باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2013 - 3 48
يدسچپجش
     12
3456789
10111213141516
17181920212223
24252627282930
31

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە خاس ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى ئىدىقۇت ئۇيغۈر خانلىقى دەۋرىدىكى ئۆزلەشتۈرمە — تەرجىمە ئەدەبىيات
1 ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا خاس يازما ئەدەبىياتنىڭ نامايەندىلىرى  [2007-09-04]

ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى دىنىي مەزمۇندىكى رەڭگارەڭ ئۆزلەشتۈرمە – تەرجىمە ئەدەبىيات بايلىقىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە شۇنداقلا يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك مول ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەقدارلىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە كەچۈرمىشلىرى، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۇلۇغ پائالىيەتلىرى، يارقىن تۇرمۇش كارتىنىلىرى، ئاڭ – تەپەككۇر جەريانلىرىنى مەنبە قىلغان ئېسىل مىللىي ئەدەبىيات بايلىقىغىمۇ ئىگە ئىدى. بۇنداق مىللىي ئەدەبىيات بايلىقى قاتارىدا سانىلىدىغان ئەسەرلەر ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا، ئۆز مۇھىتىدا، ئۆز ئەدىبلىرى تەرىپىدىن يارىتىلغان — ئەينى دەۋر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئاساسى مەنبە قىلغان زور بىر تۈركۈم شېئىرلار ۋە ئەينى دەۋردە قەلەمگە ئېلىنغان «ئوغۇزنامە» داستانى، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ۋارىسلىق قىلغان «ئىرق پۈتۈك» (پال كىتابى) قاتارلىق ئەسەرلەر كىرىدۇ.

1. «ئىرق پۈتۈك»
«ئىرق پۈتۈك» قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، دۇنيا قارىشى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى چۈشىنىشتە بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە.

ھازىرغىچە، «ئىرق پۈتۈك»نىڭ بىر قانچە نۇسخىلىرى تېپىلغان. ئۇلارنىڭ بىرى ئا. ستەيىن تەرىپىدىن دۇڭخۇاڭدىكى بېزەكلىك (مىڭ ئۆي)دىن تېپىلغان نۇسخىسى، بۇ نۇسخا جەمئىي 104 بەتلىك بولۇپ، ھەر بېتىدە 40تىن 70گىچە رونا (ھەرپ) بار. بۇ نۇسخا كىچىك كىتابچە بولۇپ، مۇقاۋىسى سېرىق رەڭلىك، قېلىن جۇڭگو قەغىزىگە يېزىلغان. كىتابچىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 13.6 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 8 سانتىمېتىر (1).

يەنە بىرى، ئا. لىكوك تەرىپىدىن تۇرپاندىكى تۇيۇقتىن تېپىلغان نۇسخا (ھەر بىر يەتتە 31 قۇر) (2).

«ئىرق پۈتۈك»نىڭ بۇ ئىككى نۇسخىسىنى بىرىنچى قېتىم دانىيىلىك تۈركولوگ ۋ. تومسېن ئېلان قىلغان (قەدىمكى ئۇيغۇر رونىك يېزىقى بىلەن خاتىرىلەنگەن تەبىرنامە — «ئىرق پۈتۈك»نى تەتقىق قىلىشتا ۋ. تومسېن كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان). بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيىلىك ھۈسەيىن نامىق ئورقۇن دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ «قەدىمكى تۈرك ۋەسىقىلىرى» دېگەن ئەسىرىدە «ئىرق پۈتۈك»نىڭ ترانسكرىپسىيىلىك مەتنى بىلەن تۈركچە تەرجىمىسىنى ئېلان قىلدى. يولداش ئىبراھىم مۇتىئى بۇ ئەسەرنىڭ («ئىرق پۈتۈك»نىڭ) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنغان تەرجىمىسىنى «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1980– يىل 1– سانىدا ئېلان قىلدى. يەنە روسچە «شەرق خەلقلىرىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدا بۇ ئەسەرنىڭ نەزمى ئەسەر ئىكەنلىكىنى شەرھلەش نۇقتىسىدىن ۋ. ئى سىتىبلىۋامۇ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.

«ئىرق پۈتۈك»نىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەمەرىلىرى ئىچىدە، جۈملىدىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدە مۇھىم ئورۇننى تۇتىدىغانلىقىنى، بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئۆز ئىچىمىزدە تېخى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنمىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ يەردىكى يۈزەكى مۇلاھىزىمىزنى قىسقىچە بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشنى زۆرۈرىيەت دەپ بىلدۇق.

ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دائىم ئۇچرايدىغان چۈشكە تەبىر ئېيتىش ئادەتلىرى، خەلق ئىچىدە چۈش تەبىرچىلىكىنىڭ بارلىقى؛ ئۆتكەن زامانلاردا پادىشاھ – خانلارنىڭ ئۆز ئوردىلىرىدا مەخسۇس تەبىرچىلەر تۇرغۇزۇپ، كۆرگەن چۈشلىرىگە تەبىر ئېيتقۇزۇشى؛ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدا (بولۇپمۇ چۆچەكلەردە) چۈش بايانىنىڭ مەلۇم سالماقنى ئىگىلىشى؛ يازما ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئۆرنىكى بولغان «قۇتادغۇ بىلىك»تە مەخسۇس بىر بابتا چۈشكە تەبىر بېرىش ئۇسۇللىرىنىڭ شەرھىلەنگەنلىكى، «ئىرق پۈتۈك»تەك قىممەتلىك ئەدەبىي ۋەسىقىمىزدە مەخسۇس چۈش تەبىرى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغانلىقى — ئۇيغۇرلارنىڭ چۈش توغرىسىدا، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ روھىي پائالىيەتلىرىنىڭ سىرى، ماھىيىتى ھەققىدە ئۇزۇن زامانلاردىن بېرىلا تەتقىقاتقا، ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ئالىملار نۇرغۇن پەنلەرنىڭ ئەدەبىياتتىن «شاخلىنىپ» چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. يەنە بەزىلەر، ئەدەبىيات ئەڭ دەسلەپتە ئىنسانلارنىڭ چۈشلىرىنى خاتىرىلەش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دېيىشىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. بىزمۇ بۇ يەردە ھازىرغىچە پەقەتلا چۈشنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدە ۋە يازما ئەدەبىياتىمىزدا مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنىلا نەزەرگە ئېلىپ تۇرىمىز.

نادانلىق دەۋرىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بەكمۇ تۆۋەن سەۋىيىدە ئىدى. بۇ دەۋرلەر تەرەققىيات بەكمۇ ئاستا بولغان، ئىنسانلار گۇرۇھى قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئاساسىدىكى قۇرۇلما ھالىتىدە ياشايتتى. بۇ دەۋر ئىسانىلىرىنى مۇئەييەن ئابستراكت تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارالغاندىمۇ، لېكىن ئۇلاردا تەبىئەت كۈچلىرى (بوران، گۈلدۈرماما، يامغۇر، چاقماق ...) تاغ، سۇ، ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋان، قۇياش، ئاسمان ... قاتارلىق شەيئىلەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پەرقىنى ئايرىش، ئۆزلىرىنى چۈشىنىش ئاڭلىقلىقى كەمچىل ئىدى. ئۇلار تەبىئەتنى بەكمۇ سىرلىق چۈشىنەتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچ – قۇدىرىتىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىر خىل كۈچ – قۇدرەت بارلىقى ئۈستىدە تەسەۋۋۇر قىلىشاتتى؛ ئۇلار چۈش كۆرۈشەتتى، چۈشلىرىدە ئۆزلىرىنى ۋە باشقىلارنى كۆرەتتى. ئۆلۈكلەرنىڭ تېنىنىڭ ئۇرۇغ كوللېكتىپىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشەتتى. ئۇلاردا ئاجايىپ – غارايىپ خىياللار، سىرلىق تەبىئەتتىن قورقۇش ھېسسىياتلىرى مەۋجۈت ئىدى. باشلانغۇچ جەمئىيەتتە كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەن تۈزۈلۈشىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن تۇيغۇ ۋە تەپەككۇرنى تەننىڭ ھەرىكىتى ئەمەس، جاننىڭ ھەرىكىتى، جان ئۆلمەيدۇ، دەپ قارىغانىدى. ئېنگېلس مۇنداق دېگەنىدى: «يىراق قەدىمكى زامانلاردا، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تەن تۈزۈلۈشىنى پۈتۈنلەي بىلمىگەنلىكى ھەمدە چۈشىدىكى نەرسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئارقىسىدا ئۇلاردا، تەپەككۇرىمىز بىلەن تۇيغۇمىز تېنىمىزنىڭ ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى، بىر تۈرلۈك ئالاھىدە بولغان، تەندە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان ۋە ئادەم ئۆلگەندە تەندىن چىقىپ كېتىدىغان جاننىڭ ەرىكىتى ئىكەن، دەيدىغان ئىدىيە بارلىققا كەلگەنىدى. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن كىشىلەر مۇنداق جاننىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان مۇناسىۋىتى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولدى. ئەگەر جان ئۆلگەندە تەندىن چىقىپ كېتىپ، داۋاملىق ھايات تۇرىۋېرىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرەر تەسەۋۋۇرنىڭ بولۇشىغا ئاساس قىلمايدۇ؛ مۇنداق ئىدىيىنىڭ شۇ تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا ۋۇجۇتقا كېلىشى ھەرگىز بىر تۈرلۈك تەسەللى ئەمەس، بەلكى قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىر تۈرلۈك تەقدىر ئىدى. شەخسلەرنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى تېتىقسىز ئويدۇرمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پەيدا بولۇشىغا دىنىي جەھەتتىكى تەسەللىنىڭ ئېھتىياجى ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك نادانلىقتا تۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا مەۋجۈت دەپ قارالغان جاننى تەن ئۆلگەندىن كېيىن زادى نېمە قىلىشنى بىلمەسلىكى سەۋەب بولغانىدى» (3).

ئىنسانلارنىڭ ئەنە شۇ ئىپتىدائىي بىلىش نەتىجىلىرى ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە فورمىلىدا، رېئال تۇرمۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا، بەزىدە، چۈش شەكلى بىلەنمۇ ئېيتىلغانىدى. بۇ، ئەدەبىيات ئىنسانلارنىڭ چۈشلىرىنى خاتىرىلەش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، دېگەن كۆز قاراشنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئاساسى.

پەلسەپىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، قەدىمكى زاماننىڭ ستىخىيىلىك ماتېرىيالىزمى ۋە ساددا دېئالېكتىكىسى، يېقىنقى زاماننىڭ مېتافىزىك ماتېرىيالىزمى ھەمدە 19– ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ماركىسىزملىق پەلسەپە — پەلسەپە تەرەققىياتىنىڭ ئوخشىمىدىغان ئۈچ تەرەققىيات باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ چۈشكە تەبىر بېرىش پائالىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئەنە شۇ قەدىمكى زاماننىڭ ستىخىيىلىك ماتېرىيالىزمى ۋە ساددا دىئالېكتىكىسىنىڭ باشلاغانلىقىنىڭ نامايەندىسى دەپ ئېيتىشقا بولسا كېرەك.

قەدىمكى زامان ماتېرىيالىزمىغا خاس ساددىلىق سىتىگىيىلىك خۇسۇسىيەت، مۇھىمى، بىۋاسىتە كۆزىتىشچانلىق بىلەن باغلانغانىدى. ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي بىلىش سەمەرىلىرى، يەنى تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بوران، قار – يامغۇر، چاقماق، پەسىل ئۆزگىرىشلىرىنىڭ سىرلىرى؛ تاغ، دەريا، سۇ، ھاۋا، دەل – دەرەخلەرنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشلىرىنىڭ سەۋەبلىرى؛ ھاياتلىق قانۇنىيەتلىرىدىن تۇغۇلۇش – كۆپىيىش، ئۆلۈش – تۈگەش؛ بەختلىك تۇرمۇش ۋە پالاكەت – ئاپەتكە يۈزلىنىش ... قاتارلىق مەسىلىلەردە پەقەت يۈزەكى چۈشەنچىلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار كۈندىلىك ھاياتىدا دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بەزى ھايۋانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى، پۇراش سېزىمى، ئۇچۇش سۈرئىتى، ئۇزۈش ماھارىتى، زېرەك، چاققان، قۇۋ، شۇھيارلىقى دەسلەپكى ئاڭغا ئىگە بولغان ئىنسانلار نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ئادەمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان سىرلىق ئىقتىدارى بارلىقى ئو ي – پىكىرىنى پەيدا قىلغان. بۇنداق يۈزەكى، بىۋاسىتە كۆزىتىشچانلىق ئۇلارنىڭ ئېڭىدا مۇقەددەسلىك قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ھەقتە ئېنگلېس مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەسلىك قاراشلىرىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىگە كەلسەك، بۇنى ئاتالمىش ئىپتىدائىي قەبىلىلەردىن كۆرۈشكە بولىدۇ، بۇ بەكمۇ قىزىقارلىق مۇقەددەس نەرسىلەرنى ئەڭ دەسلەپتە ھايۋانلار دۇنياسىدىن ئالغانمىز ... يەنى بۇ مۇقەددەس نەرسە ھايۋان ئىدى» (4). مانا مۇشۇنداق ئوخشاش مۇقەددەسلىك قاراشلىرى ئىنسانىيەت ئەمىلىيىتىنىڭ، بىلىش تەرەققىيات تارىخىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە بارلىققا كېلىپ، كېيىنكى تارىخىي باسقۇچلاردىكى يېڭى بىلىش تەرەققىياتىدا ماتېرىياللىق رولىنى ئوينىغانىدى.

ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۇتېمغا باغلىدىغان مىف – ئەپسانە، ىۋايەتلىرىمىزدە، ئاساسەن، ئەنە شۇ مۇقەددەسلىك كۆز قاراشلىرى روشەن نامايەن بولىدۇ. كېيىنچە، خەلق چۈچەكلىرىدە ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئېغىر كۈنلەرگە، پالاكەتكە يولۇققان چاغلىرىدا ئۇچار – قانات، ھايۋانلاردىن مەدەت تىلەپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن پالاكەتتىن قۇتۇلۇپ، مۇراد – مەقسەتلىرىگە يېتىشتەك ئەپسانىۋى، رومانتىك تۈس ئالغان ۋەقەلىكلەرنىڭ بايان قىلىنىشىمۇ ئاشۇ مۇقەددەسلىك قاراشلىرىنىڭ راۋاجى ۋە كونكرېت ئىپادىسىدۇر.

ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاڭ – تەپەككۈر پائالىيەتلىرىدە بىر قانچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەنىدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاڭ پائالىيەتلىرى ئۆزلىرىنى ئوراپ تۇرغان كەڭ كانىئاتنى چۈشىنىشكە قارىتىلغان بولسا، ئىككىنچى قەدەمدىكى پائالىيەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى (يەنى قانداق يارىتىلغانلىقىنى) چۈشىنىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتى. ئۇلارنىڭ بىرىنچى باسقۇچتىكى ئاڭ – تەپەككۇر پائالىيىتى ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئاڭ – پائالىيىتىگە ئاساس بولۇپ، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبىيىنى تەبىئەتتىكى بارلىقلارغا مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ چۈشەندى، يەنى كۈن، ئاي، تاغ، دەريا، دەل – دەرخ، ئۇچار قانات، ھايۋاناتلارنى ئۆزلىرىنىڭ «ئەجدادى» دەپ قاراشتى. بۇنداق ساددا چۈشەنچىلەر، ئەدەبىياتىمىزدا، ئەڭ دەسلەپتە چۈش شەكلىگە بىرىكتۈرۈلگەن ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى.

بۇ يەردە شۇ نەرسىنى تەكىتلەش ھاجەتكى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىئولوگىيە تەرەققىياتىغا خاس بولغان پەلسەپىۋىلىك قاراشلار «قۇتادغۇ بىلىك» دەۋرىگىچە تېخى بىرەر «سىستېما» سۈپىتىدە گەۋدىلەنگەن ئەمەس. 9–، 10– ئەسىرلەردىن كېيىن بولسا، ئەدەبىياتىمىزدا پەلسەپىۋى قاراشلىرىنىڭ خېلى ئەتراپلىق، چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بۇنى «قۇتادغۇ بىلىك»تە ئىپادىلەنگەن كەڭ مەزمۇنلار مۇنازىرىسىز ھالدا دەلىللەپ بېرەلەيدۇ. ھالبۇكى، «ئىرق پۈتۈك»نىڭ ئەدەبىي ۋەسىقىلىرىمىز ئىچىدە مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە بولۇشى، تۈركولوگ نوپۇزلۇقلىرىنىڭ بۇ ئەسەرگە شۇ قەدەر مەھلىيا بولۇشلىرىمۇ ئەنە شۇ نۇقتىدىن بولسا كېرەك.

مۇشۇ پاراگرافىمىزنىڭ باش قىسمىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن «ئىرق پۈتۈك»نىڭ ئىككى خىل نۇسخىسىنى (يەنى دانىيىلىك تۈركۈلوگ ۋ. تومسېن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان نۇسخىلار) يولداش ئىبراھىم مۇتىئى ئۇلارنىڭ يېزىق شەكلى ۋە تىلىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسلىنىپ 9– ئەسىرگە تەئەللۇق ئەدەبىي ۋەسىقە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ۋ. تومسېن «ئىرق پۈتۈك»نىڭ (يەنى «ئىرق پۈتۈك»نىڭ 104 قۇرلۇق نۇسخىسىنىڭ، بۇنى يولداش ئىبراھىم مۇئىتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان) پىروزا شەكلى بىلەن يېزىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ۋ. ئى. ستبىلىۋا بولسا بۇ ئەسەر تېكىستىنىڭ كۆلتېكىن، تۇنيۇقۇق ۋە بىلگە خاقان توغرىسىدىكى ئابىدىلەرنىڭ تېكىستلىرىگە ئوخشاش، دېگەن كۆز قاراش ىلەن تېكىستتىكى «بېيىتلار»نىڭ تاۋۇش تۈزۈلۈشىنى ئاللىتىراتسىيە (يەنى شېئىر مىسرالىرىدا سۆز ياكى بويۇملارنىڭ باش ھەرپىنىڭ ئوخشاش ياكى ئاھاڭداش تاۋۇشلار بىلەن كېلىشى) سىستېمىسى بويىچە بېرىلگەن، دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، «ئىرق پۈتۈك»نى نەزمى ئەسەرلەر قاتارىغا قويىدۇ. بۇ خىل كۆز قاراشنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار، چۈنكى، 8–، 9– ئەسىرلەرگە تەئەللۇق بولغان ئورخۇن تاش ئابىدىلىرى بىلەن تۇرپان تېكىستلىرىنىڭ ئىپادىلەش شەكلىدە بىر خىل ئەنئەنىۋى ئۇسلۇب بولۇپ، بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئالاھىدىلىكى بىرىنچىدىن، شېئىر – جۈملىلەر رىتىملىق، سىنتاكتىك پاراللېلىزم تەرتىپىدە بولغان بولسا، ئىككىنچىدىن، مىسرالاردىكى سۆز ياكى بوغۇملار ئاساسەن ئاللىتىراتسىيىلەنگەن. مېنىڭچە، «ئىرق پۈتۈك» نىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكىنى نەزمى خاراكتېرى كۈچلۈك، دەپ قاراش بىر قەدەر مۇۋاپىق.

«ئىرق پۈتۈك» مەيلى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇننىڭ چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىك دەرىجىسى جەھەتتە بولسۇن، 9– ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان ئەدەبىي ۋەسىقىلىرىمىز ئىچىدىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى، تۆۋەندە بىز «ئىرق پۈتۈك» ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن دائىرىسىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى:

«ئىرق پۈتۈك»تە جەمئىي 65 چۈش تەبىرى خاتىرىلەنگەن. چۈش تەبىرىنىڭ خۇلاسىسى ھەربىر تەبىرنىڭ ئاخىرىدا پەقەت «بىلىڭلەركى، بۇ ئەزگۈ، بىلىڭلەركى، بۇ يامان» دېگەن ئىخچام سۆزلەر بىلەنلا ئىپادە قىلىنىدۇ. «ئىرق پۈتۈك»تىكى 65 چۈش تەبىرىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىغا «ئەزگۈ» (ياخشىلىق)، ئون سەككىزىگە «يابلاقدۇر» (ياماندۇر) خۇلاسىسى بېرىلىپ، ئالتە چۈش ھۆكۈمسىز قالدۇرۇلىدۇ. مۇشۇ نىسبەتتە «ياخشى، يامان» دەپ ھۆكۈم قىلىنغان 65 پال ئۆز ئىچىگە تۆۋەندىكىدەك موز مەزمۇنلارنى ئالغان:

(«ئىرق پۈتۈك»نىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردە ئالدى بىلەن بېرىشنى لازىم تاپمىدۇق، چۈنكى تۆۋەندە مىساللاردا ئېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، كىتابخانلار «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1980– يىل 1– سان 174– بېتىگە قارىسا بولىدۇ)

1. «ئىرق پۈتۈك»تە تىلغا ئېلىنغان ھايۋاناتلار ۋە ئۇچار قاناتلارنىڭ تۈرلىرى: 1) ئات — تۇغ ئات، ھۇرۇن ئات، سېمىز ئات، ئورۇق ئات، يېغىر باسقان ئات؛ قارىغۇ ئات، مىنىش ئېتى، سېرىق ئات، ئاق ئات، ئالا ئات؛ ئايغىر، بايتال، قۇلۇن. 2) قۇش — قارا قۇش، تۇغان قۇش؛ لاچىن — دەريا لاچىنى، دالا لاچىنى؛ ھۆپۈپ، كاككۇك، تۇرنا، تورغاي، قۇزغۇن. 3) تۆگە — تېتىر، ھىنگان، بوتىلاق. 4) ئېيىق. 5) توڭغۇز. 6) يىلان. 7) يولۋاس. 8) كالا – ئۆكۈز، سىيىر، مۇزاي. 9) بۆرە. 10) قوي. 11) چۈمۆلە. 12) توشقان. 13) تۈلكە. 14) كىيىك. 51) بۇغا.

