شېھىتلىك: شېھىتلىكنىڭ ئورنى يار يېزىسىنىڭ بىر كىلومېتىر جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. تارىختا بۇ جايدا نۇرغۇن كىشى شېھىت بولغان. شۇڭا «شېھىتلىك» دەپ ئاتىلىپ قالغان.
ئايلاشلار مەھەللىسى: «ئايلاشلار» — «ئاچىلار – ئاياللار» دېگەن مەنىدە.
پالۋانلار مەھەللىسى: پالۋانلار مەھەللىسىنىڭ ئورنى يار يېزىسىنىڭ قارانچى كەنتى تۇرۇشلۇق جاينىڭ 200 مېتىر جەنۇبىدا. «پالۋانلار مەھەللىسى» دېگەن سۆز «ئوۋچىلار مەھەللىسى» دېگەنلىك بولىدۇ. تۇرپان يەرلىك شېۋىسىدە قوراللىق ئوۋچىلارنى «پالۋانلار» دەيدۇ.
 كىرىش ئېغىزى
 سەھىپىلەر
 بېكەت كالېندارى
 قىزىق تېمىلار
 بېكەت ستاتىستىكىسى
 ئىزدەش
 دوستانە ئۇلىنىشلار
 بېكەت ئۇچۇرلىرى: