باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2013 - 3 48
يدسچپجش
     12
3456789
10111213141516
17181920212223
24252627282930
31

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
قەدىمكى تۇرپان ئويمانلىقى ھەققىدە ئومۇمىي بايان تۇرپاندا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەر
1 تاش قوراللار دەۋرى  [2007-12-05]

1. ئومۇمىي بايان

ئىنسانلار جەمئىيىتى ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلغان زامانىۋى دەۋرگە قەدەم قويدى. دېمەك، تارىخ ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا بېسىپ ئۆتكەن ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي جەريانلارنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرىنىڭ قالدۇقى ھەم تارىخنى ئەمەلىي ماددىي ئىسپاتلار بىلەن ئىسپاتلىغۇچى ماددىي پاكىتلاردىن ئىبارەت.

ئىپتىدائىي جەمئىيەت — ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق داۋام قىلغان تارىخىي باسقۇچتۇر. ھازىرقى زامان پەن – تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىياتى 2–3 مىليون يىلدەك ۋاقتىنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئەجدادلىرىمىز بولغان مايمۇنسىمان ئادەملەر ئالدى بىلەن ئەمگەك قىلىشنى بىلگەن. ئۇلار ئەمگەك قىلغاندا دەسلەپتە ئالدى ئىككى پۇتىنى (كېيىنچە ئىككى قولىنى)، بولۇپمۇ ئوڭ پۇتىنى (كېيىنچە ئوڭ قولىنى) ئىشلەتكەن. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ پۇت قوللىرى بارغانسېرى يېڭى ئادەمنىڭ پۇت – قوللىرىنىڭ شەكلىگە يېقىنلاشقان. مايمۇنسىمان ئادەملەر بىلەن يېڭى ئادەملەرنىڭ ئۆز تېنىدىكى تەرەققىيات بىلەن ئىلگىرىلەشلەرنى سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ئادەمنىڭ مېڭىسىنىڭ ھەجىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1400 كۇب مىللىمېتىر كەلسە، مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ مېڭىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1069–1225 كۇب مىللىمېتىر، ئادەمسىمان مايمۇننىڭ بولسا، ئاران 415 گرام كەلگەن. يەنى مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ مېڭە ھەجىمى ئادەمسىمان مايمۇننىڭ مېڭە ھەجىمىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك يوغان ئىدى. (1) دېمەك، مايمۇنسىمان ئادەم ئەمگەك جەريانىدا مەيلى جىسمانىي ياكى ئەقلىي تەرەپتىن بولسۇن بارغانسېرى تاكامۇللىشىپ بارغان. يەنە بىر تەرەپتىن، مايمۇنسىمان ئادەمدە تىل پەيدا بولغان. شۇڭا، ف. ئېنگېلس: «ئالدى بىلەن ئەمگەك، كېيىن تىل بىلەن ئەمگەك قوشۇلۇپ ئىككىسى ئەڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالدى» (2) دەپ كۆرسەتكەن. دېمەك، مايمۇنسىمان ئادەملەر ئەمگەك جەريانىدا ئۆزئارا سۆزلىشىشنى ئۆگەنگەن. بۇ ھال ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا ئادەملەرنى ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مايمۇنسىمان ئادەملەر تاش قوراللارنى ئىشلەتكەن. ئۇلارنىڭ تاش قوراللىرى ئاساسەن كىۋارتىس، قۇم تاش، چاقماق تېشى قاتارلىق تاشلاردىن ياسالغان ئەڭ ئاددىي يونۇش، سوقۇش، يانجىش، قىرىش، تېشىش قوراللىرىدىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار بۇ خىل قوراللار ئارقىلىق ھەرخىل ئوزۇقلۇقلارنى تېپىپ يەيتتى ھەم ھايۋانلارنى ئوۋلايتتى.

مايمۇنسىمان ئادەملەر جەمئىيەتنىڭ تەدرىجىي – تەرەققىياتى داۋامىدا ئوت ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالغان. ف. ئېنگېلس ئوتنىڭ ئىشلىتىشى بولسا، «ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىرخىل تەبىئەت كۈچىنى بويسۇندۇرۇشى بولۇپ، ئىنسان ئاقىۋەت ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ، ھايۋانات دۇنياسىدىن ئايرىلىپ چىقتى» (3) دەپ كۆرسەتكەن. مايمۇنسىمان ئادەملەر ئوت ئىشلىتىشنى بىلگەندىن كېيىن ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ يەيدىغان، ھەرخىل سوغۇق ئاپەتلىرىدىن ساقلىنالايدىغان، ئورمانلارغا ئوت قويۇپ، ھەرخىل ھايۋانلارنى ئوۋلىيالايدىغان، شۇنداقلا ھەرخىل يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ۋەھىمىسىدىن ساقلىنالايدىغان بولدى. دېمەك ئىنسانلار ئوتنى ئىشلىتىشنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە تۇرار جاي شارائىتلىرىدا ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولغان. ئانتروپولوگلارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا بۇنىڭدىن 400 مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادەملىرى ئوت ئىشلىتىشكە باشلىغان (4).

تەخمىنەن بۇنىڭدىن 200 مىڭ يىل بۇرۇن، جۇڭگو مايمۇنسىمان ئادەملىرى تەدرىجىي قەدىمكى ئادەم باسقۇچىغا كىردى. بۇ باسقۇچتا ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ جىسمانىي قۇرۇلۇشى بارغانسېرى يېڭى ئادەملەرنىڭكىگە يېقىنلاشتى. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ باش سۆڭەكلىرى مايمۇنسىمان ئادەملەرنىڭ باش سۆڭەكلىرىدىن نېپىزلاشتى. قەدىمكى ئادەمنىڭ يۈز قۇرۇلۇشىدا ئېڭەك پەيدا بولدى، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى بىر قەدەر تاكامۇللاشتى. يەنى بۇ باسقۇچتا بەزى مۇرەككەپ تاش قوراللار مەيدانغا كەلگەندىن باشقا، يەنە ياغاچ قوراللار، سۆڭەك قوراللار ۋە تاش، سۆڭەكتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى مەيدانغا كەلدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە ئەڭ دەسلەپكى ئاددىي كۆكتات تېرىش ئىشلەپچىقىرىشى مەيدانغا كەلدى. (5) يىغىپ ئېيتقاندا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگو بولسا، ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ ئىنسانىيەت بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن. جۈملىدىن شۇ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. ئىلگىرىكىدەك تاغ ئۆڭكۈرلىرىدە ياشايدىغان قالاق تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، يەنى ئويۇپ، ياغاچ يېپىپ ياسىغان كەپە ئۆيلەردە ياكى ياغاچتىن ياسالغان ياغاچ ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولدى. جۈملىدىن بۇرۇنقىدەك داۋاملىق ئۇ يەر – بۇ يەرگە كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئەجدادلىرىمىز، مۇقىم ئولتۇراقلاشقان تۇرمۇشقا ئادەتلەندى. نەتىجىدە، دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىدى. بۇ پۈتكۈل ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ناھايىتى زور ئىلگىرىلەش بولدى. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يۈكسىلىشى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىنى ئالغا سۈردى، نەتىجىدە ھەرخىل مەدەنىيەتلەر يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتساق، قەدىمكى تۇرپان ئويمانلىقى يۇقىرىقىلاردىن مۇستەسنا ئەمەس.

2. تۇرپان ئويمانلىقىدىكى كونا تاش قورال ئىزلىرى (6)

تۇرپان ئويمانلىقى ۋەتىنىمىزنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنە شۇ يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەرگە تەۋە ھەر خىل – ھەر شەكىلدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنتايىن مول، شۇنداقلا ھەم كۆپ خىل مەزمۇنلارغا ئىگە. ئىپتىدائىي جەمئىيەت دەۋرىدە، ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئەمگىكى تاش قورال ياساشتىن باشلانغانىدى. تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى پائالىيەت نۇقتىلىرى — يەنە تاش قوراللارنى ياساش ئىش ئورۇنلىرى تاكى بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ يەردە ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي دەۋر مەدەنىيىتىگە تەۋە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

يارغول كونا تاش قورال ئىزى بۇنىڭ بىر ئەمەلىي مىسالى، يارغول كونا تاش قورال ئىزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5000000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ (ئېھتىمال بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن).

يارغول كونا تاش قورال ئىزى شۇنچە كەڭ دائىرە ئىچىگە تارقالغان بولۇپ، يەر يۈزىدىن ئانچە قىينالمايلا قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ھەر خىل شەكىلدىكى تاش قوراللارنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇ قەدىمكى ئىزغا تارقالغان تاش قوراللارنىڭ تۈرلىرى ئاساسەن تاش قورال ماتېرىيالى (تاش قوراللارنى ياساشتا مەخسۇس تاللانغان تاش ماتېرىيال) تاش مېغىز، تاش قىرغۇچى ئەسۋاب، تاش بۇرغىلاش قورالى، تاش ئويمىچىلىق قورالى، تاش ياپرىقى، تاش پىچاق، تاش بۆسۈش قورالى، ئۇچلۇق بۆسۈش قورالى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىپتىدائىي ئىزدىن تېپىلغان بۇ تاش قوراللار ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلىتىلگەن. تاش قوراللارنى كۆزىتىشتىن مەلۇم بولدىكى، بىز بۇ ئىزدىن يىغىۋالغان تاش قوراللارنىڭ زور كۆپ قىسمىدا ئىشلىتىلگەن ئىزلار بار. بۇ ئەھۋاللار بىزگە، بۇ قەدىمىي ئويمانلىقتا ئاشۇ يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ناھايىتى ئېنىق، ئەجدادلىرىمىز ھەم ئاشۇ تاش قوراللارنى ئىشلىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قالدۇرغان. بۇ تاش قوراللارنىڭ ھەممىسىلا تاشلارنى بىر – بىرىگە سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ناھايىتى قالاق ھەم ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا ياسالغان. تاش قوراللاردىكى بىر – بىرىگە ئۇرۇلغان زەربە بېرىش نۇقتىلىرى، ھۇجۇم قىلىش نۇقتىلىرى، بىر – بىرىگە سوقۇلغاندا قېپقالغان تەكشى نۇقتىلار بۇ تەھلىلىمىزنى ئىسپاتلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە، مەدەنىيەت يادىكارلىقى تەتقىقات ئورنىدىكى «تاش قورال دەۋرى مەدەنىيىتى» مۇتەخەسسىسلىرى 1995– يىلى 7– ئايدىن 11– ئايغىچە، كۆپ قېتىم يارغول قەدىمكى شەھىرىدە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ غەربىدىكى غولنىڭ 4– پەلەمپەي سۇپىسىدىن زور تۈركۈمدىكى ئۇرۇشتۇرۇپ ياسالغان تاش قوراللارنى يىغىۋالغان.

بۇ بىر تۈركۈم تاش قورال بۇيۇملىرىنىڭ تېپىلىشى تۇرپان ئويمانلىقىدا ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان تارىخىنى كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگىچە ئىلگىرى سۈردى. (7)

يارغول كونا تاش قورال ئىزىدىن يىغىۋېلىنغان تاش قوراللار ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپ، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بۇ تاش قوراللار ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.