«ئىرق پۈتۈك»تە خاتىرىلەنگەن 65 پالدا يۇقىرىدا ساناپ ئۆتۈلگەن ھايۋانات، جانىۋار – پەرەندىلەر 47 يەردە تىلغا ئېلىنىدۇ.

2. «ئىرق پۈتۈك»تە تىلغا ئېلىنغان تۇرمۇش پائالىيەتلىرى ۋە ھادىسىلەر:

1) ئوۋ قىلىش — ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوۋغا چىقىشى، خاقاننىڭ ئوۋغا چىقىشى، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئوۋ قىلىشى. 2) ئۇرۇش قىلىش. 3) ئويۇن – تاماشا، بەزمە قۇرۇش. 4) قۇربانلىق قىلىش. 5) ئۆي كۆچۈش. 6) ئۆكۈزنى ساپانغا قوشۇش. 7) قىمار ئويناش. 8) ئوغرىلىق. 9) كەمبەغەلنىڭ بالىنىڭ ئوقەت قىلىشى. 10) ئوت كېتىش. 11) كىگىز پىشۇرۇش. 12) ئاتنى تەتۈر كىشەنلەش. 13) تەڭرىدىن بەخت = سائادەت تىلەش. 14) قۇزغۇننى باغلاش. 15) قۇش – ھايۋانلارغا تۇزاق قۇرۇش. 16) ئاتقا تەرلىك يېپىش ۋە ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى تۈگۈش.

2. «ئىرق پۈتۈك»تە تىلغا ئېلىنغان جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم – ئاتالغۇلار:

1) دېڭىز. 2) ئارت (داۋان). 3) تاغ. 4) قومۇشلۇق. 5) يول. 6) دەرەخزارلىق. 7) سۇ. 8) يايلاق. 9) قىشلاق. 10) ئاسمان. 11) يەر – زېمىن. 12) كۆل. 13) پاتقاقلىق. 14) دەريا. 15) يېشىل، قىزىل قىيا. 16) كۆلچەك.

4. «ئىرق پۈتۈك»تە ئىپادىلەنگەن دەرەخ تۈرلىرى:

1) چىنتەن (سەندەل) دەرىخى. 2) تېۋىلغا. 3) ياڭاق. 4) توغراق.

5. «ئىرق پۈتۈك»تە ئىپادىلەنگەن رەڭ تۈرلىرى: ئاق، قارا، قىزىل، يېشىل، ئالا، ئالا تاغىل، بوز، تۇم قارا، كۆك بوز.

6. «ئىرق پۈتۈك»تە بايان قىلىنغان تەبىئەت ھادىسىلىرى:

قار، يامغۇز يېغىش، تاڭ ئېتىش، كۈن چىقىش، ئاسمان تۇتۇلۇش، ھاۋا سۈزۈلۈش (ئېچىلىش)، تۇمان پەيدا بولۇش، توزان كۆتۈرۈلۈش، ئاشلىق پىشىش، ئوت – چۆپ ئۈنۈش، سۇنىڭ مۇز تۇتۇشى، ياز پەسلى.

7. «ئىرق پۈتۈك»تە تىلغا ئېلىنغان ھاياتلىق ھادىسىلىرى:

تۇغۇلۇش – كۆپىيىش، گۈللىنىش – ئاۋات بولۇش، خاراب بولۇش – يوقىلىش، ئۆلۈش، بەختلىك بولۇش – ئاسايىشلىق، سەرسان بولۇش، سەمىرىش ۋە ئورۇقلاش، تۇزاققا چۈشۈش، ئاپەتتىن قۇتۇلۇش، مۇراد – مەقسەتكە يېتىش، دىدار كۆرۈشۈش.

8. «ئىرق پۈتۈك»تە ئىپادە ئېتىلگەن پىسخىك ھالەتلەر:

يىغلاش، خۇشاللىنىش، قورقۇش، يېلىنىش، ئۆتۈنۈش، مۇڭلىنىش، غەمگە پېتىش، تىلەك، ئۈمىد، بىچارىلىك، رەھىم قىلىش، قۇت ئاتا قىلىش، مەغرۇرلىنىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئاچچىقلىنىش، تەسەللى بېرىش.

9. «ئىرق پۈتۈك»تە تىلغا ئېلىنغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى:

ئوردا – ساراي، ئالتۇن تەخت، ئۆي (كېگىز ئۆي)، ياغلىق قاچا، مىنىش ئېتى، يىلقا، تۆگە، قوي – كالا پادىلىرى، ئۇزۇن تون (چاپان)، كۆزگۈ (ئەينەك)، بۇقۇسا (ساپان)، ئىدىش، قاچا، چىلەك، ئوقيا، ئارغامچا.

10. «ئىرق پۈتۈك»تە ئىنسانلارنىڭ تەبىقىلەرگە ۋە تۈرلەرگە ئايرىلىشى:

پادىشاھ، بەگ، ساۋچى (خەۋەرچى)، ئەلچى، باي، كەمبەغەل، باتۇر ئەر، تەڭرىلىك موماي (قېرى ئايال)، ئۇزۇن تونلۇق ئايال، قۇل، يۇرت كاتتىلىرى — ئاقساقاللار، دىندارلار، ئاتا – ئانا، كىچىك بالا، باتۇر يىگىت، بەگ ئەر، قۇنچۇي (مەلىكە)، كېلىنچەك.

11. «ئىرق پۈتۈك»تە ساددا دىئالېكتىك چۈشەنچىلەرنىڭ ئىپادىلىنىشى:

زۆرۈرىيەت ۋە تەسادىپىيلىق، سەۋەب – نەتىجە، تەقدىر – قىسمەتنىڭ ھەر تۈرلۈك بولۇشى ... قاتارلىقلار.

يۇقىرىدا «ئىرق پۈتۈك»تە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كەڭ مەزمۇنلارنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. ئاپتۇر بۇ مەزمۇنلاردىن تۆۋەندىكى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ:

1) «ئىرق پۈتۈك»تە ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلاردىن بۇ ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ فېئوداللىق دۆلەت ئاپپاراتى قۇرغان دەۋرلىرىدە قالدۇرغان ئىجتىمائىي ۋە ئاڭ – تەپەككۇر پائالىيەتلىرىنىڭ خاتىرىسى، دەپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتى كۆرۈلىدۇ. بۇنى «ئىرق پۈتۈك»تە ئەكس ئەتكەن خان – پادىشاھ، بەگ، ئەلچى، باي؛ ئوردا – ساراي، تەخت؛ قۇل؛ كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرى، كىشىلەرنىڭ تەبىقىلەرگە بۆلۈنۈشى؛ ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە سودا – سېتىقنىڭ تىلغان ئېلىنىشى ... قاتارلىق مەزمۇنلار دەلىللەيدۇ.

2) «ئىرق پۈتۈك»تە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىدىن كۆپ خىل ئىگىلىكنى بايقايمىز. بۇنداق كۆپ خىل ئىگىلىكنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىغا ئاساسلانغاندا، «ئىرق پۈتۈك»تە ئۇزاق بىر دەۋرنىڭ ئەكس ئەتكەنلىكىنى كۆرسەك، يەنە بىر جەھەتتىن فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىكى ناتۇرال ئىگىلىكنىڭ ئىزناسىنى كۆرىمىز.

3) «ئىرق پۈتۈك»تە ئىپادىلەنگەن تەبىئەت مەنزىلىرى، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرلىرى، ئۇچار – قاناتلارنىڭ خىللىرى، چارۋا تۈركۈملىرىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، دەرەخ تۈرلىرى، ئوۋچىلىق بايانلىرى ... قاتارلىق مەزمۇنلار ئارقىلىق ئەجدادلارنىڭ ئەينى دەۋردە ياشىغان تەبىئىي مۇھىتىنى، يەنى يايلاق – دالا ھاياتى دەۋرلىرىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ.

4) «ئىرق پۈتۈك»تە تەڭرىدىن بەخت – سائادەت تىلەش، ھەر نەرسىنىڭ تەقدىرىنىڭ ھەر خىل قىسمەتتە بولىدىغانلىقى چۈشەنچىسى، «ئۈچ مەۋجۇدات»دېگەن دىنىي ئۇقۇمنىڭ ئىپادىلىشى ... قاتارلىقلار جەھەتلەردە («ئىرق پۈتۈك»تە «ئاق ئات» ئوقۇمىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ، بۇ ئۇقۇم شامان دىنى چۈشەنچىسىدىكى «ئۇرۇش ئىلاھى»نىڭ مىنىدىغان ئېتى ئاق ئات، دېگەن مەنەگە باغلىنىدۇ) ئەجدادلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىكى دىنىي ئىدىيىۋى ھالەتلىرى ۋە سەۋىيىسىنى مۆلچەرلەش مۇمكىن.

5) «ئىرق پۈتۈك»تە ئىپادىلەنگەن پسىخىك ھالەتلىرىدىن ئەينى زامانلاردا ئەجدادلارنىڭ ئىنساننىڭ روھىي پائالىيەتلىرى ۋە ئىچكى دۇنياسى ھەققىدە ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئادەمنىڭ تەن تۈزۈلۈشى ئالاھىدىلىكى، ئىقتىدارىنى باشقا جانلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن بەدىئىي خاتىرە قالدۇرغانلىقىنى چۈشىنىمىز.

6) «ئىرق پۈتۈك»تە تىلغا ئېلىنغان بايلىق – كەمبەغەللىك، پايدا ئېلىش، ئوقەت قىلىش، پاراۋان تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك ئىدىيىۋى ھالەتلەردىن ئەجدادلارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە ناھايىتى ئىلگىرىدىنلا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، بۇنداق تونۇشنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك قارىشى كۈچەيگەن دەۋرلەرگە، يەنى فېئودالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.

