
