1) تاش ياپرىقى ۋە تاش ياپراقچىسى

بۇ خىلدىكى تاش قوراللاردىن يىغىۋېلىنغىنى 176 دانە، بۇنىڭ ئىچىدە تاش ياپرىقى 143 پارچە. تاش ياپراقچىسى 33 دانە، بىر – ئىككى سانتىمېتىر كېلىدۇ. زور تۈركۈمدىكى تاش ياپرىقى ۋە تاش ياپراقچىلىرىدا ئىشلىتىلگەن ئىزلار بار. مەسىلەن، ئىشلىتىلگەن تاش ياپراقچىسىدىن 15 دانىسى بار ئىكەن. (8)

2) ئۇۋاقچە تاش ياپرىقى

ئۇلار تاش ياپرىقى ۋە ياپراقچىسىنىڭ پارچىلىرى، پارچە تاش ياپرىقىمۇ ياكى سىپتا تاش يوپۇرماقچىسىنىڭ ئۇۋىقىمۇ پەرق قىلغىلى بولمايدىغان بۇيۇملار، ئاساسىي گەۋدىسىدىن زەربە بېرىلگەن نۇقتىسىنى، زەربە بېرىلگەن ئورنىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان ئۇۋاق ياپراقلار. ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتىدىن چوڭ كىچىكلىك ھەجىمىنىمۇ توغرا ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. جەمئىي يىغىۋېلىنغىنى 141 پارچە.

3) ئۇۋاق تاش پارچىلىرى

ئۇۋاق تاش پارچىلىرى تاش ياپراقچىلارنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈش جەريانىدا قېپقالغان قوشۇمچە مەھسۇلاتلار بولۇپ، كۆپ بۈرجەك شەكىللىك كېرەكسىز ماددىلارغا ئايلىنىپ قالغان، بۇنىڭدىن 34 دانىسى يىغىۋېلىنغان. (9)

(1) تاش مېغىزى، 41 دانىسى يىغىۋېلىنغان.

(2) تەخسە شەكىلدىكى قىرغۇچى قورال، 10 دانە.

(3) ئويۇلغان پۇچۇق بۇيۇمدىن 5 دانە.

(4) ھەر شەكىللىك قورالدىن 11 دانە.

(5) ئۇچلۇق بۆسكۈچى قورالدىن 9 دانە.

(6) تۆشۈك ئويۇش (يەنى بۇرغىلاش قورالى) قورالىدىن 3 دانە.

(7) ئويمىچىلىق قورالىدىن 3 دانە.

(8) تاش جوتۇ 1 دانە.

(9) تەخسە شەكىلدىكى تاش پىچاقتىن 1 دانە.

(10) ئومۇرتقا چىقىرىلغان تاش ياپراقچىسى 2 دانە.

(11) تاش مېغىزى شەكىلدىكى قىرىش ئەسۋابىدىن 3 دانە.

(12) يۇنۇش قورالى 1 دانە.

(13) ئومۇملاشتۇرۇلغان، ئۇنىۋېرسال تاش قوراللار قاتارلىقلار. (10)

ئومۇملاشتۇرۇلغان ئۇنىۋېرسال تاش قوراللارنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۈرلىرى بار.

(1) ئويمىچىلىق قورالى — قىرغۇچى ئەسۋاب 1 دانە.

(2) ھەرە چىشى شەكىللىك قورال — چۆرىسى بىلەن قىرىش ئەسۋابى 1 دانە.

(3) ئويۇلغان كاۋاك قورال — ياقىسى بىلەن قىرغۇچى قورال 2 دانە.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە:

ئىككىنچى خىلدىكى مەدەنىيەت ساقلانمىلىرى (سىپتا تاش قورال ساقلانمىلىرى) جەمئىي 32 دانە.

1– تاش ياپرىقى 2 دانە.

بۇ خىلدىكى تاشتىن ياسالغان بۇيۇمنى 2– خىلدىكى مەدەنىيەت ساقلانمىسى دەپ ئايرىشىمىزدا ئۇلارنىڭ سىپتا تاش قوراللار بىلەن مۇناسىۋىتى بار، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا سىپتا تاش قوراللار مېغىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. (11)

2– سىپتا تاش مېغىزى، جەمئىي 30 دانە يىغىۋېلىنغان.

(1) بىگىز شەكىللىك سىپتا تاش مېغىزى 5 دانە.

(2) تۈۋرۈك شەكىللىك تاش مېغىزى 3 دانە.

(3) يېرىم تۈۋرۈك شەكىللىك — يۇققا تاختا شەكىللىك سىپتا تاش مېغىزى 5 دانە.

(4) تاختا پەن شەكىللىك تاش مېغىزىدىن 5 دانە.

(5) شەكىلسىز سىپتا تاش مېغىزى 12 دانە.

يۇقىرىدا بىز تونۇشتۇرغان ھەر خىل – ھەر شەكىلدىكى تاش قوراللار «يارغول كونا تاش قورال ئىزى»دىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يارغولنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش داۋامىدا يىغىۋېلىنغان بولۇپ، بۇ تاش قوراللارنىڭ دەۋرى، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ. (12)

按此在新窗口打开图片

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

按此在新窗口打开图片

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

按此在新窗口打开图片

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

按此在新窗口打开图片

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

按此在新窗口打开图片

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

按此在新窗口打开图片

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

按此在新窗口打开图片

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

3. پىچاق چىقتىمدىكى سەكسەن چاقىرىملىق چوڭتۇر كونا تاش قورال ئىزى

سەكسەن چاقىرىملىق چوڭتۇر كونا تاش قورال ئىزىمۇ 1996– يىلىدىكى بىر نۆۋەتلىك قىسقا مۇددەتلىك تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان. سەكسەن چاقىرىملىق چوڭتۇر ئەسلىدە 1988– يىلىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش داۋامىدا تەكشۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئەتراپىدىكى مۇھىت تەپسىلىي تەكشۈرۈلمىگەن.

سەكسەن چاقىرىملىق چوڭتۇر ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى نۇقتىسى بولۇپ، قىسقا مۇددەتلىك تەكشۈرۈش داۋامىدا، ئۆز ئەتراپىدا ياسىلىشى، شەكلى جەھەتتىن يارغول كونا تاش قورال ئىزىدىن تېپىلغان تاش قوراللارغا ئوخشاپ كېتىدىغان تاش قوراللاردىن خېلى كۆپ ساندا يىغىۋېلىندى.

بۇ تاش قورال ئىزىدىن تېپىلغان تاش قوراللارمۇ ئاساسەن يەر يۈزىدىن تېپىلغان بولۇپ، ئاساسلىق تۈرلەردىن تاش ماتېرىيالى، تاش مېغىزى، تاش پىچاق، تاش ياپرىقى، تاش قىرغۇچى قورال، تاش ياپراقچىسى شەكىللىك قورال قاتارلىق تۈرلەر بار بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى تەتقىقات ئورنىدىكى تاش قورال دەۋرى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ تاش قوراللار ھەققىدە تەھلىل تەتقىقات يۈرگۈزۈپ، تاش قوراللارغا بەرگەن باھاسىدا، پىچان ناھىيىسى تەۋەلىكىدىكى سەكسەن چاقىرىملىق چوڭتۇر تاش قورال ئىزىدىن تېپىلغان تاش قوراللارنىڭ ياسىلىش ئۇسلۇبى، تاش قورال شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە يارغول تاش قورال ئىزىدىن تېپىلغان تاش قوراللارغا ئوخشايدىكەن دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، پىچان سەكسەن چاقىرىملىق چوڭتۇر خارابىسىدىن تېپىلغان تاش قوراللارنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىنى كۆزىتىپ ھەم يارغول كونا تاش قورال ئىزىدىن تېپىلغان تاش قوراللار بىلەن تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ، بۇ ئىككى ئۇرۇندىكى تاش قوراللارنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاشكەن دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىككى ئورۇندىن تېپىلغان تاش قوراللارنىڭ شەكلىنىڭ ھەم ياسىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولۇشى بىزگە بۇ ئىككى ئورۇندىكى تاش قورال ئىزىنىڭ ئوخشاشلا بىر دەۋرگە يەنى كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە تەۋە ئىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئەگەر ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار شۇنداق بولسا، بۇ يەردە مۇشۇ مەدەنىيەتنى ياراتقان ئەجدادلىرىمىز يۇقىرىقى ئىككى ئورۇندىكى بۇ قەدىمىي ماكانلاردا ھېچ بولمىدى دېگەندىمۇ سەككىز – ئون مىڭ يىللاردىن ئىلگىرىلا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن ھەم ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىدا ھېچقانداق گۇمان تۇغۇلمايدۇ.

تارىخىي باسقۇچلارنى دەۋرگە ئايرىشتا ئادەتتە 10000 يىلدىن بۇرۇنقى ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت باسقۇچىدىكى ئىنسانلارنىڭ پائالىيەتلىرىدە «كونا تاش قورال دەۋرىگە مەنسۇپ» دەپ ئايرىلىدۇ. 10000 يىلدىن كېيىنكىسى يېڭى تاش قوراللار دەۋرى دەپ ئايرىلىدۇ.

كونا تاش قوراللار دەۋرى بىلەن تېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ گەۋدىلىك پەرقى شۇ يەردىكى: كونا تاش قورال دەۋرىدە ياشىغان ئەجدادلىرىمىز تاشلارنى بىر – بىرىگە ئۇرۇشتۇرۇپ شۇ ئۇرۇشتۇرۇشلاردىن چاچراپ چىققان تاشلارنى تەبىئىي ھالىتىدە ئىشلەتكەن، چاچراپ چىققان ھەر خىل تاشلارنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەشنى بىلمىگەن قانداق شەكىلدە بولسا شۇ شەكلى بويىچىلا ئىشلەتكەن.

يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە بولسا، ئىنسانلار تاشلارنى بىر – بىرىگە سۈركەپ، يىرىك – قوپال ھالىتىنى سىلىق، سىپايىلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەردە قۇلايلىقلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن. تاش قوراللارغا بېسىپ چىقىرىپ ئىشلىتىشنى بىلگەن. نەتىجىدە ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، بۇ تەرەققىياتلارنىڭ نەتىجىسىدە پۈتكۈل جەمئىيەت زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن. تەخمىنەن كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدىن تاكى بۇنىڭدىن سەككىز – ئون مىڭ يىللار بۇرۇنقى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگىچە بولغان بۇ يىراق قەدىمكى زاماندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ چوقۇش – يۇنۇش ئۇسۇلى بىلەن قوپال – يىرىك تاش قوراللارنى ياساپ ئىشلىتىشتىن تەرەققىي قىلىپ، كۆپ مىقداردا سىپتا – سىلىق ئەپچىل، قۇلايلىق تاش قوراللارنى ياساپ ئىشلىتىدىغان بولغان. بۇ تەرەققىيات يالغۇز ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن. شۇڭا ئۇ نەرسىلەر بىر خىل ئىپتىدائىي ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىراق قەدىمكى زاماندا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى زامان مەدەنىيەت تارىخىنىڭ مۇقەددىمىسىنى يازغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. (13)

يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئەجدادلىرىمىز يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ مەلۇم مەزگىلىگە كەلگەندە، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەر خىل – ھەر شەكىلدىكى ساپال قاچىلارنى ياساپ ئىشلەتكەن، ئىنسانلارنىڭ يېڭى تاش قورال مەدەنىيىتى دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى، مەيلى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى جەھەتتىن بولسۇن ياكى جەمئىيەت تەرەققىياتى جەھەتتىن بولسۇن، يېڭى بىر سەكرەش دەۋرىگە، شۇنداقلا ناھايىتى زور بىر تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ نامايەندىسى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋامىدا، تۇرپان ئويمانلىقى تەۋەلىكىدىن تېپىلغان ھەر قانداق بىر تاش قورال ئىزى ھامان يېڭى تاش قورال مەدەنىيىتىنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلىگە تەۋە دېگەن كۆز قاراش بىلەنلا بېكىتىلەتتى.

1995– يىلى 7– ئايدىن 11– ئايغىچە، جۇڭگو، ياپونىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يارغول قەدىمكى شەھىرىنى قوغداش، رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل، شىن كەيدىڭ، جاڭ چۇەن، يۈ يىڭجۈن قاتارلىق يولداشلار كۆپ قېتىم يارغول قەدىمكى شەھىرىدە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. تەكشۈرۈش، تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، بۇ ئىزنى «كونا تاش قوراللار» دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە تەۋە قەدىمكى ئىز دەپ بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن، تۇرپان ئويمانلىقىدىمۇ «كونا تاش قورال» دەۋرىگە تەۋە ئىزلارنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى ھەم تۇرپان ئويمانلىقىدا «كونا تاش قورال» دەۋرىنىڭ «ئىز» «قالدۇقى» بولماسلىقتەك ئەھۋاللارغا ئۈزۈل – كېسىل خاتىمە بېرىلدى. جۈملىدىن ئىنسانلار كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن تارتىپلا بۇ ئويمان ۋادىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى ماكانىنى گۈللەندۈرگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ كونا تاش قوراللار مەدەنىيىتى دەۋرىدىن يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئۆتۈشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتىدىكى ناھايىتى زور بۈيۈك يۈكسىلىش ھېسابلىنىدۇ، بۇ يۈكسىلىش ئەجدادلىرىمىزنىڭ يېڭىلىققا كۆچۈش دەۋرىدۇر.

يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك، تۇرپان ئويمانلىقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىراق قەدىمكى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن تارتىپلا پائالىيەت ئېلىپ بارغان، ياشىغان، ئاۋۇغان ماكانلىرىنىڭ بىرى بولغانىكەن، ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن كونا تاش قورال دەۋرىگە تەۋە ئىزلار خېلى كۆپ ئورۇنلاردا بولۇشى تەبىئىي، بىز پەقەت يۇقىرىقى ئىككى ئورۇننىلا تونۇشتۇردۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئارخېئولوگىيە خىزمىتى داۋامىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي مەدەنىيەت دەۋرىگە تەرە ئىزلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئورۇنلاردىن تېپىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم بۇ خىل ئەھۋاللار بۇنىڭدىن كېيىنكى ئارخېئولوگىيىلىك خىزمەتلەر داۋامىدا ئېنىقلانغۇسى ۋە داۋاملىق ھەل بولغۇسى.

按此在新窗口打开图片

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

按此在新窗口打开图片

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

按此在新窗口打开图片

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

按此在新窗口打开图片

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

按此在新窗口打开图片

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

按此在新窗口打开图片

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

4. تۇرپان رايونىدىكى يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزلىرى

ئازادلىقتىن كېيىن، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى تۇرپان ئويمانلىقىدا ئارخېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا، خېلى كۆپ ئورۇندا يېڭى تاش قورال دەۋرىگە ئائىت ئىپتىدائىي ئىزلارنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىدى. بۇ ئىزلارنىڭ ئېنىقلىنىشى تۇرپان رايونىدا ئىشلەنگەن ئارخېئولوگىيىلىك خىزمەتتە قولغا كەلگەن مۇھىم، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ بىرى، تۇرپان رايونىنىڭ يىراق قەدىمكى زامان تارىخىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان قىممەتلىك تارىخىي پاكىت ھېسابلىنىدۇ. مەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ئاساسىدا تۇرپان رايونىدا بايقالغان يېڭى تاش قورال ئىزلىرى توغرۇلۇق بەزى قاراشلىرىمنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.

1) ئاستانە يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزى

ئاستانە يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىدىن 37 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھازىرقى ئاستانە يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا، ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، بۇ قەدىمكى ئىزنى ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە ئەترىتى 1959– يىل 10– ئايدىن 1960– يىلى 6– ئايغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم تەكشۈردى، 1988– يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئەترىتى يەنە بىر نۆۋەت تەكشۈردى. بۇ تۆت قېتىملىق تەكشۈرۈش داۋامىدا ئارخېئولوگىيە خادىملىرى بۇ قەدىمكى ئىزدىن 800 پارچىغا يېقىن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق بۇيۇمىنى يىغىۋالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە تاش ئورغاق، تاش پالتا، تاش پىچاق، تاش ياپرىقى، تاش ئۇرچۇق، تاش قىرغۇچ، تاش ئوق ئۇچى قاتارلىق تاشتىن ياسالغان بۇيۇم ۋە ئۇستىخاندىن ياسالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بار. بۇ مەدەنىيەت ئىزىدىن تېپىلغان تاش قوراللار دەۋر جەھەتتە يېڭى تاش قورال دەۋرىگە تەئەللۇق، بۇ تاش قوراللار بىلەن بىرگە يەنە شەكلى، رەڭ – نەقىشلىرى، ئىشلىتىش ئورنى، تۈرى جەھەتلەردە بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ساپالدىن ئىشلەنگەن خېلى كۆپ مىقداردىكى ساپال تۇرمۇش بۇيۇملىرى تېپىلغان، رەڭلىك ساپال بۇيۇملار ئاساسەن قىزىل رەڭلىك ساپال بۇيۇمغا قارا رەڭدە گۈل چېكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياسالغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ، بۇ يەردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەينى ۋاقىتتا بۇ رايوندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ بۇ رايوننىڭ شەرت – شارائىتىغا لايىقلىشىپ تىرىكچىلىك قىلغانلىقى، ئاشۇ دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا يارىشا، تاشتىن، ئۇستىخاندىن ۋە ساپاللاردىن كېرەكلىك بۇيۇملار ياساپ خېلى تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

2) يارغول يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزى

يارغول يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزى — تۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىدە بولۇپ، تۇرپان شەھىرىگە تەخمىنەن 15 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ قەدىمكى ئىز يار ئاغزى غولىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى ئۈچ غول ۋە تۆت غول دەپ ئاتىلىدىغان غوللارنىڭ ئارىلىقىدىكى تۈزلەڭلىكتە، بۇ قەدىمىي ئىزلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 1000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇ ئىزدىن تېپىلغان تاش قوراللار تۈز جەھەتتىن ئاساسەن ئۇچلۇق بۆسۈش قورالى، تاش قىرغۇچ، تاش ياپرىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

3) پارچە شاغال يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزى

پارچە شاغال قەدىمكى ئىزى — تۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە، يەنى تۇرپان – ئۈرۈمچى تاشيولى بويىدا، بۇ ئىزنى تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى 1985– يىلى 4–، 7– ئايلاردا ئىككى نۆۋەت تەكشۈردى، تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇ ئىزدىن نۇرغۇن مىقداردا ھەر خىل تاش قوراللار يىغىۋېلىنغان. بۇ بۇيۇملار، بۇ ئىزدىن تېپىلغان تاش قوراللار ئىچىدە تاشنى بىر – بىرىگە سۈركەپ بىلەش ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىلغان، كۆپ قېتىم پىششىقلانغان، خېلى نەپىس ئىشلەنگەن تاش پالتا بار، بۇنىڭدىن باشقا تاش توپ (سالغا ئوقى)، يارغۇنچاق تېشى، تاش ياپرىقى قاتارلىق بۇيۇملار بار. بۇ تاش قوراللار ئىچىدە سىرتىغا قارا رەڭدە نەقىش چېكىلگەن، قىزىل لايدا ياسالغان ساپال قاچا، قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل لايدىن ياسالغان ساپال قاچا، يىرىك ساپال قاچا، ساپال كۇب، يالاڭ قۇلاقلىق ساپال كومزەك، كىچىك تىپتىكى قورساقلىق ساپال كومزەك قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.

4) سۇ بېشى يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزى

سۇ بېشى قەدىمكى ئىزى — تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىدە، پىچان ناھىيىسى تۇيۇق يېزىسى سۇ بېشى مەھەللىسى تەۋەسىدە، تۇرپان شەھىرىدىن تەخمىنەن 50–60 كىلومېتىر يىراقلىقتا، بۇ قەدىمكى ئىزنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 1000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئىزدىن كۆپلىگەن تاش قوراللار تېپىلدى. تاش قوراللارنىڭ تۈرى ۋە شەكلى جەھەتتىن، چوڭ تىپتىكى چاسا يارغۇنچاق تېشى، بىلەي تېشى، تاش پالتا، تاش ياپراقلىرىدىن ئىشلەنگەن تاش قوراللار بار. تاش قوراللار بىلەن بىرگە يەنە نۇرغۇن ساپال قاچا ۋە ساپال پۇچۇقلىرى تېپىلدى.

5) ئايدىڭكۆل يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزى

ئايدىڭكۆل يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزىمۇ يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزلىرىغا ئوخشاشلا تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان قەدىمكى خەلقلەردىن قېپقالغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى، ئايدىڭكۆل يېڭى تاش قورال ئىزىدىن تاش پالتا، تاش قىرغۇچ قاتارلىقلار تېپىلدى، ئۇلار بىلەن بىللە تېپىلغان ساپال قاچىلار تۈر ۋە سۈپەت جەھەتتە چوڭ – كىچىك، سىپتا ۋە يىرىك قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ساپال قاچىلارنىڭ ئىچىدە، سۇس قىزىل رەڭلىك ساپالغا قارا رەڭدە گۈل نەقىشلەنگەن ساپال ئىۋرىق، گىرۋىكىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە گۈل نەقىشلەنگەن ساپال كومزەك قورساقلىق ساپال كومزەك قاتارلىق بۇيۇملار بار.

6) كۆجەي يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزى

كۆجەي يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزى — توقسۇن ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىي تەرىپىدە بولۇپ، توقسۇن بازىرى بىلەن ئارىلىقى 64 كىلومېتىر، تاش قورال مەدەنىيەت ئىزىنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان كۆلىمى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىشىمىزچە تەخمىنەن 300 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ مەدەنىيەت ئىزى ئاساسەن بۇزۇلغان. تاش قورال مەدەنىيەت ئىزىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە ئۆيلەر سېلىنغان، يەرلەر ئۆزلەشتۈرۈلگەن. تاش قورال مەدەنىيەت ئىزىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئوتلاقلىق، ئوتلاقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن زۇمرەتتەك بۇلاق سۈيى ئۇزۈلمەي ئېقىپ تۇرىدۇ، بۇنداق ياخشى شارائىت قەدىمكى كىشىلەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى ئوبدان ئىمكانىيەت بىلەن تەمىن ئەتكەن.

7) ئويمانبۇلاق تاش قورال ئىزى

ئويمانبۇلاق تاش قورال ئىزى، توقسۇن ناھىيىسى تەۋەلىكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىزى — خارابىلىرىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا يېڭىدىن بايقالغان تاش قورال دەۋرىگە تەۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قەدىمكى ئىزى. ئويمانبۇلاق تاش قورال دەۋرىگە تەۋە مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ تارقالغان ئورنى توقسۇن ناھىيىسى تەۋەلىكىدىكى بۇغان ئوت تۇرى خارابىلىكىنىڭ ئەتراپىدا، جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن ئېيتقاندا غول بويى يېزىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە، شەرقىي مېردىئان 88 گرادۇس 41 مىنۇتقا توغرا كېلىدۇ، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 52 مىنۇتقا توغرا كېلىدۇ. ئويمانبۇلاق يېڭى تاش قورال ئىزى جايلاشقان يەرنىڭ تەبىئىي يەر شارائىتىدىن ئېيتقاندا تاش قورال ئىزىنىڭ شەرقىي تەرىپىنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ خارابىلىكنىڭ ئورنى ئەسلىدە سۇنىڭ ئېقىشى بىلەن دۆۋىلىنىپ شەكىللەنگەن تۈزلەڭلىك بەلۋاغ تۈزلەڭلىكنىڭ يېنىدا بىر قەدىمكى دەريا ئېقىنى بولۇپ، بۇنى يەرلىك ئاھالىلەر «توقسۇن دەرياسى» دەپ ئاتاشقان.

ئويمانبۇلاق يېڭى تاش قورال ئىزىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا بۇ ئىزدىن بىر قىسىم تاش قورال ئەۋرىشكىلىرى، يەنە بىر قىسىم قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان كۈل رەڭ ساپال ۋە قىزىل ساپال ئەۋرىشكىلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقى بۇيۇملىرى تېپىلغان. قەدىمكى ئىزدىن تېپىلغان تاش قوراللار گەرچە ئاز بولسىمۇ بىگىز شەكىللىك تاش قورال ۋە تاش ياپراقلاردىن ياسالغان قوراللار دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ.

بۇ خارابىلىكتىن تېپىلغان تاش قوراللار ياسىلىش جەھەتتە باشقا يەرلەردىن تېپىلغان تاش قوراللاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. تاش قوراللار ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن كۆڭۈل قويۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن.

8) تاشقىنئېرىق تاش قورال ئىزى

تاشقىنئېرىق تاش قورال ئىزى پىچان ناھىيە تەۋەلىكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى قەدىمكى ئىز خارابىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش داۋامىدا يېڭىدىن بايقالغان يەنە بىر مەدەنىيەت يادىكارلىق نۇقتىسى، تاشقىنئېرىق تاش قورال ئىزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن ئېيتقاندا شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇس 38 مىنۇت 47 سېكۇنتقا توغرا كېلىدۇ، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 43 مىنۇت 49 سېكۇنتقا توغرا كېلىدۇ. تەبىئىي يەر شارائىتىدىن ئېيتقاندا ئىزنىڭ شەرقىي تەرىپىدە قەدىمكى ئېقىن ئىزى بار. يېقىن ئەتراپتىكى ئۈچكۆۋرۈك مەھەللىسىگە (سەنگىچاۋ) بارىدىغان يېزا ھارۋا يولى قەدىمكى ئىزنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ قەدىمكى ئىزنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 600000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

تەكشۈرۈش داۋامىدا بۇ قەدىمكى ئىزدىن يۇمۇلاق شەكىلدىكى تاش مېغىزى، تاش ياپرىقى ۋە باشقا شەكىلدىكى تاش قوراللارنىڭ بارلىقى بايقالغان، تاش قوراللار بىلەن بىرگە يەنە خېلى كۆپ ساندىكى قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل رەڭلىك ساپال پۇچۇقلىرى بارلىقى مەلۇم بولغان.

9) ئاقتېرەك تاش قورال ئىزى

ئاقتېرەك تاش قورال ئىزى پىچان ناھىيىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى قەدىمكى ئىزلىرى تەكشۈرۈش داۋامىدا يېڭىدىن بايقالغان نۇقتا، ئىپتىدائىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىق نۇقتىسى، ئاقتېرەك تاش قورال ئىزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، شەرقىي مېردىئان 90 گرادۇس 11 مىنۇت 15 سېكۇنتتىن 16 سېكۇنتقىچە توغرا كېلىدۇ. شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 50 مىنۇت 4 سېكۇنتتىن 5 سېكۇنتقىچە توغرا كېلىدۇ. تەبىئىي يەر شارائىتى قەدىمكى ئىزنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي تەرەپلىرى قۇم تاغ بىلەن قورشالغان، غەربىي شىمالىي تەرەپلىرىدە كىچىك بىر دەريا بار، بۇ دەريا ھازىرمۇ يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن ئاقتېرەك دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاقتېرەك تاش قورال ئىزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 400000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ كەڭ دائىرە ئىچىدىن تاش قوراللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ قەدىمكى ئىزدىن قۇش قانىتى شەكىللىك تاش قوراللار، يەنە تاش ياپراقلىرى قاتارلىق تاش قوراللارنىڭ بارلىقى بايقالغان. تەكشۈرۈش داۋامىدا بۇ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئىزدىن 60 پارچىغا يېقىن تاش قورال يىغىۋېلىنغان. تاش قوراللارنىڭ ماتېرىيالى قورام تاش ۋە قىيا تاشلاردىن تەركىب تاپقان، تاش قوراللار ئىچىدىكى ياپراقچە تاش قوراللاردا 2– قەدىمدىن قايتىلاپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئىزلارنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان، پىششىقلاش ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ ۋە مۇكەممەل تاش قوراللارنىڭ بەزىلىرى قوش بىسلىق، بەزىلىرى يالاڭ بىسلىق، بۇ قەدىمكى ئىزدىن تاش قوراللار بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل رەڭلىك ساپال پارچىلىرىنىڭمۇ بارلىقى بايقالغان. دېمەك، بۇ تاش قوراللاردا شىنجاڭ تاش قورال دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك بولۇپ، ئىلگىرىكى دەۋرلەرنىڭ قالدۇقى ئىكەنلىكىدە شەك يوق.

10) قىزىلقۇم تاش قورال ئىزى

قىزىلقۇم تاش قورال ئىزىمۇ پىچان ناھىيە تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى قەدىمكى ئىز – خارابىلەرنى تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان يېڭى نۇقتىلارنىڭ بىرى، قىزىلقۇم تاش قورال ئىزى، قىزىلقۇم ئۆستىڭىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى تەبىئىي شەكىللەنگەن ئېگىزلىككە تارقالغان. قەدىمكى ئىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇس 54 مىنۇت 3 سېكۇنتقا توغرا كېلىدۇ. شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 50 مىنۇت 58 سېكۇنتقا توغرا كېلىدۇ.

قىزىلقۇم تاش قورال ئىزىنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن كۆلىمى 200000 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە ئىنسانلار تەرىپىدىن تاشلارنى بىر – بىرىگە ئۇرۇپ ياسالغان سۈپەتسىز تاش ياپراقلىرى ناھايىتى كۆپ تارقالغانلىقىنى بايقىدۇق. بەلكىم بۇ يەر ئېھتىمال ئەجدادلىرىمىزنىڭ تاش قوراللارنى مەخسۇس پىششىقلاپ ئىشلەش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن، قەدىمكى ئىزدىن يىغىۋېلىنغان تاش قوراللار ئازراق، بىراق تاش قوراللارنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭرەك بولغان.

يىغىۋېلىنغان تاش قوراللار ئىچىدە بىر قىسىم تاش ياپراقلىرى، پىششىقلانغان ياپراقچە تاش قوراللار، تاش مېغىزى قاتارلىق تاش قوراللار بار، تاش قوراللار بىلەن بىرگە يەنە قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل قوڭۇر رەڭلىك ساپال پۇچۇقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار، تاش قوراللار ئىچىدە يەنە بەزىبىر گېئومېتىرىك شەكىلگە كەلتۈرۈپ ياسىغان ئەنئەنىۋى تاش قوراللارمۇ بار.

11) ئاسقال مەھەللە تاش قورال ئىزى

ئاسقال مەھەللە تاش قورال ئىزى يۇقىرىقىغا ئوخشاشلا پىچان ناھىيە تەۋەلىكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى قەدىمكى ئىز خارابىلىرىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا تېپىلغان يېڭى مەدەنىيەت يادىكارلىقى نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ئاسقال مەھەللە تاش قورال مەدەنىيەت ئىزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن ئېيتقاندا شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇس 39 مىنۇت 21 سېكۇنتتىن 22 سېكۇنتقىچە توغرا كېلىدۇ، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 47 مىنۇت 34 سېكۇنتتىن 35 سېكۇنتقىچە توغرا كېلىدۇ. ئاسقال مەھەللە تاش قورال مەدەنىيەت ئىزىنىڭ تەبىئىي يەر شەكلى جەھەتتىن ئېيتقاندا خارابىلىك تۇيۇق غولىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى كەلكۈن – قىيان سۇلىرى ئېقىتىپ كەلگەن ئېقىندى بارخانلىرى ئۈستىگە تارقالغان ئىزنىڭ شەرقىي تەرىپىدە تاشلاندۇق ئېتىزلىقلار بار. ئاسقال مەھەللە تاش قورال ئىزى بىلەن ياڭخى قەدىمكى قەبرىستانلىقى بىر ئورۇندا ساقلانغان. ئاسقال مەھەللە تاش قورال ئىزىنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن كۆلىمى 25000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

ئاسقال مەھەللە تاش قورال ئىزىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاش قوراللار، تاش ياپراقچىلىرى، ساپال پارچىلىرى، يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار، ياغاچ بۇيۇملار قاتارلىقلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بۇ يەردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلانغاندا، تاش قورال ئىزىنىڭ دەۋرى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئىلگىرىكى مەزگىلىگە توغرا كېلىدىغانلىقى مەلۇم، خارابىلىك قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان، ھازىرقى ئاشكارىلانغان قىسمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 25000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

12) ئىككىنچى كەنت تاش قورال ئىزى

ئىككىنچى كەنت تاش قورال ئىزى پىچان ناھىيە تەۋەلىكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى قەدىمكى ئىز خارابىلىرىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا ئېنىقلانغان يېڭى بىر نۇقتا. ئىككىنچى كەنت تاش قورال ئىزىنىڭ تەبىئىي شارائىتى قۇم بەلۋېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى ھىلال ئاي شەكلىدىكى قۇم دۆۋىسىنىڭ ئارىلىقىدا، قۇم دۆۋىسى قىرغاققا يېقىن، قۇم دۆۋىسى شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان. جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ بارغانسېرى ئېگىزلەپ سوزۇلغان بولۇپ، قۇم – بوران تەسىرىدىن داۋاملىق دەريانىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا سۈرۈلۈۋاتقان ھالەتتىن شەكىللەندۈرگەن. ئىككىنچى كەنت تاش قورال ئىزىنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن كۆلىمى تەخمىنەن 200000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. قەدىمكى ئىزنى قۇم بېسىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئومۇمىي كۆلىمىنى ئېنىق بىلگىلى بولمىدى. تاش قورال ئىزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقىي مېردىئان 90 گرادۇس 14 مىنۇت 1 سېكۇنتتىن 2 سېكۇنتقىچە توغرا كېلىدۇ، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 51 مىنۇتقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ قەدىمكى ئىزنى تەكشۈرۈش داۋامىدا قەدىمكى ئىزدىن تاش مېغىزى، تاش ياپرىقى، ساپال پۇچۇقى قاتارلىق خېلى كۆپ ساندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى تېپىلغان. تاش قورال ئىچىدە قوش بىسلىق قىرغۇچى ئەسۋاب بولۇپ، «ئوپال»دىن تېپىلغان سىپتا تاش قورال ئىزىدىن تېپىلغان تاش قوراللارنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى مەلۇم. بۇلار شىنجاڭنىڭ سىپتا تاش قورال مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى يېڭى ھەم مۇھىم ماتېرىياللار بولۇپلا قالماستىن، يەنە ناھايىتى بىر قىممەتلىك ئەمەلىي ماتېرىياللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

13) دىغار تاش قورال ئىزى

دىغار تاش قورال ئىزى پىچان ناھىيىسى تەۋەلىكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا يېڭى بايقالغان يەنە بىر تاش قورال مەدەنىيەت دەۋرى ئىزى. دىغار تاش قورال ئىزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇس 54 مىنۇت 48 سېكۇنتتىن 49 سېكۇنتقىچە توغرا كېلىدۇ، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 34 مىنۇت 13 سېكۇنتقا توغرا كېلىدۇ. دىغار تاش قورال ئىزىنىڭ تەبىئىي يەر شەكلى ئالاھىدىلىكى مەسىلىسىدە قەدىمكى ئىز قۇم تاغنىڭ غەربىي جەنۇبىي تەرەپ تاغ ئالدىدىن دىغار كەنتىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر نەچچە تەبىئىي كەنتلەرنىڭ ئارىلىقىدىكى سايلىققا تارقالغان. تاش قورال ئىزىنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن كۆلىمى ئۈچ كۋادرات كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە ھەر خىل تاش قوراللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، قەدىمكى ئىز بايقالغان يەرنىڭ قاتلىمىدىن بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى قەدىمكى ھايۋاناتلارنىڭ تاش قاتمىسى تېپىلغان.

تاش قورال ئىزىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا قايتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سىپتا تاش ياپرىقى، كەڭ شەكىللىك تاش ياپرىقى، ئۇچلۇق تاش ياپرىقى، يايسىمان كەڭ شەكىللىك تاش ياپرىقى يايسىمان بىسلىق قىرغۇچى ئەسۋاب بېشى، يۇمۇلاق تاش ياپرىقى، تاش مېغىزى قاتارلىق تاش قوراللاردىن خېلى نۇرغۇن ساندا تېپىلغان، تاش قوراللار ئىچىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يۇمۇلاق شەكىلدىكى تاش مېغىزى ۋە چوڭ تىپتىكى بىر قىسىم تاش قوراللار بار، تاش قوراللار ئىچىدىكى كەڭ ياسالغان ئالاھىدە تاش ياپرىقى، بۇ قەدىمكى ئىزدىن تېپىلغان ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە تاش قورال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، تاش قوراللار ئىچىدە يەنە بىگىز شەكىللىك تاش قوراللارمۇ بار. سىپتا تاش قوراللارنى ئاساس قىلغان ئىلگىرىكى زامان تاش قورال دەۋرىنىڭ قالدۇقى بار. بۇ يەردىن تېپىلغان ھايۋاناتلارنىڭ تاش قاتمىسى بىلەن تاش قوراللارنىڭ دەۋرى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالسا بۇ يەردىن تېپىلغان تاش قوراللارنىڭ دەۋرى 10000 يىلدىن ئاشىدۇ، بۇ قەدىمكى ئىزنىڭ دائىرىسى كەڭرەك بولۇپ، بىزنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ خىزمەت ئىشلىشىمىزگە، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشقا، تەتقىقاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

تۆۋەندە، يۇقىرىدا بىز تونۇشتۇرغان يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق قەدىمكى زاماندا ئۇ جايدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ – ئادىتى ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىپ كۆرەيلى.

بىز تۇرپاندىكى يېڭى تاش قورال دەۋرىگە تەۋە قەدىمكى ئىزلاردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق قەدىمكى زاماندا شۇ جايدا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ – ئادىتى، تۇرمۇش شارائىتى، تۇرمۇش سەۋىيىسىگە دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆردۇق. ساپالدا ئىشلەنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سىرتىغا نەقىش قىلىنغان گۈل نۇسخىلىرى ئىزدىنىش مەنبەسى بولدى. ئىزدىنىشتە شىمالدىن جەنۇبقا، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان دائىرىدىكى ئىزلاردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھەرقايسى جەھەتتىن بىر – بىرى بىلەن سېلىشتۇردۇق، شۇ ئارقىلىق ھەرقايسى قەدىمكى ئىزلاردىن تېپىلغان تۈرلۈك بۇيۇملار بۇ يەردە ياشىغان قەدىمكى قەبىلىلەر تەرىپىدىن ئۆزلىرىنىڭ ياشىغان مۇھىتىغا ئاساسەن ئىجاد قىلىنغانلىقى ۋە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلدۇق.

قەدىمكى ئىزلاردىن تېپىلغان ساپال قاچىلارنىڭ سىرتىغا نەقىشلەنگەن گۈل نۇسخىلىرىنى يەرلىك ئاھالىلەر ئۆزلىرى ياشىغان دەۋردىكى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان تەبىئىي شەكىللەرنى تەتبىق قىلىش، ئۆزگەرتىپ سىزىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارغان. گۈل نۇسخىلىرىدىكى بەزى شەكىللەر بىر قارىسا دولقۇنلاۋاتقاندەك دېڭىز سۈيىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرسە، تېخىمۇ ئىنچىكە كۆزەتكەندە بۇلۇت توپىغىمۇ ئوخشايدۇ.

بەزى ساپال بۇيۇملاردىكى نەقىش شەكىللىرى بالىلار كىيىمىدىكى گۈل نۇسخىسىنىڭ شەكىللىرىگە ئوخشايدۇ.

ئاستانە يېڭى تاش قورال مەدەنىيىتى ئىزىدىن تېپىلغان تاش قورال ھەققىدە ئىزدەنگەندە، بۇ تاش قوراللار ئىپادىلىگەن مەدەنىيەت شەكلى ئاساسەن ئولتۇراق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان، باشقا كەسىپلەرنى قوشۇمچە قىلغان قەبىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە باشقا پائالىيەتلىرىنى، شۇنداقلا تۇرمۇش ئۆرپ – ئادىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يەردىن تېپىلغان ساپال قاچىلارنىڭ شەكلى ۋە گۈل نۇسخىلىرى ئاساسەن ئولتۇراقلاشقان تۇرمۇش شەكلى ۋە سەنئەت شەكلىنى ئىپادىلەيدىغان گۈل نۇسخىلىرى بولۇپ، كۆپرەك قوللىنىلغان گۈل نۇسخىلىرى تۈگۈمچەك گۈل نۇسخىسى، پۈكلىمە سىزىقلىق گۈل نۇسخىسى، چاپراس قىلىپ تىك ۋە يانتۇ سىزىلغان گۈل نۇسخىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەينى زاماندا ياشىغان يەرلىك ئاھالىلەر تۇرپان رايونىدا توقۇمچىلىق ئىشلىرىنى ناھايىتى تەرەققىي قىلدۇرغانىدى، توقۇمىچىلىق ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ھەرخىل كۆركەم ۋە چىرايلىق گۈل نۇسخىلىرىنى ئىجاد قىلغان ھەم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرغان، مۇكەممەللەشتۈرگەنىدى. ئۇلار ساپالچىلىق مەدەنىيىتىنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇ توقۇمىچىلىق سەنئىتىدە ئىشلەتكەن كۆركەم گۈل نۇسخىلىرىنى تاللاپ ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش – بۇيۇمى بولغان ساپال قاچىلارغا سىڭدۈرۈپ، ساپال قاچىلارنى بېزەشكە ئىشلەتكەن. بۇ دەل ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىپ، ئولتۇراق تۇرمۇشقا قەدىم قويغانلىقىنىڭ مەھسۇلى بولۇشى كېرەك.

يارغول تاش قورال ئىزىدىن تېپىلغان تاش قوراللارغا كەلسەك، بۇ تاش قوراللارمۇ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان چارۋىچىلىق بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللانغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ ئىزلاردىن تېپىلغان ساپال قاچىلاردىكى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىدىمۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ئەكس ئېتىدۇ.

پارچە شاغال قەدىمكى ئىزدىن تېپىلغان تاش قورال ۋە ساپال بۇيۇملارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يەردىن تېپىلغان بۇ تاش قوراللار ئاساسەن كۆچمە تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاپ قالغان، ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئەمدىلا قەدەم قويغان قەبىلىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ئىزدىن تېپىلغان تاش توپ «سالغا ئوقى» ئاساسەن ئەسلىدە ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدا مۇداپىئە خاراكتېرىدە ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم بىر قورالى ئىدى. تاش پالتا، تاش ئورغاق قاتارلىق بۇيۇملار ئەينى زاماندىكى چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم قوراللار بولۇپ، شۇ زامانلاردا ئورتاق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، بەزى ساپال بۇيۇملاردىكى گۈل نۇسخىلىرى گېئومېتىرىك شەكىللەرگە ئوخشىتىپ سىزىلغان. بەزى ساپال بۇيۇملاردىكى سۈرەتلەر يايلاقلاردا ئوتلاپ يۈرگەن چارۋا توپىغىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ بۇيۇملاردا چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان، دېھقانچىلىق ۋە باشقىلار قوشۇمچە قىلىنغان، تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت شەكلى گەۋدىلىكرەك.

سۇ بېشى يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزىدىن تېپىلغان تاش قوراللار ئىچىدە، ياپىلاق شەكىلدىكى سوزۇنچاق ئېگەرسىمان يارغۇنچاق تېشى، كىچىك تاش ياپرىقى، بىلەي تېشى قاتارلىقلار بار. بۇ ئىزلاردىن تېپىلغان ساپال بۇيۇملار ئاساسەن قىزىل رەڭلىك قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى ساپال ئېدىش، چوڭ ساپال كۇب، كومزەك، سىپتا ئىشلەنگەن سىلىق لايدا ياسالغان كىچىك تىپتىكى قورساقلىق كومزەك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ ئىزدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ياسىلىش ئالاھىدىلىكى، ئۇسلۇبى، شەكلى، ئىشلىتىش ئورنى، گۈل نۇسخىلىرىنىڭ ئىپادىلىگەن ئۆزگىچىلىكلىرى جەھەتلەردە ئاساسەن پارچە شاغال يېڭى تاش قورال ئىزىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئوخشاپراق كېتىدۇ. يەنى بۇلاردىكى ئاساسلىق مەدەنىيەت شەكلى چارۋىچىلىقنى ئاساس، دېھقانچىلىق قوشۇمچە قىلىنغان مەدەنىيەت شەكلىدىن ئىبارەت.

ئايدىڭكۆل يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزىدىن تېپىلغان تاش قورال ۋە ساپال بۇيۇملارغا كەلسەك، بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ياسىلىش شەكلى، ئالاھىدىلىكى، ئىشلىتىش ئورنى قاتارلىق بىر نەچچە تەرەپتىن قارىغاندا، ئۇ «ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان» قەبىلىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ساپال بۇيۇملارغا سىزىلغان گۈل نەقىشلىرىدە بولسا، قەدىمكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تېرىپ ئۆستۈرگەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ شەكىللىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سۈرەتلەرمۇ بار. بۇ سۈرەتلەر بىر تەرەپتىن، ئۆز ۋاقتىدىكى ساپال بۇيۇملارنىڭ زىننىتى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىي تاپقان قول ھۈنەر ۋە دېھقانچىلىق تۇرمۇشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

كۆجەي يېڭى تاش قورال ئىزىدىن ئاساسەن ساپال پۇچۇقلىرى كۆپرەك تېپىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساپال ئېدىش، ساپال كۇب، ساپال كومزەك، سېغىز لايدا ياسالغان كىچىك تىپتىكى ساپال كومزەك، سىرتىغا گۈل نەقىشلەنگەن ساپال كومزەك، قورساقلىق قۇلاقسىز ساپال كومزەك، يالاڭ قۇلاقلىق ساپال كومزەك قاتارلىقلار بار. بۇ بۇيۇملارنىڭ شەكلى، ياسىلىشى، ئالاھىدىلىكى، ئىشلىتىلىش ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا، ئۇ ئاساسەن كۆچمەن تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ساپال بۇيۇملارنىڭ سىرتىغا سىزىلغان گۈل نۇسخىلىرى ئۆي – ھايۋانلىرىنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بەزى ساپال قاچىلارنىڭ سىرتقى قىسمى ئاساسەن ئىسلىشىپ قارىداپ كەتكەچكە، گۈل نۇسخىلىرىنىڭ شەكلىنى پەرق ئەتمەك تەس. بۇ ئېھتىمال ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىلگەنلىكنىڭ ئالامىتى بولسا كېرەك.

