تۇرپان رايونى يىراق تارىختىن بۇيان يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگىنىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر تارىم ئويمانلىقىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئويمانلىقنىڭ شەرقىي شىمالى قىسىمىغا جايلاشقان ھەم مۇناسىپ ھالدا خېلى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
تۇرپان ئالاھىدىلىكلىرىدىن سۆز ئاچساق، تۆۋەندە بىر نەچچە جەھەتتىكى ئەھۋالنى بىلىۋالالايمىز:
1. تۇرپان دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى ئورۇندا ۋە دۆلىتىمىز بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئويمانلىق، خەرىتىدە ئىپادىلەنگەن جۇغراپىيىلىك ئورنىغا قارىتا دېڭىز يۈزىدىن 155 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا تۇرىدۇ دەپ ئالاھىدە شەرھىلەنگەن.
