باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2013 - 3 48
يدسچپجش
     12
3456789
10111213141516
17181920212223
24252627282930
31

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
يارغول سىپتا تاش قوراللار ئىزى
1 ئاستانە سىپتا تاش قورال ئىزى  [2007-07-12]

ئاستانە سىپتا تاش قورال ئىزى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئاستانە يېزىسى كارسان مەھەللىسى تەۋەلىكىدە تېپىلغان.

بۇ سىپتا تاش قورال ئىزى ئاستانە قەدىمىي قەبرە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 40 مېتىر تۆۋەن جايدا.

قورام تاشلىق كەڭ كەتكەن ساي ئىچىنى ئېقىن يولى كېسىپ ئۆتكەن. سۇ سېرىق رەڭدىكى قۇم تۇپراقنى ئاشكارىلاپ قويغان. ئەتراپىدا تاش دۆۋىلەنگەن قەبرىلەر بار. قەبرە توپىلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. غەربىي - شىمالىي ۋە شەرقىي - جەنۇبىي تەرىپىدىن بىردىن كېسەك بىلەن ياسالغان مازارنىڭ ئىزى بار.

ئاستانە سىپتا تاش قورال ئىزى ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

قەدىمىي ئىزنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالى خېلى ياخشى. 1959 - يىلدىن بېرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئارخېئولوگىيە خادىملىرى بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرگەن ۋە ئەۋرىشكە يىغقان. ھازىرقى جۇغراپىيىلىك مۇھىتىدا چوڭ ئۆزگىرىش يوق. بىراق، تاش قورال ئەۋرىشكىلىرىنى تاپماق سەل قىيىنلىشىپ قالغان.

1959 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە خادىملىرى بۇ يەردە تەكشۈرگەن ھەمدە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان. 1988 - يىل 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۇرپان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى بۇ يەرنى قايتىدىن بىر نۆۋەت تەكشۈرگەن.

1959 - يىلىدىكى تەكشۈرۈش داۋامىدا 760 دانىدىن ئارتۇق ئەۋرىشكە يىغىۋېلىنغان. بۇلار ئىچىدە 111 پارچە ساپال پارچىسى يەنە تاش ياپراقچىلىرى ۋە باشقا تاش قوراللارمۇ بار. تاش قوراللار بىلەن تەبىئىي تاش ياپراقچىلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن.

بىز بۇ قەدىمىي ئىزنى تەكشۈرۈش داۋامىدا 7 دانە كىچىك تاش ياپرىقى يىغىۋالدۇق.

ئاستانە سىپتا تاش قورال قەدەمىي ئىزىنىڭ دەۋرى، ئۆزىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، سىپتا تاش قوراللار مەدەنىيەت دەۋرىگە تەۋە دەپ بېكىتىلدى.

================================

مەنبە: «تۇرپان ئاسارەئەتىقىلىرى»، ئابلىم قېيۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى


[بۇ يازمىنى 2007-07-25 11:23 AM دە «يالقۇنتاغ» تەھرىرلىگەن]
[ تېكستنىڭ فونت رەزمىرى: چوڭئوتتۇراكىچىك ]

تۇرپان تەزكىرىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە

新ICP备10202342号-4

吾买尔江·沙塔尔 0991-8982843 ئۆمەرجان ساتتار

بېكىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى «شىنجاڭ تېزلىك تورى»  تەمىنلىگەن

Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.016602 second(s), 6 queries