1. تارىخشۇناس كى كى قورسا ئىچقۇ
ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ يايلاق ۋە دېھقانچىلىق ھاياتىدا ئۆز تارىخى ۋە ئەجدادلىرى توغرسىدا ئاز بولمىغان تارىخىي يادىكارلىقلارنى، خاتىرىلەرنى قالدۇردى. بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان تارىخشۇناسلار ياشاپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يېزىش دەۋرى كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، تۈرك – رونىك يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا ئۆز تارىخىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تارىخىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالدى. بۇ تارىخ پايانسىز يايلاقلارغا تارقالغان مەڭگۈ تاشلار ئارقىلىق ساقلىنىپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە مەڭگۈ تاشلاردىكى تارىخ ۋە تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك بىلەن ئاز – تولا تونۇشۇپ ئۆتۈۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن ئاشۇ ئابىدىلەردىكى تارىخنى يازغان ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى ھەققىدە ماتېرىيال يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن تونۇشۇپ ئۆتۈش پۇرسىتى تولىمۇ ئاز بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پارلاق تارىخ – تەزكىرىلەرنىڭ ئاپتورلىرى ئۇنتۇلۇپ كېلىۋەردى. بۇلارنىڭ بىرى قۇچو ئىدىقۇت تۆھپە مەڭگۈ تېشىنىڭ ئاپتورى كى كى قۇرسا ئىچقۇدۇر.
كى كى قۇرسا ئىچقۇ قۇچو ئۇيغۇر ئېلى ( 1396-848 ) نىڭ خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشىغان تارىخشۇناس ۋە شائىر. ئۇنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئەسەرلىرى قۇچو ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشىدۇر. ئاپتور توغرۇلۇق تېخى ئىشەنچىلىك مەلۇمات يوق بولۇپ، تۆھپە مەڭگۈ تاشنىڭ ساقلىنىپ قالغان تۆۋەنكى قىسمىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۇبلىت شېئىردا ئاپتورنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق يېزىپ قالدۇرغان «ئىت يىلى، ئونىنچى ئاي، قۇتلۇق ياخشى كۈندە تولۇق تاماملاندى، مەن چامبالىغلىق كى كى قۇرسا ئىچقۇ پۈتتۈم① دېگەن» خاتىرىگە ئاساسەن، ئاپتورنىڭ چامبالىغ (بۈگۈنكى سانجى ئەتراپىدىكى قەدىمكى شەھەر)تا تۇغۇلغان شەخس ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئاپتورنىڭ ئىسمىدىكى كى كى توغرسىدا قاھار بارات، ليۇ يىڭشىڭ قاتارلىقلار «ئىدىقۇت قۇچو خانلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستى ئۈستىدە سېلىشتۇرما ۋە تەتقىقات» دېگەن ماقالىسىدا بۇنى توخرى تىلىدىن كەلگەن دىنىي لەقەم، قورسا ئاپتورنىڭ ئىسمى②، ئىچقۇ سۆزى بولسا قوۇو خانلىقى ئوردىسىدىكى ئىچكى ئىشلارغا ئائىت ئەمەلدارلارنىڭ نامى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلغان. كى كى ياشاپ ئۆتكەن دەۋرى ھەققىدە قوچو ئىدىقۇت خانلىرى تۆھپە مەڭگۈ تېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئىدىقۇتلاردىن 1276– يىلى ئىدىقۇت خاندانلىقىنىڭ مەركىزى قۇچو دوۋا ۋە قايدۇ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى گەنسۇنىڭ يۇڭچاڭغا كۆچكەن قوچقار، تەمۇر بۇقا، سېڭگى، تايپۇنەم قاتارلىقلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى مەڭگۈ تاشتا خاتىرىلەنگەن. تايپۇنەمدىن كېيىنكى بىر قانچە ئىدىقۇت بولسا مەڭگۈ تاشتا تىلغا ئېلىنمىغان. شۈبھسىزكى، ئاپتور تايپۇنەم ئىدىقۇت بولغان دەۋردە بۇ مەڭگۈ تاشنى يازغان ئادەم بولۇپ، مەڭگۈ تاشتىكى كۆچۈشكە مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىڭ بىر قەدەر تەپسىلىي ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرى قوچقار تىكىن ئىدىقۇت بولغان دەۋردە ئۆتۈپ، بىللە كۆچۈپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. دۇۋا، قايدۇ قوشۇنلىرى قارا قۇچو شەھىرىنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، يەنە چامبالىغ قاتارلىق ئاۋات شەھەرلەرنىمۇ ۋەيران قىلغان. نەتىجىدە بۇ يەردىكى ئاھالىلەرمۇ يۇڭچاڭغا كۆچكەن. ئاپتورنىڭ قۇچو ئىدىقۇتلىرى مەڭگۈ تېشىدا مەنكى چامبالىغلىقدەپ خاتىرە قالدۇرۇشىدىن قارىغاندا، ئاپتور ئۆزى مەجبۇرىي تاشلاپ چىقىپ كەتكەن يۇرتىغا بولغان تەلپۈنۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. مەڭگۈ تاشنىڭ يېزىلغان ۋاقتىغا كەلسەك، مەڭگۈ تاشتا تىلغا ئېلىنغان ئاخىرقى قۇچو ئىدىقۇتى تايپۇنەم (ئاسايىش تېكىن) مىلادىيە 1331– يىلى ئاكىسى سېڭگى تېكىننىڭ ئورنىغا ئىدىقۇت بولغان مىلادىيە 1331 – 1335– يىللار ئارىلىقىدا تىكلەنگەن. بۇنىڭدىن كى كى قورسا ئىچقۇنىڭ 13– ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 14– ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ياشىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەڭگۈ تاش ئۇيغۇر يېزىقى ۋە خەنزۇچە يېزىق بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئوخشاش بىر مەزمۇندا يېزىلغان. «قۇچو ئىدىقۇتلىرى تۆھپە مەڭگۈ تېشى»نىڭ نامى خاتىرە تاشنىڭ بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىماي قالغان قىسمىغا كېيىنكىلەر قويۇپ قويغان نام بولۇپ، ئۇيغۇرچە تېكىستىنىڭ ئەسلىي ماۋزۇسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى نامەلۇم. خاتىرە تاشتىكى ۋەقەلىك شېئىرى شەكىل بىلەن بايان قىلىنغان تارىخ بولۇپ، ئۇيغۇرچە تېكىستنىڭ ساقلىنىپ قالغان قىسمى 61 كۇبلىت شېئىردىن ئىبارەت. بۇ شېئىرلار تۆتلىك شەكىل بويىچە ئاساسەن باش قاپىيىدە يېزىلغان. چىڭگىزخان ئەۋلادلىرى قۇرغان ھەر قايسى خانلىقلارنىڭ ئارىسىدا قالغان قۇچو ئىدىقۇت خاندانلىقى قۇبلاي خانغا بولغان ماھىللىقى سەۋەبلىك، چاغاتاي جەمەتىنى تىزگىنلىۋالغان قايدۇ – دۇۋا گۇرۇھى قۇچو ئىدىقۇت خانلىقىدىن ھىساب ئېلىش ئۈچۈن مىلادىيە 1275– يىلى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ مەركىزى قوچونى 12 تۈمەن كىشىلىك قوشۇن بىلەن 6 ئاي ئەتراپىدا قورشاپ ئاخىرى شەھەرنى ۋەيران قىلغان. ھەر قايسى شەھەرلەر چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان. ئۇلار بۇ يەردە باشقا بىر ئىدىقۇتنى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقارغاندىن باشلاپ، ئەسلىدىكى قۇچو ئىدىقۇتى قوچقار تىكىن خان جەمەتى ۋە بىر قىسم يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنى ھەمدە خەلقنى ئەگەشتۈرۈپ يۇڭچاڭغا كۆچۈپ بېرىپ يۈەن سۇلالىسىگە بىۋاسىتە بېقىنغان. يۇرىن تېكىننىڭ كۆچۈشى يۈەن سۇلالىسىنىڭ شىزۇ خانىغا بەيئەت قىلىش ۋە ئاتىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشىنى كۆزلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ③. گەنسۇغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە سىياسىي جەھەتتە بېقىندى ھاكىمىيەت بولسىمۇ، تىل – يېزىق، ئۆرپ – ئادەت، مەدەنىيەت جەھەتتە ئىزچىللىقنى ساقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخى ۋە زۇلمەتلىك كۈنلىرىنى ياد ئېتىپ كەلگەن. قۇچو ئىدىقۇتى تايپۇنەم ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ تارىخنىڭ تىرىك شاھىدى بولغان كى كى قورسا ئىچقۇغا بۇ خاتىرىنى پەرمان بويىچە يازدۇرغان. قۇچو ئىدىقۇتلىرى تۆھپە مەڭگۈ تېشى مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەيدانغا كەلگەن. مەڭگۈ تاشتا شۇ قېتىمقى كۆچۈشنى مەركەز قىلىپ قۇچو ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىندىن باشلاپ تايپۇنەمغىچە بولغان ئىدىقۇتلار، قۇچو ئىدىقۇتلىرىنىڭ تۇرپان ۋە گەنسۇدا قۇرغان ھاكىمىيەتلىرى، شۇ چاغدىكى يۈەن سۇلالىسى ۋە باشقىلار بىلەن بولغان سىياسى مۇناسىۋەتلىرى، مۇڭغۇل ئوردىسى بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قانۇنىي ۋارىسى سۈپىتىدە 100 يىلدىن ئارتۇق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تارىخنى شەرھىلەپ بەرگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ گەنسۇغا كۆچۈشى توغرىلىق قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى قالدۇرغان. بۇ خاتىرە تاش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ، چاغاتاي خانلىقىنىڭ مۇستەقىل خاھىشىدا گەنسۇدىكى گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن تۇرپاندىكى قۇچو ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئىجتىمائىي ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان مۇشۇنداق شارائىتتا مەڭگۈ تاش بۇ ئىككى يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئۆزگىرىشىگە پاكىت بولالايدۇ.
كى كى قورسا ئىچقۇ توغرۇلۇق مەلۇمات مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ساقلىنىۋاتقان تۇرپان تېكىستلىرىدىن (ئۈچىنچى قېتىملىق پروسىيە تۇرپان ئارخىئولوگىيە ئەترىتى مۇرتۇق 252–) نومۇرلۇق شېئىر پارچىسىنىڭ ئاپتورى كى كى دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قۇچو ئىدىقۇتلىرى تۆھپە مەڭگۈ تېشىنىڭ ئاپتورى بىلەن بىر ئادەم ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغان. بېرلىن، لوندون قاتارلىق شەھەرلەردىكى خېلى كۆپ قىسىم تۇرپان تېكسىتلىرىدىن خەۋەرسىز ھالەتتە، بەلكىم قۇرسا ئىچقۇ توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇمات شۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە تۇرپان تېكىستلىرىنىڭ گېرمان، ئىنگلىز، فرانسۇز تىللىرىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتورنىڭ ئەسلىي تولۇق تەرجىمىھالى بىلەن چوقۇم يۈز كۆرۈشەلەيمىز.
2. سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ
ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تۇرپان رايونىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇپ چىققان قۇچو ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ۋە بۇ زېمىن، شۇنداقلا غەربىي يۇرت توغرىسىدا قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇرلارنى قالدۇرغان تارىخچىلىرىمىز ئىچىدە مەشھۇر تەرجىمان، تىل ئۇستىسى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ تارىخ جەھەتتىكى تۆھپىسىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، كېيىنكى دەۋردىكى تارىخچىلارنىڭ غەربىي يۇرت ۋە ھىندىستاننىڭ يەر– جاي ناملىرىنى، تىل – يېزىقى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىدە ناھايىتى قىممەتلىك ۋە مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلمەكتە.
بۇ مەشھۇر تىل ئۇستىسى، يېتۈك تەرجىمان، تارىخچىنىڭ ياشىغان دەۋرى ۋە ئېنىق ئىسمى توغرىسىدا ھازىر ھەر خىل كۆز قاراش مەۋجۇت بولۇپ، ئومۇملاشتۇرغاندا ئۇ قۇچو ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ( 848 – 1369– يىلىغىچە )ياشاپ ئۆتكەن. كونكرېت ئېيتقاندا، سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ ياشاپ ئۆتكەن دەۋرىنى ئېنىقلاشتا ئۇ تەرجىمە قىلغان «ئالتۇن يارۇق» ۋە «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن ئەسەرلەرگە كۆپرەك مۇراجئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ زادى قاچان ئۇيغۇر تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. گېرمانىيىلىك تۈركولوگ مۈللېر ئالتۇن يارۇقنىڭ تۇرپان نۇسخىسى بىلەن ۋېنشۇگۇ نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مىلادىيە 8– ئەسىر ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنىرەك تەرجىمە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. ئا. ۋون. گابائىن «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»دىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئاساسەن كېيىنكى تاڭ دەۋردە ( 923– يىلىدىن 935– يىلىغىچە ) تەرجىمە قىلغان، دەپ قارايدۇ⑤ . پروفېسسور فىڭ جياشېڭ بولسا شىمالىي سۇڭ دەۋرىدە ( 960– يىلىدىن 1127– يىلىغىچە ) تەرجىمە قىلغان، دەپ قارىغان. رۇسيىلىك رادلوگ بىلەن مالوف بۇ ئەسەرنى 13– 14– ئەسىرلەردە تەرجىمە قىلغان دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىدىكى گىراماتىكىلىق قائىدىلەر ۋە ئىشلەتكەن سۆزلىرىنىڭ دەۋر خۇسۇسىيىتىگە قاراپ 8– 9– ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مانى يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە، دەپ قارايدۇ⑥ . ھەمدە ئالتۇن يارۇقتىكى تىلنىڭ 9– 10– ئەسىرلەردىكى پىشقان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. يۇقىرىقى كۆز قاراشلار ئىچىدە ئېتىراپ قىلىنىپ تەكىتلىنىۋاتقىنى 10– ئەسىر ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن تەرجىمە قىلنغان، دېگەندىن ئىبارەت.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا، سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭمۇ 10– ئەسىرلەردە ياشاپ ئۆتكەن تارىخىي شەخس. سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ تەپسىلىي ھاياتى توغرۇلۇق تېخى ئىشەنچلىك، تولۇق ماتېرىيالى يوق، ئۇنىڭ ئۆزى توغررۇلۇق قالدۇرغان ئۇچۇرلىرى «ئالتۇن يارۇق» ۋە «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن تەرجىمە ئەسەلىرىدە ساقلىنىپ قالغان. 1910– يىلى مالۇف تەرجىمە قىلغان سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تېپىلغان نۇسخىسىنىڭ خاتىمىسىنى، گېڭ شىمىن 1958– يىلى تەرجىمە قىلغان «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ تۇرپاندىن تېپىلغان نۇسخىسىنىڭ 7– بۆلۈمىنى تۈركىيىلىك سىناشى تېكىن 1965– يىلى ئېلان قىلغان گېرمانىيىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قول يازمىلار ئىچىدىن سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرجىمە قىلغان نوم ۋارىقىنى، 1985– يىلى قاھار بارات پىچاندىن تېپىلغان سېڭقۇ سەلى تەرجىمە قىلغان نوم ۋارىقىنىڭ، دولقۇن قەمبىرى ترانسكرىپىسىيە قىلغان نۇسخىسىدىن كۆرگىنىمىزدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە «بەشبالىغ سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ... تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان...» دېگەن قىممەتلىك ئۇچۇر ئۇچرايدۇ. بىز بۇ ئۇچۇر ئارقىلىق سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ قۇچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى بەشبالىغ شەھىرىدە ياشاپ ئۆتكەن شەخش ئىكەنلىكىنى، سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ دېگەن ئۇنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. بۇ توغرىسىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار بار. دەسلەپكى ئىزدىنىش ماتېرىياللىرى ۋە خەنزۇچە مەنبەلەردە قالدۇرۇلغان قىسمەن خاتېرىلەردە «سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ ئەسلى ئىسمى سېڭقۇ بولۇپ، سەلى ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن» دېيىلگەن. تۇتۇڭ ئۇنىڭ راھىبلىك مەرتىۋىسىگە بېرىلگەن نام ئىكەن⑦. يەنە بىر قىسىم ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، سېڭقۇ ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى، سەلى تۇتۇڭ ئۇنىڭ راھىبلىق نامى ياكى راھىبلىق مەرتىۋىسىدۇر⑧ دېيىلگەن. يەنە بىر خىل كۆز قاراشتىكىلەر سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرجىمانىنىڭ دىنى نامىنىڭ تولۇق ئاتىلىشىدۇر، دەپ قارايدۇ. 1975– يىلى گىئورگى خازاي سېڭقۇ سەلى خەنزۇچىدىن تەرجىمە «تەننى، كۆڭۈلنى كۆرمەك» ئاتلىق مومنىڭ 5– ۋارىقىنى ئېلان قىلغاندا كۆرۈلگەن قىلغان «سېڭقۇ»نى دەپ تونۇيدۇ. فىرانسىيىلىك خامىلتون «سەلى»نى سانسكرىتچە «ئۇستاز»نىڭ خەنزۇچە قسقارتىلغان ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، 9– 10– ئەسىرلەردىكى بۇددا دىنى راھىبلىرىنىڭ ئەمەل نامىنى كۆرسىتىدۇ⑨ دەپ ھېسابلايدۇ. يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ھەممىسىدە سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ بىر بۇددا رھىبى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ تۇرىدۇ.
سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ئۇنىڭ ئىسمى ياكى راھىبلىق ئەمەل نامى بولۇشتىن قەتئينەزەر، ئۇنىڭ تۆھپىلىرى يەنىلا بىر ئۇلۇغ تەرجىمان، تىلشۇناش، تارىخچىنىڭ نامىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ تۇرماقتا. سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ تەرجىمە پائالىيەتلىرى ۋە ئەسەر ناملىرىنى تەتقىق قىلىش نۆۋەتتە تىلشۇناسلىق ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتىمۇ زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگىدۇر.
سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ دىيارىمىزنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىدىن مەلۇمات بېرىدىغان ئۆز ئەسىرى تېخىچە تېپىلمىدى. ئەمما ئۇ تەرجىمە قىلغان «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»دېگەن تەرجىمە ئەسەردە بۇ زېمىن توغرۇلۇق نۇرغۇن تارىخىي قىممەتكە ئىگە ئۇچۇرلار بېرىلگەن. «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن ئەسەر 7– ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر خەنزۇ سەيياھ، تەرجىمان، بۇددا ئالىمى شۇەنزاڭ (ھويقىتسۇ)نىڭ شاگىرتلىرى خۇەيلى بىلەن ياڭ زوڭ تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، شۇەنزاڭنىڭ مىلادىيە 629– 641– يىللىرى غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ھىندىستانغا قىلغان سەپىرى تەپسىلىي بايان قىلنغان. سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا شۇەنزاڭ تەرىپىدىن خەنزۇچە خەتلەر بىلەن ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىنغان ياكى مەنا تەرجىمىسى بېرىلگەن غەربىي يۇرتتىكى بىر قىسىم يەر – جاي ناملىرىنى يەرلىك خەلقنىڭ تىلىدىكى ئەسلىي ئاتىلىشى بويىچە ئېنىقلاپ بەرگەن. مەسىلەن، قەشقەرنىڭ نامى كاشبالىغ، خوتەننىڭ نامى ئودۇن، ئاقسۇنىڭ نامى بالوك، چەرچەننىڭ نامى سارامان ... قاتارلىقلار. سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ بۇ تۆھپىسى شۇ دەۋىردىكى بۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ تىل – يېزىقى، مەدەنىيتى ۋە دىنى ئىتىقادى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىلمىي يەكۈن چىقىرىشتا ناھايىتى زور بولۇپ، ھەر خىل مەدەنىيەتلىرىنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭدىكى قەدىمكى بەگ – بالىقلارنىڭ ناملىرىنىڭ ئۆزگىرىش ياساش جەريانىنى تەتقىق قىلشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە . بۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم بەگ – بالىقلارنىڭ تىل – يېزىقى ، ئۆرپ – ئادىتى ۋە كېلىپ چىقىشىغا دائىر مەلۇماتلار سېڭقۇ سەلى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىدا تېخىمۇ تولۇق يورۇتۇپ بېرىلگەن. مەسىلەن، خەنزۇچە نۇسخىدا ئودۇن دۆلىتى توغرىسىدا «بۇ ئەلنىڭ پادىشاھى جاسارەتلىك كىشى بولۇپ، بۇددىزىم ئەقىدىسىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۆزىنى ۋايجىرا ۋانانىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ .يېزىقى ئەنەتكەكتىن كەلگەن، ئازراق ئۆزگەرتىلگەن، ئۆرپ – ئادىتى غۇزلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ» دېيىلگەن بولسا، ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىدا تېخىمۇ ئېنىق ۋە تولۇق ھالدا «ئودۇن پادىشاھى ئىنتايىن باتۇر، دانىشمەن، خۇشخۇي كىشى بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئابرويلۇق كىشىلەرنى ئەرتىۋارلايدۇ. بۇ دۆلەت گۇستانا دەپ ئاتىلىدۇ. مەنىسى يەر ئەمچىكى دېگەنلىك. ئودۇن پادىشاھى ۋايجىراۋانانىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بولۇپ، يەر ئەمچىكىنى ئىمىپ چوڭ بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان... بۇ دۆلەتنىڭ ئىككى خىل يېزىقى بار، يىراققا نىسبەتەن ئەنەتكەك يېزىقىنى ئىشىلىتىدۇ. يېقىنغا ئۆز يېزىقىنى ئىشلىتىلىدۇ. ئۆز يېزىقى ئەنەتكەك يېزىقىغا ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا يەنە بەزى ئۆزگىچىلىكلەر بار. بارلىق سوغدىلار بىلەن قانۇن ۋە ئۆرپ– ئادەت جەھەتتە ئوخشىمايدۇ» دەپ شەرھىيلەنگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ تارىخىي بىلىمى تولىمۇ مول بولۇپ، ئۇ قۇچودىن يىراق جايدىكى ئودۇننىڭ «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»دىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان ئەھۋاللارنى ئېنىق سۆرەتلەپ بەرگەن. تېخى ئودۇنلۇقلارنىڭ دېپلوماتىيە جەھەتتىكى پائاليەتلىرىنى «... ئىككى خىل يېزىق قولىنىلىدۇ...» دېيىش ئارقىلىق سۆرەتلەپ بەرگەن. ئۇ يەنە ئودۇنلۇقلار بىلەن سوغدىلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قانۇن ۋە ئۆرپ– ئادەت جەھەتتە ئوخشىمايدىغانلىقىنى شەرھىلەپ، ۋاستىلىك ھالدا ئۆزىنىڭ سوغدىلارنىڭ تارىخ – مەدەنىيتى، تىل – يېزىقى، قانۇنى، ئۆرپ – ئادەتلىرىدىنمۇ تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىدىن ئۇچۇر بەرگەن.
سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ يەنە تاڭ سۇلالسىنىڭ شىمالى زېمىنلىرىدا ياشايدىغان تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە خەنزۇلار بىلەن ئارىلاش ياشايدىغانلىقىدىن ئۇچۇر بەرگەن. بۇ سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ جۇڭگونىڭ، جۈملىدىن سېرىق دەريانىڭ شىمالىدا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆتمۈش تارىخى توغرسىدىكى تارىخى بىلىملىرىنىڭ مول ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ گەرچە ھاياتىدا مەخسۇس بىر تارىخىي ئەسەر يازمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلەرگە سىڭدۈرگەن تولۇقلىما خاراكتىردىكى تارىخىي بايانلىرى ئۇنىڭ ئۆز دەۋىردىكى يېتىشكەن بىر تارىخچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
–––––––––––––––––––––––––––––––
④②① قاھار بارات ، ليۇيىڭشىڭ: «ئىدىقۇت قۇچو ئۇيغۇر خانلىقى تۆھپە مەڭگۈ تېشىنىڭ ئۇيغۇرچە تېكىستى ئۈستىدە سېلىشتۇرما ۋە تەتقىقات»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلى 1985– يىل 1– سان 95– بەت.
③ ۋاڭ زوڭۋىي: «قۇچو ئۇيغۇرلىرى ئىدىقۇت جەمەتى ۋە ئۇلارنىڭ يۇڭچاڭغا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلىشىش جەريانى»، «ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1989– يىل 3– سان 146– بەت.
⑤ غاپپار روزى: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى ۋە مەدەنىيەت ئەربابى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى» ئىلمىي ژۇرنىلى 1986– يىل 1– سان 83 – 86 – بەتلەر.
⑦⑥ ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق: «ئالتۇن يارۇقنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2003– يىل 7– سان 44– بەت.
⑧ غاپپار روزى: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى ۋە مەدەنىيەت ئەربابى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى» ئىلمىي ژۇرنىلى 1986– يىل 1– سان 83– 86– بەتلەر.
⑨ ئىسراپىل يۈسۈپ: «سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ»، «تارىم» ژۇرنىلى 1986– يىل 2– سان 154– بەت.
================================
مەنبە: «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، ئاپتورى: ئىسرائىل مۇتىللا، ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتى قانۇن فاكۇلتېتىدا، تەھرىرلىگۈچى: ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق