ئىزاھات: ماقالىدا مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغانلىقى بىر قىسم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.
مەتبەئە تېخىنىكىسىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى نەشرىيات ۋە ئاخباراتچىلىق تارىخى بويىچە، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت تەرەپتىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ھادىسدۇر. غەربلىكلەر مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغان كەشپىياتچى سۈپىتىدە يوھان گۇتىنبۇرگنى كۆرسەتسىمۇ، ھەقىقەتتە مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار گۇتىنبۇرگتىن بۇرۇنلا 6 – ئەسردە ئىجاد قىلغان.
دەسلەپكى مەزگىلدە تۆلەس، كېيىنكى دەۋرلەردە توققۇز ئوغۇز نامى بىلەن ئاتالغان بۇ قەۋم 744 – يىلىغا بارغاندا تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان. بۇ دۆلەت 840 – يىلىغىچە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان ۋە قىرغىزلار تەرىپىدىن يېقىتىلغان. دۆلەتنىڭ يېقىلىش سەۋەبى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىچكى ئاسىيادا بەش بالىق، تۇرپان، خوجا قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بارغان ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، كۈلتۈرىنى تۇرپاندا داۋاملاشتۇرۇپ ئولتۇراقلىشىش ھاياتىغا قەدەم قويغان. ئۇيغۇرلار باشقا تۈركى خەلقلەردىن بۇرۇن بۈيۈك مەدەنىيەتلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، بىلىم، كۈلتۈر، تىجارەت قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەرنى ئۆگىنىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەڭ مەدەنىي مىللەتلىرىدىن بىرى بولغان.
981 ~ 984 – يىللىرى قاراخوجاغا چىن (جۇڭگو) ئەلچىسى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن ۋاڭ يەندې ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك خاتىرلەيدۇ: «بەشبالىقتا بەك كۆپ ئۆيلەر، مۇنارلار ۋە باغچىلار بار ئىكەن، ئۇيغۇرلار ئەقىللىق، توغرا خاراكتېرلىك ۋە نومۇسلۇق ئىنسانلار ئىكەن، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ۋە تۆمۈردىن بىر نەرسە ياساشنى بىلىدىكەن، تەشتەك، قاچا، قازان ساھەسىدە مۇكەممەل ئەسەرلەرنى ياراتقانىكەن». ئەلچى ۋاڭ يەندې يەنە تۇرپاندا توقۇلغان ئۇيغۇر رەختلىرىگە ھەيران قالغانلىقىنى، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆيىدە مۇتلەق ھالدا بىر كىتابخانا تېپىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىنى ناھايتى ياخشى ئاشلاپ ئشلىتىدىغانلىقىنى، تۆمۈر ۋە پولات تاۋلاپ قورال ياسايدىغانلىقىنى، ھەتتا قورال سودىسىنى ئۆز قوللىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە ئېتىدۇ.
يەنە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كۆمۈرنى بايقاپ نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم.
ئۇيغۇر تۈركلىرى كۆكتۈرك ئېلىپبەسىدىن كېيىن 14 ھەرپلىك ئۇيغۇر ئېلىپبەسنى ئشلەتكەنىدى.
تۈركولوگ ئا. ۋون. لى كوگنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپاغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر تۈركلىرى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ياۋروپادىن خېلىلا بۇرۇن باشلىغان. ياۋروپادا ساناقلىق كىشىلەر ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلسە، ئۇيغۇرلاردا دېھقانلار، يېزا ئاھالىلىرى، سودىگەر، قىسقىسى ھەممە ئادەم ئوقۇش – يېزىشنى بىلەتتى. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى، يەرلىك كۈلتۈرلەر ئىچىدە ئەڭ ئىلغار كۈلتۈرنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. مانى دىنى ۋە بۇددا دىنى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىل شىۋىسىدە تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن ناھايىتى گۈللەنگەن بىر باي ئەدەبى تىل تەرەققىي قىلغانىدى. بۇ قول يازمىسى ياكى بېسىلغان كىتابلارنىڭ بىر قىسمى مىڭ بۇددا (دۈنخۇاڭ) غارىدىكى ئېتىكاپخانىلىرىدا تېپىلىدۇ. تېپىلغان ئەسەرلەر ئارىسدا، ئالتۇن – يارۇق (ئالتۇن چىراق)، سەككىز يۈكمەككە ئوخشاش بوغۇم ۋەزنى بىلەن يېزىلغان دىنى قەسىدىلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. نام – شەرىپى مەلۇم بولغان تۇنجى ئۇيغۇر شائىرى بولسا —— ئاپرىنچۇر تېكىن ئىدى.
ئا گىرۇنۋىدىل. ئا ۋون لىكوگ، ئاۋرىل ستەيىن قاتارلىقلار ئوتتۇرا ئاسيادا ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسى —— مىنياتۇرلار ۋە شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن بېزەلگەن ئۇيغۇر يازمىلىرى ۋە بېسىلغان كىتابلار بىلەن تولغان كۈتۈپخانىلارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.
