1. مەسىلىنىڭ قويۇلۇشى
تۇرپان ئويمانلىقىدا قەدىمدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىز بۇ ماكاندا مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە ناھايىتى تەرەققىي قىلغان كاتتا شەھەرلەرنى بەرپا قىلغان.
ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى دەۋرلەردە بەرپا قىلغان بۇ شەھەرلەردىن يارغول قەدىمكى شەھىرى، قۇجۇ قەدىمكى شەھىرى، شاد – خورام قەدىمكى شەھىرى، پاقىلاق قەدىمكى شەھىرى، قوتانتۇر قەدىمكى شەھىرى، سايبۇلۇڭ قەدىمكى شەھىرى، لامپا گۇڭشاڭ قەدىمكى شەھىرى، ئەنجان مەھەللە قەدىمكى شەھىرى، غۇجامبۇلاق قەدىمكى شەھىرى، دۇڭبازار قەدىمكى خارابىسى، قوشجاڭزا خارابىسى، دۆڭمەھەللە خارابىسى، سۇ بېشى قەدىمكى تۇرالغۇ خارابىسى، كۆكيار قەدىمكى شەھىرى، سەكسەنتۇر قورغىنى، چىقتىم قەدىمكى شەھەر خارابىسى، ئېغىلتام قورغىنى خارابىسى، ئەسكىبازار خارابىسى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ قەدىمكى ئىز – خارابىلىرى بار. بۇ شەھەرلەرنىڭ خارابىلىرى قەدىمكى زاماندا تۇرپان رايونىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىدە راۋاجلانغانلىقىنى ئەمەلىي پاكىت بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
تۇرپان رايونى مىلادىدىن بۇرۇنقى بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرىلا غەرب ئەللىرى بىلەن شەرق ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي قاتناش تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، بەلكى قۇرىقار رايونىدا ئەڭ مەدەنىيەت جايلارنىڭ بىرى ئىدى. تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، تۇرپان رايونى ئەنە شۇ زامانلاردىلا ئاشلىق، پاختا، كۆكتاتچىلىق، باغۋەنچىلىك ناھايىتى راۋاجلانغان مەشھۇر دېھقانچىلىق رايونى ئىدى. بۇ جايدىن چىقىدىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، ھازىرقى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ۋە غەربىدىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرگە ھەم قۇرىقار رايونىنىڭ باشقا بايلىرىغا، ھەتتا شەرق ۋە غەرب ئەللىرىگىمۇ توشۇلاتتى. ئەينى زاماندا دۇنياغا مەشھۇر بولغان «يىپەك يولى» دەل مۇشۇ رايوندىن بېسىپ ئۆتەتتى. ئومۇمەن، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ، بۇ جايدا يېڭى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدى – كەينىدە، بۇ رايون جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ خېلى راۋاجلانغان باسقۇچىدا تۇراتتى (1). دېمەك يۇقىرىقى بايانلار، بىزنىڭ يۇقىرىدىكى بايانلىرىمىزنى دەلىللەپ تۇرماقتا.
ئەگەر، ئەينى زامان جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرى تەرەققىي قىلمىسا، نۇرغۇن ھەم مەلۇم كۆلەمگە ئىگە شەھەرلەرنى قۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بىردىنبىر ئاساسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا بۇ تارىخىي قانۇنىيەتتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس.
2. قەدىمى پايتەخت يارغول (Ⅰ)
يارغول قەدىمكى شەھىرى مىلادىدىن ئىلگىرىلا خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە «چېشى» دەپ ئاتالغان قاڭقىل دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدى. ئۇنىڭ ئورنى ھازىرقى تۇرپان شەھىرى يار يېزىسى (يارغول) مەھەللە كومىتېتى تەۋەلىكىدە. تۇرپان شەھىرى مەركىزىگە 10 كىلومېتىردىن ئارتۇقراق كېلىدۇ. بۇ قەدىمكى پايتەختنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، «تارىخنامە»نىڭ «پەرغانە تەزكىرىسى»دە يارغول قەدىمكى شەھىرى ئالاھىدە تولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا «پەرغانە ھونلارنىڭ غەربى جەنۇبىدا ... چوڭ – كىچىك 70 نەچچە شەھىرى بار. بىراق، رۇران، قۇسلاردا شەھەر – قەلئەلەر بار ...» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئەينى زامانلاردا غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن جاڭ چيەننى ئۆزىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچىسى قىلىپ غەربىي رايونغا ئەۋەتىپ ئالاقە باغلاپ، ئىتتىپاق تۈزۈپ، بىرلىكتە ھونلارغا قارشى تۇرۇشنى تاپىلىغان، شۇ دەۋرلەردە قاڭقىللار دۆلىتى ھونلارنىڭ تەھلىكىسى ئاستىدە تۇراتتى. جاڭ چيەننىڭ ۋەزىپىسى ئەسلىدىنلا غەربى يۇرت بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ھونلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئىدى، بىراق جاڭ چيەن بەزىدە ھونلارغا تۇتۇلۇپ، بەزىدە ھونلاردىن قۇتۇلۇپ، ئاخىر غەربىي يۇرتتىن خەن سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەنگە ئامان – ئېسەن، ساق – سالامەت قايتىپ بېرىپ، غەربىي يۇرتتا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تۇرمۇشى، ئۆرپ – ئادىتى، كىيىم – كېچىكى، يېمەك – ئىچمىكى، ئەر – ئاياللارنىڭ تۇرق – قىياپىتى، يۈرۈش – تۇرۇشى قاتارلىقلار ھەققىدە نۇرغۇن ئەمەلىي پاكىتلىق مەلۇماتلارنى دوكلات قىلغان. دېمەك، بۇ خاتىرىلەر قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان بۇ قەدىمكى ماكاندا ياشاپ، ئاۋۇپ كەلگەنلىكىنىڭ دەلىل ئىسپاتى ئىدى. «خەننامە»دە يەنە: «قاڭقىل ئالدىنقى دۆلىتىدە پادىشاھ يارغول شەھىرىدە تۇرىدۇ ... قاڭقىل ئايمىقى، تۇڭشەن ئايمىقى، شياڭشەن ئايماقلىرىنىڭ بىردىن ئايماقبېگى بار» دەپ خاتىرىلەنگەن. يۇقىرىقى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا قاڭقىللار دەۋرىدىكى يارغول ئايمىقى دەرىجە پەرقى جەھەتتە ۋىلايەت ياكى نازارەت بىلەن ئوخشاش بولغان. دەل شۇ زامانلاردا پۈتكۈل تۇرپان رايونىنىڭ سىياسى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول سانائەت ئىشلىرىدا ناھايىتى زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن. بۇ تەرەققىياتلار ئەينى زاماندىكى يارغول شەھىرىدە ئاۋات بازارلارنى، گۈللەنگەن شەھەر مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىدىن ھەم شەرق ئەللىرىدىن كەلگەن ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى سودىگەرلەر بۇ يەردە ماللىرىنى سېتىشاتتى ھەم تەڭ قىممەتتە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشاتتى. يۇقىرىقىدەك ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش ۋە سودا – سېتىق ئىشلىرىدا ئەينى زاماندىكى «قاڭقىل» ئالدىنقى دۆلىتىنىڭ بازارلىرى ئاۋات، ئىقتىسادى يۈكسەلگەن ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەنگەن، «كېيىنكى خەننامە»دە: «قاڭقىل ئالدىنقى دۆلىتىدە پادىشاھ يارغولدا تۇرىدۇ، دەريا سۈيى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، شەھەرنى ئايلىنىپ ئاقىدۇ. قەدىمكى نامى يارغول، چاڭئەنگە (بۈگۈنكى شىئەن شەھىرى) 8150 يول كېلىدۇ، 700 تۈتۈن ئاھالىسى 6050 نەپەر ئادىمى بار، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەسكىرىدىن 1865 كىشى، دۆلەت ئەمەلدارلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى، ئوڭ – سول قول ۋەزىرلەر، ئىقتىسادى ئالاقە تەڭشىگۈچى ئەمەلدارلار بار» دەپ خاتىرىلەنگەن. دېمەك، يارغول قەدىمكى شەھىرىدە مىلادىدىن ئىلگىرىلا مەخسۇس ئىقتىسادىي ئالاقە ئورنىتىش ئورگانلىرى تەسىس قىلىنغان. بۇلاردىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئەگەر بۇ قەدىمكى پايتەختتە ئىقتىسادىي ئىشلار ھەقىقىي تەرەققىي قىلمىسا، مەخسۇس ئىقتىسادىي ئىشلارنى تەڭشەش ئەمەلدارلىرىنى تۇرغۇزۇش ئۇنچىلىكمۇ زۆرۈر بولمايتتى، پەقەت ئىقتىسادىي يۈكسىلىش ۋەزىيىتىلا بىرلىككە كەلگەن ئاپپاراتلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە بارلىققا كېلىشىنىڭ بىردىنبىر ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى.
يارغول قەدىمكى شەھىرى مىلادىدىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرىلا «قاڭقىل» ئالدىنقى دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدى. مىلادى 1– ئەسىردە غەربىي خەن پادىشاھى بۇ يەردە بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن، ئەينى زامانلاردا يارغول قەلئەسى دەپ ئاتالغانىدى.
«ۋېينامە» دېگەن كىتابتا يەنە: «خەن دەۋرىدە، غەربىي رايون ئەلچىلىرى باشلىقى ۋۇجى شياۋۋى (قورۇقچى بەگ) بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ تۇتۇقبېگى بۇ يەردە تۇرغان» دەپ خاتىرىلەنگەن. يۇقىرىقى بۇ خاتىرىدىن شۇنداق بىر نۇقتىنى ئوچۇق كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، تۇرپان رايونىنىڭ تۇپرىقى ياخشى، يەرلىرى مۇنبەت، تەبىئىي شارائىتى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئەينى زامانلاردا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلاتتى، قوشۇمچە چارۋىچىلىق، سودا – سېتىقمۇ بار ئىدى. مۇشۇ ئاساستا «يارغول» قەدىمكى شەھىرىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سودا – سېتىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق بىر قانچە تەرەپلىمە ئىقتىساد زور دەرىجىدە راۋاجلانغان.
يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ ھازىرقى ساقلىنىش ئەھۋالى خېلى مۇكەممەل بولۇپ، ھازىرمۇ شەھەر خارابىسىدىن جەنۇبىي – شىمال سۇلالىلەر ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سانائەت، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ قالدۇق نامايەندىلىرىنى بايقىماق تەس ئەمەس. شەھەرنىڭ ئاساسىي چوڭ كوچىسىنىڭ ئىككى قېتىدىكى ئۆي – ئىمارەتلەر ئىچىدە خېلى نۇرغۇن ساندىكى تونۇر شەكىلدىكى يۇمىلاق ئويۇلۇپ، ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن بەزىبىر ئەھۋاللارنى بايقىغىلى بولىدۇ. بۇلار ئەينى زامانلاردىكى مەدەن ئېرىتىش، مېتال تاۋلاش، ساپالچىلىق سانائىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بىردىنبىر دەلىل – ئىسپاتلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا شەھەر خارابىلىكىنىڭ ھەممىلا يېرىدە يېپىلىپ ياتقان نۇرغۇن ساندىكى ھەر خىل – ھەر شەكىلدىكى ساپال پۇچۇقلىرى قىممەتلىك ئىقتىسادى مەنبە بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماقمۇ تەس ئەمەس. بۇلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەت دەۋرلىرىدىن تارتىپلا مالنى مالغا ئالماشتۇرۇشتەك ئىپتىدائىي ئاساستىكى سودا – سېتىق ئىشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن قالدۇرۇپ كەتكەن دەلىل – ئىسپاتلىرىدۇر.
ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ئارخېئولوگىيە ئەترىتى قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئەمەلىي قېزىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. قەدىمكى قەبرىلەرنى قېزىش – تەكشۈرۈش داۋامىدا، قەبرىلەرگە قويۇلغان ھەمدەپنە بۇيۇملار ئىچىدە بىر قىسىم مېتال جابدۇقلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان ھەم قېزىۋالغان، قېزىۋېلىنغان مېتال جابدۇقلارنىڭ ساقلىنىشى خېلى ياخشى بولۇپ ھازىر ئاپونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلانماقتا ھەم كۆرگەزمە قىلىنماقتا. بۇ مېتال جابدۇقلار بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى ياشىغان ئەينى زامانلاردا بۇ شەھەرنىڭ مېتال تاۋلاش ۋە مېتال بۇيۇملارنى ياساش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىشلىرىنى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە راۋاجلاندۇرغان. يۇقىرىقى ئەھۋاللار ھەم بۇنىڭ ئەمەلىي پاكىتلىرى.
يۇقىرىدا سۆزلىگەن ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن ئىزلار ئېھتىمال ئەينى زامانلاردىكى مېتال تاۋلاش پېچلىرى بولۇشى ناھايىتى تەبىئىي.
«خەننامە ، پىچان» تەزكىرىسىدە: «غەربىي – شىمالىي قاڭقىلغا 1890 يول كېلىدۇ، ۋۇ پادىشاھى گەن شىنيۈ پەرغانىدىكى بەگلىكلەرگە بارغاندا ئەلچىلەر يوللاردا تەقەززا بولۇپ كۈتۈشكەن ... رۇران، قۇسلارنى كەزمەك بەك مۈشكۈل ئىكەن» دەپ خاتىرىلەنگەن.
يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ سېپىلى يوق، ئۆي – ئىمارەتلىرى پەقەتلا سوقماتام، كۇمىلاچ لاي تام ۋە تەبىئىي ئېگىزلىكنى ئويۇپ تەبىئىي تام چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياسالغان، بۇلار قاڭقىل پادىشاھلىقى دەۋرىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك ئۇسلۇبقا ئىگە ئۆزگىچە قۇرۇلۇش شەكىللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى شەھەرنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئېگىزلىكى 30 مېتىردىن ئارتۇقراق كېلىدىغان چوڭقۇر يارداڭلىق بولۇپ، شەھەرنىڭ ئورنى تەبىئىي خەندەك ھالىتىدە شەكىللەنگەن. مۇشۇنداق قۇلاي ھەم تەبىئىي ئەۋزەللىكلەر بىلەن ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىپ كەلگەن. ھازىرقى قەدىمكى شەھەردە بۇددا مۇنارى، ئىبادەتخانا، خان ئوردىسى، كوچا – رەستە، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئورۇنلىرى، بازارلار، قوڭغىراق راۋىقى، بايقاش مۇنارى، ھەربىي مەشىق مەيدانى، كۆزىتىش تۆپىلىكى، ھەر خىل قۇمدانسىمان ئىزلار، ئاھالىلەر رايونى ھەم بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن مەھەللە، كوچا، رەستىلىرى قاتارلىق ئىزلار ئالاھىدە ياخشى ساقلانغان. بۇلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى تىرىشچانلىقى، ئەمگەكچانلىقى، ئەقىل – پاراسەتلىكلىكى ئارقىلىق ياراتقان ھەم راۋاجلاندۇرغان ۋە بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز.
«جەنۇبىي سۇلالىلەر تارىخى» دېگەن كىتابتا: «بۇ دۆلەت دەسلەپتە قاڭقىللارنىڭ قەدىمكى يۇرتى ئىدى ... توپىدىن شەھەر قۇرۇپ، ياغاچتىن ئۆي سالاتتى، ياخشى ئات، ئۈزۈم شارابى، تاش تۇز چىقاتتى، خەلقى رەخت توقۇيالايتتى» دەپ خاتىرىلەنگەن. يارغول قەدىمكى شەھىرى ئىچىدە نۇرغۇن قۇدۇقسىمان ئازگال ئىزلىرى بار. بۇ ئازگاللار ئەينى زامانلاردىكى ئاقسۆڭەكلەر، بايلار ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئاشلىق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ھەم ئۈزۈم شارابى تولدۇرۇلغان كۇبلارنى توختاتقان كۇب ئىزلىرى ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق. كۇبلارنى يەرگە يېرىم كۆمۈپ ساقلاشتىكى مەقسەت بىرىنچىدىن، ئاشلىق چىرىپ كەتمەيدۇ، ئۇزۇن تۇرىدۇ، ئىككىنچىدىن، سۈپىتى بۇزۇلمايدۇ، سالقىن تۇرىدۇ، يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، تارىخىي خاتىرىلەر ۋە يازما ماتېرىياللاردىكى تارىخىلا 2000 يىلدىن ئاشىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يۈكسىلىپ، ئىنسانلار يېزىق ئىجاد قىلىپ، يېزىق شەكلى مەركەزلىشىپ، قېلىپلاشقان ھەم بىر – بىرىنىڭ مەقسىتىنى قەغەز يۈزىدە چۈشىنىدىغان سەۋىيىگە يېتىپ، قاڭقىل دۆلىتىنىڭ تارىخىنى خاتىرىلەرگە كىرگۈزگۈچە بولغان ئارىلىقتا قانچىلىق ئەسىرلەرنىڭ ئۆتكەنلىكى بىزگە نامەلۇم. بىزگە تونۇشسىز بولغان بۇ ئۇزۇن تارىخ داۋامىدا، كىشىلەر ئەمگەك قىلىپ، ئەقىل پاراسەت تېپىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەينى زامانلاردىكى ھاۋا كىلىماتى ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ، ئېلىپ بېرىپ، ئۆي – ئىمارەت، ئايۋان – ساراي قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدا، خىش، كېسەك كاھىش قاتارلىقلارنى كەشىپ قىلىپ، ئۇنى ئاساسىي قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىشتەك يۇقىرى سەۋىيىلىك بىناكارلىق بىلىملىرىنى ياراتقان ھەم كېڭەيتكەن. ئۇنى ھەم داۋاملىق راۋاجلاندۇرغان. ھازىرمۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ ئايرىم جايلىرىدا بەزىبىر كېسەك بىلەن ئەگكەن سىپتا چىرايلىق ئەگمىلەرنىڭ ئىزلىرىنى بايقايمىز، بۇ ئۇسلۇبتىكى كېسەك قۇرۇلۇشى قاڭقىللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردىن كېيىن دەۋرلەرنىڭ مەھسۇلى. چۈنكى قاڭقىللار دەۋرىدە تۈز يەرنى ئويۇپ توپىسىنى ئېلىۋېتىپ، ئۈستىنى لىم – چەنزىلەر بىلەن يېپىپ ئولتۇراق ئۆي قىلىپ ئىشلەتكەنىدى. شۇ يىراق زامانلاردىلا قاڭقىل دۆلىتىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىسسىق ھەم قۇرغاق بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن ئۆيلەر يەر تېگىگە كولىنىپ ئىچى چىرايلىق قىلىپ، سامانلىق لاي بىلەن سۇۋۇلۇپ، مېھمانلىق ئۆي، ھۇجرا ئۆي، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى قىلىناتتى. بۇ قەدىمكى شەھەردە ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان خارابىلىكلەر ۋە ئىزلار بۇلاردىن دېرەك بېرىدۇ. شەھەردىكى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان خان ئوردىسى، ئەينى زامانلاردىكى ھاۋا كىلىماتىغا ماسلىشىش، ئىسسىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھىلەنگەن، قەدىمكى شەھەر خارابىلىكىدىكى ئاستى – ئۈستى قىلىپ لايىھىلىنىپ قۇرۇلغان ئىمارەت ئىزلىرى بۈگۈنكى كۈندىكى قەۋەتلىك بىنالارنى ياساشتىكى بىردىنبىر تارىخىي تەتقىقات ماتېرىياللىرىدۇر. يارغول قەدىمكى شەھىرىگە ساياھەتكە بارغان ھەر بىر ساياھەتچىنىڭ كۆزىگە تاشلىنىپ تۇرغان ئايرىم ساندىكى يەر ئاستى ئۆيلەر گەرچە خىش – كېسەك كاھىش قاتارلىق بىر قەدەر ئىلغار بىناكارلىق ماتېرىياللىرى بىلەن ياسالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىشىك پەلەمپەيلىرى، ئۈستىگە چىقىشقا ياسالغان پەلەمپەيلىرى، ئىشىك – دېرىزە ئىزلىرى قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇسلۇبلىرى دەل ھازىرقى زامان بىناكارچىلىقى بىلىمىدە تەتقىق قىلىنىۋاتقان ھەم ئەمەلىي ئىشلىتىلىۋاتقان بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، ھازىرقى زامان بىناكارچىلىقىنىڭ خەزىنە مەنبەسى بولۇشقا مۇناسىپ.
