باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2013 - 3 48
يدسچپجش
     12
3456789
10111213141516
17181920212223
24252627282930
31

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
بۈيۈك مىللىي كۆچۈش ھونلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلار
0 ئىگىسى تونۇمىغان گۆھەر — كىرورەن  [2010-10-31]

پايانسىز قۇملۇقنى ئەگىپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى بويىدىكى بوستانلىقلار ئارىسىدا ياشىغۇچى خەلىقلەر ئارىسىدا قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن قەدىمقى زاماندىكى نۇرغۇن شەھەر – خارابىلىكلەر ، غەلىتە سۆز – چۆچەكلەر ئىزچىل تارقىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرقى قۇيۇلۇش نۇقتىسى بولغان لوپنۇر كۆلى بويلىرىغا ماكانلاشقان لوپنۇرلۇقلار ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى سىرلىق ھالدا يوقىلىپ كەتكەن شەھەر دۆلىتى كىرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ، ئەمما ئاتا – بوۋىلىرى قۇرغان ئاشۇ سەلتەنەتنىڭ ئەمەلىيەت ياكى رىۋايەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتى.

تەبىئەتنىڭ رەھىمسىز ئاپەتلىرى بىلەن مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ دەھشەتلىك زۇلىمى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ئاران ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۇلار ئۈچۈن ئەجدادلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈش تولىمۇ ئەخمەقلىق ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇملۇق ئارىسىدىكى ھىچقانداق بەلگە بولمىغان تار يوللار ، دائىم دېگۈدەك بوران ئۇچۇرۇپ كېلىدىغان قۇملار بىلەن كۆمۈلۈپ قالغاچقا ، ئۇ يەرگە كىرگۈچىلەرنىڭ يولدىن ئادىشىپ قىلىپ جەسىتى چۆلدە قالاتتى.

دەل شۇ پەيىتتە دۇنيانىڭ يەنە بىر چىتىدىكى يىراق ياۋرۇپادا قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى كىروران قىياس ، تالاش – تارتىش كۈچىيىپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىش، ئۇنىڭ سىرىنى ئىچىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، بىرقىسىم تەۋەككۈلچىلەر جىنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، بۇ ھالەكەت دېڭىزىغا قەدەم قويدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەممىدىن تەلەيلىكى شىۋېتسىيلىك ئېكسپىدېتسىيىچى «سېۋېن ھىدىن» بولۇپ، ئۇزاق – ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە قۇم ئاستىدا ئۇيقىغا كەتكەن شەھەر – كىروران ئۇنىڭغا ۋاستىلىك نىسىپ بولدى.

كۆز يەتكۈسىز بىپايان قۇملۇقتىكى كەچكى شەپەق قان چىچىۋەتكەندەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، قۇملۇقنىڭ جەنۇبىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا تۇيۇقسىز كۆھىقاپتەك قارىيىپ، ئۇپۇقتىكى بارخانلار تىزمىسىنىڭ ئۇيەر – بۇيىرىدىن كالتە قۇيۇنلار كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. تۆت كۈندىن بىرى غەربىي جەنۇبنى نىشانلاپ «بارسا كەلمەس» ئۆلۈم دېڭىزى دەپ ئاتالغان جايغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كېتىۋاتقان بۇ سىرلىق كارۋاننىڭ پەرەڭ خوجايىنى ناتونۇش تۇپراقتا پەيدا بولۇۋاتقان ھاۋا ئۆزگىرىشىدىن خاتىرجەمسىزلىنىپ تۆگىلەرنى توختۇتۇشقا بۇيرىدى .قاتار – قاتار چىتىلغان 7-8 تۆگىنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتقان ئورا كۆز ، قاڭشارلىق، يۈزىنى قۇيۇق ساقال باسقان ئۇيغۇر يىگىتى مېڭىشتىن توختاپ ، تۆگىلەرگە ئارتىلغان ساندۇق، تۇلۇملار ئۈستىدە توغراق كۆتىكىدەك چوقچىيىپ تۇرغان كۆزەينەكلىك مىس ساقال خوجايىنغا قارىدى. قارا بوران – دېدى خوجايىن، ئۇيغۇر يىگىتىگە جەنۇب تەرەپتىكى ئۆزگىرىۋاتقان ھاۋانى كۆرسىتىپ . يىگىت خوجايىن كۆرسەتكەن تەرەپكە كۆزىنى قىسىپ قارىدى. ئۇنىڭ پىشانىسى بىلەن كۆزى ئەتراپىدىكى يېشىغا ماس كەلمەيدىغان قورۇقلاردىن، رەھىمسىز تەبىئەتتىكى مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنىڭ كارتىنىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

ئۇنى سېرىق بوران دەيمىز تۆرەم! ئۇ خوجايىنغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ناھايىتى قاتتىق چىقىدۇ، بارخانلارنى تۈزلەپ تۈزلەڭلىكلەرگە بارخانلارى پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا مۇۋاپىق بىر جاينى تاپمىساق قۇم ئاستىدا قالىمىز.

كارۋانلار ئورنىدىن ئالدىراش قوزغىلىپ قەدەملەر تېزلەشتى. گۈگۈم چۈشۈپ كارۋانلار يېتىپ كېلىشى بىلەن كارۋانمۇ ئىككى تەرىپى ئېگىز قۇم بارخانلىرى بىلەن قورشالغان كونا دەريا ئېقىنىغا چۈشۈپ ئورۇنلىشىۋالدى . بوراندىن ئىلگىرى كېلىدىغان شامال تۆگىلەرنىڭ تاپىنى ئاستىدىكى قۇمنى خۇددى ئېقىن سۇدەك بىر يۆلىنىشكە ئېقىتىپ كېتىۋاتاتتى. پەرەڭ خوجايىننى سۈر بېسىشقا باشلىدى. ئۇ ئىلىپنىڭ سۇنىقىنىمۇ بىلمەيدىغان، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەتتىن قىلچە خەۋىرى يوق، تېرە تۇماق، كۈرە جۇۋا ئىچىدىكى يول باشلىغۇچىنى چاقىرىپ، بۇ جاينىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئىشەنچىسىزلىكىنى سورىدى. خوجايىننىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەن يىگىت ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش ئورنىغا، ئايىغى ئاستىدىكى بىر ئۇچۇم قۇمنى ئېلىپ تارىشىدەك قېتپ كەتكەن بارماقلىرى ئارىسىدىن شىرغىتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قولىدىن چۈشكەن قۇم يەر بېغىرلاپ ئېقىۋاتقان قۇملارغا قوشۇلۇش بىلەن، خۇددى سېھىرلەپ قويغاندەك قۇرۇق ئېقىننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېگىز قۇم بارخانلىرىغا شىلدىرلاپ چىقىپ كەتتى. خوجايىننىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. كېچە، چۆكتۈرۈلگەن تۆگىنىڭ دالدىسىدا ئەدىيالغا چىڭ ئورۇنىۋالغان خوجايىن ئۆزىنىڭ بۇ سادىق چاكىرى ھەققىدە ئويغا پاتتى.

شۇنچە ناچار شارائىت، قېيىن تۇرمۇش ئىچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ كىشلەردە گەرچە ھازىرقى زامان مەدەنىيتىدىن قىلچە ئەسەرمۇ بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلاردا تەبىئەتتىن كەلگەن ئەقىل، تۇرمۇش يېتىشتۈرگەن پاراسەت ۋە قانۇنىيەتتىن ئالغان ئىدىراك شۇنچە مول، ئۇلارنىڭ روھىنى چۈمۈلىدەك تىنىمسىزلىق، ئۆزلىرى يىتىلەيدىغان تۆگىدەك قانائەتچان، چىدام – غەيرەت، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ساددىلىق ئىگىلىگەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەقلى ئىلىم – مەرىپەت بىلەن سۇغۇرىلىدىغان بولسا ئۇ چاغدا … «ئەتىسى بوران توختاپ كارۋان مېڭىشقا تەمشەلگەن ۋاقىتتا، پەرەڭ خوجايىن كىمگىدۇر خاپا بولۇپ كايىشقا باشلىدى. ئەسلىدە ئالدىنقى كۈنى خارابە كولىغان جايدا ئۇلارنىڭ گۈرجىكى ئۇنتۇپ قېلىنغانىدى. چېچىلمىسىلا تۆرەم! دېدى يول باشلىغۇچى يىگىت ئىشنىڭ ماھىيتىنى ئۇققاندىن كىيىن خوجايىنىنڭ ئالدىغا كېلىپ، بولىدىغان ئىش بولدى. ئەگەر ماقۇل كۆرسىلە، گۈرجەكنى مەن تېپىپ كېلەي، «ئاللاھ» يولۇمنى ئوڭ قىلسا ناماز پېشىنگە ھەر يەردە بولسام يېتىپ كېلىمەن.

پەرەڭ خوجايىن بۇ قارام يىگىتكە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. يىگىت ئۆزىنىڭ ئېزىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان خوجايىننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: ئەنسىرىمىسىلە تۆرەم! بۇ قۇملۇقتا كۆزۈمنى تېڭىپ قويسىمۇ كۆزلىگەن جاينى تېپىپ بارالايمەن، دېدى قەتئىي ئىشەنچ بىلەن. خوجايىن نائىلاج ماقۇل بولدى. چۈنكى يەر ئاستىدىكى خارابە، قەبرىلەرنى قازىدىغان گۈرجەك بۇ كارۋان ئۈچۈن ھاياتتەكلە قىممەتلىك ئىدى. قۇملۇقتا كەسلەنچۈكتەك مېڭىپ ئۈگىنىپ كەتكەن يىگىت كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە بارخانلار ئارسىدا غايىب بولدى. ئىككى ئاش پىشىم يول يۈرگەندىن كېيىن، گۈرجەك ئۇنتۇلۇپ قالغان جاينى تاپقان يىگىت، بەلۋېغىغا تۈگىۋالغان نان بىلەن قورسىقىنى ئەستەرلىۋىلىپ مېڭىشقا تەمشىلۋىدى، تۇيۇقسىز شامال كۆتۈرۈلدى. ئۇ شامالنىڭ توختىشىنى كۈتمەيلا گۈرجەكنى ئېلىپ يولىغا راۋان بولدى.

ئىزغىرىن شاماللار ئۇچۇرۇپ كەلگەن قۇم دانچىلىرى ئۇنىڭ ئىزىنى ئاللىقاچان كۆمىۋەتكەن ئىدى. ئۇ توپا – چاڭ ئارىسىدا غۇۋا كۆرۈنىۋاتقان قۇياشنى نىشان قىلىپ خىلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان يولدىن ئىزىپ قالغانلىقىنى سەزدى. كۆز ئالدىدىكى ئېگىزرەك دۇمبەلچەككە چىقىپ ئەتراپنى پەرقلەندۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن يۇقىرىغا ياماشتى. ئۇ دۆڭ ئۈستىگە چىقىپ ئالدىدىكى غەلىتە مەنزىرىگە قارىغىنىچە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان سېپىل، ئۆي تاملىرى خېلىلا مۇكەممەل ساقلانغان كەڭ، ئازادە كوچا ئىزنالىرى بار، ئادمسىز بىر شەھەر سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئۇ ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرۇتكەندىن كېيىن، كۆز ئالدىدىكى بۇ ئادەمسىز شەھەرنىڭ ھەقىقەتەن بوران ئېچىۋەتكەن خارابە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى – دە، دۆڭدىن دۇمىلاپ دېگۈدەك تۆۋەنگە چۈشتى. ئۇ پەرەڭ خوجايىندىن ئېرىشىدىغان بىر نەچچە تەڭگىنىڭ خۇشاللىقىدا خارابىگە كىرمەي ئەتراپتا چىچىلىپ ياتقان ساپال پۇچۇقى بىلەن ھەرخىل بەلگە سېلىنغان ياغاچ، تاشلاردىن بىر قانچىنى تېرىۋىلىپ قۇينىغا سالغاندىن كېيىن، خۇددى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان بۇ خارابىنىڭ يەنە تۇيۇقسىز يوقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئالدىراپ يولغا چىقتى. ئۇ ھەر بىر بارخان ئۈستىدىن ھالقىغاندا ياكى ئۇنى يانداپ ئۆتكەندە ئامال بار بەلگە قويۇپ ماڭدى. ئۇنىڭ بارلىق ئەس – خىيالى خوجايىندىن ئارتۇق ئالىدىغان بىر نەچچە تەڭگىدە ئىدى. ئۇ ئاشۇ ئىنئامغا ئېرىشسە خوتۇن – باللىرى بىلەن بىز مەزگىل خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئەمما ئۇ ئاشۇ خارابىنىڭ قۇم ئاستىدا نەچچە ئون ئەسىر كۆمۈلۈپ قالغان گۆھەر، قەدىمىي شەھەر – كروران ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتى. قىسقىسى بىلىشكە قۇربى يەتمەيىتتى.

كېيىنكى كۈنلەردە ھېلقى پەرەڭ خوجايىن سېۋېن ھېدىن ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق قۇرلارنى قالدۇرغانىدى: «مىنىڭ ئاشۇ ئاقكۆڭۈل يول باشلىغۇچۇم ، شۇنداقلا دوستۇمنىڭ ئىسمى ئۆردەك بولۇپ، تىپىك لوپنۇرلۇق ئۇيغۇر ئىدى. 1896 – يىل 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قەدىمىي كروران شەھەر خارابىسىنى بايقىدى ۋە مېنى ئويلاپ باقمىغان مۇۋاپپىقىيەتلەرگە ئېرىشتۈردى.

دۇرۇس، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىق، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەمالىق تۈپەيلى قىممەتلىك گۆھەر كىروران ئىگىسىنى تونىيالمىدى. بىراق ئۇنىڭغا ۋاستىلىك ئېرىشكەن سېۋىن ھېدىن بولسا ئۇ يەردىكى تالاي – تالاي بىباھا ئاسار ئەتىقىلەر، يازما پۈتۈكلەرنى يۆتكەپ كېتىش ئارقىلىق ئۆزىگە ناتونۇش بىر مىللەت، بىر رايۇننىڭ تارىخىنى تەتقىت قىلىپ، دۇنياۋى شان – شەرەپكە ئىگە بولدى. ھېلىمۇ شۇكرى، سېۋىن ھېدىن كەڭ قورساق، كۆپنى كۆرگەن ئىلىم ئەسلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەقىقەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ، باشقىلاردەك ئۇچرىغاننىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماستىن، ھېچبولمىغاندا ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسى ئارقىلىق بولسىمۇ كىروراندىن ئىبارەت بو گۈھەرنى تاپقۇچىنىڭ لوپنۇرلۇق ئۆردەك ئىكەنلىكىدىن مەلۇمات بەردى.

لېكىن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ! ئۇلۇغ ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىنى بىلىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشتەك ئالاھىدە پۇرسەت ئەنە شۇنداق خاتىمىلەندى!!!

================================

مەنبە: ئاپتورى تۇرسۇن ھامۇت ئۈمۈدى


[ تېكستنىڭ فونت رەزمىرى: چوڭئوتتۇراكىچىك ]
نەقىلگە ئىشلىتىش ئادرېسى (0):
ئادرېسنى كۆچۈرۈش /trackback.asp?tbID=308

تۇرپان تەزكىرىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە

新ICP备10202342号-4

吾买尔江·沙塔尔 0991-8982843 ئۆمەرجان ساتتار

بېكىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى «شىنجاڭ تېزلىك تورى»  تەمىنلىگەن

Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.031250 second(s), 6 queries