باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2013 - 3 48
يدسچپجش
     12
3456789
10111213141516
17181920212223
24252627282930
31

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى مائارىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا خاس يازما ئەدەبىياتنىڭ نامايەندىلىرى
1 ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە خاس ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى  [2007-08-30]

ئۇيغۇر خەلقى ئېغىز ئەدەبىياتقا باي خەلق. ئۇلار قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەتنى تونۇش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا مول تەسەۋۋۇرلىرى، تەجرىبىلىرى ئاساسىدا ھاسىل قىلغان چۈشەنچىلىرىدىن خەلق ئېغىز مەدەبىياتىنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە ئۇنى بېيىتىپ بارغان. ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى ئەنە شۇ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىختا پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش، يۈكسىلىش – جەريانلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىغا يېقىندىن ھەمراھ بولغان مۇھىم مەنىۋى بايلىققا ئايلىنىپ قالغانىدى.

خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئېغىز ئىجادىيىتى سۈپىتىدە ۋۇجۇتقا كېلىپ، ئېغىزدىن ئېغىزغا، نەسلىدىن نەسلىگە، دەۋردىن دەۋرلەرگە مىراس بولۇپ داۋاملىشىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ بارغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى يازما ئەدەبىياتنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئاساسىي مەنبە بولغان. ماقالىلەر، بېيىتلار، ناخشا – قوشاقلار، قەسىدىلەر، ئەپسانە – رىۋايەتلەر، ئېرسالنامىلەر (يوللانما خەتلەر)، قارلىقنامىلەر، نورۇزنامىلەر، تېپىشماقلار، مەسەل – تەمسىللەر، چۆچەك، داستانلار، لەتىپىلەر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ «ئوغۇزنامە»، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، «قۇتادغۇبىلىك»تەك شاھ ئەسەرلەردە كۆپلەپ «ئىستېمال قىلىنىشى» — خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ يازما ئەدەبىياتنىڭ «ئانىسى» ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. ھالبۇكى، ئىدىقۇت دەۋرىدىكى ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشىمۇ بۇ تەبىردىن مۇستاسنا ئەمەس.

ئەنە شۇ ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن كوللېكتىپ ھالدا، ئاغزاكى ئىجاد قىلىش ئۇسۇلى ۋە بارلىققا كەلتۈرۈلگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نەمۇنىلىرىنىڭمۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ساقلانغانلىقى تەسەۋۋۇردىن يىراق ئەمەس. (چۈنكى، ئۆزلەشتۈرمە، تەرجىمە ئەدەبىيات ئەينى دەۋر ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە قانچىلىكى زور سالماقنى ئىگىلىسە، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ ئانىسى — ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىغا بولغان تەشنالىقىمۇ شۇنچە ئاشىدۇ). قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارالغان ئەپسانىلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولغان دۇنيا ۋە ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى، ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ يارىتىلىشى، تۈرلۈك – تۈمەن شەيئى ۋە ھادىسىلەر توغرىسىدىكى ئەپسانە – رىۋايەتلەردىن بىر مۇنچىلىرىمۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان، دەپ ئېيتىش مۇمكىن.

ئەپسانىلەر ئاساسەن ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي تەسەۋۋۇرلىرىدىن توقۇپ چىقىرىلغان. ئەجدادلار، ئەڭ بۇرۇنقى زامانلاردا ئۆزلىرىنى ئوراپ تۇرغان تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ سىرلىرىنى يېشەلمىگەن چاغلىرىدا، بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا قىياسەن تەسەۋۋۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقارغانىدى. ھالبۇكى، مانا مۇشۇ تەقلىدتە بارلىققا كەلتۈرۈلگەن ئەپسانە – رىۋايەتلەردىن يەنە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقانلىرىدىن «ئىدىقۇت شەھىرىنىڭ بىنا بولۇشى ھەققىدىكى رىۋايەت»، «قۇدۇق قازغان پادىچى يىگىت رىۋايىتى» (كارىزنىڭ پەيدا بولۇشىغا باغلىق)، «ئىدىقۇت تېغى نېمە ئۈچۈن قىزىل رەڭدە»، «ئىدىقۇت تېغىدىكى توققۇز جىلغا قانداق پەيدا بولغان؟»، «يالغۇز ئوغۇل ئېرىقى رىۋايىتى» (بۇ رىۋايەت 9– ئەسىرلەردىن كېيىن ئىدىقۇت شەھىرىگە تەڭرىتاغ جىلغىلىرىدىن سۇ باشلاش ۋەجىدىن چېپىلغان ئۆستەڭ ھەققىدە توقۇلغان)، «تاشقا ئايلانغان ئەۋلىيا رىۋايىتى» (جىمساردىكى بېزەكلىك كېمىرلەرنىڭ قېزىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەت. بۇ رىۋايەت جىمسار ناھىيىسى تەۋەسىدە كەڭ تارقالغان)، «يەتتە قىز ۋە يەتتە يىگىت» (بۇنىڭغا قىياس قىلىنغان سىما ھازىرمۇ بار — پىچاننىڭ لەمجىن غولى ئېغىزىدا) ... قاتارلىق مەزمۇن جەھەتتىن ناھايىتى قەدىمىي بولغان ئەپسانە – رىۋايەتلەر بار.

تۆۋەندە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا خاس بولغان بىر قانچە يەرلىك خاراكتېردىكى ئەپسانە – رىۋايەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:

1. «قۇدۇق قازغان پادىچى يىگىت» رىۋايىتى

تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئارىسىدا، كارىزنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت كەڭ تارقالغان:

بۇرۇنقى زاماندا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇغدا تېغىدا قوي بېقىپ يۈرگەن بىر پادىچى يىگىتنىڭ بىر توپ قويلىرى يوقىلىپ كېتىپتۇ. يىەخىت قويلىرىنى ئىزدەپ تۇرپان ئويمانلىقىغا كېلىپ قاپتۇ. ئۇ قويلىرىنى ئىزدەپ ئىسسىقتا كۆپ ئازاب چېكىپتۇ. پۇتلىرى قىزىق قۇمدا كۆيۈپ كېتىپتۇ. چاڭقاپ لەۋلىرى چاك – چاك يېرىلىپتۇ. ئۇ ئاخىر قويلىرىنى بىر قۇمۇشلۇقتىن تېپىپتۇ. بۇ چاغدا يىگىتنىڭ ئۆزىمۇ، قويلىرىمۇ قاتتىق ئۇسساپ كەتكەنىكەن. يىگىت ئەتراپنى شۇنچە ئايلىنىپمۇ بىرەر تامچە سۇ تاپالماپتۇ. ئاخىر چىملىقتا قۇدۇق كولاشقا باشلاپتۇ. كۈن يېپىپ ئاي چىقىپتۇ. ئاي ئولتۇرۇپ كۈنمۇ چىقىپتۇ. پادىچى كولىغان قۇدۇقتىن ئاخىر سۈپسۈزۈك مەرۋايىتتەك سۇ چىقىپتۇ. بۇ سۇنى پادىچىنىڭ قويلىرى ھەم پادىچى ئۆزى ئىچىپ ەشنالىقىنى قاندۇرۇپتۇ. كېيىنچە ئادەملەر پادىچى يىگىتنى دوراپ قۇدۇق كولاپتۇ ۋە قۇدۇقلارنى يەر ئاستىدىن بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، سۇنى يەر يۈزىگە باشلاپ چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپتۇ (2).

2. «ئىدىقۇت شەھىرىنىڭ بىنا بولۇشى» ھەققىدىكى رىۋايەت

بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى دىياردا دەقىيانۇس ئىسىملىك بىر پادىچى ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ نۇرغۇن مال – ۋارانلىرى بولۇپ، ئۆزى قوي بېقىشقا خۇشتار ئىكەن. بۇ پادىچى خاسىيەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قوي بېقىپ يۈرۈپ بىر پارچە خەت پۈتۈلگەن قەغەز تېپىۋاپتۇ. خەتكە شۇنچە سىنچىلاپ قارىغان بولسىمۇ، ئۇنى زادىلا ئوقۇيالماپتۇ. ئۇ خەتنى قوينىغا سېلىپ، تاغ ئۆڭكۈرىگە — شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر دانىشمىنى بولغان بوۋاينىڭ تۇرار جايىغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇ بوۋاينىڭ ئالدىغا بېرىپ خەتنى ئۇنىڭغا كۆرسۈتۈپتۇ. دانىشمەن بوۋاي بەكمۇ قېرىپ كەتكەنىكەن. ئۇنىڭ چاچ – ساقاللىرى، قاشلىرى كۆمۈشتەك ئاقارغان، بەللىرى يادەك ئىگىلگەن، كۆزلىرى قېرىلىقتىن پۇرلىشىپ يۇمۇلغانىكەن. بوۋاي خەتنى ئالغاندىن كېيىن كۆزىنىڭ چاناقلىرىغا ياغاچنى تىرەك قىلىپ، ئۇنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. دەقىيانۇس ئەجەبلىنىپ، بوۋايدىن كۈلۈشىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا:

— ئوغلۇم، ساڭا بەخت يار بوپتۇ. خەتتە يېزىلىشىچە، ئاشۇ سەن ياشايدىغان ماكاندىكى يوغان جۈجەمنىڭ (ئۈژمە دەرىخىنىڭ) تىك ئۆسكەن غولىغا ئۇدۇل تۇرۇپ، دەسلەپ شىمالغا 364 ماڭدام (قەدەم)، ئۇندىن ېيكىن شەرققە 12 ماڭدام مېڭىپ شۇ يەرنى كولىساڭ، بىر خەزىنىگە ئېرىشكىدەكسەن. قېنى، بەختىڭنى سىناپ كۆرەرسەن، ئوغلۇم ! — دەپتۇ.

دەقىيانۇس بوۋايغا تەزىم بىلەن رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، خوشلىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئەتىسى 3–4 ئاغىنىسىنى چاقىرىپ، بوۋاينىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يەرنى كولاشقا كىرىشىپتۇ. 7–8 مېتىرچە كولىغاندىن كېيىن ئۇلار بىر ھەشەمەتلىك ئالتۇن ئىشىككە دۈچ كەپتۇ. يەنە بىر ھازا كولىغاندىن كېيىن يوغان بىر تاش چىقىپتۇ. تاشنى قومۇرۇپ تاشكىغانىكەن، ئۇنىڭ ئاستىدىن پارقىراپ تۇرغان يوغان ئالتۇن ئاچقۇچ چىقىپتۇ. ئۇلار ئاچقۇچنى ئېلىپ ئاتنىڭ بېشىدەك يوغانلىقتىكى قۇلۇپقا سالغانىكەن، شۇ ھامان يەتتە قېتىم داراڭلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئاندىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپتۇ. ئۇلار قىزىل، يېشىل، ھال ... ھەر خىل نۇرلار چېچىلىپ تۇرغان ھەشەمەتلىك ساراينى كۆرۈپتۇ. نۇر چېچىپ تۇرغان گۆھەرلەرنىڭ يورىقىدا ئۇلار ھېچبىر قىينالماستىنلا سارايغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن – كۆمۈش، ياقۇت ... قاتارلىق مەدەنلەر بىلەن بولغان 41 ھۇجرىنى كۆرۈپتۇ. بۇ ئەھۋالنى بوۋايغا مەلۇم قىلىشىپتۇ. بوۋاي ئۇلارغا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك مەسلىھەت، كېڭەشلەرنى بېرىپتۇ. دەقىيانۇس شۇندىن ئېتىبارەن بوۋاينىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن ئالتۇن – كۆمۈش تېپىلغان جايغا ھەشەمەتلىك ئوردا ساپتۇ، شەھەر قۇرۇشقا كىرىشىپتۇ. دەقىيانۇس ئۆزى شۇ شەھەرگە شاھ بوپتۇ، دانىشمەن بوۋاينى ئۆزىنىڭ بىرىنچى قول ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دەقىيانۇس ئەتراپىدىكى كەڭ زېمىنلەرنى ئۆزىگە قارىتىپ، مەشھۇر ئىدىقۇت دۆلىتىنى قۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ جاينىڭ نامى تەرەپ – تەرەپلەرگە تارقىلىشقا باشلاپتۇ (3).

3. «يالغۇز ئوغۇل ئېرىقى» ھەققىدىكى رىۋايەت

بۇ ئېرىقنىڭ ئىزى ھېلىمۇ بار، بۇ ئېرىق يالقۇنتاغ سىستېمىسىنىڭ شىمالىي باغرىدا بولۇپ، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان. ئوزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر ئەراپىدا. ئېرىقنىڭ بېشى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي باغرىدىكى جىلغا — «قارا يۈزى» دىن باشلىنىدۇ.

ئۆتكەن زاماندا، يالقۇنتاغ دىيارىدا بىر تۇل خوتۇن ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ دادىسىدىن كىچىك قالغان بىر ئوغلى بولۇپ، بۇ ئوغۇل بەستلىك – پالۋان قامەتلىك بىر يىگىت بولۇپ يېتىلىپتۇ. ئۇ ئوغۇل ۋايىغا يەتكەندە، ئۆزى ياشىغان يۇرتتىكى نامرات خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى باياشاتلاشتۇرۇش كويىغا چۈشۈپتۇ – دە، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى جىلغا سۈيىنى ئۆز يۇرتىغا باشلىماق بولۇپتۇ. بۇ يىگىت شۇ ئارزۇدا ئۆزىگە يارىشا مېتىن ۋە كەتمەن تەييارلاپتۇ ھەم سەپەرگە ماڭغان ۋاقتىدا:

— ئاپا، سىز ھەر كۈنى ماڭا تاماق ئاپارغان ۋاقتىڭىزدا تۆگىنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىپ بېرىڭ. مەن قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا ئالدىڭىزغا كېلىمەن. سىز ھەرگىز مېنى كۆرىمەن دەپ دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقماسلىققا ۋەدە بېرىڭ ھەم ۋەدىگە ۋاپا قىلغايسىز، ئاپا — دەپتۇ – دە، يولغا راۋان بوپتۇ.