7) «ئىرق پۈتۈك»تە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كەڭ ئىجتىمائىي مەزمۇنلاردىن – باتۇرلۇققا، غالىبلىققا مەدھىيە ئوقۇش، كۈچلۈكلۈكنى ياقتۇرۇش؛ ئاجىز – بىچارىلەرگە خەيرخاھلىق قىلىش؛ ئىتتىپاقلىقنى ئەلا بىلىش، ئەدەب – ئەخلاقلىق بولۇشنى ياخشىلىقنىڭ مەنبەيى دەپ ھېسابلاش؛ ۋەيرانچىلىق، خارابلىشىش، ئۇرۇش قىلىشلارنى يامانلىق مەنبەسى دەپ تونۇش؛ ئەلنىڭ تىنچ – ئامان، ئاسايىشلىقتا ئۆتۈشىنى، گۈللىنىشنى ئارزۇ قىلىش؛ ئاياللارنىڭ ئوغۇل تۇغۇشىنى، ماللىرىنىڭ ئەركەك تۇغۇشىنى بەختلىك بولۇشنىڭ ئاساسى دەپ چۈشىنىش ... قاتارلىقلاردىن بىز ئەجدادلارنىڭ ئەينى زامانلاردىكى ئومۇمىي پىسخىكىسىنى جۈملىدىن پەلسەپىۋى چۈشەنچىلىرى، بەخت قارىشىنى مەلۇم دائىرىدە چۈشىنىشكە ئىمكانىيەت تاپىمىز.

8) «ئىرق پۈتۈك»تە ئەكس ئەتكەن تۇرمۇش بويۇملىرىدىن ئەجدادلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشكە دائىر ئېتنوگرافىيە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە قىسمەن ماتېرىيال مەنبەسىگە ئىگە بولالايمىز.

«ئىرق پۈتۈك» ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن ناھايىتى كەڭ ھەم چوڭقۇردۇر، بۇ ھەقتە يۇقىرىقىدەك مۇلاھىزە بىلەن كىتابخانلارنى قايىل قىلىش تەسەۋۋۇردىن تولىمۇ يىراق. «ئىرق پۈتۈك» ھەققىدە شۇنداق سېيىش مۇبالىغە ئەمەسكى، بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئۇزاق ئەسىرلىك قەدىمكى ھايات تارىخىنىڭ مىكرولاشتۇرۇلغان بەدىئىي خاتىرىسىدۇر. تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدە يەنىمۇ چوڭقۇر بولغان ئىلمىي ئەمگەك سىڭدۈرۈشى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش ھېسابلانغۇسى.

ئەنە شۇنداق يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بۇ ئەسەرنىڭ مول مەزمۇنىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىمۇ بىر مۇنچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان، بۇ ئالاھىدىلىكلەر تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا كۆرۈلىدۇ:

1. «ئىرق پۈتۈك»نىڭ تېكىستىمۇ خۇددى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بەزى ۋەسىقىلىرىمىزدىكىگە (مەسىلەن، كۆلتىكىن ئابىدىسى، تۇرپان تېكىستلىرىگە) ئوخشاش، بېيتلارنىڭ تاۋۇش تۈزۈلۈشى ئاللېتىراتسىيە سىستېمىسى بويىچە تۈزۈلگەن. «ئىرق پۈتۈك» ئاپتورىنىڭ (ئاپتورى ھازىرغىچە بىزگە نامەلۇم) بىر قاتار ئاللېتىراتسىيىلەنگەن سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشى ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇب بويىچە بەلگىلىك ئېستېتىكىلىق قائىدىلەرگە رىئايە قىلغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ.

مەسىلەن: 81–، 82– قۇرلارغا پۈتۈلگەن پالدا:

بوز بۇلىت يۈرىدى،

بۇدۇن ئۈزە ياغدى.

قارابۇلىت يۈرىدى،

قامىغ ئۈزە ياغدى.

(يەشمىسى: بوز بۇلۇت پەيدا بولۇپ، كىشىلەر ئۈستىگە ‹يېغىن› ياغدى. قارا بۇلۇت پەيدا بولۇپ، ھەممە ئۈستىگە ‹يېغىن› ياغدى ...)

بۇ پالنىڭ بىرىنچى مىسراسىدىكى «بوز» ئىككىنچى مىسراسىدىكى «بۇدۇن» بىلەن، ئۈچىنچى مىسردىكى «قارا» تۆتىنچى مىسراسىدىكى «قامىغ» دېگەن سۆز بىلەن ئاللېتىراتسىيىلەشتۈرۈلگەن (بۇنداق مىسرالارنى «ئىرق پۈتۈك»تىن نۇرغۇن كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. بىز بۇ يەردە پەقەت بىر مىسال بىلەنلا كۇپايىلەندۇق).

2. «ئىرق پۈتۈك»نىڭ مەزمۇنىنى ئاساسەن مۇنداق تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىش مۇمكىن:

بىرىنچى، ئادەم ۋە ھايۋانلار ھاياتىدىن ئېلىنغان رېئال كۆرۈنۈشلەر.

ئىككىنچى، تەبىئەت تەسۋىرلىرى.

ئۈچىنچى، ئەپسانىۋى تۈس ئالغان سۇژىتلار ۋە رىۋايەت تىپىدىكى سۇژىتلار.

تۆتىنچى، ھېكمەتلىك ئىبارىلەر.

3. «ئىرق پۈتۈك»تە تەبىئەت تەسۋىرلىرى ئادەملەرنىڭ پىسخىك ھالىتىگە ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا بېرىلگەن. مەسىلەن:

79–، 80. ئەر پۇشۇقلۇق (غەمكىن)، ئاسمان بۇلۇتلۇق بولدى. شۇ ئارىدا كۈن چىقىپ، ئىچ پۇشۇقى ئارىسىدا خۇشاللىق يۈز بېرىپتۇدەك، بىلىڭلاركى، بۇ ئەزگۈ.

4. «ئىرق پۈتۈك»تە يەنە ئەپسانىۋى تۈس ئالغان بايانلار ۋە خەلق چۆچەكلىرىگە خاس گۈزەل ئېپىزوتلارمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. خەلق چۆچەكلىرىگە خاس ئېپىزوتتىن بىر مىسال:

52–، 53–، 54. ئەر (ئادەم) سوقۇشقا بېرىپتۇ، يولدا ئېتى ھېرىپ قاپتۇ، ئۇنىڭغا تۇرنا قۇش ئۇچراپتۇ. تۇرنا ئۇنى قانىتىغا ئولتۇرغۇزۇپ، يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ئۇزاق يول يۈرۈپتۇ، ئۇنى ئاتا – ئانىسى يېنىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ. ئاتا – ئانىسى بەك خۇشال بولۇپتۇ، شۇنداق بىلىڭلەركى، بۇ ئەزگۈ.

خۇلاسىلىغاندا، «ئىرق پۈتۈك»تىكى چۈش تەبىرلىرىنىڭ مەزمۇنىنىڭ قويۇق رېئال تۇرمۇش ئاساسىغا باغلانغانلىقىنى، شەكىل جەھەتتىكى يۇقىرىقىدەك بەدىئىي ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇ ئەسەرنى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا خاس يەرلىك مىللىي ئەدەبىياتنىڭ قىممەتلىك بىر نامايەندىسى دەپ ئېيتىمىز. ۋاھالەنكى، بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتىمىز ئېتنوگرافلار، ئەدەبىياتشۇناسلار، تىلچىلار، تارىخچىلار، پسىخولوگلار، جۈملىدىن مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن يۈكسەك ئېتىبارغا قويۇلمىدى. ھېلىھەم بۇ ھەقتە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي بولمايدۇ.

2. «ئوغۇزنامە»
قەھرىمانلىق ھەققىدىكى مەشھۇر ئېپوس «ئوغۇزنامە» — ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىكى ھايات تارىخى ئوبرازلىق خاتىرىلەنگەن. «ئوغۇزنامە» ئۆز ئىچىەە ئالغان مەزمۇن دائىرىسىدىن ۋە بەدىئىيلىكى جەھەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ خەزىنىسىدىكى نادىر ئۈلگىلەرنىڭ بىرىدۇر. بىزنىڭ دەېرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان «ئوغۇزنامە»نىڭ بىر قانچە نۇسخىسى بار. بىرى 13– ئەسىردە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقىدە قەلەمگە ئېلىنغان — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىدا پۈتۈلگەن تۇرپان نۇسخىسى، ئىككىنچى، ئىرانلىق تارىخچى راشىددىن فەزلۇللاخ (1247– 1318– يىللار)نىڭ «جامىئوتتە ۋارىخ» ناملىق ئەسىرىگە ئېلىنغان نۇسخىسى. ئۈچىنچى، خىۋە خانى ئۇبۇلغازى باھادىرخان (1603– 1664– يىللار)نىڭ «شەجەرىئى تۈرك» (تۈركى خەلىقلەر شەجەرىسى)دېگەن كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن نۇسخا، بۇلاردىن باشقا يەنە بەزى تارىخىي كىتابلارغىمۇ «ئوغۇزنامە»نىڭ پارچىلىرى — ئېپىزوتلىرى ئېلىنغان.

«ئوغۇزنامە»نىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمكى قول يازمىسى ئەنە شۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىر بولغان تۇرپاندا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىرماش شەكلى بىلەن يېزىلغان نۇسخىسىدۇر. بۇ نۇسخا 21 ياپراق 42 بەت، ھەر بېتى 9 قۇر خەتتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ قول يازما نۇسخا ھازىر فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى «پۇخرالار كىتابخانىسى» (Biblio heque Naitonale)دا ساقلانماقتا (5).

«ئوغۇزنامە»نى جاھان مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى بۈيۈك نامايەندىلەر — يوناننىڭ «ئىلئادا»، «ئودېسسا»سى، ئىراننىڭ يېگانە ئەسىرى «شاھنامە» داستانى، ھىندىستاننىڭ «ماخابخارائا» ۋە «رامايانا»سى، ئېلىمىزدىكى قېرىنداش مىللەتلەردىن زاڭزۇ خەلقىنىڭ «گېسارۋاڭ قىسسىسى»، قىرغىز خەلقىنىڭ «ماناس» داستانى، ئۇيرات موڭغۇللىرىنىڭ «جاڭغىر» داستانى ... قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر قاتارىغا قويۇشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىراق ئۆتمۈش تارىخىنى، ئېتمولوگىيىسىنى مۇكەممەل بەدىئىي شەكىلدە ئىخچام ئىپادىلەپ بەرگۈچى تارىخىي ھۆججەت — «ئوغۇزنامە»، ئۇزۇن تارىخىي جەريانلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئېغىزدىن ئېغىزغا، نەسلىدىن نەسلىگە، دەۋردىن دەۋرگە مىراس بولۇپ داۋاملىشىپ، خەلقىمىزنىڭ ھاياتىغا چوڭقۇر سىڭگەن مەنىۋى ئوزۇقلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. ئەنە شۇ ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا بۇ داستان مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن تېخىمۇ تولۇقلانغان، 13– ئەسىرگە يەتكەندە بولسا تۇرپاندا قەلەمگە ئېلىنغانىدى.