يۇقىرىدا سۆزلىگىنىمىزدەك بىناكارلىق ئادىتى يەرلىك ئۇسلۇبقا ئىگە مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللار داۋامىدىكى ئىلغار بىناكارلىق كەشپىياتى، مىلادىدىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرى قۇرۇلغان قاڭقىل دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان قەدىمكى شەھەر ئەجدادلىرىمىزنى تەتقىق قىلىشتا، قەدىمكى زامان يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا، ئەينى زامان جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۆلچەرلىگۈسىز تارىخىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە، يارغول قەدىمكى شەھىرى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە كەلگەندە (مىلادى 13– ئەسىر) ئىسلام دىنىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشى بىلەن ھەم شۇ سەۋەبلىك چوڭ – كىچىك ئۇرۇشلارنىڭ توختىماي پارتلىشى تۈپەيلىدىن ئاستا – ئاستا ۋەيران بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.
يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە خېلى ياخشى دەرىجىدە ساقلىنىپ قالغانلىقى ئاساسلىقى قۇرغاق ھاۋانىڭ تۆھپىسى. قەدىمكى شەھەرنىڭ تارىخىي تەتقىقات جەھەتتىكى قىممىتى، مىللىي ئۇسلۇبى، يەرلىك ئالاھىدىلىكى، كىلىماتقا ماسلىشىشچانلىقى قاتارلىق كۆپ خىل تەتقىقات قىممىتىگە ئاساسەن، گۇۋۇيۈەن 1961– يىل 3– ئاينىڭ 4– كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يارغول قەدىمكى شەھىرىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكىتتى. شۇنىڭدىن بېرى تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، بۇ 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمكى شەھەرنى قوغداش، مۇھاپىزەتنى كۈچەيتىش، ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش، خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، زور ئۇتۇقلارنى قازاندى. ھەر خىل – ھەر شەكىلدىكى مۇھاپىزەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، رېمونت قىلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ باردى. قەدىمكى شەھەرنىڭ ھازىرقى ساقلىنىش ئەھۋالى خېلى ياخشى. تۇرپان ھازىر ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان مېھمانلارنى كۈتۈۋالماقتا. مېھمانلار ۋە ھەر خىل سالاھىيەت بىلەن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسىنى قىزىقىپ ساياھەت قىلماقتا ۋە تەتقىق قىلماقتا.
3. يارغول قەدىمكى شەھىرى (Ⅱ)
يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن كۆلىمى 560000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالى خېلى ياخشى بولۇپ، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان دېيىشكە بولىدۇ. يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىمۇ خېلى ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. يارغول قەدىمكى شەھىرى يوپۇرماق شەكىللىك تەبىئىي شەكىللەنگەن يارداڭلىققا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يارداڭلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمىنى مەركەز قىلىپ ھەر خىل قۇرۇلۇشلار سېلىنغان. يارغول قەدىمكى شەھىرى قۇرۇلغان بۇ تەبىئىي يارداڭلىقنىڭ جەنۇبتىن – شىمالغا بولغان ئۇزۇنلۇقى 1600 مېتىر كېلىدۇ. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئۇزۇنلۇقى 350 مېتىر كېلىدىغان بىر تال چوڭ يول يارغول قەدىمكى شەھىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدۇ. بۇ چوڭ يولنىڭ شىمالىي تەرىپىدە كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى بار، بۇ بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بىر ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك مۇنار بار. مۇنارنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا تۆت ئەتراپىدا جەمئىي 28 بۇت تەكچىسى بار، ئايرىم بۇت ھەيكەللىرىنىڭ قالدۇق قىسمىنى ھازىرمۇ ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇدۇل جەنۇبىي تەرىپىدە پۈتكۈل يارغول قەدىمكى شەھىرىنى كۆزەتكىلى بولىدىغان بىر ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك كۆزىتىش مۇنارى بار. شەھەر مەركىزىگە ياسالغان بۇ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ھەم ئېگىز ھەم قېلىن توپا دۆڭلەر بار، دۆڭلەرنىڭ ئوڭ – سول ۋە ئالدى – كەينى تەرەپلىرىدە ئۆزئارا كېسىشىپ كەتكەن كوچا – رەستىلەر بار، بۇ كوچا – رەستىلەرنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئائىلە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن قېپقالغان، ئاھالىلەر تۇرالغۇ رايونلىرىنى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىنىڭ نامايەندىسى بولغان «ئىش» خانىلىرى، ھەر خىل – ھەر شەكىلدە سالغان دۇكانلارنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
دېمەك، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىسسىق ھەم قۇرغاق ھاۋا كىلىماتى، يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ ھازىرقىدەك بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ قېلىشىغا تولۇق شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يارغول قەدىمكى شەھىرىدىكى كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈش، دەلىللەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەتلىرى داۋامىدا يارغول قەدىمكى شەھىرىدە ئەينى زامانلاردا 50تىن ئارتۇق چوڭ – كىچىك ھەر خىل شەكىلدە قۇرۇلغان بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى قۇرۇلغانلىقى ئېنىقلاندى. 1992– يىلىدىن بۇيان يارغول قەدىمكى شەھىرىدىكى ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا چوڭلىرىنىڭ كۆلىمى نەچچە مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان، كىچىكلىرىنىڭ كۆلىمى بىر كۋادرات مېتىرغىمۇ توشمايدىغان ئىبادەتخانىلار بايقالدى. بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ ئىچىدىكى «غەربىي – شىمالىي كىچىك ئىبادەتخانا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىبادەتخانا ئايرىم يەرگە قايتا قۇرۇلۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ بەزىلىرى ئائىلە ئۇرۇقداشلىقىغا تەۋە ئىبادەتخانىلار، بەزىلىرى مەھەللىۋى تۈس ئالغان ئىبادەتخانىلار، بەزىلىرى دۆلەت ئورگانلىرىغا تەۋە ئىبادەتخانىلار، بەزىلىرى «كەلگەن، كەتكەن»لەرگە ئاتاپ سېلىنغان ئىبادەتخانىلار ۋە بەزىلىرى ئائىلىۋى تۈس ئالغان ئىبادەتخانىلار بولۇپ، بۇ ئەھۋاللاردىن شۇنداق بىر نۇقتىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەينى زامانلاردىكى يارغول قەدىمكى شەھىرى، پۈتۈنلەي دىنغا تايىنىپ دۆلەت باشقۇرغان، دۆلەتنىڭ ئۈستقۇرۇلما ئېڭىدا پۈتۈنلەي بۇددىزم دىنىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.