يىگىت ئۆزى كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن زور غەيرەت – شىجائەت بىلەن ئىشلەپتۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر ئۇرغان مېتىنىدىن ئۆيدەك – ئۆيدەك يوغانلىقتىكى تاشلار ھەر تەرەپكە ئوت چاچرىتىپ پارچىلىنىدىكەن؛ كەتمەننى ھەر بىر قېتىم چاپقىنىدا كىچىك – كىچىك دۆڭ – يوتىلارنى تۈزلىۋېتەلەيدىكەن، يىگىت ئاچقان ئېرىقتىن زەمرەتتەك سۈزۈك سۇلار ئېرىق بويلاپ پەسكە قاراپ ئېقىشقا باشلاپتۇ. يىگىت ئېرىقنى چېپىپ خېلىلا ئاۋۇتۇپتۇ.

ھەر كۈنى ئوغلىغا تاماق توشۇيدىغان ئانىنىڭ ئىچى پۇشۇپ، ئوغلىنىڭ «سىرلىق» ئىشىنى كۆرمەكچى بوپتۇ. بىر كۈنى ئانا قوڭغۇراق ئاسقان تۆگىسىنى خېلى يىراق بىر جايغا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئوغلىنىڭ ئىشىنى كۆرۈپتۇ. ئوغلى ئانىدىن توغما ھالدا كۆچەپ ئىشلەۋاتقانىكەن. بۇنى كۆرگەن ئانا ناھايىتى ئەپسۇسلىنىپ، خىجىل بوپتۇ – دە، دەرھال كەينىگە يانماقچى بوپتۇ. دەل شۇ چاغدا يىگىت «كەينىڭگە قارا» دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئىشىتكەندەك بوپتۇ – دە، دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ ئانىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ، نومۇستىن ئۆزىنى يوشۇرۇشقا جاي تاپالماي قالغان يىگىت ھەسرەت بىلەن:

— ھەي ئاپا، ۋەدىگە ۋاپا قىلماي، قارا يۈز بولدىڭىز. ماڭىمۇ ۋە ئۆزىڭىزگىمۇ قىلدىڭىز! — دەپ خىتاپ قىپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۆستەڭدىكى سۇ دەھشەت بىلەن قەھرلىك دولقۇنلىنىپتۇ – دە، تېرەك بويى ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلۈپتۇ ۋە بىردىن پەسىيىپ يىگىتنى يۇتۇپ كېتىپتۇ. ئانىسى بۇنى كۆرۈپ ئۆز قىلمىشىغا مىڭبىر پۇشايمان قىپتۇ. يەرگە كىرەي دېسە يەر قاتتىق، ئاسمانغا چىقاي دېسە ئاسمان ئېگىز بىلىنىپتۇ – دە، ئوغلى سۇ باشلىغان جىلغان ئىچىدە يىغلاپ – قاقشاپ يۈرۈپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. شۇ جىلغىنىڭ نامى شۇنىڭدىن كېيىن «قارا يۈزى» (تۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ شىمال تەرىپىدە — ناھىيە بازىرىدىن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىدىرلىق جايدا «قارا يۈزى» دەپ ئاتىلىدىغان جىلغا ئىچىگە جايلاشقان بىر كەنت بار) دەپ ئاتالغانىكەن. ئۆستەڭمۇ شۇ ۋەجىدىن چالا قالغانىكەن (4).

4. ئىدىقۇت تېغى ھەققىدىكى ئەپسانە (A)

تۇرپان دىيارى قەدىمكى زامانلاردا ناھايىتى باي – باياشات، ئاسايىش بىر ئەل ئىكەن. بىر كۈنلەر كېلىپ بۇغدا تېغىدا بىر ئەژدىھا پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ ئەژدىھا ھەر يىلى ئەتىيازدا بۇغدا تېغىدىن تۇرپانغا چۈشۈپ چارۋا مال، باغ – ۋاران، زىرائەتلەرنىلا نابۇت قىلىپ قالماي، بەلكى تىنچ ياشاۋاتقان پۇقرالارنىمۇ يەپ – يۇتۇپ، يۇرتقا دەھشەت سېلىپ، مىسلىسىز چوڭ ئاپەت بولۇپ قاپتۇ. يۇرتنىڭ خاقانى ئەژدىھانى يوقىتىشقا نۇرغۇنلىغان مەردۇ – مەردان، باتۇرلارنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار ئەژدىھانى يوقىتىش تۈگۈل، ئۆزلىرى ئۆلۈپ تۈگەپتۇ. پۈتكۈل تۇرپان دىيارى ئىنتايىن دەھشەتلىك ئاپەت ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان كۈنلەردە، بۇ يۇرتتىن ئاجايىپ كۈچتۈكگۈر بىر پالۋان چىقىپتۇ. ئۇ خاقاندىن ئەژدىھانى يوقىتىشقا ئاتلىنىشقا ئىجازەت سوراپتۇ. خاقان پالۋان يىگىتنىڭ مەردانە جاسارىتىدىن سۆيۈنۈپ، ئەگەر ئەژدىھانى يوقىتىپ قايتىپ كەلسە، قىزىنى بېرىپ ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلىۋالىدىغانلىقىنى ۋە چەكسىز مول ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. يىگىت ئۆزىگە ھېچقانداق ئىلتىپاتنىڭ كرېىكى يوقلۇقىنى، پەقەت ئۆز ئەل – يۇرتىنى دەھشەتلىك ئاپەتتىن خالاس قىلىپ، خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالىسىلا، بۇنىڭدىن چوڭ ئىنئام يوقلۇقىنى ئېيتىپ، جەڭگە تەييارلىق قىلىپتۇ.

پالۋان يىگىت ئالتە ئاي جەڭگە تەييارلىق قىلىپتۇ. قىش ئۆتۈپ ئەتىياز كېلىپ ئەژدىھانىڭ بۇغدا تېغىدىن چۈشىدىغان ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ. يىگىت مىسران قېلىچىنى ئېلىپ، دۇلدۇل ئېتىغا مىنىپ جەڭگە ئاتلىنىپتۇ ... ئۇ ئېتىنى ئوتلاققا قويۇۋېتىپ، ئەژدىھانىڭ يولىنى توسۇپ، بىر قىيا تاشنىڭ كەينىگە مۆكۈپ يېتىپ ئوخلاپ قاپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن پالۋان يىگىتنىڭ ئېتى قاتتىق كىشنەپتۇ. پالۋان يىگىت ئويغىنىپ قارىسا ئەژدىھا كېلىۋاتقۇدەك، ئۇ مىسران قېلىچىنى قولىغا ئېلىپ ئەژدىھانىڭ يولىنى توسۇپ جەڭگە چۈشۈپتۇ. ئەژدىھا ئاغزىدىن ئوت چاچرىتىپ، پالۋان يىگىتكە ھۇجۇم قىلىپتۇ. پالۋان يىگىت قېلىچىنى كۆتۈرۈپ قەھىر – غەرەپ بىلەن ئەژدىھاغا ئېتىلىپتۇ. ئۇ ئىككىسىنىڭ ئېلىشىشىدىن يەر – زېمىن تىترەپ لەرزىگە كەپتۇ. توزىغان توپا – چاڭدىن قۇياش نۇرى توسۇلۇپ، ئاشمان خىرەلىشىپ، ئالەمنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپتۇ. ئەنە شۇنداق قاتتىق ئېلىشىش ئۈچ – كېچە – كۈندۈز داۋاملىشىپتۇ. پالۋان يىگىت ئۇسساپ، قورسىقى ئېچىپ ھالىدىن كېتىشكە باشلىغان پەيتتە، ئۇنىڭ ئەقىللىق، ۋاپادار ئېتى ئىچىشكە ئۇسسۇزلۇق، يېيىشكە ئوزۇقلۇق ئەكىلىپ بېرىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن پالۋان يىگىت كۈچ – قۇدرەتكە تولۇپ، ئەژدىھاغا قاراپ مىسران قېلىچىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا توغرىلاپ ئېتىلىپتۇ. ئەژدىھا پالۋان يىگىتنى دەم تارتىپ سۈمۈرۈشكە باشلاپتۇ – دە، پالۋان يىگىتنىڭ مىسران قېلىچى ئۇنى چىڭ ئوتتۇرىدىن تىلىپ تاشلاپتۇ. ئەژدىھا ئۆلگىنىگە تەن بەرمەي تولغانغانىكەن، پالۋان يىگىت ئۇنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدىن چىقىپ يەرگە چۈشۈپتۇ – دە، مىسران قېلىچىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئەژدىھانى چېپىشقا باشلاپتۇ. پالۋان يىگىت 9 قېتىم قېلىچ ئۇرغاندا ئەژدىھا ئون پارچە بولۇپ، جېنى چىقىپ ئۆلۈپتۇ. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ ئەژدىھا ئاخىر تاققا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. ئىدىقۇت يېغى ئەنە شۇنداق پەيدا بولغانمىش. ئىدىقۇت تېغىدىكى 9 ئېغىز — جىلغا — ئەژدىھانى چاپقاندا پارچىلانغان ئاراشلاردىن پەيدا بولغانىكەن (5).

