ئەڭ تۆۋەن ئويمانلىق. تۇرپان ئويمانلىقى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ تۆۋەن ئويمانلىق بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن ئورنى ئويمانلىقنىڭ مەركىزى ئايدىڭكۆلگە جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن 155 مېتىر تۆۋەن. تۇرپان ئويمانلىقى دېڭىز يۈزىدىن 392 مېتىر تۆۋەن بولغان ئىئوردانىيىدىكى ئۆلۈك دېڭىزدىن قالسىلا، دۇنيا بويىچە 2– ئورۇندىكى تۆۋەن جاي بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ئۈزۈمى ئەڭ تاتلىق. تۇرپان ئېلىمىزدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، ئۈزۈم سورتلىرى ئەڭ كۆپ (200خىلدىن ئارتۇق) جاي بولۇپ، كىشمىش ئۈزۈم تۇرپانىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى. ئۇنىڭ قەنت تەركىبى دۇنيا بويىچە 1– ئورۇندا تۇرىدۇ.