«ئوغۇزنامە» داستانى ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئىلمىي قىممىتى بىلەن تۈركى خەلقلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا قىزىققۇچى غەيرىي تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغىمۇ كەڭ تارقالغان. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، «ئوغۇزنامە» ئەمگەكچان، پاراسەتچلىك، باتۇر كەلگەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىراق تارىخىنى، ئېتنوگرافىيىسىنى، دىنىي ئەھۋالاتىنى، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى، چۈشەنچىلىرىنى، ئەنئەنىسىنى، تىل، ئەدەبىياتىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش كارتىنىسىنى يورۇتۇپ بېرىشتە مۇھىم بىر ھۆججەت سۈپىتىدە تارىخىي ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغانلىقىدۇر. بۇ داستاننىڭ پەقەت ئەدەبىيات جەھەتتىكى قىسمەن ئالاھىدىلىكى ھەققىدە گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مەشھۇر تۈركۈلۈگ ئا. ۋ. گانائىن خانىم مۇنداق دەيدۇ: «... ھازىر سۈرىتى بىلەن ساقلانغان ‹ئوغۇزنامە› داستانى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئۈچۈن بىر بەخت، بۇ ئەسەر ئاددىيغىنا بىر ئوقۇپ قويۇش دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق، كىتابتا شېئىرىي جۈپلۈك ۋە ئوبرازغا دائىر سۆزلەر كىشىنى ئۆزىگە تارتىدۇ، بەزى سۆزلەر رىتىملىق ئاھاڭغا ئوخشاش قۇلاققا يېقىملىق ئاڭلىدۇ» (6) دەپ يازىدۇ. مانا بۇ «ئوغۇزنامە» توغرىسىدا بىرلا نۇقتا ئۈستىدە دېيىلگەن سۆزدىن بىز بۇ ئەسەرنىڭ قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ئەسەر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز.

«ئوغۇزنامە»نىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى تۆۋەندىكىچە:

باتۇر ئوغۇز تۇغۇلۇشى بىلەنلا، ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ، قىرىق كۈندىن كېيىن، ئۇ چوڭ ئادەم بولۇپ يېتىشىدۇ. ئۇنىڭ قىياپىتى غەلىتە بولۇپ، كۆك يۈزلۈك، قىزىل ئېغىزلىق، قىزىل كۆزلۈك، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تۈك باسقان، ئۇنىڭ پۇتى بۇقىنىڭكىدەك، بېلى بۆرىنىڭكىدەك، مۈرىسى يىلپىزنىڭكىدەك، كۆكسى ئېيىقنىڭكىدەك، باتۇر ئوغۇز، ئادەم ۋە ھايۋانلارنى يالماپ، ئەلگە ئاپەت كەلتۈرگۈچى قىئات (تاق مۈڭگۈزلۈك يرتقۇچ ھايۋان)نى ئۆلتۈرىدۇ. بىر كۈنى ئوغۇز بىر يەردە، تەڭرىگە تاۋاپ قىلىۋاتقاندا، ئاسماندىن بىر شولا چۈشىدۇ، ئۇ شولا ئايدىنمۇ يورۇق، كۈندىمۇ نۇرلۇق. شولا ئىچىدە بىر قىز بولۇپ، تەنھا ئولتۇرغان. بۇ قىز شۇنداق گۈزەلكى، ئۇ كۈلسە، تەڭرىمۇ كۈلەر ئىدى، ئۇ يىغلىسا، تەڭرىمۇ يىغلار ئىدى. ئوغۇز بۇ قىزغا كۆيۈپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۈچ ئوغۇل تاپىدۇ، تۇنجىسىغا كۈن، ئوتتۇرانچىسىغا ئاي، كەنجىسىگە يۇلتۇز دەپ ئىسىم قويىدۇ.

بىر كۈنى ئوغۇز بىر دەرەخنىڭ كاۋىكىدىكى بىر قىزنى كۆرۈپ قالىدۇ، بۇ قىزمۇ ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، «كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆك، چېچى ئېقىپ تۇرغان سۇدەك، چىشى ئۈنچىدەك ئىدى». ئوغۇز بۇ قىزغىمۇ ئاشىق بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنىمۇ ئۆز ئەمرىگە ئالىدۇ. بۇ ئايالدىنمۇ ئۈچ ئوغۇل تاپىدۇ، ئۇلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۆك، تاغ، دېڭىز دەپ ئات قويىدۇ.

باتۇر ئوغۇز دۆلەتنىڭ خاقانى بولىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن، ئوغۇزخان بويسۇندۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شەرق (ئوڭ تەرەپ)تە ئالتۇنخان بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. غەرب (سول تەرەپ) تەرىم پادىشاھى قارشىلىق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز خاقان لەشكەر تارتىپ جازا يۈرۈشى قىلىدۇ. بىر كۈنى ئەتىگەندە، ئۇلار مۇز تاغ ئېتىكىدە ئاۋۇل تىكىپ ئولتۇرغىنىدا، چوڭ بىر كۆك بۆرە شولا ئارىسىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ كۆك بۆرە ئۆزلۈكىدىن ئوغۇز قوشۇنىغا يول باشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىتىل (ۋولگا) دەرياسى بويىدا ئىككى تەرەپ قوشۇنى جىددىي جەڭ قىلىدۇ، ئوغۇز خاقان يېڭىدۇ، رىم پادىشاھى مەغلۇپ بولۇپ قېچىپ كېتىدۇ.

ئوغۇز خاقان يەنە جۇرجىتنى بۇيسۇندۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن سىندۇ (ھىندىستان)نى، تاڭغۇتنى، سۈرىيىنى، بارقاننى بويسۇندۇرىدۇ.

«ئوغۇزنامە» ئېپوسىنىڭ ئاخىرىدا، ئوغۇز خاقان 40 كېچە – كۈندۈز كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزىدۇ. يۇرتنى ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بېرىدۇ. ئۇ ئۈچ ئوغلىغا شەرقنى، ئۈچ ئوغلىغا غەربنى بۆلۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئالدىنقى ئوچ ئوغلىغا ئالتۇن يانى، كېيىنكى ئۈچ ئوغلىغا كۆمۈچ ئوقنى بېرىدۇ. ئۇ ئوغۇللىرىغا نەسىھەت قىلىپ، «يا ئوقنى توغرىلايدۇ»، «ئوق ياغا بويسۇنۇشى كېرەك» دەيدۇ.

«ئوغۇزنامە»نىڭ تۈزۈلۈشى ئۈچ بۆلۈككە بۆلۈنىدۇ:

بىرىنچى بۆلىكى، ئەسەرنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ (ئوغۇزنىڭ تۇغۇلۇشىدىن باشلاپ). ئوغۇزنىڭ خاقان بولغىنىغا قەدەر، ئىككىنچى بۆلىكى، ئوغۇز خاقاننىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە غەلبىلىك ئۇرۇش تارىخى بايان قىلىنغان تەپسىلاتلار، ئۈچىنچى بۆلىكى، ئوغۇز خاقاننىڭ ۋەزىرى ئۇلۇغ تۈركنىڭ چۈش كۆرۈشىدىن تارتىپ، ئوغۇز خاقاننىڭ ئۆزىگە قاراشلىق بولغان زېمىنلارنى ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بەرگەنلىكىگە قەدەر، يەنى داستاننىڭ ئارخىرقى ئېپزوتلىرى.

«ئوغۇزنامە»نى مەزمۇن جەھەتتىن مۇنداق ئىككى قىسىمغا بۆلۈش مۇمكىن:

بىرىنچى قىسمىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان ئۆز مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى، دۇنيانىڭ يارىلىشى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر ۋە قەدىمكى ئۆرپ – ئادەتلەر ئەكس ئېتىلگەن.

مەسىلەن، ئوغۇزنىڭ ئاسمان ئىلاھىنىڭ قىزى، دەرەخ كاۋىكىدا ئولتۇرغان قىز بىلەن توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولۇشى؛ ئوغۇللىرىنىڭ كۈن، ئاي، يۇلتۇز ۋە كۆك، تاغ، دېڭىز دەپ ئات قويۇشى؛ مۇراسىم مەيدانىغا تىكىلگەن ياغاچنىڭ بىرىنىڭ ئۇچىغا ئالتۇن توخۇ، بىرىنىڭ ئۇچىغا كۆمۈش توخۇ ئاسقانلىقى، بىرىنىڭ تۈۋىگە قارا قوي، بىرىنىڭ تۈۋىگە ئاق قوي باغلىغانلىقى؛ كۆك بۆرىنىڭ يول باشلىشى ... قاتارلىق يۇقىرىقى مەزمۇنلار دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئىككىنچى قىسمىدا، ئوغۇز خاقاننىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھەربىي پائالىيەتلىرى بىلەن باغلىنىدىغان نۇرغۇن ۋەقەلىكلەر مەلۇم دەرىجىدە بەدىئىيلەشتۈرۈلگەن. بۇ قىسمىدا نۇرغۇن تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ نامى ۋە بۇ ناملارنىڭ كېلىپ چىقىشى رىۋايەت تۈسى بىلەن ئىپادىلەنگەن.

ئوغۇز خاقان ئۇرۇش جەريانىدا، ئۆزىگە قاراشلىق ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ ياردىمىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئاشۇ قەبىلىلەرنىڭ نامى ۋە ئالاھىدىلىكى ئاساسەن شۇ قەبىلىگە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان قەبىلە بەگلىرىنىڭ مۇھىم تۆھپىسى ۋە پائالىيىتى بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، ئوغۇزخان لەشكەرلىرى دەريادىن ئۆتۈشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. بۇ چاغدا لەشكەر ئارىسىدىكى ئۇلۇس ئوردا دېگەن بەگ دەريا بويىدىكى تال – ياغاچلارنى كېسىپ، ئۇنىڭدىن ساپ ياساپ، لەشكەرلەرنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىگە ئوڭايلىق تۇغدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن شاتلانغان ئوغۇزخان: «ھەي، سەن بۇ يەرگە بەگ بولغىن، قىپچاق ساڭا ئات بولسۇن» دەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىپچاق قەبىلىسىنىڭ نامى چۈشەندۈرىلىدۇ. قۇلۇپلانغان ئالتۇن ئۆينى پەم بىلەن ئاچقان كىشىگە بېرىلگەن «قال ئاچ» سۆزى بىلەن قالاچ قەبىلىسىنىڭ نامى چۈشەندۈرۈلسە، ئۇرۇش غەبىيمەتلىرىنى توشۇشتا ئەقىل ئىشلىتىپ ھارۋا ياسىغان بارماقلىق خۇسۇن بىلىگ ئۇستىغا «قانغالۇق» دېگەن نام بېرىلىش بىلەن قاڭلى قەبىلىسىنىڭ نامى چۈشەندۈرۈلىدۇ ...

قىسقىسى، «ئوغۇزنامە»نىڭ بۇ قىسمىدا بايان قىلىنغان قەبىلە ناملىرى ياكى دۆلەت ناملىرى بولسۇن، بۇلار مەلۇم دەرىجىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زامانلاردا ئۆز ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرى ۋە باشقا مىللەتلەرگە بولغان چۈشىنىشى ۋە مۇناسىۋىتىنىڭ بەدىئىي ۋاسىتە بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

«ئوغۇزنامە» ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ دۇردانىلىرىدىن بىرى، ئۇ ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ موللىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يۈكسەك بەدىئىيلىكى بىلەنمۇ قىممەتلىكتۇر. «ئوغۇزنامە» گەرچە نەرسىي شەكىلدە خاتىرىگە ئېلىنغان ئەسەر بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئېپىزوتلار نەزمى شەكىلدىمۇ ئېلىنغان. مەسىلەن:

مەن سەنلەرگە بولدۇم قاغان،

ئالالىڭ يا تاقى قالقان؛

تامغا بىزگە بولسۇن بۇيان،

كۆك بۆرى بولسۇنغىل ئۇران؛

تەمۇر يىدالار بول ئورمان،

ئاۋ يەردە يۈرسۇن قۇلان؛

تاقى تالۇي تاقى مۈرەن،

كۈن تۇغ بولغىل كۆك قۇرىقان.

(ئەسلى تېكىستىنىڭ 96– 102– قۇرلىرى)

مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،

ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.

تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،

كۆك بۆرى بولسۇم ھەم ئۇران.

تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان،

ئوۋلۇقتا يۈرۈشسۇن مال – ۋاران.

ھەم ئاقسۇن دەريا ۋە ئېقىن،

قۇياش تۇغ بولسۇن، ئاسمان قورغان.

مانا بۇ ئابزاس سەككىز بوغۇلۇق شېئىر شەكلىدە كەلگەن ھەمدە ئاخىرقى مىسرالىرى قاپىيىلەشكەن بولسا، تۆۋەندىكى بىر ئابزاس 13 بوغۇملۇق شېئىر شەكلىگە ماس كېلىدۇ:

ئاي قاغۇنۇم سەنگە ياشاغۇ بولسۇنغىل ئۇزۇن،

ئاي قاغۇنۇم سەنگە تۈرۈلۈك بولسۇنغىل تۈزۈن؛

بەنگە كۆك تەڭرى بەردى چۈشۈمدە كەلتۈرسۇن،

تالۇي يۇرۇر يەرنى ئۇرۇغۇڭغا بەردۇرسۇن.

(ئەسلى تېكسىت 323– 327– قۇرلار)

ئەي خاقانىم، ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن،

ئەي خاقانىم، سېنىڭ ئەل – نىزامىڭغا ئادەلەتلىك يار بولسۇن،

كۆك تەڭرى چۈشەمدە بەردى ماڭا ئىشارەت،

ئىشغال قىلغان يەرلىرىنى ئۇرۇغىغا بۆلۈپ بەرسۇن دەپ.

بۇنىڭدىن باشقا، «ئوغۇزنامە»دە شېئىرىي رىتىمدارلىق ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بىر مۇنچە جۈملىلەرمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:

ئوشۇل ئوغۇلنىڭ ئۆڭلۈكى چىراغى كۆك ئەردى،

ئاغزى ئاتاش قىزىل ئەردى،

كۆزلەرى ئال،

ساچلارى قاشلارى قارا ئەردىلەر ئەردى.

(ئەسلى تېكست 5– 7– قۇرلار)

قىرىق كۈندۈن سوڭ

بەدۈكلەدى

يۈرۈدى

ئوينادى.

(ئەسلى تېكست 11–، 12– قۇرلار)

كۈنلەردىن سوڭ،

كەچلەردىن سوڭ،

يىگىت بولدى.

(ئەسلى تېكست 17–، 18– قۇرلار)

بۇ چاغدا،

بۇ يەردە

بىر چوڭ ئورمان بار ئەردى.

(ئەسلى تېكست 18– قۇر)

يا بىرلە،

ئوق بىرلە،

شۇڭقارنى ئۆلتۈردى.

(ئەسلى تېكست 42 – قۇر) (7).

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە نۇرغۇن رىتىملىق جۈملىلەر داستاننىڭ ھەر قايسى ئېپىزوتلىرىدا ئۇچرايدۇ. داستاندىكى بۇنداق رىتىملىق، تەبىئىيكى، بۇ داستاننىڭ قەدىمىيلىكىنى، خەلق ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ، مەدداھلار تەرىپىدىن كۆپ ئېيتىلىش جەريانىدا دىكلاماتسىيە ئېھتىياجىغا لايىقلاشتۇرۇلۇش يۈزىسىدىن شېئىرىي رىتىمدارلىقى كۈچەيتىلگەنلىكىنى، كۆپ ئەسىرلەر داۋامىدا، نۇرغۇنلىغان نامسىز ئاپتورلار تەرىپىدىن پىششىقلىنىپ، تاكامۇللاشتۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

«ئوغۇزنامە» داستانىنىڭ ئوبرازلىق تىل قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىمۇ دىققەتكە سازاۋەردۇر. داستاندا ئىستېمال قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى جانلىق، ئاممىباپ ۋە ئوبرازلىق بولۇپ، ھەر قايسى تەپسىلاتلاردىكى مەزمۇنىنى ناھايىتى تەسىرلىك، چۈشىنىشلىك ئېچىپ بېرىشكە خىزمەت قىلدۇرۇلغان. شۇنىڭدەك، داستاندا خىلمۇ خىل بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىپ، ئوبرازلارنىڭ پورتىرىت تەسۋىرى، پىسخىك ھالەتلىرى ناھايىتى جايىدا يورۇتۇپ بېرىلگەن. مەسىلەن، داستاننىڭ بېشىدىلا ئوغۇزنىڭ تاشقى قىياپىتى مۇنداق بېرىلسە:

ئاداغى ئۇد ئاداغىدەگ، بەللەرى بۆرى بەللەرىدەگ، ياغرى كىش ياغرىدەگ، كۆگۈزۈ ئادۇغ كۆگۈزۈدەگ ئېردى. بەدەنىنۇڭ قاماغى تۈگ تۆلۈكلۈگ ئېردى، يىلقىلار كۆتەيە تۇرۇر ئېردى، ئاتلارغا مىنە تۇرۇر ئېردى، كىك ئاۋ ئاۋالايا تۇرۇر ئېردى ...

(ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرى بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى. پۈتۈن بەدىنىنى قۇيۇق تۈك باسقانىدى. ئۇ يىلقىلارغا قارايتتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ ئوۋلايتتى ...)

ئوغۇزخان شەيدا بولغان ئىككى گۈزەل قىزنىڭ پورتىرىت تەسۋىرى مانا مۇنداق بېرىلىدۇ:

... كەنە كەنلەردە بىر كۈن ئوغۇز قاغان بىر يەردە تەڭرىنى يالبارغۇدا ئېردى. قاراڭغۇلۇق كەلدى. كۆكتۈن بىر كۆك يارۇق تۇشتى. كۈندىن ئايان، ئايدىن قوغۇلغۇلۇغراق ئېردى. ئوغۇز قاغان يۈرۈدى، كۆردىكىم، ئۇشبۇ يارۇقنىڭ ئاراسىندا بىر قىز بار ئېردى. يالغۇز ئولتۇرۇز ئېردى. ياقشى كۆرۈكلۈگ بىر قىز ئېردى. ئۇنىڭ باشىندا ئاتاشلۇغ يارۇغلۇغ بىر مەڭى بار ئىدى. ئالتۇن قازۇقتەك ئىدى. ئۇ شول قىز ئانداغ كۆرۈكلۈكگ ئېردىكىم، كۈلسە كۆك تەڭرى كۈلە تۇرۇر، يىغلىسا كۆك تەڭرى يىغلا تۇرۇر ...

(... كۈنلەردىن بىر كۈن ئوغۇزخان بىر جايدا تەڭرىگە سېغىنىۋاتاتتى. ‹ئەتراپ› قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك نۇر چۈشتى. ‹بۇ نۇر› كۈندىن يورۇق، ئايدىن نۇرلۇق ئىدى. ئوغۇزخان ‹ئۇنىڭ قېشىغا› بېرىپ، بۇ نۇرنىڭ ئىچىدە بىر قىر بارلىقىنى كۆردى. ‹ئۇ قىز› يالغۇز ئولتۇراتتى، ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىز ئىدى، ئۇنىڭ بېشىدا ئاتەشتەك نۇرلۇق بىر مېڭى بولۇپ، قۇتۇپ يۇلتۇزىغا ئوخشايتتى، ئۇ قىز شۇنچىلىك گۈزەل ئىدىكى، كۆلسە كۆك ئاسمان قوشۇلۇپ كۈلەتتى، يىغلىسا كۆك ئاسمان بىللەن يىغلايتتى ...)

يەنە بىر قىزنىڭ (دەرەخ كاۋىكىدا ئولتۇرغان قىزنىڭ) قىياپەت كۆرۈنۈشى مۇنداق بېرىلگەن:

... كەنە بىر كۈن ئوغۇز قاغان ئاۋغا كەتتى، بىر كۆل ئاراسىندا ئالىندان بىر يىغاچ كۆردى. بۇ يىغاچنۇڭ قابۇ چاغىندا بىر قىز بار ئېردى. ئانۇڭ كۆزى كۆكتۈن كۆكرەك ئېردى. ئانۇڭ چاسى مۈرەن ئۇسۇغى دەگ، ئانۇڭ تىشى ئۈنجۈدەگ ئېردى. ئانداغ كۆرۈكلۈگ ئېردىكىم، يەرنىڭ ئەلكۈنى ئانى كۆرسە ئاي– ھاي، ئاھ – ئاھ، ئۆلەر بىز دەپ، سۈتتەن قومۇز بولار تۇرۇرلار.

(... يەنە بىر كۈنى ئوغۇزخان ئوۋغا چىقتى. ئۇ ئالدىدىكى بىر كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر دەرەخ كۆردى. شۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا بىر قىز يالغۇز ئولتۇراتتى. بەكمۇ چىرايلىق بىر قىز ئىدى. ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆكرەك، چېچى خۇددى دەريا سۈيىدەك، چىشلىرى ئۇنچىدەك ئىدى. ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل ئىدىكى، كىشىلەر ئۇنى كۆرسە «ئاي– ھاي، ئاھ– ئۇھ، ئۆلىدىغان بولدۇق» دىيىشەتتى. ‹ئۇنى كۆرگەن› سۈتمۇ قېمىزغا ئايلىناتتى ...)