5. ئىدىقۇت تېغى ھەققىدىكى ئەپسانە (B)

ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى يالقۇنتاغنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرت – دىيارلاردا ياشايدىغان خەلقلەر باياشات، پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرەر ئىكەن. چۈنكى يالقۇنتاغ ئەسلىدە سېرىق قۇمدىن ھاسىل بولغان تاغ بولماستىن، بەلكى بۇغداي ئۇنىدىن ھاسىل بولغان تاغ ئىكەن. شۇ سەۋەبلىك، بۇ تاغنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتا ياشايدىغان خەلقلەر يېمەك – ئىچمەكتىن قىلچە غەم – ئەندىشىسىز، توق ھالەتتە ياشاپ ئۆتكەنىكەن. ھەر كىم خالىسا بۇ ئۇندىن ھاسىل بولغان تاغدىن ئېھتىياجىغا قاراپ تاغار – خالتىلىرىغا ئۇن ئېلىپ قايتىپ، ئەركىن تۇرمۇشتا ياشايدىكەن. ئۇن تاغ ئۇزاق مانلارغىچىلا ھەممە خالايىققا ئورتاق بولۇپ تۇرىۋېرىپتۇ.

كۈنلەرنىڭ بىردە، ئۇن تاغقا يىراق بولمىغان جايدا ئولتۇرۇشلۇق بولغان بىر تۇل ئايال ئۆزىنىڭ كىچىك ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇن تاغقا ئۇن ئالغىلى خالتا كۆتۈرۈپ بېرىپتۇ. ئۇلار تاغقا ئەمدىلا يېتىپ بېرىشىغا تۇل ئايالنىڭ كىچىك ئوغلى ھاجەتتە ئولتۇرۇپ، ئۇن تاغنىڭ باغرىنى مەينەت قىلىپ قويۇپتۇ. ئوغلىنىڭ بۇ قىلىقىدىن پەرىشان بولغان ئايال بالىسىنىڭ ھاجىتىنى ئېرىغدىماق بولۇپ، ئەتراپىدىن لاتا – پۇرۇچ، نە چالما – داڭگال تېپىلماپتۇ. بۇ ئىشتىن تىت – تىت بولغان ئانا ئاخىر يولدا قۇرساق ئاچقاندا يەيمىز، دەپ ئېلىۋالغان قۇيماقتىن ئىككىنى سېۋەتتىن ئېلىپ، ئوغلىنىڭ ھاجىتىنى ئېرىغداپتۇ. بۇ چاغدا كۈنمۇ غەربكە خېلىلا قىڭغايغانىكەن. ئانا ئالدىراپ – تېنەپلا خالتىسىغا ئۇننى ئېلىپ ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. يول بويى خالتىكى ئۇن بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ئانىنىڭ يەلكىسىنى بېسىپ، ئۆيىگە يەتكۈچە ئۇنى خېلى ھالسىرىتىپتۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇن ئېلىپ كېلىشلەردە بۇنداق غەيرىي ھادىسىنى سەزمىگەن ئانا، ئۆيىگە يېتىپ كېلىپلا خالقىنىڭ ئاغزىنى يېشىپ قارىغۇدەك بولسا، خالتىغا قاچىلانغىنى بۇغداي ئۇنى بولماستىن، بەلكى ساپسېرىق قۇم بولۇپ چىقىپتۇ. بۇ ئىشتىن قاتتىق تەئەججۈپلەنگەن ئانا دەرھاللا كەينىگە يېنىپ ئۇن تاققا قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. ئانا ئۇن تاققا يېتىپ بارغان چېغىدا كۈنمۇ غەربىي تاققا باش قويغان بولۇپ، قۇياشنىڭ كەچكى شەپەق نۇرىدا ھېلىقى ئۇن تاغ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئوخشاش ئالتۇندەك سېرىق قۇم تاغ بولۇپ يالقۇنلىنىپ تۇرغانىكەن. ئۆز كۆزىگە ئىشەنمىگەن ئانا «ئۇن تاغ» دىن بىر ئوچۇم ئېلىپ كۆزىگە يېقىن ئېلىپ قاراپتۇ، تىلى بىلەن يالاپ كۆرۈپتۇ، ئالقانلىرى ئارىسىدا ئۇۋىلاپ كۆرۈپتۇ ... دەرۋەقە، ئۇن تاغ قۇم تاققا ئايلىنىپ قالغانىكەن. بىچارە ئانا بۇنىڭ سىرىنى چۈشەنگەندەك قىپتۇ، ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان يەپتۇ ۋە بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە كېتىپتۇ. شۇندىن ئېتىۋارەن «ئۇن تاغ» ھازىرقى يالقۇنتاغ ھالىتىگە كىرىپ قالغانىكەن (6).

6. تاشقا ئايلانغان ئەۋلىيا رىۋايىتى

ئىلگىرىكى زامانلاردا، ھازىرقى جىمسار ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا بىر مەھەللە بولغانىكەن. مەھەللىنىڭ بىر چېتىدە شۇ مەھەللە بېيىنىڭ قۇرۇقى بولۇپ، 12–13 ياشلاردىكى بىر تاز يېتىم بالا باينىڭ قويلىرىنى باقىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە توساتتىن باينىڭ 6–7 قويى يوقاپ كېتىپتۇ. پادىچى بالا ئۇيان – بۇيان چېپىپ ئىزدەپمۇ كەچ كىرگۈچە يوقالغان قويلارنى ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ. ئامالسىز قالغان قويچى يىغلاپ يۈرۈپ قالغان قويلارنى يىغىپ باينىڭ قۇرۇقىغا غەم – ئەندىشە ئىچىدە قايتىپ كەپتۇ. دېگەندەك، باي، تاز يېتىم قويچىسىنى قاتتىق ئۇرۇپ – تىللاپتۇ ۋە يوقالغان قويلارنى تېپىپ كەلمىسە، ئۇنىڭغا يەيدىغان ئاش – نان بەرمەيدىغانلىقىنى ھەم ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ...

پاناھسىز قالغان، ئاچ قۇرساقنىڭ ئۈستىگە قاتتىق جازاغا ئۇچرىغان بىچارە قويچى يىغلاپ يۈرۈپ قويلىرىنى ئىزدىگىلى مېڭىپتۇ. بىر كېچە – كۈندۈز ئىزدەپتۇ يۇ، لېكىن تاپالماپتۇ. دەرمانسىزلىنىپ ھالىدىن كېتەي دېگەن قويچى بالا ئاخىر ئامالسىز قۇرۇققا يېنىپتۇ. شام ۋاقتى بىلەن بىر ئىدىرلىقتىن ئېشىۋاتقاندا قويچىغا توساتتىن ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي ئۇچراپتۇ. قويچى ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ بوۋايغا ئەدەب بىلەن سالام بېرىپتۇ. بوۋاي سالامنى ئىلىك ئالغاندىن كېيىن:

— بالام، بۇ ئىدىرلىق ئىچىدە كەچ كىرگەندە يالغۇز يۈرۈپ قاپسەنغۇ؟ — دەپ سوراپتۇ. قويچى بالا كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا بولغان ئىشنى ئاق ساقاللىق بوۋايغا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. بوۋاي بالىنىڭ بېشىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاپتۇ ۋە:

— يىغىلىما بالا، قويلىرىڭ ئوڭ ياندىكى قاپتالنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئوتلاپ يۈرۈپتۇ. قويلىرىڭنىڭ ئالتە بۆرە قۇرۇغداپ تۇرۇپتۇ. سەن ھازىرلا شۇ ياققا بارغىن. بۆرىلەر سېنى كۆرگەن ھامان ئۆز يولىغا كېتىدۇ. قويلىرىڭنى تېپىپ غەمدىن خالاس بولغايسەن، دەپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ ... پادىچى بېشىنى سىلاپ كۆرسە، بېشىغا قۇيۇق چاچ ئۈنۈپ، قاسماقلىرى يوقاپ كەتكەن، بۇنىڭدىن ھەم ھەيران، ھەم خوشال بولغان پادىچى بوۋاينىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئوڭ ياندىكى ئىدىرلىقنىڭ كەينىگە ئۆتۈپتۇ. قارىسا ئالتە بۆرە يوقالغان ئالتە قوينى قۇرۇغداپ تۇرغۇدەك، دېگەندەكلا بۆرىلەر پادىچىنى كۆرگەن ھامان ئۆز يوللىرىغا مېڭىشىپتۇ. پادىچى قويلىرىنى ياندۇرۇپ قورۇققا قايتىپتۇ. پادىچىنىڭ قويلارنى ساق – سالامەت تېپىپ كەلگەنلىكىنى ھەم ئۇنىڭ بېشىدىكى قاسراقلارنىڭ يوقىلىپ، قويۇق قارا چاچ ئۈنۈپ، كۆرۈمسىز قويچىنىڭ ئاجايىپ چىرايلىق، قاراقاش بالىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن باي قاتتىق تەئەججۈپلىنىپتۇ ۋە بالىنىڭ ئالدىغا ئېسىل تائاملارنى قويۇپ، قۇرسىقىنى تۇيغۇزۇپتۇ. ئاندىن بالىنىڭ قويلارنى قانداق قىلىپ تېپىۋالغانلىقىنى، بېشىنىڭ نېمە سەۋەبتىن مۇنچە تېز ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى سوراپتۇ. ئاق كۆڭۈل پادىچى قويلارنى تېپىپ كېلىش جەريانىدا بولغان ئىشلارنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. باي چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ...

ئەتىسى، باي پادىچى بالىغا بىر قۇر ياخشى كىيىملەرنى كىيدۇرۇپ، شېرىن – تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ، ھېلىقى ئاق ساقاللىق بوۋاينى ئىزدەپ تېپىشقا يول باشلىتىپ مېڭەپتۇ. قويچى باينى ئەگەشتۈرۈپ، ئاۋۋالقى كۈنى بوۋاي بىلەن ئۇچراشقان جايغا كېلىپ ئەتراپنى ئىزدەشتۈرۈپتۇ، لېكىن بوۋاينى تاپالماپتۇ. توۋلاپ كۆرۈپتۇ، ئەمما ھېچبىر سادا ئاڭلانماپتۇ. ئاخىر باي بىلەن پادىچى ئېگىز بىر تۆپۈلۈكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قاراپتۇ. شەرق تەرەپتە — كۆز يېتىم يەردە بىر يارلىقتا يوغان ئۆڭكۈرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈشۈپتۇ —دە، شۇ تەرەپكە بېرىپ قاراپ كۆرۈپتۇ. ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا ھېلىقى ئاق ساقاللىق بوۋاي تاشقا ئايلانغان ھالەتتە ياتقان، ئۇنىڭ كىندىكىدىن سۈزۈك سۇ فونتان بولۇپ ئېتىلىپ چىقىپ، ئۆڭكۈرنىڭ سىرتىدىكى ئوت – چۆپ، گۈل – گىياھلارنى ياشارتىپ تۇرغۇدەك. باي بۇ ھالنى كۆرۈپ ئېغىر بىر ئۇھ تارتىپتۇ —دە، ئۆيىگە قاراپ يېنىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي باي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. باينىڭ مۈل – مۈلكى، قۇرۇقى پادىچى بالىغا قاپتۇ. باينىڭ بۇ مال – مۈلكىنى شۇ مەھەللىدىكى كەمبەغەللەرنىڭ قان – تەرى بەدىلىگە يىغىلغانىكەن. پادىچى باي قالدۇرۇپ كەتكەن بايلىقنى ئەنە شۇ كەمبەغەل يۇرتداشلىرىغا ئۆلۈشتۈرۈپ بېرىپتۇ ھەمدە ئۇلار ھېلىقى ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپ – يانلىرىغا نۇرغۇنلىغان غارلارنى قېزىپ، ئاق ساقاللىق بوۋايغا تەقلىد قىلىپ ھەر خىل ھەيكەللەرنى ياسىشىپتۇ. كېيىنچە، بۇنداق قېزىلغان غارلار مىڭغا يېتىپتۇ. ھازىرقى يەرلىك كىشىلەر بۇ جاينى «چيەن بۇدۇڭ» («چيەن بۇدۇڭ» خەنزۇچە «» (مىڭ بۇت قويۇلغان غار)نىڭ بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشى.) دەپ ئاتىشىدىكەن (7).

ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا خاس بولغان ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلەر تۇرىدىن بۇر يەردە پەقەت كىتابنىڭ ھەجىمىنى نەزەردە تۇتۇپ يەتتە ئەپسانە – رىۋايەتنى نەمۇنە سۈپىتىدە كۆتسەتتۇق (بۇنداق ئەپسانە – رىۋايەتلەردىن قولىمىزدا نەچە ئون پارچىسى بار، كەلگۈسىدە ئايرىم كىتابچە قىلىپ كىتابخانىلارنىڭ نەزىرىگە سۇنىمىز)، مانا مۇشۇ مىسالغا كۆرسىتىلگەن قىسقىغىنە ئەپسانە – رىۋايەتلەردىن بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئارزۇ – تىلەكلىرى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى، قەھرىمانلىق ۋە خەلقپەرۋەرلىك روھى، ئەدەب – ئەخلاق، پەزىلەتلىرى، ئېتنوگرافىيىسى ... ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلالايمىز.

ماركىس: «خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى ئەينى تارىخىي ھۆججەت بولمىغان بىلەن، ئۇ خەلقنىڭ تارىخىنى پوئېتىك جەھەتتىن ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ جەۋر – جاپالىرىنى تەسۋىرلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەسەرلەردە (ئەلۋەتتە بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا) تارىخىي ئېتنوگرافىيىلىك ماتېرىيال سۈپىتىدە پايدىلىنىش كېرەك» دەپ كۆرسىتىدۇ. ماركىسنىڭ مۇشۇ نەزەرىيىۋى شەرئىسى بويىچە ئېيتقاندا، يۇقىرىدا كۆرسىتىلەەن ئەپسانە – رىۋايەتلەردىن «ئىدىقۇت شەھىرىنىڭ بىنا بولۇشى» ھەققىدىقى رىۋايەتتىن بىز ئىدىقۇت رايونىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەرلەردە مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، تېرىقچىلىق ۋە قول ھۈرنەرۋەنچىلىك، سودا ئىشلىرىنى خېلى بۇرۇنقى دەۋرلەردىن تارتىپلا تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، «يېپەك يولى»نىڭ ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن خېلى بۇرۇنلا راۋانلاشتۇرۇلغانلىقىنى قىياس قىلالايمىز؛ «قۇدۇق قازغان پادىچى يىگىت» ھەققىدىكى رىۋايەتتىن ئىككى نۇقتىنى چۈشىنىشىمىزگە ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ؛ بىرى، جەمئىيەت تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن، شۇ يەرلىك خەلقنىڭ چارۋىچىلىقتىن دېھقانچىلىققا كۆچۈش ئىزناسىنى؛ يەنە بىرى، ئەمگەكچى، پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى داۋامىدا تەبىئەتنى تەدرىجىي تونۇپ ۋە ئۇنى بويسۇندۇرۇپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلىقىنى پەرەز قىلىپ يېتەلەيمىز.

«يالغۇز ئوغۇل ئېرىقى» رىۋايىتى بىلەن «ئىدىقۇت تېغى» ھەققىدىكى ئەپسانىدىن بىز خەلقىمىزنىڭ خەلقپەرۋەرلىك، قەھرىمانلىق روھىنى، ئەدەب – ئەخلاق چۈشەنچىسىنى، شۇنىڭدەك ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىقنىڭ يامان ئاقىۋېتى ھەققىدىكى ۋەز – نەسىھەتلىرىنى چۈشىنىشكە ئىمكان تاپساق، «تاشقا ئايلانغان ئەۋلىيا رىۋايىتى» بىلەن «مىڭئۆينىڭ بىنا قىلىنىشى» ھەققىدىقى رىۋايەتلەردىن بىز ئەجدادلارنىڭ بۇددا مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ شولىسىنى كۆرىمىز.

قىسقىسى، بىر پۈتۈن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ئەدەبىياتىدە يەرلىككە خاس بولغان ئەنە شۇ باي مەزمۇنلۇق ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلەر تۈرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى مانا شۇ خىلدىكى يەرلىك ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئىگە بولمىغان بولسىدى — دىنىي مەزمۇننى ئاساس قىلغان ئۆزلەشتۈرمە – تەرجىمە ئەدەبىياتىنى شۇ قەدەر گۈللەندۈرۈشكە مۇۋاپپەق بولالمىغان بولاتتى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، دىنىي ئېھتىياج ئۈچۈن دېگەن پىكىرنى قۇۋۋەتلىگەندىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ پۇختا ئاساسىي بولمىغان خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەتنى بېيىتىش مەقسىتىدە يات خەلقلەرگە خاس ئەدەبىياتنى قوبۇل قىلىشقا ئىنتىلىشى ۋە جۈرئەت قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەستۇر.

مانا مۇشۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا خاس بولغان – قويۇق يەرلىك خاراكتېرگە، قەدىمىيلىككە ئىگە بولغان ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى نەمۇنىلىرىدىن باشقا، ئىككىنچى تۈركۈمگە مەنسۈپ بولغان — يازما خاتىرىلەردىن ساقلىنىپ قالغان بىر مۇنچە قوشاقلار، ماقال – تەمسىللەر، ئاتىلار سۆزى – ھېكمەتلەر، پەندى – نەسىھەتلەرمۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە خاس ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن دىققەتكە سازاۋەردۇر.

بىلىم ئۆگىنىش توغرىسىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى دەۋرىدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قوشاقلاردىن ئىككى كۇپلېتنى نېمىس تۈركولوگى گابائىن خانىم بىلەن تۈركىيىلىك رەشىد رەخمەتى ئارات 1933– يىلى ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان «ئۇلۇغ ئاسىيا» ناملىق ژۇرنالدا «قەدىمكى تۇرپان قوشاقلىرى» ماۋزۇسى ئاستىدا ئېلان قىلغان (9). بۇنىڭ ئەسلى تېكىستى ۋە يەشمىسى تۆۋەندىكىچە:

بىلىگ بىلىڭ يا بەگىم،

بىلىگ ساڭ ئەش بولۇر.

بىلىگ بىلگەن ئول ئەركە،

بىر كۈن دۆلەت تۇش بولۇر.

(بىلىم ئۆگىنىڭ، ئەي بېگىم،

بىلىم سىزگە ھەمراھ بولىدۇ.

بىلىم ئۆگەنگەن ئەرگە،

دۆلەت ئاخىر يار بولىدۇ.)

.

بىلىگلىگ ئەر بىلىڭە،

تاش قۇرسانسا قاش بولۇر.

بىلىگسىزدىن يانىڭا،

ئالتۇن قويسا تاش بولۇر.

(بىلىملىك ئەرنىڭ بىلىگە قىستۇرۇۋالغان تېشى

قاش تېشىغا ئايلىنىدۇ.

بىلىمسىزدىكى ئالتۇن تاشقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.)

بۇ قوشاقتا ئوبرازلىق ئوخشىتىشلارنىڭ دەل جايىدا قوللىنىلغانلىقى، ۋەزنىنىڭ يەڭگىل، راۋانلىقى، تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر دەل قەدىمكى ئۇيغۇر قوشاقلىرىغا ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭدىكى باش قاپىيەگە بېرىش ئۇسلۇبى بولسا، ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا سۆيۈنگەنلىكنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ، يازما ئەدەبىيات بىلەن ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر – بىرىگە ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قانۇنىيەتكە ماس كېلىدۇ.

چىرايلىق قۇراشتۇرۇلغان بۇ ئىككى كوپلېت قوشاقتا ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەرىپەتپەرۋەرلىك ئىدىيىۋى مەزمۇنغا قاراپ، شۇنى تەكىتلەپ كۆرسىتىش زۆرۈركى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خاندانلىقى ئۆز تارىخىدا ناھايىتى زور يۈكسىلىش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنىدى. ۋاھالەنكى، مۇنداق بىر زور يۈكسىلىشنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن – ئۇلۇغ دەۋرنى يارىتىش ھارپىسىدا، مۇئەييەن جەمئىيەت ئەزالىرىدا ئورتاق بولغان زامانىۋى ئاڭنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشى بەكمۇ مۇھىم بولغان ئىجتىمائىي شەرت ئىدى. ھالبۇكى، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدا ئەنە شۇ يۇقىرىقى خەلق قوشىقىدا ئالغا سۈرۈلگەن مەرىپەتپەرۋەرلىك ئىدىيە يېتەكچى ئورۇندا تۇرغىنىدا، بىر ئېتنىك مەنبەگە ئىگە بولغان، ئوخشاشلا گۈللىنىش دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قاراخانىيلار سۇلالىسىگە تەۋە قېرىنداشلار ئارىسىدىمۇ بۇ خىل ئىدىيە روشەن گەۋدىلەنگەنىدى. بۇ ھەقتە، 11– ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ: ئادەم بىلىم ۋە ئەقىل – پاراسەتكە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن ھەققانىيەتنى ياقىلىيالايدۇ، ھەقىقەتكە ئۆزىنى بېغىشلىيالايدۇ؛ تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ياشاشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. ھەق – ناھەقنى ئايرىيالايدۇ؛ تۈرلۈك خېيىم – خەتەرلەرنى تۈگىتىپ، ياخشىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يامانلىقنى چەكلىيەلەيدۇ، ئۆزىگىمۇ، دۆلەتكىمۇ، خەلققىمۇ، بەخت، بايلىق يارىتالايدۇ، دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ (10).

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، مەلۇم مىللەتنىڭ مۇئەييەن جەمئىيەتتە گۈللەندۈرگەن مەدەنىي ھاياتىدا بىلىم ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا، گۈللەنگەن مەدەنىي ھاياتنىڭ يەنە بىر مۇھىم بەلگىسى — جەمئىيەت ئەزالىرىدا يېتىشكەن يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەخلاقىي پەزىلەتتۇر. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدىن قالغان يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە مۇشۇنىڭغا دائىر بولغان – يۈكسەك ئەخلاق – پەزىلەرنى يېتىشتۈرۈش، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرەشتەك مەزمۇندىكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىدىن ھېكمەتلەر — ئاتىلار سۆزىمۇ ئۇچرايدۇ.

بۇ ئاتىلار سۆزى — ھېكمەتلەر، پەندى – نەسىھەتلەر، ماقال – تەمسىللەرنىڭ ئەسلى ۋە يەشمىسى مۇنداق:

1) ئەسلىسى:

قىلماغۇ قىلىقلارنى

ئاشنۇچە سانمىش كەرەك.

سانمادىن قىلمىشتا كىن

نەتىگىن تانمىش كەرەك.

يەشمىسى:

قىلماسقا تېگىشلىك قىلىقلارنى،

ئالدى بىلەن ئويلاش كېرەك.

ئويلىماي قىلغاندىن كېيىن،

ئۇنىڭدىن تانماسلىق كېرەك.

2) ئەسلىسى:

كىرىككەن تونلەر كىرىن

سۇۋ ئۈرە يۇمۇش كەرەك

سۆز كىرى كەتمەس يۇسا

نەتىگىن قىلمىش كەرەك.

يەشمىسى:

كىر باسقان كىيىمنىڭ كىرىنى

سۇ بىلەن يۇسا چىقىپ كېتىدۇ.

سۆز كىرىنى يۇيۇپ چىقىرىشنىڭ

ھېچقانداق ئامالى يوق.

3) ئەسلىسى:

ئايىپسىز تىشكەئەر

بويۇنىن سۇنمىش كەرەك.

ئول ئانتاغ تۈزۈن بىرلە

تىرىگلىك قىلمىش كەرەك.

يەشمىسى:

ئەيىبسىز ئاياللارغا،

ئەرلەر بوينىنى ئېگىشى كېرەك.

ئۇنداق ھەققانىي (ئايال) بىلەن،

(ئۆمۈر بويى) بىرگە تىرىكچىلىك قىلىش كېرەك.

4) ئەسلىسى:

ئاقىقات بولسا تۈزۈن

ئاڭا جان بەرش كەرەك.

مەڭى چىن ئول مەڭى ئوق

تاقى نە ئايمىش كەرەك.

يەشمىسى:

ھەقىقەتەن توغرا بولسا،

ئاڭا جاننى بېرىش كېرەك.

پاكىت بەزىبىر پاكىت،

ئۇنىڭغا يەنە نېمە دېيىشنىڭ ھاجىتى بار (؟!)

5) ئەسلىسى:

ئەش قىلغۇ ئەزگۈ ئەشنى،

كۆركىتۇر كۆنى يولنى.

كەسمەڭلار ئەگرى تالنى،

تۆبەسنتە مېۋە بار.

يەشمىسى:

دوست بولغاڭ ياخشى بىلەن دوست بول،

ئۇ ساڭا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەگرى تال دەپ كېسىۋەتمەڭلار،

ئۇنىڭ شاخلىرىدا مېۋىسى بار.

++++++++++++

1) ئەسلىسى:

ئەردەملىك كىشى بىرلەتۇز ئول

ئەردەمسىز كىشى ئۆتۈك ئىچىندەكى ئولياق بىرلە تۇز ئول.

يەشمىسى:

پەزىلەتلىك كىشى گۆھەر،

پەزىلەتسىز كىشى پېتەك.

2) ئەسلىسى:

بۇيانلىغ كىشى بۇرقانلار بىرلە تۇز ئول.

بۇيانسىز كىشى بۇق باقىر بىرلە تۇز ئول.

يەشمىسى:

ساۋابلىق ئىش قىلغۇچى بۇرھاندۇر،

ئىنساپسىز كىشى ئەسكى مىستۇر.

3) ئەسلىسى:

بەگىمىسنمەيەك بەگ بولسا بەلتىر سايۇ بەلگۇ سالۇر

ئاتاقىمسىنمايۇق ئاتىغ بۇلسار ئارت سايۇ ماياقايۇر.

يەشمىسى:

ئەمەل تۇتمىغان ئەمەل تۇتسا، ھەر دوخمۇشقا قامچا قويۇر،

ئاتىقى چىقمىغاننىڭ نامى چىقسا، ھەر بىر تاغ ئۆتكىلىگە بەلگە سالۇر.

4) ئەسلىسى:

ياغمۇر ياغسا قاپۇڭ بولسۇن ياپىنغۇ كەرگەك

ياۋۇز كىشى ياقىن كەلسە ئابىنغۇ كەرەك.

يەشمىسى:

يامغۇر ياغقاندا يېپىنچاڭ بولسا، يېپىنىۋال،

ياۋۇز ئادەم يېقىنلاشسا، ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىل.

5) ئەسلىسى:

ئەر قۇتى بەلىڭ.

سۇۋ قۇتى تەرىڭ.

يەشمىسى:

ئەرنىڭ قۇتى قورقماسلىقتا،

سۇنىڭ قۇتى چوڭقۇرلۇقتا (12).

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى زامانىسىدىن قالغان بۇ ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىدىكى يامان قىلىقلارنى قىلماسلىق، يىرىك سۆز قىلماسلىق، ئەخلاق – پەزىلەتلىك، ئىپپەتلىك ئاياللارنى ئىززەتلەش، ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىش ۋە ۋە بۇ يولدا جانپىدا قىلىش، ياخشىلار بىلەن دوست – ھەمراھ بولۇش، پەزىلەتلىك كىشىلەرنى «گۆھەر»گە تەمسىل قىلىش ۋە پەزىلەتسىز كىشىلەرنى پېتەككە ئوخشىتىش، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا دەۋەت قىلىش؛ زالىم، ماختانچاق ئەمەلدارلارنى قامچىلاش، يامان غەرەزلىك ئادەملەردىن ھەزەر ئەيلەش؛ قورقۇمسىز، باتۇر ئەرلەرنى ھۆرمەتلەش ھېسسىياتى ... قاتارلىق ئەخلاق – پەزىلەت مىزانلىرى، ئەقىدە – چۈشەنچىلەر، ئىجتىمائىي تۇرمۇش پەلسەپىلىرى، روشەنكى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى جەمئىيىتىدىكى مەنىۋى ھاياتنىڭ مۇئەييەن كارتىنىسىنى سىزىپ بېرىدۇ. بۇ ئۈگۈت – نەسىھەت، ئاتىلار سۆزى – ھېكمەتلەر، ماقال – تەمسىل خاراكتېرىدىكى مىسرالاردا ئىشلىتىلگەن تىلنىڭ ئوبرازلىقلىقى، جانلىقلىقى بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چوڭقۇر ئىجتىمائىي مەزمۇنلار كىشىگە چوڭقۇر تەسىۋات ۋە بەدىئىي زوق بېغىشلايدۇ.

شۇنىمۇ كۆرستىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدىن بىزگە مىراس بولۇپ قالغان مۇشۇ ئازغىنە ئەل ئەدەبىياتىغا تەئەللۇق پارچىلار بىلەن قارخانىيلار خاندانلىقى جەمئىيىتىدە يېزىلغان، پىكىر، ئىدىيە، تەلىمات ۋە چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلەشتە ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىغا زور دەرىجىدە مۇراجىئەت قىلغان «قۇتادغۇ بىلىك»تىكى تىل ۋە ئۇنىڭدىكى بىلىم قارشى، ئەدەب – ئەخلاق مىزانلىرى، تۇرمۇش پەلسەپىلىرىدە مۇئەييەن ئورتاقلىقنىڭ بارلىقى كىشىگە ھەرگىزمۇ تەسادىپىيلىق تۇيغۇسى بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، گەرچە ئىككى خاندانلىقنىڭ تېرىتورىيىسى ئايرىم، دىنىي ئېتقاتلىرى باشقا – باشقا بولسىمۇ، ئۇلار ئورخۇن بويىدىكى ئۇيغۇر خاندانلىقى دەۋرىدە مۇئەييەن بىر جەمئىيەتتە ئوخشاش بىر مۇھىتتا ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىنىڭ ئاساسىنى تىكلىۋالغانىدى.

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا مەنسۈپ بولغان ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى ناھايىتى چوڭ تەتقىقات تېمىسىدۇر. ۋاھالەنكى، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما ھۆججەتلەردىن خاتىرىلىنىپ قالغان ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى بەكمۇ ئاز. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ دەۋرلەردە ئەل ئىچىگە چوڭقۇر تارقالغان ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلەر تۈرى ئۈستىدىمۇ تېخىچە يېتەرلىك ئىزدىنىشلەر، تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلغىنى يوق. لېكىن، بۇ يەردە شۇنداق بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تامامەن ھەقلىقمىزكى، مەيلى ئىدىقۇت دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن يەرلىككە خاس مىللىي يازما ئەدەبىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدە بولمىسۇن ياكى ئۆزلەشتۈرمە – تەرجىمە ئەدەبىياتتا بولمىسۇن ۋە ياكى ئەينى دەۋردە قەلەمگە ئېلىنغان ئەسەرلەردە (ئوغۇزنامىگە ئوخشاش) بولمىسۇن، ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ «مەنبەلىك» رولىدىن چەتتە قالغان ئەمەس. شۇ جۈملىدىن، ئەدەبىياتنىڭ بۇ ئىككى تۈرىنىڭ ئۆزئارا «ئۆتۈشۈش»تەك تەسىرچانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، ئەلىۋەتتە.

–––––––––––––––––––––––––––––––

(1) (2) (3) بۇ ئۈچ رىۋايەتنى مەن «مىراس» ژۇرنىلىنىڭ 1984– يىللىق 2– سانىدا ئېلان قىلغانىدىم. بۇ كىتابقا ئەنە شۇ ژۇرنالدىن مىسال كەلتۈردۇم.

(4) بۇ رىۋايەتنى مايىت ئەپەندى ئېيتىپ بەرگەن. مەمەت شانىياز (يازغۇچى) خاتىرىلىۋالغان. 1987– يىل ئەتىياز پەسلىدە مەن شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىنى يىغىش خىزمىتى بىلەن كاماندىرۇپكىغا بارغىنىمدا يولداش مەمەت شانىياز بۇ رىۋايەتنى ماڭا ھەدىيە قىلغانىدى.

(5) بۇ رىۋايەتنى تۇرپان ناھىيە مۇرتۇق يېزا تۆۋەن مەھەللىدە (بۇ مەھەللە بېزەكلىك غولىنىڭ باش تەرىپىگە جايلاشقان) ئولتۇرۇشلۇق قېيىم بوۋا ئېيتىپ بەرگەنىدى.

(6) بۇ رىۋايەتنى مەن 1987– يىل ئەتىياز پەسلىدە شەرقىي شىنجاڭ رايونىغا ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىنى يىغىش خىزمىتى بىلەن كاماندىرۇپكىغا چىققاندا، جىمسار ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان يولداش مەمەت ئەۋەيدۇل ئېيتىپ بەرگەنىدى.

(7) «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1981– يىل 2– سان 13– بېتىگە قارالسۇن.

(8) «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمى يەشمىسى بىلەن ترانسكرىپسىيىسى بىللە ئىشلەنگەن نۇسخىسىغا قارالسۇن. مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984– يىل نەشرى.

(9) (10) «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1981– يىل 2– سان 16– بېتىگە قارالسۇن.

================================

مەنبە: «ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، ئىسمائىل تۆمۈرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى


[بۇ يازمىنى 2007-08-31 10:09 AM دە «يالقۇنتاغ» تەھرىرلىگەن]
[ تېكستنىڭ فونت رەزمىرى: چوڭئوتتۇراكىچىك ]
نەقىلگە ئىشلىتىش ئادرېسى (0):
ئادرېسنى كۆچۈرۈش /trackback.asp?tbID=204

تۇرپان تەزكىرىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە

新ICP备10202342号-4

吾买尔江·沙塔尔 0991-8982843 ئۆمەرجان ساتتار

بېكىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى «شىنجاڭ تېزلىك تورى»  تەمىنلىگەن

Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.078125 second(s), 6 queries