باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2013 - 3 48
يدسچپجش
     12
3456789
10111213141516
17181920212223
24252627282930
31

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
كۆرسىتىلىش شەكلى: نورمال | تېمىلار تىزىملىكى [1] [2] 

ۋەكىل قارى مەسىيىت مىلادىيە 1903– يىلى تۇرپان ناھىيىسىنىڭ قاراغۇجا يېزا مانتۇ مەھەللىسىدە ئوقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا مۇرتۇق غوجامدا دىنىي دەرس ئۆگەنگەن. ۋەكىل مۇرتۇق قارى خوجامدىن قايتىپ كېلىپ، دىنىي جەھەتتىكى ساۋادىنى پۇختىلاش ئۈچۈن شۇ چاغدا قەشقەر مەدرىسىدە ئوقۇپ كەلگەن قاراغۇجىلىق شاھىمەردان داموللىدا دىنىي بىلىم ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىنچى قارارلىق ئوقۇشنى مىلادىيە 1911– يىلى خەنزۇچە مەكتەپتە، ئىككىنچى قارارلىق ئوقۇشنى مىلادىيە 1914– يىلى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە تاماملايدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاندا ئۆتكەن شەخسلەر | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 898

1. تارىخشۇناس كى كى قورسا ئىچقۇ

ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ يايلاق ۋە دېھقانچىلىق ھاياتىدا ئۆز تارىخى ۋە ئەجدادلىرى توغرسىدا ئاز بولمىغان تارىخىي يادىكارلىقلارنى، خاتىرىلەرنى قالدۇردى. بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان تارىخشۇناسلار ياشاپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يېزىش دەۋرى كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، تۈرك – رونىك يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا ئۆز تارىخىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تارىخىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالدى. بۇ تارىخ پايانسىز يايلاقلارغا تارقالغان مەڭگۈ تاشلار ئارقىلىق ساقلىنىپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە مەڭگۈ تاشلاردىكى تارىخ ۋە تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك بىلەن ئاز – تولا تونۇشۇپ ئۆتۈۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن ئاشۇ ئابىدىلەردىكى تارىخنى يازغان ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى ھەققىدە ماتېرىيال يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن تونۇشۇپ ئۆتۈش پۇرسىتى تولىمۇ ئاز بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پارلاق تارىخ – تەزكىرىلەرنىڭ ئاپتورلىرى ئۇنتۇلۇپ كېلىۋەردى. بۇلارنىڭ بىرى قۇچو ئىدىقۇت تۆھپە مەڭگۈ تېشىنىڭ ئاپتورى كى كى قۇرسا ئىچقۇدۇر.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاندا ئۆتكەن شەخسلەر | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 900

يالقۇنتاغ باغرىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئوت يۈرەك دىللاردىن مەرھۇم ئىمىن ھاسىل ئەپەندىمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇمىزنى بىلدۈرىمىز!!!!

ئىدىقۇت ۋادىسىدىكى تونۇلغان رەسسام، گۈزەل سەنئەت مۇتەخەسسىسى ئىمىن ھاسىل 2010– يىل 9– ئاينىڭ 23– كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 69 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئىمىن ھاسىل 1941– يىلى 11– ئايدا تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، 1952– يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك 2– دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، ئۇ بۇ يەردە كۈندىلىك دەرسلەرنى ياخشى ئىگىلەش بىلەن بىرگەن، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا رەسىم سىزىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، پېشقەدەم رەسساملارنى ئۇستاز تۇتۇپ، رەسىم سىزىنىڭ قائىدىلىرىنى، سىزىق ئارقىلىق ھەرىكەتنى ئىپادىلەشنى، رەڭگە ھېسسىياتنى قانداق سىڭدۈرۈشنى ئىجتىھاد بىلەن ئۆگەنگەن.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاندا ئۆتكەن شەخسلەر | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 941