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، يۇقىرىدىكى ئېپىزوتلاردا بېرىلگەن مۇۋاپىق، بەدىئىي تەسەۋۋۇرلار، ئوبرازلىق ئوخشىتىش، سۈپەتلەش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە ... قاتارلىق ستىلىستىك ۋاسىتىلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىشى نەتىجىسىدە، داستاندىكى پىرسۇناژلارنىڭ سەلتەنەتلىك بەدىئىي ئوبرازى ناھايىتى مۇۋەپپەتقىيەتلىك يارىتىلغان.

داستانغا خاس مۇنداق بەدىئىي ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا نۇقتىلاردىمۇ نۇرغۇن مىسال ئېلىش مۇمكىن.

ئاخىرىدا، شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەم ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى ھەم يازما ئەدەبىياتىغا تەئەللۇق بولغان بۇ قىممەتلىك مىراس «ئوغۇزنامە» داستانىدا، قەدىمكى ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەك ژانىرلىرىغا خاس ئامىللار روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ خىل ئامىللار ئەسەردە ئىپادە قىلىنغان رېئال تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن قەدىمكى ئەجدادلارنىڭ رومانتىك تەسۋىرلىرىنى ئورگانىك ھالدا بىر – بىرىگە زىچ بىرىكتۈرۈش رولىنى ئويناشتىن تاشقىرى، ئۇنى كۆركەم، گۈزەل، رەڭگارەك بەدىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان. بۇنىڭدىن «ئوغۇزنامە» ئېپوسى مەيدانغا كېلىشتىن ئىلگىرىلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا زور تەرەققىياتلارنىڭ بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى، شۇنىڭدەك ئەينى دەۋر ئۇيغۇر فولكلورىدىكى ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئېلېمنتلىرىنىڭ موللۇقىنى ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ (8).

خۇلاسىلىغاندا، «ئوغۇزنامە» داستانىدا ئەكس ئېتىلگەن مەزمۇننىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى، شەكىل قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى، تىلنىڭ ئاممىباپلىقى ھەم سىتىلىستىك ۋاسىتىلەرنىڭ نەمۇنىلىك قوللىنىلىشى ... قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ۋە ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارىخى، ئېتنوگرافىيىسى، ئەدەبىياتى ۋە تىل تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

3. ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان شېئىرلار
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى يەرلىككە خاس بولغان مىللىي يازما ئەدەبىيات تەركىبىدە، «ئىرق پۈتۈك» ۋە «ئوغۇزخان» داستانىدىن باشقىلىرى ئاساسەن شېئىرىيەت تۈركۈمىگە مەنسۈپ ئەسەرلەردۇر. بۇ ئەسەرلەر مەزمۇن جەھەتتىن ئىلاھلارغا مەدھىيە ئوقۇش، زىيالىيلار تۇرمۇشى، ئۆلۈم – يېتىم ھەققىدىكى قايغۇ – ھەسرەتلەر، سۆيگۈ – مۇھەببەت تېمىسىدىكى ۋىسال تەشنالىقى، ئادىل شاھلار ھەققىدىكى مەدھىيە، ئارزۇ – تىلەكلەر، ياخشىلىقنى تەرغىپ قىلىش تېمىلىرى ... بىلەن باغلانسا، شەكىل جەھەتتىن شۇ دەۋر ئۇيغۇر پوئېزىيىسىگە خاس بولغان تەكرار ئىككىلىك قاپىيە ھەم باش قاپىيە ئېتىبارغا ئېلىنغان ئالتە مىسرالىق، سەككىز مىسرالىق لىرىك شېئىرلاردىن ئىبارەت.

بۇ دەۋردە يېزىلغان شېئىرلار ئاساسەن باش قاپىيىدە يېزىلىپ، ئاياغ قاپىيە ۋە بوغۇم تۇراقلىرى ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان. شېئىرلار يېزىلغان دەۋرى، تۈرلىرى ۋە ئۇسلۇبى يېقىدىن ئالغاندا ناھايىتى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۈگىنىش، ئۇيغۇر يازما ئەدەبىيات تىلىنىڭ ئۆزگىرىش، تەرەققىي قىلىش جەريانىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر بەزى تەپسىلاتلارنى يورۇتۇشتا ئىشەنچىلىك ئاساس بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ (9).

شېئىرىي شەكىل، تۈر جەھەتتىن ئالغاندا، يەنە ھازىرغىچە رەتلەنگەن 649 كۇبلېت ئىدىقۇت شېئىرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىدىقۇت شېئىرىيەتچىلىكىدە تەكرار ئىككىلىك شەكلى، غەزەل – بېيىت، ناخشا – قوشاق، قەسىدە ۋە رۇبائى خاراكتېرىنى ئالغان تۆتلۈكلەر بولغان. ھەتتا بەزى شېئىرلار ئېلىپبە تەرتىپىدىمۇ يېزىلغانىدى.

بۇ دەۋردە يارىتىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلى جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ، ئىستېمال قىلىنغان تىل خېلى مۇكەممەللەشكەن ئۇيغۇر يازما ئەدەبىي تىلى ئىدى. چۈنكى بۇ دەۋردە ئۇيغۇر تىلى خانلىق دائىرىسىدە ھۆكۈمران تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، بۇ دەۋرىدىكى تىل گرامماتىكىلىق قۇرۇلما جەھەتتە بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن، لېكسىكا جەھەتتە بېيىغان، ئىنچىكە مەسىلىلەرنى، نازۇك ھېس – تۇيغۇرلارنى نىسبەتەن توغرا، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەپ بېرەلىگۈدەك دەرىجىگە يەتكەنىدى (دىنىي تەرجىمە ئەسەرلەردە، قىيىن بولغان دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ ئۆز پېتىچە قوبۇل قىلىنغانلىقى باشقىچە ئىش ئىدى).

بۇ يەردە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بۇددا دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى بىر ھۆكۈمران ئىدىئولوگىيىنى، يەنى بۇددىزم ئىدىېئولوگىيىسىنىڭ تەسىرىنى بۇ زېمىندا ياشىغۇچى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا ئېلىپ كىرگەنىدى (گەرچە بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى قاراخانىيلار جەمئىيىتىدە تاشلانغان بولسىمۇ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان). بۇنىڭدىن تاشقىرى، مانى دىنىمۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە خېلى زور تەسىرگە ئىگە ئىدى. ھالبۇكى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى بولغان ئەدەبىيات – سەنئەتكە بۇ دىنلارنى تەسىر كۆرسەتمىدى دەپ ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن بۇ دەۋردە يېزىلغان شېئىرلاردا دىنىي مەزمۇنمۇ مۇئەييەن سالماقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ھاۋالەنكى، بۇ دەۋردىكى يەرلىككە خاس بولغان مىللىي يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدە ئۆز دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش روشەن گەۋدىلەنگەن. مەسىلەن، «شۇنداق ئورۇنلاردا» ماۋزۇسى ئاستىدىكى شېئىردا (11) تەبىئەت تەسۋىرى ۋە تەبىئەت بىلەن ئىنسان روھى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرۈش (تەسۋىرلەش) ئاساسىي ئىدىيە قىلىنغان بولۇپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىستىقامەت قىلىدىغان ۋە ئەدەبىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان جىلغىلار، ئورمانلىقلار، دەريا بويلىرى ۋە باغۇ – بوستانلىقلار ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلىنىدۇ. تەبىئىكى، بىز بۇ تەسۋىرلەردىن ئەينى دەۋرىدىكى ئىدىقۇت دىندارلىرىنىڭ، زىيالىيلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ئاز – تولا تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. شۇنداقلا، ئىدىقۇت ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى بۇ شېئىردىكى تاغ – دالىلارنى تەسۋىرلەشتىكى يۇقىرى شېئىرىي ماھارىتىدىن ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا يېزىلغان شېئىرلار (مەيلى مانى دىنى مۇھىتىدا ياكى بۇددا دىنى مۇھىتىدا يېزىلغان شېئىرلار بولسۇن) گەرچە مەزمۇن جەھەتتىن دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن سۇغىرىلغانلىرى مەلۇم سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن ئۇسلۇب، شەكىل، ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىك جەھەتلەردىن نەزەر سالغاندا، ئۇلاردا ئەينى دەۋر ئۇيغۇر پوئېزىيىسىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ئەكس ئەتكەن. مەسىلەن، نازۇك ھېس – تۇيغۇلارنى ئىپادىلەش جەھەتتە شائىر ئاپرىنچۇر تېكىننىڭ قەلىمى ئاستىدا يېزىلغان بىر پارچە مۇھەببەت لىرىكىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

ئەسلى:

ئا ... ...

ئادىچىغ ئامراق ... ...

ئامراق ئۆز كىيەم ... ...

قاسنىچىغىم ئۇ {يۇ} قادغۇرۇرمەن

قادغۇردۇق {چە}قاشى كۆرتىلەم

قاۋىشغىسا يۈرمەن

.

ئۆز ئامراقمىن ئۇيۇرمەن

ئۇيۇ ئېۋىرۇرمەن ئۇدۇ ... {چۇن}

ئۆز ئامراقمىن ئۆپۈگىسە يۈرمەن

.

بارايىن تىسەر باچ ئامراقىم

بارۇ يەمە ئۇمازمەن

باغىرساقىم

.

كىرەيىن تىسەر كىچىگكىيەم

كىرۇ يەمە ئۇمازمەن

كىن يىپار يىدلىگم

.

يارۇق تەڭرىلەر يارلىقازىن

ياۋاشىم بىرلە

ياقىشپان ئادرىلمالىم

.

كۈچلۈگ پىرىشتىلەر كۈچ بېرزۇن

كۆزى قارام بىرلە

كۈلۈشگىن ئولۇرالىم

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇلۇشى:

ئا ...

مىسىلسىز ئامراق ...

ئامراق جېنىم

.

نىگارىمنى ئويلاپ قايغۇرىمەن

قايغۇرغانسېرى قېشى گۈزىلىم {بىلەن}

قۇۋۇشقۇم كېلۇر.

.

ئۆز ئامرىقىمنى ئويلايمەن،

ئويلاپ – ئويلاپ تۇرغانسېرى

ئۆز ئامرىقىمنى سۈيگۈم كېلۇر.

باراي دېسەم گۈزەل ئامرىقىم،

بارالمايمەن يەنە

مېھرىبانىم.

.

كىرەي دېسەم كىچىككىنەم،

كىرەلمەيمەن يەنە

ئىپار ھىدلىكىم.

.

يورۇق تەڭرىلەر يارلىقسۇن

يۇۋاشىم بىلەن

يېقىنلىشىپ ئايرىلمايلى.