بۇ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشلاردا بايقالغان يازما ۋە باسما ئەسەرلەر، تاشكېمىر ۋە ئويمىلار، خارابىلەر ئارىسىدا ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن بىر ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇيغۇرلار يەنە قەغەز ياساشنىمۇ بىلەتتى.
ئەمما تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىز تۈرك دۇنياسى بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، روسىيە، ھېندىستان، جۇڭگو مۇزىيلىرىغا يوللاپ قاراپ ئولتۇردۇق.
7 – ئەسردىن 9 – ئەسىرگىچە ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ ئىلغار توپلۇم (مىللى بىرلىك)نى شەكىللەندۇرگەن ئۇيغۇر تۈركلىرى كىتاب بېسىش تېخنىكىسنىمۇ ئىجات قىلغان. بۇ چاغداش (دەۋرىمىز) مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ھەرىكەتچان ھەرپ سىستېمىسىنى تەتبىقلايدىغان باسمىچىلىق تېخنىكىسى ئىدى.
ئا گىرۇنۋىدىل. ئا ۋون لىكوگلار 1902 ~ 1907 – يىللىرى شنجاڭنى (ئەسلى ئەسەردە باشقىچە تارىخى نام بىلەن ئاتالغان – ت) قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، تۇرپاندا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان قاتتىق ياغاچتىن قېلىنغان يۈزلىگەن ھەرپلەرنى تاپقان.
شۇنىڭدىن كېيىن (1906 ~ 1909) پ. پېللىئوت، مىڭ بۇددا (دۈنخۇاڭ) غارلىرىدىن چىقارغان تۈركچە ھەرپلەر دۇنيادا مەتبەئە ھەرپلىرى بويىچە ئەڭ قەدىمكى ھەرپلەردۇر دېگەن ئىلمى پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رۇس ئالىمى ئولدىنبېرگ قەشقەر ۋە تۇرپان ئەتراپىدىكى تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن زامانىۋى ئۇقۇمدىكى مەتبەئەنىڭ پىروتوتىپى بولغان ھەرىكەتچان ئۇيغۇر ھەرپلىرىنىڭ بايقالغانلىقىنى، فىرانسۇز ئالىمى ج. ر. رىسلەر مۇ ياۋروپادىن 600 يىل بۇرۇن تۈرك دۆلىتىدە بېسىلغان ئەسەرلەردىن بىلىنگەن ۋە ئۇيغۇر مەتبەئە تېخنىكىسىنى موڭغۇللارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ياۋروپاغا توشۇغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.
مەتبەچىلىك تېخنىكىسى تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان تەتقىقاتچى توماس چارتېر: «يەر شارىدا مەۋجۈت بولغان ئەڭ قەدىمكى مەتبەئە ھەرپلىرى ئۇيغۇر تىلىدا بولۇپ، تۈركچىگە مەنسۈپتۇر. مەتبەئە تېخنىكسىنى جۇڭگولۇقلارغا مەنسۇپ دەپ قاراش شۈبھىلىكتۇر، چۈنكى سىلابىك ھەرپلەردىن تەشكىل تاپقان خەنزۇچىنىڭ شۇ تارىخى شارائىتتا مەتبەئە تېخنىكىسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇشى مومكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسىچە، 14 ھەرپلىك ئۇيغۇر ئېلپبەسىنىڭ مەتبۇئات تېخنىكىسىغا ئۇيغۇن كېلىشى ئەڭ قولايدۇر».
تۇرپان، بەشبالىق، قاراغوجا، ياركەنت، خوتەن ۋە باشقا ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا قولغا چۈشۈرۈلگەن، قاتتىق ياغاچتىن ياسالغان ھەرىكەتچان ھەرپلەر ئۇيغۇر تۈركلىرىدە مەتبەئە سەنئىتىنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى ئىنكار قىلغۇسىز دەرىجىدە ئىسپاتلىماقتا.
ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى بىلەن ھەقلىق بىر شۆھرەتكە ئۇلاشقان پىروفىسسور ئانمارىيا ۋون گابائىن «تۇرپان كوللېكتىپ باسمىلىرى» («تۇرپان تېكىستلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ناملىق ئەسىرىدە جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر كىتابچىلىقى ھەققىدە بەك مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەرگەن: ئا ۋون گابائىننىڭ قارىشىچە، «جۇڭگودا سىلىندىر شەكىلدىكى قول يازمىسى بولغان كىتابلاردا بەت نومۇرى يوق. بۇنىڭ ئەكسىچە، مىڭ بۇددا (دۈنخۇاڭ) غارلىرىدىن چېقىرىلغان يازما ۋە باسما كىتابلاردا كىتابنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇلۇڭىدا بەت نومۇرى بار ئىدى. ئا ۋون گابائىن خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇيغۇرلارغا دائىر خۇسۇستا كەسكىن بىر قانائەتكە ئىگە بولدۇق» دېگەن.
ئا ۋون گابائىن بىر تېمىغا تېخىمۇ بەك دىققەت قىلغان: جۇڭگولۇقلار ھەرىكەتلىك ھەرپلەرنى بىردىن بىردىن ئەمەس، كەلىمىلەر ۋە گېرامماتىكىلىق قوشۇمچە ھالىتىدە تۆكۈشى كېرەكلىكى، خەنزۇ تىلىنىڭ قۇرۇلمسىنىڭ ھەرىكەتچان ھەرپلەرنى پەيدا قىلىشىغا ۋە بۇ ئارقىلىق مەتبەئەدە بېسشقا ئۇيغۇن ھالەتتە بولمايدىغانلىقى، مەتبەئەنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بايقالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
پىروففىسور ئا ۋون گابائىن جۇڭگو يارلىق پەرمانلىرىنى بېسىشتا ئىشلىتىدىغان قەغەزنىڭ قوپال ۋە قېلىن ئىكەنلىكىنى، يارلىقنىڭ قەغەزگە بېسىلالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر باسمىچىلىقىدا قوللىنىلغان قەغەزنىڭ ئىنچىكە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر يازمىلىرىدا كۆرۈلگەن كىتاب بېزەش سەنئىتىنىڭ دۇنيادا بايقالغان تۇنجى ئۆرنەك ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ياكى رەڭسىز قويۇلىدىغانلىقى ياكى رەڭلەر بىلەن بېزىلىدىغانلىقى، ئوخشاش ئەھۋالنىڭ باسما بويۇملىرىدىمۇ كۆرۈلىدىغانلىقى، قولدا يېزىلغان ياكى بېسىلغان كىتابلارنىڭ جانلىق ئۇسلۇب جەھەتتىن جۇڭگو ئۇسلۇبىدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
گابائىن خانىم شەكىل ۋە مىنياتۇرلاردا كۆرۈلىدىغان ئىتنولوگىيەلىك ئامىللارنىڭ، كىيىم – كىچەكلەرنىڭ، پۇتىغا كېيلىدىغانلار ئىچىدىن ئاياغنىڭ، يۈز قسمى، ساچ ۋە ساقال جەھەتتىن تامامەن تۈركلەرگە خاس ئىكەنلىكىنى ۋە جۇڭگو سەنئىتىگە ھېچقانداق ھالەتتە ئوخشىتالمىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا گابائىن ئۇيغۇر يازمىلىرىغا رەسىم كىرگۈزۈش تېخنىكىسىنىڭ جۇڭگودىن پەرقلىق ھالدا يۇڭ ۋە قومۇش قەلەم بىلەن ئىشلىنىدىغانلىقى، جۇڭگولۇقلاردا بولسا پەقەت يۇڭ قەلەم بىلەنلا ئىشلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى قەدىمىي مائارىپ مۇتەخەسسلىرىدىن بىرى پىروففىسور ھەلمۇس سئودا بوسسرت ئىككىنچى نۆۋەتلىك تۈرك تارىخى قۇرۇلتىيىدا سۇنغان «تەبىئى سەنئەتنىڭ كەشىپ قىلىنىشى»ناملىق ماقالىسدە، مەتبەئەنىڭ جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن ئەمەس، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بايقالغانلىقىنى ھەر خىل پاكىتلار بىلەن ئسپاتلىدى. پىروففىسور بوسسرت: «دەسلەپتە ھەرپ سانى ئاز بولغان بىر ئېلىپبە بولۇشى كېرەك ئىدى، ۋەھالەنكى خەنزۇچىدا بولسا ھەرپ ئەمەس 4384 بىرلىك بوغۇم بار ئىدى».
توماس فىرانسز چارتىر: «مەتبەئەنىڭ غەربكە ئېلىپ بېرىلىشىدا ۋە تارقىلىشىدا، تۈركلەرنىڭ بەك چوڭ رولى بار» دېگەنىدى.
ئالبېرت ۋون لىكوگ، ھەلمۇرت بوسېرت ۋە لاسزلو راسونى قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر تۈركولوگلارمۇ مەتبەئەنى تۈركلەرنىڭ ئىجاد قىلغانلىقىنى ۋە 1241–يىلىدا ئالتۇن ئوردا كۈچلىرىنىڭ گېرمانىيەگە كىرگەن چېغىدا (غەربنىڭ – ت)مەتبەئەنى شۇ ۋاسىتە بىلەن ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
يېڭى مەتبەئەنى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىجاد قىلغان، گۇتىنبېرگ بولسا پەقەت مەتبەئەنى كىرىشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرغان.
——————————————————————————————
مەنبە: ئاپتورى سەلجۇق سىلسۇپەر (تۈركىيە)، (تۈركلەر ئنسكلوپىدىيەسى. 3 – قىسم، ئسمەت بىرانىك، ئۇيغۇرلاردا مەتبەئە)، تۈركچىدىن ئاغدۇرغۇچى: تاھىر ئىمىن