1992– يىلىدىن بۇيان، يارغول قەدىمكى شەھىرى ئىچىدىكى كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش، تازىلاش، بېكىتىش خىزمىتى داۋامىدا، شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن، كۆلىمى خېلى چوڭ بولغان، خېلى ھەيۋەتلىك، قۇرۇلمىلىرى خېلى تەرتىپلىك، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى خېلى تولۇق، مۇداپىئە سىستېمىسى خېلى قۇدرەتلىك بولغان ھەم ئالاھىدە لايىھىلەنگەن يەر ئاستى ئىبادەتخانىسى تېپىلدى. بۇ يەر ئاستى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالاھىدە لايىھىلىنىشى ۋە ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىزگە بۇ ئىبادەتخانىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ياكى «ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانلار سىنىپ»ىنىڭ پايدىلىنىشى ياكى دۆلەت سىياسىتىنى بەلگىلەشتە پايدىلىنىدىغان ئالاھىدە ئىبادەتخانا بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىبادەتخانا ھەرگىزمۇ دىنىي ئېتىقاد ئۈچۈن لايىھىلەنگەن ھەم قۇرۇلغان ئەمەس.
يارغول قەدىمكى شەھىرى دۆلىتىمىزنىڭ تارىخى خاتىرىلىرىدە ئالاھىدە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئايرىم تارىخىي مەنبەلەردە «يارقۇت» دەپ خاتىرىلەنسە، بەزى تارىخىي خاتىرىلەردە «يارغول» دەپ خاتىرىلەنگەن، يەنە بەزى تارىخىي خاتىرىلەردە «قاڭقىل دۆلىتى» دەپ خاتىرىلەنگەنلىكىمۇ ناھايىتى ئېنىق.
قاڭقىللارنىڭ ئەسلىدە تۆت يەردە دۆلىتى بولۇپ، يارغول قەدىمكى شەھىرىدە تۇرۇشلۇقى «قاڭقىل» ئالدىنقى دۆلىتى ئىدى. تارىخىي خاتىرىلەردىن «خەننامە»دە خاتىرىلىنىشىچە «قاڭقىل ئالدىنقى دۆلىتىدە پادىشاھ يارغول شەھىرىدە تۇرىدۇ، دەريا سۈيى شەھەرنى بويلاپ ئاقىدۇ (2)» دەپ خاتىرىلەنگەن. يارغول قەدىمكى دۆلىتىنىڭ يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا تاشقى ئالاقە ئىشلىرىدا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا، سودا – سېتىق ئىشلىرىدا، يىپەك يولى بويىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم رولى بولغان.
قاڭقىل ئالدىنقى دۆلىتىنىڭ پايتەختى يارغول قەدىمكى شەھىرىدە ئەسلىدە «قاڭقىل»لار ئولتۇراقلاشقان. مىلادى 7–، 8– ئەسىرلەردە يېزىپ قالدۇرۇلغان تارىخىي مەنبەلەردە، قاڭقىللار نامى «تۆلىش»، «تۆلىس»، «تۆلۆس» ياكى «تۆلەس» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان، قاڭقىل دېگەن نام بولسا، خەنزۇلار تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئېگىز ھارۋا ئىشلەتكەنلىكىگە قاراپ بېرىلگەن «گاۋ چې» (ئېگىز ھارۋىلىق) دېگەن نامنىڭ تۈركچە ئاتىلىشى (3) دەپ خاتىرىلەنگەن.
مىلادى 4– ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قاڭقىل قەبىلىلىرى ناھايىتى كۈچىيىپ، ھازىرقى ئۇرخۇن، سېلىنگىر دەريا ۋادىلىرىنى ئاساس قىلىپ، زور تۆلەس قەبىلە ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلدى، بۇ چاغدا شەرقتە دۆلىتىمىزنىڭ ھىنگان تاغلىرىدىن، غەربتە كاسپىي دېڭىز، شىمالىدا سىبىرىيە تاغلىرى، جەنۇبتا گوبى چۆللۈكىنىڭ ئەتراپىدا، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان 40تىن ئارتۇق چوڭ قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى، تۆلەس قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىگە كىرىپ، جۇرجان قەبىلىلىرى ۋە شىمالىي ۋېي خانلىقى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېفتالىتلار (ئاق ھونلار)نىڭ ۋەھىمىسىگە قارشى كۈرەش قىلدى.
لېكىن دەل مۇشۇ مەزگىلدە قاڭقىل خانلىقى غەربتە يەنە ئېفتالىتلارنڭ ئېغىر خەۋپىگە ئۇچرىدى، چۈنكى ئەسلىدە ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىتا رايونىدىكى ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەريانىڭ ئارىلىقىدا ياشايدىغان ئېفتالىتلار مىلادى 5– ئەسىرنىڭ 20– يىللىرىدىن باشلاپ، داۋاملىق چەتكە كېڭىيىپ تۇخارىستان (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالى) بەدەخشان، كەشمىر، كابول، قەندىھار، پەنجاب ۋە ھىندىستان رايونلىرىغا، شۇنداقلا يەنە پامىر تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى (ھازىرقى) قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا، قاراشەھەرگىچە بولغان جايلارنى بېسىۋېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ناھايىتى زور دۆلەتكە ئايلانغانىدى.
دېمەك، يارغول قەدىمكى شەھىرىمۇ يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان قايتىدىن كۈچىيىپ باش كۆتۈرۈپ چىققان قاڭقىللارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، يارغولدا دۆلەت قۇرۇپ، يارغول قەدىمكى شەھىرىنى قۇرغان ھەم دۆلىتىنىڭ نامىنى «قاڭقىل ئالدىنقى دۆلىتى» دەپ قويغان، تارىخىي خاتىرىلەردە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان باشقا قاڭقىل دۆلەتلىرى بولسا كېيىن قۇرۇلغانلىرى بولۇپ، بۇلاردىكى «كېيىنكى قاڭقىل دۆلىتى» دېگەندەك ناملارنى قوللانغان. دېمەك يارغول قەدىمكى شەھىرى شۇ قاڭقىللارنىڭ بىردىنبىر پائالىيەت سورۇنى بولغانىدى.
يارغول قەدىمكى شەھىرىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرى 18– ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا باشلانغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىن تەشكىللەنگەن ھەر خىل ناملاردىكى ئېكسپېدىتسىيە ئەترەتلىرى، دىن تارقاتقۇچىلار بۇ قەدىمكى ماكانغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. شۇنىڭغا مىسال: 1902– يىلىدىن 1907– يىلغىچە گېرمانىيىلىك فون. لىكوك يارغول قەدىمكى شەھىرىنى ئىككى قېتىم تەكشۈرگەن ھەم قېزىپ تەكشۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيىلىك جىچۇەن شاۋيىلاڭ، ئەنگلىيىلىك ستەيىن، شۋېتسىيلىك سېۋىن. ھېدىن قاتارلىق كىشىلەرمۇ بۇ قەدىمكى شەھەرگە كېلىپ كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ئارخېئولوگىيە ئالىمى خۋاڭ ۋېنبىي ئەپەندىمۇ يارغول قەدىمكى شەھىرىدە بىر نەچچە قېتىم ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1957– يىلى ليۇگۇەنمېن ئەپەندى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئارخېئولوگىيە خادىملىرىمۇ بۇ قەدىمكى شەھەرگە كېلىپ ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرنى كۆپ قېتىم ئېلىپ بارغان.