5. تاش قورال ئىزلىرىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى

ئويمانبۇلاق تاش قورال مەدەنىيەت دەۋرىگە تەۋە قەدىمكى ئىزدىن بىر قىسىم ئاز ساندىكى تاش قورال ئەۋرىشكىلىرى ۋە يەنە بىر قىسىم قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان كۈل رەڭ ساپال پۇچۇقى ۋە قىزىل ساپال پۇچۇقى ئەۋرىشكىلىرى تېپىلغان. ئويمانبۇلاق تاش قورال مەدەنىيەت ئىزىدىن تېپىلغان تاش قورال ۋە ساپال قاچا – قۇچا پارچىلىرى گەرچە ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، تاش قوراللار ياسىلىش جەھەتتە ناھايىتى ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە، شەكىل جەھەتتىن تاش قوراللار بىگىز شەكىللىك ئۇچلۇق تاش قورال ۋە پىششىقلانغان ياپراقچە تاش قورال دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ، قەدىمكى ئىزدىن تېپىلغان تاش قوراللار ئاجايىپ كۆڭۈل قويۇلۇپ ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن.

ئويمانبۇلاق تاش قورال خارابىسىدىن تاش قوراللار بىلەن بىرگە بىر قىسىم ساپال پۇچۇقلىرى تېپىلغان بولسىمۇ، بۇ ساپال پارچىلىرىنى تىزىپ بىر – بىرىگە قۇراشتۇرۇپ، بىر قەدەر مۇكەممەللىككە ئىگە بولغان بىرەر قاچا تۈسىگە ئىگە بولۇش ئەسلا مۇمكىن بولمىدى.

تاشقىنئېرىق تاش قورال خارابىسىدىن تەكشۈرۈش داۋامىدا يۇمۇلاق شەكىلدىكى تاش ياپرىقى ۋە باشقا شەكىلدىكى تاش قوراللارنىڭ ئەۋرىشكىلىرى تېپىلغان، تاش قوراللار بىلەن بىرگە يەنە، خېلى كۆپ ساندا قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل ساپال پۇچۇقلىرى تېپىلغان. دېمەك، بۇ يەردىن تېپىلغان تاش قوراللار بىلەن ساپال پۇچۇقلىرى بىر دەۋرنىڭ مەھسۇلى. بىراق بۇ يەردىن تېپىلغان ساپال پۇچۇقلىرىنى تىزىپ بىر پۈتۈن قاچا تۈسىگە كىرگۈزۈش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.

ئاقتېرەك ئىزىمۇ يېڭىدىن بايقالغان تاش قورال ئىزى نۇقتىسى تەكشۈرۈش داۋامىدا بۇ تاش قورال مەدەنىيەت ئىزىدىن قۇش قانىتى شەكىللىك تاش قوراللار، تاش ياپرىقىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاش قوراللار، ئىككىنچى قەدەمدە قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاش قوراللار بايقالغان بولۇپ، بۇ يەردىن ئاتمىش دانىدەك تاش قورال ئەۋرىشكىسى يىغىۋېلىنغان. تاش قوراللار بىلەن بىرگە يەنە كۆپ ساندىكى قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل رەڭدىكى ساپال پارچىلىرىنىڭمۇ بارلىق بايقالغان. بۇ قەدىمكى ئىزدىن تېپىلغان تاش قوراللار بەزىلىرى قوش بىسلىق يەنە بەزىلىرى يالاڭ بىسلىق قىلىپ پىششىقلانغان، پىششىقلىنىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ ھەم مۇكەممەل، بىر كۆرۈشتىلا بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى بايقىماق تەس ئەمەس.

قىزىلقۇم تاش قورال ئىزىدىن تەكشۈرۈش داۋامىدا 400 كۋادرات مېتىردەك دائىرە ئىچىدە تاشلارنى بىر – بىرىگە ئۇرۇش ئارقىلىق چاچراپ چىققان سۈپەتسىز تاش ياپراقلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاش قوراللارنىڭ تارقىلىپ كەتكەنلىكى بايقىغان، مۇتەخەسسىسلەر بۇ دائىرىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تاش قورال ئىشلەش مەركىزى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقان. تاش قوراللار ئىچىدە يەنە بىر قىسىم تاش ياپراقچىلىرى، پىششىقلانغان ياپراقچە تاش قوراللار، تاش مېغىزى قاتارلىق تاش قوراللار بارلىقى مەلۇم بولغان، بۇ تاش قوراللار بىلەن بىرگە يەنە خېلى كۆپ ساندا قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل، قوڭۇر رەڭلىك ساپال پارچىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق بۇيۇملىرىنىڭ بارلىقى ۋە گېئومېتىرىك شەكىلگە كەلتۈرۈپ ياسالغان ئەنئەنىۋى تاش قوراللارنىمۇ بارلىقى بايقالغان. يۇقىرىدا بۇ ئەھۋاللار جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلغان ئىلگىرىلەشلەرنىڭ نامايەندىسى ھەم پاكىتى.

ئاسقال مەھەللە تاش قورال دەۋرى مەدەنىيەت ئىزىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا خېلى ياخشى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاش قوراللار تاش ياپراقچىلىرى، يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار ۋە ياغاچ بۇيۇم قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلغان. بۇلار بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم ساپال پارچىلىرىمۇ تېپىلغان.

ئىككىنچى كەنت تاش قورال ئىزىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا تاش مېغىزى، تاش ياپرىقى قاتارلىق تاش قوراللار ۋە بۇ تاش قوراللار بىلەن بىرگە خېلى كۆپ ساندىكى ساپال پارچىلىرى تېپىلغان. بۇ تاش قوراللار ئارىسىدا «ئوپال» تاش قوراللار خارابىلىكىدىن تېپىلغان تاش قورالغا ئوخشاپ كېتىدىغان قوش بىسلىق قىرغۇچى ئەسۋاب بار. بۇ خىل تاش قوراللار خېلى ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتكە ۋە شەكىلگە ئىگە.

دىغار تاش قورال مەدەنىيەت ئىزىمۇ يېڭى تېپىلغان نۇقتىلارنىڭ بىرى. دىغار تاش قورال ئىزىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا قايتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سىپتا تاش ياپرىقى، كەڭ شەكىلدە پىششىقلانغان تاش ياپرىقى، بىسى يايسىمان شەكىلدە پىششىقلانغان تاش ياپرىقى، بىسى يايسىمان شەكىلدە پىششىقلانغان قىرغۇچى ئەسۋاب، بىسى يۇمۇلاق شەكىلدىكى تاش ياپرىقى، تاش مېغىزى قاتارلىق تاش قوراللار بار. يەنە بىگىز شەكلىدە ياسالغان تاش قوراللارمۇ بار.

بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم مۇشۇ دەۋرگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە تاش قوراللار بار بولۇپ، بۇ ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە تاش قوراللارمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تاش قوراللارنى پىششىقلاش سەۋىيىسىنىڭ ۋە سەنئىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ۋە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ پاكىتى.

6. تاش قورال ئىز – خارابىلىرىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە

ئويمانبۇلاق تاش قورال ئىزىدىن بىر قىسىم بىگىز شەكىلدە ياسالغان تاش قورال ۋە تاش ياپرىقىدىن ياسالغان تاش قوراللار تېپىلغان. بۇ تاش قوراللارنىڭ ناھايىتى سىپتا، نەپىس پىششىقلانغانلىقى مەلۇم، بىگىز شەكىلدە پىششىقلانغان يەنە بىر خىل ياپراقچە تاش قوراللارمۇ بار.

دېمەك، قەدىمكى زامانلاردا ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئوۋچىلىقنى بىردىنبىر تۇرمۇش مەنبەسى ۋە ھاياتلىق مەنبەسى قىلغان، ئۇۋچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئوۋ قوراللىرى يەنىلا تاشلارنى بىر – بىرىگە ئۇرۇپ ئۇرۇلۇشتىن چاچراپ چىققان تاش ياپراقچىلىرى بولغان، ئوۋلانغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى يەنە شۇ ياپراقچە پىششىقلانغان تاش قوراللار بىلەن بىر تەرەپ قىلغان. يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان بىگىز شەكىلدە ياسالغان تاش قورالغا كەلسەك، بۇمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى ئوۋ قوراللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق گۇمان شەكىللەنمەيدۇ. چۈنكى، بىگىز شەكىلدىكى بۇ ئۇچلۇق تاش قورالمۇ تاياقچىلارغا تېڭىش ئارقىلىق ھايۋانلارغا ھۇجۇم قىلغاندا ئوخشاشلا ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. نۆۋىتى كەلگەندە ياپراقچە تاش قوراللاردىمۇ ئۈستۈن ئەۋزەللىككە ئىگە. چۈنكى، بىگىز شەكىللىك تاش قورال كاۋاكچە تاياقچىلارغا تېپىلغاندا نەيزە شەكىللىنىدۇ، ئوقتا ئوقى قىلىپ ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ، نەيزىنىڭ بىۋاسىتە زەربە بېرىش رولى بار، شۇڭا قودا تۇتۇپ بىۋاسىتە زەربە بەرگىلىمۇ بولىدۇ، ئارىلىق قالدۇرۇپ چەنلەپ زەربە بەرگىلىمۇ بولىدۇ. بىگىز شەكىلدىكى ئۇچلۇق تاش قورال ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا، يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن مۇداپىئە كۆرۈشتە ناھاىيىتى ئەمەلىي رولى بار. ياپراقچە تاش قوراللار بىلەن ئوۋ گۆشلىرىنى يونۇش، چاناشتىن باشقا، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى پىششىقلاشتا، تېرىلەرنىڭ يۇڭىنى قىرقىپ كىيىم – كېچەك پىششىقلاش قاتارلىق ئىشلاردا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ياي شەكىلدىكى قىرغۇچى تاش قوراللارنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم. گەرچە ئويمانبۇلاق تاش قورال ئىزىدىن تاش قوراللار بىر بىرگە يەنە بەزىبىر ساپال پۇچۇقلىرى تېپىلغان بولسىمۇ، بۇ ساپال پۇچۇقلىرىنى تىزىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغانلىق سەۋەبىدىن قاچىلارنىڭ شەكلىگە قارىتا، چوڭ – كىچىكلىكىگە قارىتا، چۈشۈرۈلگەن گۈل نۇسخىلىرىغا قارىتا بىرەر ئىلمىي يەكەن چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدۇق. بىراق شۇ بىر نۇقتا ئېنىقكى يىراق قەدىمكى زامانلاردا بۇ ساپال قاچىلارمۇ تاش قوراللارغا ئوخشاشلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاسىتىسى ئىدى.

تاشقىنئېرىق تاش قورال ئىزىدىن تېپىلغان تاش قوراللار ئىچىدىكى يۇمۇلاق شەكىلدىكى تاش مېغىزىغا كەلسەك بۇنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئىشلىتىش ئورنى بولۇشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە. دەسلەپكى پەرىزىمىزچە بۇ خىل تاش قورال ئۆزئارا سوۋغا – سالام ئىشلىرىدا ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوق ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى تاش مېغىزى شەكلى چىرايلىق، ئېلىپ يۈرمەك ئەپلىك بەزىبىر كۆڭۈلسىز ۋەقەلەردە مۇداپىئە كۆرۈشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رولى بولغان. تاش ياپرىقىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاش قورالغا كەلسەك يەنىلا ئوۋ ئوۋلاشتىكى ۋە ئوۋ ئولجىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ناھايىتى مۇھىم قورال. خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىدىن بولۇپ قالغان. تاشقىنئېرىق تاش قورال خارابىلىكىدىن تېپىلغان ساپال پارچىلىرىمۇ بەك ئۇششاق، بىر – بىرىگە قۇراشتۇرۇپ، بىرەر پۈتۈن ياكى قىسمەن پۈتۈن قاچا دائىرىسىگە كەلتۈرمەك بەك تەس، شۇڭا ساپال قاچىلارنىڭ خاس شەكلى، تۈزۈلۈشى ۋە گۈلى ھەققىدە بىرەر ئېنىقراق ۋە ئىلمىيرەك پىكىر قىلىش تازا مۇمكىن بولمىدى. بىراق، يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزغا ئوخشاشلا ساپال قاچىلارمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىدىن بولۇپ قالغان، تۇرمۇش بۇلاردىن ئايرىلسا بولمايتتى.

ئاقتېرەك تاش قورال ئىزىدىن تەكشۈرۈش داۋامىدا قۇش قانىتى شەكلىدىكى تاش قوراللار، ياپراقچە تاش قوراللار، ئىككىنچى قەدەمدە قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاش قوراللار تېپىلغان، تاش قوراللار بىلەن بىرگە يەنە خېلى نۇرغۇن ساندىكى قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل ساپاللارنىڭ بارلىقىمۇ بايقالدى. بۇ قەدىمكى ئىزدىن تېپىلغان تاش قوراللار ئىچىدە قوش بىسلىق تاش قوراللارنىڭ بارلىقى مەلۇم. دېمەك، ئەجدادلىرىمىز تۇرمۇش داۋامىدا تاش قوراللارنى پىششىقلاشنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە قوش بىسلىق تاش قوراللارنى ئىقتىدا قىلغان. دېمەك، بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىراق ئىپتىدائىي جەمئىيەت دەۋرىدىكى زور بىر تەرەققىياتى. ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى ئىقتىدا قىلغان بۇ خىل قوش بىسلىق تاش قوراللارنىڭ رولى ئەلۋەتتە يالاڭ بىسلىق تاش قوراللارنىڭكىدىن كۆپ ياخشى بولغان. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى زامان تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان ئوۋچىلىق ئىشلىرىدا ئوۋ ئولجىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ياۋايى يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش، ئەينى زامان ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەلۋەتتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.

تاش قوراللار بىلەن بىرگە تېپىلغان ساپال پارچىلىرى ھەقىقەتەن تارىخىي يادىكارلىق ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ شاھىتى بولۇش سۈپىتىدە ھازىرغىچە ساقلانغان بۇ قەدىمكى ئىزدىن تېپىلغان ساپال پارچىلىرىنى بىر – بىرى بىلەن بىرلەشتۈرمەك ۋە پۈتۈن ھالەتتىكى بىرەر قاچا شەكلىنى ئىپادىلىمەك بەك تەس. بۇ ھەقتە يەنىلا پىكىر قىلىش، ئىلمىي يەكەن چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن شۇنداق بىر نۇقتا ئېنىقكى، ساپال قاچىلارمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولمىسا بولمايدىغان بۇيۇملاردىن بولۇپ قالغانىدى.

قىزىلقۇم تاش قورال ئىزىدىن تەكشۈرۈش داۋامىدا خېلى نۇرغۇن سۈپەتسىز تاش ياپراقچىلىرى، ياپراقچە تاش قوراللار، تاش مېغىزى ۋە يەنە بىر قىسىم گېئومېتىرىك شەكىلگە كەلتۈرۈپ ياسالغان ئەنئەنىۋى تاش قوراللار تېپىلغان. بۇ قەدىمكى ئىزدىن تېپىلغان سۈپەتسىز تاش ياپراقچىلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى زامانلاردىكى ياپراقچە تاش قوراللاردىن پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى بىردىنبىر مەنبە بولغان. ياپراقچە شەكىلدە ياسالغان ھەر خىل تاش قوراللار سۈپەتسىز شەكىللەنگەن تاش ياپراقچىلىرىنى پىششىقلاش ئارقىلىق ياسالغان. بۇ تاش قوراللار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى زامان ئىپتىدائىي تۇرمۇشىدا ئۆز رولىنى تولۇق نامايان قىلغان.

ئەنە شۇ سۈپەتسىز تاش ياپراقچىلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاش قورالغا كەلسەك، يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك قىزىلقۇم خارابىلىكىنى ماكان قىلىپ ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى بولغان تۇرمۇش كەچۈرۈش دېمەك، تەبىئەت بىلەن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش، تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش دېمەكتۇر. بۇ يەردىن تېپىلغان تاش قوراللار ۋە ساپال قاچىلار ئەلۋەتتە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ماكاندا ياشىغانلىقىنىڭ، ئاۋۇغانلىقىنىڭ دەلىل – پاكىتلىرى بۇ ئىزدىن تېپىلغان ساپال پۇچۇقلىرىغا كەلسەك، ئەلۋەتتە بۇ ساپال پارچىلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، بىرەر ساپال قاچىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەك بەك تەس، لېكىن يەنىلا شۇنىسى ئېنىقكى ساپال قاچىلارنىڭمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى رولى ئەلۋەتتە ناھايىتى مۇھىم ئىدى، خۇددى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدا تاش قوراللاردىن ئايرىلالمىغاندەك ساپال قاچىلاردىنمۇ ئايرىلالمايتتى. چۈنكى ساپال قاچىلارنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتلىقنى سۆيۈشكە، ئەقىل پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇشقا، ئۈزلۈكسىز ئىقتىدا قىلىشقا تولۇق شەرت ھازىرلاپ بەرگەن.

ئاسقال مەھەللە تاش قورال ئىزىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا بۇ ئىزدىن بىر قەدەر ياخشى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاش قوراللاردىن ياپراقچە تاش قوراللار، يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار ۋە ياغاچ بۇيۇملار قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلغان. بۇ بۇيۇملار بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم ساپال پارچىلىرى تېپىلغان. بۇ تاش قورال خارابىلىكىدىن پىششىقلاش سەۋىيىسى يۇقىرى بولغان بىر قىسىم تاش قوراللارنىڭ تېپىلىشى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تاش قوراللارنى پىششىقلاش سەۋىيىسىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىر نامايەندىسى. يۇڭ رەختلەرنىڭ تېپىلغانلىقى بۇ ماكاندا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى زامان توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىپلا قالماي، خېلى يۇقىرى سەۋىيىدە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنىڭ ئەمەلىي پاكىتى. ياغاچ بۇيۇملارنىڭ تېپىلىشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى يەنە ئەتراپتىكى شەيئىلەرنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە مۇۋاپىق ئىشلەنگەنلىكىنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل ئىدراكىنى تولۇق ئىشقا سالغانلىقىنىڭ دەلىل – پاكىتلىرى.

ساپال قاچىلارنىڭ تېپىلىشى يىراق قەدىمكى زاماندا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز تۇرمۇشى داۋامىدا ساپالچىلىق ئىشلىرىنى كەشىپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ۋە ساپال بۇيۇملارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ ساپال قاچىلاردىن تولۇق پايدىلانغانلىقىنىڭ ھەم ساپال بۇيۇملارنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى بولۇپ قالغانلىقىنىڭ نامايەندىسى.

ئىككىنچى كەنت تاش قورال ئىزى — يېڭى بايقالغان ئىپتىدائىي دەۋر مەدەنىيەت يادىكارلىقى نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەكشۈرۈش داۋامىدا بۇ ئىزدىن تاش مېغىزى، تاش ياپرىقى قاتارلىق تاش قوراللار تېپىلغان، بۇ تاش قوراللار بىلەن بىرگە يەنە خېلى كۆپ ساندىكى ساپال پارچىلىرىمۇ تېپىلغان. بۇ خارابىلىكتىن تېپىلغان بىر قىسىم تاش قوراللارنىڭ شەكلى «ئوپال»دىن تېپىلغان تاش قوراللارغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. تاش قوراللار ئارىسىدا يەنە قوش بىسلىق قىرغۇچى ئەسۋابلارمۇ بايقالغان.

بۇ خارابىلىكتىن تېپىلغان تاش قوراللار ئىچىدىكى بىر قىسىم تاش قوراللارنىڭ شەكلىنىڭ «ئوپال» تاش قوراللىرىنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ قېلىشىدىكى سەۋەب، بۇ پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولمىسا كېرەك. بۇ قوراللارنى ئىقتىدا قىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇرۇقداشلىق مەنبەسى ۋە مەدەنىيەت مەنبەسى بىر بولۇشى تەبىئىي، چۈنكى ئەينى زامانلاردا شەكىللەنگەن بەزىبىر قەبىلىلەر تارقىلىپ ياشاشنى ئادەت قىلغان ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆزلىرى تارقىلىپ ياشىغان ئەنە شۇ كەڭ رايونلاردا كەڭ تارقالغان ھەم تەشۋىق قىلغان. يۇقىرىقى ئوخشاشلىقلار بۇ ئەھۋاللارنىڭ تارىخىي پاكىتى. دېمەك، ئىككى يۇرتتا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ناھايىتى يېقىن ئۇرۇقداشلىق ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى بولغان، يۇقىرىقى ئوخشاشلىقلار بۇ خىل ئۇرۇقداشلىق ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ ئەمەلىي پاكىتى.

دىغار تاش قورال ئىزى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان سەل كەڭ دائىرىلىك ئىزلارنىڭ بىرى. تەكشۈرۈش داۋامىدا بۇ ئىزدىن سىپتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاش ياپرىقى، كەڭ شەكىلدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاش ياپرىقى، بىسى يايسىمان شەكىلدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاش ياپرىقى، يايسىمان بىسلىق قىرغۇچى ئەسۋاب، بىگىز شەكىلدە پىششىقلانغان تاش قورال قاتارلىقلار تېپىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىبىر تاش قوراللار مۇشۇ دەۋرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە تاش قوراللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دىغار تاش قورال خارابىلىكىدىن تېپىلغان تاش قورالنىڭ تۈرى كۆپ خىل، شەكلى ھەرخىل، دېمەك، تاش قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالەتتە خېلى كەڭ دائىرىلىك بولغان، بۇ دەۋرگە كەلگەندە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى خېلى يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە خاس بۇيۇملارنى ئىشلىتىشنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشەنگەن. ئىلگىرىكى تۇرمۇشتا بىرلا خىل بولۇشتىن كۆپ خىل بولۇشقا، تۇرمۇشنى مول مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈشكە قەدەم قويغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېھتىياجلىق بولغان بىر – بىرىگە ئوخشاشمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەشنى كەشىپ قىلغان ھەم تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل تەرەپلىرىگە سىڭدۈرگەن. شۇ ئاساستا ئەجدادلىرىمىز ئۆز دەۋرىگە خاس كۆپ مەزمۇنلۇق مول مەدەنىيەت تۇرمۇشلىرىنىمۇ شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئىزدىن تېپىلغان تاش قوراللارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپ خىللىقى، شەكلىنىڭ ھەر خىللىقى يۇقىرىلارنىڭ پاكىتى. چۈنكى، يۇقىرى سەۋىيىلىك تۇرمۇش — يۇقىرى سەۋىيىلىك مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى. يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئەھۋاللار بۇلارنىڭ دەلىل – پاكىتلىرى.

7. تاش قورال ۋە ساپال بۇيۇملاردا ئىپادىلەنگەن دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇلاردىكى ئورتاقلىق

بۇ قېتىمقى تۇرپان رايونىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە قاتناشقان مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان تاش قورال قەدىمكى ئىزلىرىدىن تېپىلغان تاش قورال ۋە بىر قىسىم ساپال قاچىلارغا قارىتا بەزىبىر زور تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە تەكشۈرۈش داۋامىدا تېپىلغان بۇ ئىزلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يېڭى تاش قورال دەۋرىگە تەۋە ئىكەنلىكى ۋە بەزىلىرىنىڭ ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرىگە تەۋە ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ ئىزلارنى مۇنداق دەۋرلەرگە بۆلۈشتىكى مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك يېڭى تاش قورال دەۋرى ئىزلىرىدا سىپتا تاش قورال بولۇپلا قالماستىن، يەنە ساپال قاچىلارمۇ بىرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك. چۈنكى، شۇنداق بىر مۇھىم نۇقتا ئېنىقكى ئىپتىدائىي جەمئىيەت كونا تاش قورال دەۋرى، ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرى ۋە يېڭى تاش قوراللار دەۋرى دەپ ئايرىلىدۇ. كونا تاش قوراللار دەۋرى دېگىنىمىزدە، تاش قوراللارنى بىر – بىرىگە ئۇرۇشتۇرۇش ئارقىلىق چاچراپ چىققان تاش ياپراقچىلىرى ۋە باشقا ھەر خىل تاش پارچىلىرىنى ھېچقانداق پىششىقلىمايلا چاچراپ چىققان تەبىئىي شەكلىنى بىۋاسىتە ئىشلىتىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ، دېمەك پۈتكۈل بىر دەۋر شۇ بويىچە قالاق ئىپتىدائىي ھالەتتە ئۆتكەن؛ ئوتتۇرا ھال تاش قورال دەۋرى دېگىنىمىزدە كونا تاش قوراللار دەۋرىدىكىدەك تاش قوراللارنى بىر – بىرىگە ئۇرۇشتىن چاچراپ چىققان تەبىئىي تاشلارنى ۋە بىر قىسىم ئۆتكۈنچى دەۋر ئالاھىدىلىكىگە تەۋە تاش قوراللارنى ئىشلىتىشنى، يەنە بىر قىسىم چاچراپ چىققان تاش ياپراقچىلىرىنى ئىككى قېتىم پىششىقلاش ۋە تاشلارغا سۈركەش ئارقىلىق بىس چىقىرىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەھۋاللار ئورتاق مەۋجۇت بولغان تاش قوراللار ئىشلىتىلگەن، بىراق كونا تاش قوراللارنىڭ شەكلى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن بىر مۇھىم دەۋر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ كونا تاش قورال دەۋرىدىن بىر قەدەر ئىلگىرىلەپ ئوتتۇرا ھال تاش قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە تاش قوراللار تامامەن پىششىقلاشتىن ئۆتكەندە ئاندىن ئىشلىتىلىدۇ. تاش قوراللارنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلىتىش ئىنسانىيەت دەۋرىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر دەۋرى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن، مەدەنىيەتلىك تۇرمۇشقا قەدەم قويغان دەۋر، بۇ دەۋرگە كەلگەندە ئەجدادلىرىمىز ھەر خىل شەكىللىك ساپال قاچىلارنى ياساشنى ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىشنى ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى باشلىغان ھەم يېڭى بىر جەمئىيەتكە قەدەم قويغان، قەدىمكى ئىزلارنى تەكشۈرۈش داۋامىدا گەرچە ساق ساقلىنىپ قالغان بىرەر پارچە ساپال قاچا تېپىلمىغان بولسىمۇ، تاش قوراللار بىلەن بىرگە تېپىلغان ساپال پۇچۇقلىرى بۇ خىل يېڭى مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ گۇۋاھچىسى بولالايدۇ. بىز بايان قىلغان تاش قوراللار خارابىلىكلىرىدىن تېپىلغان تاش قوراللارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىككىنچى قېتىم پىششىقلانغانلىقى مەلۇم، بەزىلىرىنىڭ تەبىئىي ھالەتتە ساقلانغانلىقى مەلۇم. مەيلى قايسى نۇقتىدىن ئىزدىمەيلى تاش قورال ئىزىدىن تېپىلغان تاش قوراللار ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم پىششىقلىنىشتىن ئۆتكەن تاش قوراللارنىڭ بارلىقى ھەم بۇ خىل تاش قوراللارنىڭ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئېنىق. دېمەك، خۇلاسە شۇكى بۇ خارابىلىكنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ھال تاش قورال دەۋرىگە تەۋە ئىزلارمۇ ھەم يېڭى تاش قورال دەۋرىگە تەۋە ئىزلارمۇ بار. بۇنداق بولۇشىدىكى مۇھىم بىر نۇقتا بۇ قەدىمكى ئىزلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ماكاندا شۇنچە ئۇزاق ۋە يىراق تارىختىن بېرى داۋاملىق بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىپ ياشىغان ۋە ئاۋۇغانلىقىنىڭ بىردىنبىر پاكىتى. ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغاندا، بۇ قەدىمىي ئىزلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىپتىدائىي تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە بىر قەدەر مەدەنىيەتلىك دەۋرلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ گۇۋاھچىسى. تاش قوراللاردىكى ئورتاقلىققا كەلسەك، ئەجدادلىرىمىز، تۇرمۇش كەچۈرگەن يەرلەردىكى تەبىئىي شەكىللەنگەن تاغ – تاشلار ئەجدادلىرىمىز ئىشلەتكەن تاش قوراللارنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى بولغان. ساپال قاچا – قۇچىلارنىڭ مەنبەسىگە كەلسەك ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇتقان ماكانلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە بۇ خىل ساپال قاچىلارنى ئىشلەشكە باب كېلىدىغان ھەرخىل يۇمشاق سېغىز توپىلار بار، شۇ سېغىز توپىلار ساپالچىلىق ئىشلىرىدىكى ۋە ساپالچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىردىنبىر ئامىل، بىردىنبىر مەنبە بولغان. بۇلار ساپالچىلىق كەسپىدىكى ۋە ساپالچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىردىنبىر مۇھىم ئامىل ۋە قىل سىغمايدىغان ئورتاقلىق.

ئېنگېلس: «ئىنسانلار بولغىنى ئۈچۈنلا بىزنىڭ بۇ تارىخىمىز بار بولۇشقا باشلىغان» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. دېمەك، يۇقىرىدىكى تاش قورال دەۋرىگە تەۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىزلىرىدىن كۆزەتكەندە ۋە بۇ قەدىمىي ئىزلاردىن تېپىلغان تاش قوراللار ۋە ھەرخىل – ھەر رەڭلىك ساپال قاچىلارغا ئاساسەن تەھلىل – تەتقىقات يۈرگۈزگەندە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش داۋامىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ھەر قانچە ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ئىشلىسەكمۇ يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايمىز. بۇلارنى ھەر ۋاقىت، ھەر زامان تەشۋىق قىلىشقا، يېزىشقا، تەھلىل، تەتقىق قىلىشقا ھەقلىقمىز.

بىر يۇقىرىدا نۇقتىلىق توختالغان ۋە نۇقتىلىق پىكىر يۈرگۈزگەن نۇقتىلار ۋە بۇ ئىزلىرىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەسىلەن، ئويمانبۇلاق تاش قورال خارابىلىكىدىن تېپىلغان تاش قوراللار ھەقىقەتەن ئىنسانلار جەمئىيىتى تارىخىنىڭ ئەجدادلىرىمىزغا قالدۇرۇپ كەتكەن بىردىنبىر نامايەندىسى. چۈنكى، ئەجدادلىرىمىز ياشاش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ پايدىلىق شارائىتىنى تاللىغان. خارابىلىك ئەتراپىدىكى قەدىمكى دەريا ئىزى بۇنىڭ پاكىتى. بۇ دەريادا ئەسلىدە توختىماي ئېقىپ تۇرغان سۇ بولغان. سۇ دېمەكلىك — ئەلۋەتتە، ھاياتلىق دېمەكلىكتۇر.

دېمەك، ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىراق قەدىمكى زامانلاردا تۇرمۇش كەچۈرۈشى ۋە ئاۋۇشىدىكى بىردىنبىر شارائىت «سۈيى ئەلۋەك بولۇش، ئوتلاقلىرى مول بولۇش بىردىنبىر ياخشى يۆلەنچۈك» ئىدى. بۇنىڭدىن ئارتۇقمۇ تەلەپ قويۇپ كەتمەيتتى.

ئويمانبۇلاق تاش قورال خارابىسىدىن باشقا يەنە تۇرپان ئويمانلىقىنى بويلاپ شەكىللەنگەن، ئەجدادلىرىمىز ياشىغان ۋە ئىپتىدائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان قىزىلقۇم تاش قورال ئىزى، ئىككىنچى كەنت تاش قورال ئىزى، دىغار تاش قورال ئىزى قاتارلىق ئىپتىدائىي ئىزلار ئەنە شۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىردىنبىر تۇرمۇش سورۇنى ۋە پائالىيەت سورۇنى بولغان.

بۇ قەدىمكى ئىزلارنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخىنى، ئەينى زاماندىكى مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تەتقىق قىلىشتىكى ناھايىتى مۇھىم تارىخىي قىممىتى ۋە مۇھىم تەتقىقات قىممىتى بار ئىزلار بولۇپ، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تارىخىي تەتقىقات داۋامىدا ئايرىلالمايدىغان بىردىنبىر ئەمەلىي پاكىتلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

–––––––––––––––––––––––––––––––

(1) (2) ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» مىللەتلەر نەشرىياتى 1991– يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 2–، 3– بەت.

(3) «ماركس – ئېنگېلس ئەسەرلىرى» خەنزۇچە نەشرى، 20– توم 126– بەت.

(4) بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار ئۈچۈن ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق تۈزگەن: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ 3–، 4– بەتلىرىگە قارالسۇن.

(5) ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» مىللەتلەر نەشرىياتى 1991– يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 1– بەت.

(6) (7) «يارغول قەدىمكى شەھىرى» شەرق نەشرىياتى 1998– يىل خەنزۇچە نەشرى، 1– بەت.

(8) «يارغول قەدىمكى شەھىرى» شەرق نەشرىياتى 1998– يىل خەنزۇچە نەشرى، 2– بەت.

(9) «يارغول قەدىمكى شەھىرى» شەرق نەشرىياتى 1998– يىل خەنزۇچە نەشرى، 3– بەت.

(10) (11) «يارغول قەدىمكى شەھىرى» شەرق نەشرىياتى 1998– يىل خەنزۇچە نەشرى، 9– بەت.

(12) «يارغول قەدىمكى شەھىرى» شەرق نەشرىياتى 1998– يىل خەنزۇچە نەشرى، 13– بەت.

(13) ئابدۇقېييۇم خوجا: «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995– يىل نەشرى، 6–، 7– بەت.

================================

مەنبە: «تۇرپان يادىكارلىقلىرى»، ئابلىم قېييۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى


[بۇ يازمىنى 2009-02-05 03:09 PM دە «يالقۇنتاغ» تەھرىرلىگەن]
[ تېكستنىڭ فونت رەزمىرى: چوڭئوتتۇراكىچىك ]
نەقىلگە ئىشلىتىش ئادرېسى (0):
ئادرېسنى كۆچۈرۈش /trackback.asp?tbID=245

تۇرپان تەزكىرىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە

新ICP备10202342号-4

吾买尔江·沙塔尔 0991-8982843 ئۆمەرجان ساتتار

بېكىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى «شىنجاڭ تېزلىك تورى»  تەمىنلىگەن

Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.061523 second(s), 6 queries