.

كۈچلۈك پەرىشتىلەر مەدەت بەرسۇن

كۆزى قارام بىلەن

كۆلۈشۈپ ئولتۇرايلى (12).

بۇ شېئىردا شائىر سەمىمىي لىرىك ھېسسىيات بىلەن جۇدالىق دەردىنى تارتقان ۋاپادار ئاشىقنىڭ ئۆز مەشۇقىنى ياد ئېتىپ، ۋىسال كۈنلىرىگە ئىنتىزار بولغانلىقىنى — ۋاپادار ئاشىقنىڭ نازاك ھېس – تۇيغۇسىنى ناھايىتى جايىدا سۈرەتلەپ بەرگەن. بۇ شېئىردا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زاماندىكى «مۇھەببەت تىپى» يارىتىلغان، دەپ ئېيتساق بەلكىم ئارتۇق كەتمەس. ھېچ بولمىغاندا مەزكۇر شېئىرنى قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىريىتى ئىچىدىكى سۈيگۈ – مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئوبدان نەمۇنە دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.

دېمەككى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى مەزكۇر تېمىنىڭ قەدىمكى دەۋردە مۇنچىلىك يۈكسەك ماھارەتتە ئېچىپ بېرىلىشىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «لەيلى مەجنۇن»، «پەرھات – شېرىن» قاتارلىق داستانلاردىكى ئاشىق – ئەشۇق ئوبرازلىرىنىڭ شۇنچە يارقىن يارىتىلىشى ھەرگىزمۇ تەسادىپىيلىق بىلىنمەيدۇ، خالاس.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن — ئاپرىنچۇر تېكىن تەرىپىدىن يېزىلغان ھەر كۇپلىتى ئۈچ مىسرادىن بولغان يەتتە كوپلېتتىن ئىبارەت بۇ قىسقىغىنە شېئىرنىڭ باش ۋە ئاياغ قاپىيەلىرىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلىشىدىن سىرت، شېئىرنىڭ سۆز – جۈملىلىرىنىڭ ئوبرازلىق، شەكلى ئۆزگىرىشچان، ئىدىيىرى مەزمۇنىنىڭ گەۋدىلىك ئىكەنلىكى، ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ خېلى يۈكسەلگەنلىكىنى مەلۇم تەرەپتىن نامايەن قىلىدۇ.

مۇشۇ دەۋرگە تەئەللۇق بولغان ئاتساڭ ناملىق، بۇددا مۇھىتىدا يېتىشكەن شائىرنىڭ شېئىرىدىمۇ بۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن، «ئون ساۋابلىق ئىشقا مەدھىيە» ماۋزۇسى ئاستىدا بىزگە مەلۇم بولغان شېئىرنىڭ بىر كۇپلېتىدا:

ئەسلىسى:

ئاياغۇلۇغ ئۇغۇمۇز بىرەر تۇشلاردا

ئادىنلارنىڭ ئاسىغى ئۈچۈن كۈئۈكەلىگ ئۈزە

ئانچۇلايۇ قالتى سۇمۇر تاغلار قانى تەگ

ئايى ئۇلۇغ ئارتۇق كۆركلە ئەتئۆز بەلگۈردۇر

ئازۇ يىمەن ئول قاڭىمىز باغلاشىنۇ

ئامرىلىپ ئىنچ تەررە مەدىن ئولۇمىش ئۆدتە

ئارىتى نەك سىمەكسىزىن ئالقۇتىن سىڭار

ئاڭسىز ئۆكۈش ئۇلۇشلاردا تولۇ كۆزۈنۇر.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇلۇشى:

ھۆرمەتلىك پاسىبانىمىز كارامىتىنى كۆرسىتىپ،

باشقىلار ئۈچۈن بەخت ئىزلىگەندە،

گويا ئاسمانغا تاقاشقان سۇمۇر تېغىدەك،

بەستلىك ۋە قامەتلىك تۇرقىنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە ئۇ ئاتىمىز شۈك ۋە جىمجىت

چازا قۇرۇپ تەۋرىمەي ئولتۇرغىنىدا،

ئۇنى ھەر تەرەپتىن ئىزلەش ھاجەتسىز،

ئۇ ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئالدىدا كۆرۈنىدۇ (13).

مانا بۇ سەككىز مىسرالىق ئۇزۇن بىر كۇپلېت شېئىرنىڭ ئالدىنقى تۆت مىسراسىدا شائىر ئۆزى مەدھىيلىمەكچى بولغان ئوبيېكتىنىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلەشتە ناھايىتى چىرايلىق ئوخشىتىشلارنى قوللانغانلىقى ئۈچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. دېمەك، يۇقىرىقى شائىرلارنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ناھايىتى يېتۈك شائىرلاردىن ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرسەك، خۇددى بىر تامچە سۇدىمۇ كۈننىڭ ئەكسىنى كۆزگىنىمىزدەك، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات شېئىرىيەت ژانىرىنىڭ خېلى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز. ئەپسۇسكى، بۇ دەۋرگە تەئەللۇق يازما يادىكارلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىشى نەتىجىسىدە، قولىمىزدا يېتەرلىك بىرىنچى قول ماتېرىيالنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك، ئەينى دەۋر شېئىرىيىتى توغرىسىدا مۇكەممەل ۋە سىستېمىلىق بولغان تەتقىقات يولىدا مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچرايمىز. ھالبۇكى، بۇ دەۋرگە خاس بولغان ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرى ئۈستىدىمۇ سۆز ئېچىشمۇ تەسكە چۈشىدۇ.

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى شېئىرىيەت ھەققىدىكى بايانىمىزنىڭ ئاخىرىدا دىققەتكە سۇنۇشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە باركى، ئۇ بولسىمۇ، بۇ دەۋر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ھەر قايسى دىنىي مۇھىتتا يېتىشكەن، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلار ئارا ئەدەبىي ئېقىم شەكىللەنگەنمۇ – يۇق، دېگەن مەسىلە. «چۈنكى ئۇيغۇرلار ئاشۇ خانلىق دائىرىسىدىكى رايونلارغا ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن شامان دىنى بىلەن مانى دىنىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ دىنلار بىر خىل ئىدىيىۋى سىستېما بولۇش سۈپىتىدە، مۇقەررەر يوسۇندا، بۇددا دىنى بىلەن تىركەشكەن» ئىدى (14). ھالبۇكى، بىزگە مىراس بولۇپ قالغان ئەينى دەۋر شېئىرلىرىدىمۇ دىنىي مەزمۇن مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھەر قايسى دىنىي مۇھىتتا يېتىشكەن شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىننى ۋە بۇنىڭغا تەئەللۇق بولغان تەلىمات، كۆز قاراشلارنى، ئەقىدىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشقان. شۇنىڭدەك، بۇ دەۋر شېئىرلىرى ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەن كىشى مەزمۇن، شەكىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتلەردە مەلۇم ئۆزگىچىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ. دېمەك، بۇ مەسىلىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ ئىدىقۇت قىسمىغا تەئەللۇق بۆلىكى تەتقىقاتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىش زۆرۈرلۈكىنى تونۇتىدۇ.

ئاخىرقى سۆز شۇكى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە خاس بولغان يەرلىك مىللىي يازما ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت ئاساس قىلىنسا، يۇقىرىقى مۇلاھىزىمىز ھەرگىزمۇ ئورۇنسىز ھېسابلانمايدۇ.

–––––––––––––––––––––––––––––––

(1) ھۈسەيىن نامىق ئورقۇن: «قەدىمكى تۈرك ۋەسىقىلىرى» تۈركچە، 1938– يىل، ئىستانبۇل، دۆلەت نەشرىياتى نەشرى، 71– بەت.

(2) «بۇلاق» 1980– يىل 1– سان 174– بەتكە قارالسۇن.

(3) «لىيۇدىۋىگ فېييېرباج ۋە نېمىس كلاسسىك پەلسەپىسىنىڭ ئاخىرى» — «ماركس، ئېنگېلس، لېنىن، ستالىن، ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما» (پەلسەپە قىسمى)، ئۇيغۇرچە مىللەتلەر نەشرىياتى، 99–، 100– بەتلەر.

(4) «ئېنگېلسنىڭ ماركسقا خېتى» (1882– يىل 12– ئاينىڭ 8 – كۈنى) «ماكس، ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» خەنزۇچە، 53– توم، 121– بەت.

(5) گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپ: «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى — ئوغۇزنامە» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980– يىل نەشرى، 4– بەت.

(6) ئا. ۋ. گابائىن: «قارا قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى»، «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى» ئۇيغۇرچە، 1980– يىل 3– سان 69– بەت.

(7) گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپ: «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى — ئوغۇزنامە» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980– يىل 16–، 19– بەتلەرگە قارالسۇن.

(8) ۋاھىتجان غۇپۇر، ئەسقەر ھۈسەيىن: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى» ئۇيغۇرچە، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987– يىل نەشرى، 96– بەتكە قاراڭ.

(9) گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپ: «ئىدىقۇت پادىشاھلىقى دەۋرىدىكى شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر» — «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1981– يىل 2– سانى، 1– بەت.

(10) ئىبراھىم مۇتىئى: «بېزەكلىكتىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار ھەققىدە»، «ئاممىۋى مەدەنىيەت» ژۇرنىلى، ئۇيغۇرچە، 1981– يىل 4– سان، 16– بەت.

(11) بۇ شېئىرنى «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1981– يىل 2– سان 2– بېتىدىن كۆرۈڭ.

(12) بۇ شېئىرنىڭ ئەسلىسى ۋە تەرجىمىسىنى يولداش ئىبراھىم مۇتىئى «ئاممىۋى مەدەنىيەت» ژۇرنىلىنىڭ 1981– يىل 4– سانىدا ئېلان قىلدۇرغانىدى. بۇ كىتابقا ژۇرنالدىن نەقىل ئېلىندى.

(14) ليۇزىشاۋ: «ئۇيغۇر تارىخى»، ئۇيغۇرچە، بىرىنچى قىسىم، 272– بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987– يىل نەشرى.

================================

مەنبە: «ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، ئىسمائىل تۆمۈرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى


[بۇ يازمىنى 2007-09-04 08:44 PM دە «يالقۇنتاغ» تەھرىرلىگەن]
[ تېكستنىڭ فونت رەزمىرى: چوڭئوتتۇراكىچىك ]
نەقىلگە ئىشلىتىش ئادرېسى (0):
ئادرېسنى كۆچۈرۈش /trackback.asp?tbID=205

تۇرپان تەزكىرىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە

新ICP备10202342号-4

吾买尔江·沙塔尔 0991-8982843 ئۆمەرجان ساتتار

بېكىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى «شىنجاڭ تېزلىك تورى»  تەمىنلىگەن

Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.046875 second(s), 6 queries