1988– يىلى 4– ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئەترىتى يارغول قەدىمكى شەھىرىدە قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. يارغول قەدىمكى شەھىرىدە گەرچە يەر يۈزىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىلمىي ئۇسلۇبتىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىغاچقا، قەدىمكى شەھەرنىڭ ئەينى زامانلاردىكى مەدەنىيىتى، مەدەنىيەت قاتلىمى، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى، مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ قېلىن – يۇققىلىقى، چوڭقۇرلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە يەكۈن چىقارماق سەل تەسرەك.
يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بىر پارچە قەدىمكى قەبرىستانلىق بولۇپ، بەزى قەبرىلەردە يانتۇ ياسالغان قەبرە يولى بار. بۇ قەبرىلەرنى تاڭ سۇلالىسى (518– 907– يىللار) دەۋرىدىكى قەبرىلەر دەپ يەكەن چىقىرىشقا بولىدۇ. بۇ قەدىمكى شەھەردىن يەنە تاش توپ، تاش ئوق ئۇچى، تاش قىرغۇچى ئەسۋاب، ئۇچلۇق بۆسۈش قورالى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەم بۇددا دىنى مەدەنىيىتىگە تەۋە تام سۈرەتلىرى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرىنىڭ پارچىلىرى تېپىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ قەدىمكى شەھەردىن نېلۇپەر گۈللۈك كاھىش قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىمۇ مەلۇم.
يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ تەبىئىي ئايرىمىسىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيىلىك سىستېمىسى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا «قەدىمكى شەھەر خارابىلىكى» دەپ ئايرىلدى. بۇ شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ تەۋەلىكى تاڭ سۇلالىسى مەدەنىيىتىگە تەۋە دەپ بېكىتىلدى. يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ دەۋرى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە، يەنى (مىلادىدىن 206 يىل ئىلگىرى مىلادى 1368– يىللار) دەپ بېكىتىلدى.
4. ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى
ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى قاراغوجا يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، تۇرپان شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى دېڭىز يۈزىدىن 45 مېتىر تۆۋەن.
ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى تارىختا «ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى» دەپ ئاتالغانىدى، كېيىنكى زامانلاردىكى جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە تىل تەرەققىياتى داۋامىدا بەزىبىر ئاتالغۇلارنى، يەر ناملىرىنى قىسقارتىپ ئاتاش مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، يەرلىك ئاھالىلەر بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ نامىنى قىسقارتىپ «ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى» دەپ ئاتايدىغان بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك يەر شارائىتىدىن ئېيتقاندا قەدىمكى شەھەرنىڭ 3.5 كىلومېتىر شىمالىدا قاراغوجا ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى بار. قەبرىستانلىقنىڭ غەربىي تەرىپى ئاستانە يېزىسىدىن بولۇپ، قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەنۇبتىن – شىمالغا قارىتىپ قاراماي ياتقۇزۇلۇپ ياسالغان بىر تال يول بولۇپ، قەبرىستانلىقنى ئىككى بۆلەككە ئايرىۋەتكەن. بۇ قاراماي يول بىلەن بىۋاسىتە ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ. ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئەتراپى، ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەر، ئېتىز – ئېرىق، دەل – دەرەخلەر بىلەن قورشالغان، يەر شەكلى تۈپتۈز بولۇپ، توپا قاتلىمى سەل قېلىن. توپا قاتلىمىغا مەلۇم نىسبەتتە قۇم ئارىلاشقان. بىراق شۇنداق بولسىمۇ تېرىقچىلىق قىلىشقا، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈشكە، يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئىدىقۇت قەدىمكى شەھەر سېپىلىنىڭ ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5400 مېتىر كېلىدۇ. بۇ يەردە ئاساسلىقى سىرتقى شەھەر سېپىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، پۈتكۈل ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن كۆلىمى 1.58 كۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش داۋامىدا، ئارخېئولوگلار ۋە تارىخشۇناسلار بىردەك خەلقئارا ئورتاق ئېتىراپ قىلغان كۆز قارىشى بويىچە، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىنىڭ تەبىئىي ئايرىمىسى يەنە بىر نۆۋەت قايتا دەلىللىنىپ «قەدىمكى شەھەر خارابىلىكى» دەپ بېكىتىلدى.
دېمەك، تارىم ئويمانلىقى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، ئويمانلىقنىڭ شەرقىي چېتىدە تۇرپان – پىچاننى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت توپى، ئويمانلىقنىڭ جەنۇبىي ياقىسىدا خوتەن قەشقەرنى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت توپى، ئويمانلىقنىڭ شىمالىي ئوتتۇرا قىسمىدا كۇچانى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت توپى ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ جايلاردىكى شەھەرلەر خېلى تەرەققىي قىلغان. شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي زىرائەتلەر تېرىش يولغا قويۇلغان؛ قاتناش راۋان بولغىنى ئۈچۈن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا سودا تىجارەتمۇ راۋاجلانغان. (4)
«تارىخىي خاتىرىلەر. پەرغانە تەزكىرىسى»دە: «قۇس ئېلىنىڭ شەھەر قورغىنى بار» دەپ يېزىلغان. تاڭ دەۋرىدىكى جاڭ شۇجې تەرىپىدىن ئىزاھلانغان «تارىخىي خاتىرىلەر. توغرا تەبىر» دەپ ئېيتىلىشىچە: «... قوش – گۇش ئىككى بىردۇر» (گۇشنىڭ ئومۇمىي نامى گۇيەن غېش – قويار قوش). «خەننامە. ھونلار ھەققىدە قىسسە»دە: «ئاسىيۇلارغا زەربە بېرىپ، قويار قوش زېمىننى ئالدى ...» دېگەندەك خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ھىرودۇت ئۆزىنىڭ تارىخىدا: شەرقتە «تەركيانۇس» دېگەن شەھەر بارلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇ شەھەر ناھايىتى چوڭ، كوچا – رەستىلىرى ئاۋات ئىكەن، دەپ يازغان. ئۇيغۇر تارىخچىسى مۇسا سايرامى «تارىخ ئەمىنىيە»دە يېزىشىچە، تۇرپاننىڭ قەدىمكى ئىسمى «تەرسۇس» ئىدى. ھازىرقى تۇرپان خەلقى ئىچىدە «دەقيانۇس شەھىرى» توغرىسىدىكى رىۋايەت بار. ھازىرقى تۇرپان دېگەن ئىسىم ئېھتىمال قەدىمكى «قوش تۇرمان»نىڭ قىسقارتىلغىنى بولسا كېرەك (5) دەپ يازىدۇ.