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا «جۇڭگو خەلق بانكىسى» دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان جۇڭگو خەلق پۇلى تارقىتىلدى. بۇ خەتنى كىم يازدى؟ يېقىندا «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز بۇ خەتنى يازغۇچى ھوشۇر ئېلى توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر بەردى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاندا ئۆتكەن شەخسلەر | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1173

ھەيدەر سايرانى 1886– يىلى روسىيە فېدىراتسىيىسى قارمىقىدىكى تاتارىستاننىڭ ئۇفا شەھىرىدە سايرانىلارنىڭ 6– ئەۋلادى، تاتار زىيالىي ئوقۇتقۇچى مىنھاجىتتىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ ئۇفا شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قازان ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇفادا مەدرىسلەرلا بار بولۇپ، پەننى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى قازانغا جايلاشقانىدى. ئۇ 1905– يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلىدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاندا ئۆتكەن شەخسلەر | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 714

ئۇيغۇر سايرانى 1918– يىلى 12– ئاينىڭ 18– كۈنى تۇرپان ئاستانىدا ئوقۇتقۇچى ھەيدەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى تۇرپان، چۆچەك ۋە ئۈرۈمچىلەردە ئوقۇيدۇ. 1933– يىلى ئۈرۈمچىدە رۇس گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1934– يىلدىن 1938– يىلىغىچە موسكۋادا رۇسچە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ۋە شۇ يىلى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. بىراق دادىسى قولغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن چەتكە چىقالمايدۇ. كېيىن ئۇ ئۈرۈمچى نەنلىياڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، 4 ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن، «دادىسى قامالغان»، «سىياسەتتە ئىشەنچسىز» دەپ قارىلىپ، ساۋەنگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. 1938– يىلىدىن 1941– يىلىغىچە سۈرگۈندە بولغان كۈنلەردە رۇسچىدىن پەلسەپە، تارىخقا ئائىت ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ، «شىنجاڭ گېزىتى»، «يېڭى نۇر ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىدۇ. 1941– يىلى10– ئايدىن باشلاپ شىڭ شىسەينىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاندا ئۆتكەن شەخسلەر | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 858

مۆيدىن خەلپەت 19– ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھازىرقى تۇرپان شەھىرىدىكى قاراغوجا يېزىسى مۇجاڭ مەھەللىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ . مۆيدىن ئەمدىلا ئەقلىگە كەلگەندە ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى لۈكچۈندىكى غوجامنىياز ئاخۇنلۇق دەيدىغان ئۆلىما ئادەمنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ ئوغلىنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن غوجامنىياز ئاخۇنغا تەربىيلەشكە بېرىدۇ. بوۋىسى مۆيدىننى ئەتراپلىق تەربىيىلەيدۇ. مۆيدىن دىنى بىلىم جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى تولۇق يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاقسۇغا بېرىپ «مەدرىس»تە ئوقۇپ، ئۇزۇنغا بارمايلا خەلپەت دەرىجىسىگە يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇرت ئىچىدە ئىززەت – ئابرويغا ئىگە بولۇپ، جامائەتچىلىككە تونۇلۇشقا باشلايدۇ. ئەنە شۇ چاغلاردا مۆيدىن خەلپەت يۇرت كېزىپ غۇلجىغا بارىدۇ. غۇلجىنىڭ شاڭيۇسى غازى (پىچان خاندولۇق) ئۇنىڭ نام شۆھرەتىنى ئاڭلاپ ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزىدۇ، ئۇنى بىر مەزگىل تۇرغۇزغاندىن كېيىن قەشقەرلىك نەمەت شاڭيۇنىڭ قىزى تاجىنىسا بىلەن تويىنى قىلىپ قۇيىدۇ. ئۇلار بىر بالىلىق بولىدۇ . بالىغا مەخسۇم دەپ ئىسىم قۇيىدۇ. ئۇ غۇلجىدا تۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ پەرغانە دېگەن يېرىدىن كېلىپ غۇلجىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان شەمسىدىن ھەزرەت دېگەن كىشىدىن تەلىم ئېلىش بىلەن ئىشان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا بىر مۇنچە ئادەملەر ئۇنىڭغا مۇرت بۇلىدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاندا ئۆتكەن شەخسلەر | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 7557
1 نەمەت خەلپەت  [2008-06-13]

«ئويغانغان زېمىن»، «ئانا يۇرت» رومانلىرىدا تىلغا ئېلىنغان، ۋەتەنپەرۋەر، دانا، قەيسەر ھەم مىللى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ يولباشچىسى خوجىنىياز ھاجىمنىڭ يېقىن سەبدىشى نەمەت خەلپەت مىلادى 1888– يىلى 5– ئاينىڭ 20– كۈنى تۇرپان لۈكچۈندە بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنيا كەلگەن.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاندا ئۆتكەن شەخسلەر | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1306
1 تۆمۈر خەلىپە  [2008-02-19]

تۆمۈر خەلىپە 1891– يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى (كارىز چاپقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋاڭ – ياساق دەستىدىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى باقالماي، 1893– يىلى ياز پەسلىدە قۇمۇلنىڭ قوراي يېزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىدۇ. بىراق قوراي يېزىسى قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردىكى ئالۋاڭ – ياساق تېخىمۇ ئېغىر ئىدى. شۇڭا، بۇ يەردىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولۇپ، 1905– يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن تۆمۈرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ – دە ، ياز كۈنلىرى نەنمېن سىرتىدا كېسەك قۇيىدۇ، قىش كۈنلىرى باداۋاندىكى كانلاردا ياللىنىپ كۆمۈر قازىدۇ. لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ جان بېقىش قېيىن بولۇپ، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ بىرىپ، قۇمۇل بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە تۆمۈرنى ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا بىرىدۇ. زىرەك ۋە ئەقىللىق تۆمۈر ئۇزاق ئۆتمەي ياغاچچىلىقنى ئوبدان ئۈگىنىۋالىدۇ. ئۇنىڭ دۇكىنى بازاردا بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت، ۋاڭ ئۈستىدىكى شىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ، ئىزىلگۈچى خەلقلەر بىلەن ئەزگۈچى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى زىدىيەتنى چۈشىنىۋالىدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاندا ئۆتكەن شەخسلەر | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 992
2 موللا زەيدىن  [2008-02-07]

داڭلىق قىززىقچى، چاقچاقچى، خەلق سەنئەتكارى موللا زەيدىن مىلادىينىڭ 1815– يىلى تۇرپان لۈكچۈننىڭ باغرى يېزىسىدا نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق مەزگىلىدە ئۆز مەھەللىسىدىكى خۇسۇسىي مەدرىستە ئوقۇپ، خەت ساۋاتىنى چىقارغان. ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئالتە يىل تىرىشىپ ئوقۇش ئارقىلىق، ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلەپ، بۇخىل تىللاردا يېزىلغان كىتابلارنى بىمالال ئوقۇپ، شەرھىلەپ مەنا ئېيتالايدىغان موللا، ئۆلىما بولۇپ يېتىشكەن. مەدرىستە ئۇ يەنە نەۋائى، سوپى ئاللا يار، خوجا ھاپىز شىرازى، ئەخمەت يەسەۋى، مەشرەپ قاتارلىق كىلاسسىك شائىرلارنىڭ مۇناجەت، قەسىدە – غەزەللىرى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، بۇ ساھەدە يېتەرلىك مەلۇمات ئىگىلەپ، «موللا زەيدىن» دەپ نام ئالغان.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاندا ئۆتكەن شەخسلەر | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1301
[1] [2] 

تۇرپان تەزكىرىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە

新ICP备10202342号-4

吾买尔江·沙塔尔 0991-8982843 ئۆمەرجان ساتتار

بېكىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى «شىنجاڭ تېزلىك تورى»  تەمىنلىگەن

Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.061523 second(s), 3 queries