باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2013 - 3 48
يدسچپجش
     12
3456789
10111213141516
17181920212223
24252627282930
31

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
قۇجو ئۇيغۇر ئېلى دەۋرىدە ئۆتكەن ئىككى تارىخشۇناس ھەققىدە ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار
0 تۇرپان قاراغۇجا يېڭى مائارىپى ۋە ۋەكىل قارى مۇئەللىم  [2011-04-04]

ۋەكىل قارى مەسىيىت مىلادىيە 1903– يىلى تۇرپان ناھىيىسىنىڭ قاراغۇجا يېزا مانتۇ مەھەللىسىدە ئوقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا مۇرتۇق غوجامدا دىنىي دەرس ئۆگەنگەن. ۋەكىل مۇرتۇق قارى خوجامدىن قايتىپ كېلىپ، دىنىي جەھەتتىكى ساۋادىنى پۇختىلاش ئۈچۈن شۇ چاغدا قەشقەر مەدرىسىدە ئوقۇپ كەلگەن قاراغۇجىلىق شاھىمەردان داموللىدا دىنىي بىلىم ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىنچى قارارلىق ئوقۇشنى مىلادىيە 1911– يىلى خەنزۇچە مەكتەپتە، ئىككىنچى قارارلىق ئوقۇشنى مىلادىيە 1914– يىلى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە تاماملايدۇ.

1917– يىلى ۋەكىل قارى مەسىيىت 14 ياشقا كىرگەندە، 1915– يىلى تۇرپان ئاستانىدا قۇرۇلغان يېڭىچە پەننىي مەكتەپ «مەخسۇدىيە مەكتىپى»دە ئوقۇش ئىستىكى تۇغۇلىدۇ. ئۇ شۇ چاغدا ئاتا – ئانىسىنىڭ تۈرتكىسى ھەم ئۆزىنىڭ يېڭىچە مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن تۇرپان ئاستانىدا «مەخسۇدىيە» مەكتىپىدە 3– قارارلىق ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇيدۇ.

1917– يىلى ئوقۇش جەريانىدا مەخسۇت مۇھىتى رۇسىيىدىن تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلگەن تاتار زىيالىيلىرى مۇھىبۇللا، شاھى شەرەپ، ھېسامىدىن، گۈلەندەم ئاۋىسىتەي (1) قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن بىلىم ئالىدۇ. بۇ ئىلغار پىكىرلىك ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ھەر دائىم تەكىتلەيدىغان شوئارى — «خەلقىمىزنى غەپلەتتىن تېز ئويغۇتىشىمىز كېرەك، نادانلىق، قالاقلىقتىن، خۇراپاتلىقتىن تېز قۇتۇلدۇرۇپ، يېڭىلىققا، ئىلغارلىققا، مەدەنىي ھاياتقا ئىنتىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە بىلىم كېرەك. ئوقۇش كېرەك، ئەڭ مۇھىمى بىلىم ئالىدىغان يېڭى مەكتەپ كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلاتتى.

1911– يىلىدىكى جۇڭگو شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت قالاقلىق بىلەن ئىلغارلىقنىڭ، دىننىي خۇراپاتلىق بىلەن پەن – مەدەنىيەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئىدى. بۇ پۈتۈن شىنجاڭنى زىلزىلىگە سالغان يېڭىچە ئۇيغۇر مائارىپى دەۋرىگە خاس، زامانغا ماس ھالدا پۈتۈن شىنجاڭغا چاقماق تېزلىكىدە تارقىلىۋاتقان دەۋر بولغاچقا بىر قىسىم يېڭىلىققا قارىشى تۇرغۇچى كۈچلەر، خۇراپات، سوپى – ئىشانلار يۇقىرى – تۆۋەن قاتىراپ، قولىدىن كېلىشىچە قۇۋلۇق – شۇملۇق بىلەن بۇ خىل يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى يېڭى شەيئىيلەرگە بۇزغۇنچلىق، قارشىلىق كۆرسىتىپ، «دەھرىلەر» ئىمانى سۇسلار دەپ ھاقارەت قىلغان بولسىمۇ، قاراغۇجا، ئاستانە خەلقى شىنجاڭنى زىلزىلىگە سالغان «ھۈسەينىيە مەكتىپى»، «مەخسۇدىيە مەكتىپى» ئاچقان يېڭىچە مائارىپ مەشئىلى نۇرى ئاستىدا، مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرىنى بەس – بەستە بۇ مەكتەپكە بېرىشكە باشلىغان. ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى مائارىپ قىزغىنلىقى ئاستىدىكى يۈكسەك ئىرادىسى بارغانچە مۇستەھكەملىشىپ بارغان.

ۋەكىل قارى مەسىيىت «مەخسۇدىيە مەكتىپى»گە ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ھېساب دەرسىدە ئەلاچى، خۇشخەت يېزىشتا خېتى چىرايلىق بولغاچقا شۇ چاغدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار ۋەكىلى قارىنى ئۆز مەھەللىسىدىكى ئائىلىلەردىن ھۇشۇر زاكات يىغىدىغان، ئېلىم – بېرىم ئىشلىرىنى خاتىرىلەيدىغان، تۈرلۈك خەت – چەك، ئەرزنامە، ۋەسىيەتنامە، ئېلان – بۇيرۇق، تەكلىپنامىلەرنى يازىدىغان كاتىپلىققا قويغان.

1930– يىللارغا كەلگەندە كونا شەھەر (قاراغۇجا) مەھەللىسىدە يېڭىلىق تەرەپدارلىرى، مەرىپەت سۆيەر خەلقلەر، ئىلغارلىقنى ياقىلايدىغان دىنىي زاتلار بولۇپمۇ ئاستانىدىكى «مەخسۇدىيە مەكتىپى»نىڭ 2– قارارلىق سىنىپىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن قاراغۇجىلىق شاھىمەردان داموللا، مۆمىن ئىمىن باي، روزى شەيخ قاتارلىقلار پات ئارىدا قاراغۇجىدىمۇ بىر پەننىي مەكتەپنى ئېچىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغانلىقتىن ۋەكىل قارى بۇ ياخشى تىلەكلەرنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

1933– يىلىغا كەلگەندە، يۇرت خەلقىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى، ئىلغار پىكىرلىك زاتلارنىڭ قوللىشى شۇنداقلا قاراغۇجىلىق مەرىپەتپەرۋەر، خەلق سۆيەر ئىمىن ھاجىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ھەمدە ۋەكىل قارىنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىش روھى، مەردۇ – مەردانە شىجائىتى ئارقىسىدا 1934– يىلى ئۆز ئۆيىنى مەكتەپ قىلىپ ئاچىدۇ. مۇئەللىم يوق چاغدا بىر سىنىپلىق پەننىي مەكتەپتە ئۆزى دەرس ئۆتىدۇ. بۇ يېڭىلىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكەن كونا شەھەر خەلقى بەس – بەستە ئوغۇل – قىز پەرزەنتلىرىنى ۋەكىل قارىغا قوش قوللاپ ئەكىلىپ بېرىدۇ. قاراغۇجا كونا شەھەر مەھەللىسىدىكى ئىلغار پىكىرلىك دىنىي زاتلاردىن نۇرقازى، ئىمىن مۇددەرس، ھەۋەيدۇللا ئىمام، ئىمىننىياز موللا قاتارلىقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن دىننىي سورۇنلاردا، ھېيت – ئايەملەردە ھەمدە ھەر قانداق جامائەت سورۇنلىرىدا يېڭىچە پەننىي مائارىپنى تەشۋىق قىلىدۇ.

1935– يىلى ئوقۇغۇچىلار سانى كۆپەيگەنلىكتىن ۋەكىل قارىنىڭ ئۆيى تارلىق قىلىدۇ، بۇ چاغدا ۋەكىل قارىنىڭ قوشنىسى ئىلغار پىكىرلىك زات مۇئىددىن ھىلال ئۆز قورۇسىنى مەكتەپ ئېچىشقا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار يىلدىن – يىلغا كۆپەيگەنلىكتىن 1936– يىلى قارا غوجا بۇلۇڭ مەھەللىسىدىكى «ئاق مەسچىد»تە يەنە بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئاچىدۇ، ۋەكىل قارى بۇ ئىككى جايدا ئېچىلغان دىننىي مەكتەپتە ئۆزى دەرس ئۆتىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن بىر جايغا، چۈشتىن كېيىن بىر جايغا بېرىپ دەرس ئۆتىدۇ، بۇ ئىككى ئورۇننىڭ ئارىلىقى ئالتە چاقىرىم بولسىمۇ جاپادىن قورقماي پىيادە مېڭىپ يۈرۈپ يېڭىچە مائارىپ ئىستېكىدە بولغان قاراغوجا خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەيدۇ. يېزىدىكى ئۇقۇشقا كىرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئوغۇل – قىزلار كۈندىن – كۈنگە، يىلدىن – يىلغا كۆپەيگەنلىكتىن بۇ ئىككى ئورۇن كىچىكلىك قىلىدۇ. بۇ تەقەززالىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىمىن ھاجى (باي) 1938– يىلى ھەشەمەتلىك سېلىنغان ئۆيلىرىنى پەننىي مەكتەپكە ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىپ ، ئاممىنىڭ چەكسىز ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.

ئىمىن ھاجى قورۇسى ئالتە سىنىپلىق ئوقۇغۇچى ئوقۇپ ئاشقىدەك ئازادە قورۇ بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىشى مۇئەللىم يېتىشمەسلىك قېيىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋەكىل ھاجى تۇنجى قارار ئۆز ئۆيىدە ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىسى ئىبراھىم مۇسانى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يەنە سىرتتىن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان ياڭخىيلىق رېقىپ ئەپەندى بىلەن تېيىپ ئابدۇللانى بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

بۇ مەكتەپنىڭ نامى «ئىمىن باي مەكتىپى»، «ئىمىن ھاجى مەكتىپى» دەپ ئاتالغان، گومىنداڭ دەۋرىگە كەلگەندە بۇ مەكتەپ ئاستانە مەركىزىي مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگەنلىكتىن قاراغۇجا «شۆبە مەكتەپ» دەپ ئاتالدى. ۋەكىل قارى مۇئەللىم مۇشۇ شۆبە مەكتەپكە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى. بۇ مەكتەپ 1950– يىلىدىن بۇرۇن ھەم كېيىن نۇرغۇنلىغان ئىزباسارلارنى تەربىيىلەپ چىقتى. ۋەكىل قارى مۇئەللىم 1933– يىلدىن 1953– يىلىغىچە دىنىي دەرس، پەننىي دەرسلەرنى بىرلىكتە ئۆتكەن يىگىرمە نەچچە يىللىق ھاياتىنى، يۇرت خەلقىنى روھى جەھەتتىن ئويغىتىش، سىياسى جەھەتتىن ئاڭ – سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىگۈچى سەركەردە، قاراغۇجا مائارىپ مەشئىلىنى ياققۇچى ئۇلۇغ زات.

تۇرپان قاراغوجىدا، پەننىي مەكتەپ ئېچىلغان بۇ يىل 75 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئانا مەكتەپنى قۇرغۇچى ۋەكىل قارى مۇئەللىمنى ئەسكە ئالماي، ياد ئەتمەي تۇرالمايمىز ، بۇ ئۇلۇغ زات 1975– يىلى 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ چەكلىك ئۆمرىدە ياراتقان تۆھپىلىرى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. ئۇنىڭ ياققان مەرىپەت مەشئىلى مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ.

ۋەكىل قارى مۇئەللىمنىڭ ئانا يۇرتىغا بولغان مېھىر– مۇھەببىتى ھەم ئىلىم – مەرىپەتكە ئىشتىياق باغلىغان جاراڭلىق ئەقىدىسىدە:

سەن ئىدىقۇت دىيارىغا ئىككىلەنمەي مەرىپەت ئۇرۇقىنى چاچ!

سۇفى – ئىشان زىكرىسى، قىلتىقىدىن سەن نېرى قاچ!

سەن ئەجدادلارنىڭ روھى بويىچە پەن – مائارىپ مەشئىلىنى ياق!

سۈيۈملۈك ئۇستاز سىزنىڭ جاراڭلىغان يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى ئىدىقۇت ئاسمىنىدا نۇر چاقنىتىپ، مىڭلىغان ئىز باسارلىرىڭىز مۇشۇ روھ بويىچە ئالغا ئىلگىرىلىگۈسى!

================================

مەنبە: «شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژۇرنىلى، ئاپتورى: پەتتار تۇرسۇن ئىدىقۇتى، شىنجاڭ شىنخۇا باسما زاۋۇتىنىڭ پىنسىيۇنىرى


[ تېكستنىڭ فونت رەزمىرى: چوڭئوتتۇراكىچىك ]
نەقىلگە ئىشلىتىش ئادرېسى (0):
ئادرېسنى كۆچۈرۈش /trackback.asp?tbID=312
= باھا يوللاش كۆزنىكى
作者: 用户:  密码:   注册? 验证: 
评论:

禁止表情
禁止UBB
禁止图片
识别链接
识别关键字
表  情
 

تۇرپان تەزكىرىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە

新ICP备10202342号-4

吾买尔江·沙塔尔 0991-8982843 ئۆمەرجان ساتتار

بېكىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى «شىنجاڭ تېزلىك تورى»  تەمىنلىگەن

Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.032227 second(s), 6 queries