يەنە بەزى تارىخچىلار ئۆزلىرى يازغان تارىخىي كىتابلاردا، «ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى»نىڭ دائىرىسى شەرقتە بارىكۆل، شىمالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى، غەربتە قارا شەھەرنىڭ غەربى، جەنۇبتا قۇرۇقتاغ قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. لېكىن مىلادى 9– ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئۇنىڭ زېمىنى غەربىدە ھازىرقى كۇچانىڭ غەربىگىچە، شەرقتە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شاجۇ رايونى دائىرىسىگە سوزۇلغانىدى، دەپ يازىدۇ. (6)
يۇقىرىقى خاتىرىدىن باشقا يەنە بىر خاتىرىدە، مىلادى 981– يىلى سۇڭ تەيزۇڭ ۋاڭ يەندېنى ئەلچى قىلىپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا ئەۋەتكەن، ئۇ مىلادى 984– يىلى ئوردىغا قايتىپ، تۇرپان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ (شىجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ) زېمىنى «جەنۇبىدا ئۇدۇق (ھازىرقى خوتەن)، غەربىي جەنۇبىدا ئەرەب – پارس (بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ دائىرىسى پامىر تاغلىرىنىڭ غەربىگىچە كېڭەيگەنىدى). غەربتە بولۇر (ھازىرقى كانجۈت رايونى) ۋە پامىر تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتىدۇ» (7) دەپ، خاتىرىلەنگەن. دېمەك ئەينى دەۋرلەردىكى ئىدىقۇت دۆلىتى ناھايىتى قۇدرەتلىك، زېمىنى بىپايان، ئىقتىسادى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيىتى يۈكسەك راۋاجلانغان دۆلەت ئىدى.
دېمەك، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، قۇرغاق ھاۋا، ھۆل – يېغىن ئاز بولۇشتەك تەبىئىي شارائىتلارنىڭ ماسلىشىشى سەۋەبلىك شەھەر سېپىللىرى خېلى مەزمۇت تۇرغان ھەم بىر قەدەر ياخشى ساقلىنىپ قالغان، قەدىمكى شەھەرنىڭ يەر يۈزىنى تۈز كۆزەتكەندە كوچا – رەستىلىرى چاسا شەكىلدە بولۇپ، پۈتكۈل شەھەر تاشقى شەھەر، ئىچكى شەھەر، ئوردا شەھىرى دەپ ئايرىلىدۇ، شەھەر سېپىللىرىمۇ، تاشقى شەھەر سېپىلى، ئىچكى شەھەر سېپىلى ئوردا شەھەر سېپىلى دەپ ئۈچ قاتلامغا ئايرىلىدۇ. سېپىلنىڭ تارقى قىياپىتى ئەگمەچ شەكىلدە بولۇپ، پۈتكۈل ئۇزۇنلۇقى 5400 مېتىر كېلىدۇ. سېپىل ئۇلىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 12 مېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىكى 10 مېتىر كېلىدۇ. سېپىل سوقما قېلىپ سوقۇپ ياسالغان، بۇ سېپىلاردا، سېپىلنىڭ مۇستەھكەملىكىنى ئاشۇرىدىغان مەخسۇس قۇرۇلما «ئات يۈزى شەكلى» بار. بۇ سېپىلنىڭ تۆت تەرىپىدە قوۋۇقى بولۇپ، سىرتقى تەرەپتە ئازگال ئىزلىرى بار، تاشقى شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبىدا ئىككى ئورۇندا بۇددا ئىبادەتخانىسى بولۇپ، خارابلىشىپ كەتكەن، شەرقىي جەنۇبىي تەرەپتىكى ئىبادەتخانا خارابىسى كىچىكرەك بولسىمۇ، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئىككى قەۋەت توپا سۇپىسى بولۇپ، تۈۋرۈكلىرى يۇمىلاق شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن.
ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىن دەۋرىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى چىڭگىزخاننىڭ غەربكە يۈرۈش ئۇرۇشلىرىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغانىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى كەنت، خارەزم، سەمەرقەند، بۇخارا ۋە ئىراندىكى مەرۋى، نىشاپۇر شەھەرلىرىنى ئېلىشتا، ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىننىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا تامامەن ئەڭ ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلدى، شۇڭا چىڭگىزخان ئۇلارنى «ئىنتىزامى ناھايىتى كۈچلۈك، تەڭدىشى يوق بىر قوشۇن بولۇپ، بىزگە ناھايىتى زور تۆھپە قوشتى» دېگەنىدى. (8) شۇڭا، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى موڭغۇل ئىمپېرىيىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئالاھىدە بىر رايون قىلىپ بېكىتىلىپ، ئىدىقۇت ئۆز ئورنى ھوقۇقى، سىياسى، ئىقتىسادى، ھەربىي تۈزۈملىرىنى ئۆز پېتىچە ساقلاپ قالدى. (9)
دېمەك، قەدىمكى ئىدىقۇت دۆلىتى، دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، تاشقى ئالاقە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىنى تەكشۈرۈش – قېزىش خىزمىتى 20– ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپلا باشلانغانىدى.
1902 — 1907– يىللىرى گېرمانىيىلىك فون. لىكوك ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئىككى نۆۋەت ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. قەدىمكى شەھەر ئىچىدە يەنە ئوغرىلىقچە قېزىش ئېلىپ بارغان. 1912–، 1913– يىللىرى ياپونىيىلىك جىچۋەن شاۋيىلاڭمۇ بۇ قەدىمكى شەھەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەم قېزىش ئېلىپ بارغان.
1930– يىلدىن 1957– يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئېلىمىز ئارخېئولوگى خۋاڭ ۋېنبىي ئەپەندى شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كېلىپ، بۇ شەھەرنى كۆپ قېتىم كۆزدىن كەچۈرگەن.
1960– يىللىرى يەن ۋېنرۇ ئەپەندى قاتارلىق ئالىم – مۇتەخەسسىسلەر ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
1976– يىلى 3– ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ئارخېئولوگىيە ئەترىتى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرغان ھەم بىر قىسىم زۆرۈر تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.
1980– يىلى 4– ئايدا تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى ئىچىدە زۆرۈر بولغان ئەمەلىي تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى يېزىش، قەدىمكى شەھەر ئىچىدە نۇقتا بېكىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
1988– يىل 4– ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئەترىتى ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىنى قايتىدىن مەخسۇس تەكشۈرگەن. قەدىمكى ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ قىشلىق پايتەختى بولغان ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى، تۇرپان رايونىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سودا مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىدى. قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا، خېلى كۆپ قەدىمكى قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسلىرى، ئارخېئولوگلار قەدىمكى زامان — «چاڭئەن» (10) شەھىرىگە ئوخشايدىكەن، دېگەن يەكەننى چىقاردى.
لېكىن، شۇنچە ھەيۋەتلىك، شۇنچە چوڭ كۆلەمگە ئىگە ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىدە، بىرەر نۆۋەتمۇ ئىلمىي ئۇسۇلدا، پىلانلىق تۈردىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىغاچقا، مەدەنىيەت توپلىمى، مەدەنىيەت قاتلىمى قاتارلىق جەھەتلەردىن سۆز ئاچماق تەس. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، قېلىنلىقى قاتارلىقلارنىمۇ بىر نېمە دېمەك قىيىن، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى ئىچىدىن، مەدەنىيەت يادىكارلىقى بۇيۇملىرىدىن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، پارس پادىشاھلىقىنىڭ كۈمۈش تەڭگىسىدىن 10 دانە، چۇڭ نىڭ يارمىقى، كىچىك تىپتىكى كاھىش بۇت، ساپالدا ئىشلەنگەن ئىدىش تۇۋىقى، چوڭ چاقچۇق تەخسە (فار فور تاۋاق) قاتارلىق بۇيۇملار تېپىلدى. بۇ قىممەتلىك بۇيۇملار ئەينى دەۋرلەردىكى ئىدىقۇت، دۆلىتىنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتىنى دەلىللەپ بېرىدىغان پاكىتلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى ئىچىدىكى «خاقان قەلئەسى» مىلادى 5– ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان 6– ئەسىرگە كەلگەندە تېخىمۇ كېڭىيىپ قۇرۇلغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە تازا گۈللەنگەن. 14 – ئەسىرگە كەلگەندە ھەر خىل دىنىي ئورۇشلار سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان.
تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋامىدىكى تەھلىل – تەتقىقاتىمىزغا ئاساسلانغاندا، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىنىڭ دەۋرى ئەڭ كەم دېگەندىمۇ 2500 يىللىق تارىختا ئىگە دەپ يەكەن چىقىرالايمىز.
5. غۇجامبۇلاق قەدىمكى شەھىرى
غۇجامبۇلاق قەدىمكى شەھىرى تۇرپان شەھىرى سىڭگىم يېزىسى مۇرتۇق مەھەللىسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، بېزەكلىك مىڭئۆيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا تەخمىنەن ئىككى، ئۈچ كىلومېتىردەك كېلىدىغان يەردە، دېڭىز يۈزىدىن 200 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان.
غۇجامبۇلاق قەدىمكى شەھىرىمۇ، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى، يارغول قەدىمكى شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەرگە ئوخشاشلا تارىختىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەجدادلىرىمىز غۇجامبۇلاق قەدىمكى شەھىرىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى، مەدەنىيىتىنى، ئېتىقادىنى يېتىلدۈرگەن ھەم تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇ قەدىمكى شەھەرمۇ يىراق قەدىمكى زامانلاردا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئېتىقاد مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
غۇجامبۇلاق قەدىمكى شەھىرى خارابىلىكىنىڭ ئىگىلىگەن يەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 8200 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
غۇجامبۇلاق قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋامىدا قەدىمكى شەھەرنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئوچرىتىلغانلىقى سېزىلدى. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئېگىز – پەس، ئۈزۈك تام – توساقلاردىن قارىغاندا، غۇجامبۇلاق قەدىمكى شەھىرى ئەسلىدە، تەرتىپسىز چاسا شەكىلدە قۇرۇلغان شەھەر ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەسلىدە بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدا ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك سېپىل سوقۇلغان. قەدىمكى شەھەرنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي تەرىپى ئېگىزلىك، بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىگە بىر ئىشىك قويۇلغان شەھەر ئىچىدىكى ئەسلىدە شەھەر بىلەن تەڭ قۇرۇلغان قۇرۇلۇشلار بوران، يامغۇر قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ يوقالغان. ھازىر ئەسلىدىكى ئىزلىرىنى پەرق ئېتىشمۇ مۇمكىن بولماي قالغان، غۇجامبۇلاق قەدىمكى شەھىرىنىڭ ھازىرغىچە ساقلانغان يەر يۈزىدىن، بولۇپمۇ سېپىل ياقىسىدىن كۆپ ھاللاردا كۈل رەڭ، قىزىل ساپاللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بەزىدە ئارىلاپ چاقچۇقلارمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋاللاردىن شۇنداق يەكەن چىقىرىش مۇمكىنكى، غۇجامبۇلاق قەدىمكى شەھىرى ئەسلىدە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «شەھەر دۆلىتى» دەپ ئاتالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق، كېيىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خەن سۇلالىسىدىن كېيىنكى ناھايىتى ئۇزۇن زامانلارغىچە داۋاملىق ئىشلىتىلگەنلىكىمۇ ناھايىتى ئېنىق. دېمەك، قەدىمكى شەھەر خارابىلىكى ئىچىدىن داۋاملىق كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان، كېيىنكى دەۋرلەرگە خاس «فارفۇر» قاچىلارنىڭ پۇچۇقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تېپىلىشى دەل بۇلارنىڭ پاكىتى.
غۇجامبۇلاق قەدىمكى شەھىرى خارابىلىكىدىن يەنە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن باشقا، چوڭ تىپتىكى ساپال قاچا، كۈل رەڭ ساپال قاچا پۇچۇقى، ئايرىم ساندا چاقچۇق پۇچۇقلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دىمۇ: «غەربىي ئەللەردە كۆپىنچە يەرلىك ئاھالە ياشايدۇ، شەھەر– قورغان، ئېتىز – ئېرىق، مال – ۋارانلىرى بار» دېيىلگەن (تاڭ دەۋرىدىكى يەن شىگۇنىڭ ئىزاھىچە: يەرلىك ئاھالە دېگەنلىك چارۋا – مال بىلەن كۆچۈپ يۈرمەستىن، دائىم بىر يەردە ئولتۇراقلاشقان ئاھالە دېگەنلىكتۇر. چىڭ دەۋرىدىكى ۋاڭ شيەنچيەننىڭ «قوشۇمچە ئىزاھى»دا، شۈسۇڭنىڭ دېيىشىچە: شەھەر قەلئەلىرى بار دېگەنلىك، شەھەر دۆلىتى دېگەنلىكتۇر دەپ تەبىر بېرىشكەن). (11)
بۇ تارىخىي خاتىرىلەر بىزگە، غۇجامبۇلاق قەدىمكى شەھىرى خارابىلىكىنىڭمۇ ئەينى زامانلاردا ناھايىتى گۈللەنگەن، ئىقتىساد راۋاجلانغان، مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان «شەھەر دۆلىتى» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
–––––––––––––––––––––––––––––––
(1) ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991– يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 618–، 819– بەتلەر.
(2) بەنگۇ قاتارلىقلار: «خەننامە» جۇڭخۇا كىتابچىلىق نەشرىياتى 1980– يىل نەشرى، 3160–، 3161– بەتلەر.
(3) ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991– يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 263–، 265–، 268–، 269– بەتلەر.
(4) ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990– يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 442–، 443– بەتلەر.
(5) ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990– يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 443– بەت.
(6) ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991– يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 599–، 601– بەتلەر.
(7) ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991– يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 599—601– بەتلەر.
(8) (9) ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991– يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 606–، 607– بەت.
(10) ھازىرقى شىئەن شەھىرى.
================================
مەنبە: «تۇرپان يادىكارلىقلىرى»، ئابلىم قېييۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى