باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2013 - 3 48
يدسچپجش
     12
3456789
10111213141516
17181920212223
24252627282930
31

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
كۆرسىتىلىش شەكلى: نورمال | تېمىلار تىزىملىكى [7] [8] [9] [10] [11] [12] [13] [14] [15] [16]  ... [31]  

ئىنسانلارنىڭ ئوت كۈچىدىن پايدىلىنىشنى ئىگىلىشى ۋە كۆمۈردىن ئىبارەت يېقىلغۇ زاپىسىنى ئېچىشقا يۈزلىنىشى — ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا زور مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىنسانلار تەدرىجىي ھالدا مېتال تاۋلاشنى، كۇلالچىلىق تېخنىكىلىرىنى كەشىپ قىلىشقانىدى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 766

ئىنسانلار يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىگە كەلگەندە مېتاللارغا ئىش قوشۇپ ئىشلىتىشكە باشلىغانىدى. مىسىر ۋە غەربىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەردە تېپىلغان تۆمۈر قاچىلار مېتىئورىتقا ئىش قوشۇش ئارقىلىق ياسالغانلىقى مەلۇم (1).


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 734

تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار جەڭگىۋار خەلقلەر ئىدى. ئۇلاردا قىر – يايلاق خەلقىنىڭ قەيسەر، قارام، جاسارەتلىك، جەڭگىۋارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ساقلانغان بولۇپ، جەڭلەردە قەھرىمانلىق، جەڭگىۋارلىقنى شەرەپ ھېسابلايتتى.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىن خېلى ئىلگىرىكى مەزگىللەردىلا ئۆتۈكەن جىلغىلىرى ۋە بېشبالىقتا ياشايدىغان ئەجدادلار تۆمۈر تاۋلاشنى ۋە تۆمۈردىن ھەر خىل قورال – ياراغلارنى ياساشنى باشلىغانىدى. ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇرۇش قىلىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرىنىڭ ئەسكىرىي قۇرۇلمىلىرىنى ۋە قورال – ياراغلىرىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارغان.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 613

رەڭ – بوياق تۇرمۇشتا ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. بولۇپمۇ ھۈنەر – سەنئەتتە رەڭ – بوياق مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە، ھۈنەر – سەنئەتنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، ېەڭ – بوياقچىلىق ئىشلىرىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانىدى. چۈنكى، توقۇمىچىلىق گۈللىنىشكە ئەگىشىپ، رەختلەرگە گۈل بېسىش، رەڭدار شايى – ئەتلەس توقۇش، گىلەم، يۇڭ پالازنى رەڭدار توقۇش؛ كۆن – خۇرۇم ئىشلەش، ئۆي جاھازلىرىغا رەڭ بېرىش قاتارلىق ئىشلاردا رەڭ – بوياق كەم بولسا بولمايتتى. بولۇپمۇ، بۇددا ۋە مانى دىنى ئىبادەتخانىلىرىنى، غارلارنى بېزەش شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئىش دەپ قارىلاتتى. بۇ ھال، تەبىئىيكى، رەڭ – بوياققا بولغا ئېھتىياجنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغانىدى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 671

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، كانچىلىق، باغۋەنچىلىك، سودا، قول – ھۈنەر سانائىتى قاتارلىق ئاساسىي ئىگىلىكلەر تەڭ راۋاجلاندۇرۇلغانىدى. بولۇپمۇ چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە ئېتىبار بېرىلگەنىدى. مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: ئۇيغۇرلار مەيلى ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا بولسۇن ياكى تىنچلىق مەزگىللىرىدە بولسۇن، مىنىشكە، ھارۋا، سوقا – سۆرەمگە ئىشلىتىشكە، تاۋار سۈپىتىدە سېتىشقا ياكى گۆش – ئوزۇق، سۈت – قېمىز، تېرە – يۇڭ ئېلىشقا ئاساسلىق مەنبە قىلىنىدىغان چارۋىچىلىققا تايىناتتى. چارۋىچىلىقنىڭ يۈكسىلىشى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنى مول چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تويۇندۇردى. چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر قىسمى پىششىقلانماي سېتىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسمى يەرلىك ھۈنەرۋەنلەر تەرىپىدىن ئىش قوشۇش نەتىجىسىدە ھەر خىل تۇرمۇش بويۇملىرى ئىشلەنگەنىدى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 682

قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا ئائىت پارچىلىرىدا، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى تېررىتورىيىسىدە — تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىگىدىكى رايونلاردا ئۈزۈمچىلىكنىڭ مۇھىم بىر ئىقتىسادىي مەنبە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. بۇ رايونلارنىڭ ئىقلىم شارائىتى — سۈيى، تۇپرىقى، بىر يىل ئىچىدىكى ئوچۇق كۈن سانىنىڭ كۆپ بولۇشى، ھاۋانىڭ ئىسسىق بولۇشى قاتارلىق ئامىللار بۇ رايوندا قەن ماددىسى كۆپ بولغان ئۈزۈمنى يېتىشتۈرۈشكە كەڭ ئىمكانىيەت ياراتقانىدى. ئۈزۈمنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشكە يەنە ئىچكى ۋە تاشقى بازاردا ئۈزۈم ۋە ئۈزۈم شارابى (بور)غا بولغان تەلەپمۇ خېلىلا رول ئوينىغان. شۇ سەۋەبتىن، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دائىرىسىدە ئۈزۈم يېتىشتۈرۈشكە زور ئەھمىيەت بېرىلگەنىدى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 631

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى مەدەنىيىتىدە توقۇمىچىلىق ھۈنەر – سەنئىتى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. توقۇمىچىلىق ئاساسەن يىپەك توقۇمىچىلىقى، يۇڭ توقۇمىچىلىقى، پاختا توقۇمىچىلىقى ۋە كەندىر توقۇمىچىلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەينى دەۋردە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغان زېمىنلاردىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا قېزىۋېلىنغان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلار بۇنى تولۇق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 673

ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا، تەكرار ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى، تەبىئەت بىلەن بولغان كۈرەشلىرى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى بېيىتىش جەريانىدىكى تەكرار ئەمەلىيەت سىنىقى بىلەن شوغۇللىنىش ئارقىلىق مەيدانغا چىقارغان ھەر بىر كەشپىيات، ئىختىرا، ئىجادىيەت سەمەرىلىرى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىپ بارغان. سۇ تۈگمەنلىرى ئىنسانلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت يارىتىش جەريانىدىكى چوڭ بىر مۆجىزىسى بولۇپ، ئۇ، ئەجدادلارنىڭ ئۇلۇغ كەشپىياتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 634

ئۇيغۇرلاردا يېزىق پەيدا بولغاندىن كېيىنلا تىلىنى يېزىق بىلەن ئىپادىلەشكە كىرىشتى ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللارنى مەسىلەن، قەغەز، قەلەم، سىياھ قاتارلىقلارنى ئىختىرا قىلىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەڭرى ئىشلىتىشكە باشلىدى.

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى، كىتاب كۆچۈرۈش، ئۆزئارا سودا ۋە ئىجارە توختاملىرى تۈزۈش، ئىلىم – بېرىم ئىشلىرىدا ھۆججەتتىن پايدىلىنىش (ئوتتۇرىدا تىل خەت ھۆججەتلىرى پۈتۈش)، سالام مەكتۇپلىرى يېزىشىش، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىش، خەتتاتلىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىش، ئوقۇتۇش ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە يېزىقچىلىق قوراللىرى كەم بولسا بولمايتتى. دېمەك، يېزىقچىلىق قوراللىرى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتاتتى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 754

مەتبەئەچىلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە قوشقان ئەڭ زور تۆھپىلىرىدىن بىرى. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدىن بىر بولغان قۇچۇ ئەينى دەۋرلەردە مەتبەئەچىلىكنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى ئىدى.

ھەممىگە مەلۇمكى، مىلادى 1– ئەسىرنىڭ ئالدى – كەينىدە بۇددا دىنى خوتەن رايونىغا كىرگەنىدى. كېيىنچە بۇ دىن قەشقەر، كۇچا، تۇرپانلارغا تارقالغان ۋە مۇشۇ رايونلار بۇددا دىنىنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىگە ئايلانغان. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇددا دىنى تەدرىجىي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، دۆلەت دىنى مەۋقەيىگە كۆتۈرۈلگەندە، ئىدىقۇت شەھىرى بۇددا دىنىنىڭ مۇھىم بىر مەركىزىگە ئايلاندى ۋە ئەتراپ رايونلاردىن بۇ رايونغا كېلىپ دىنىي تەلىم ئالىدىغانلار بارا – بارا كۆپىيىشكە باشلىدى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 721
[7] [8] [9] [10] [11] [12] [13] [14] [15] [16]  ... [31]  

تۇرپان تەزكىرىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە

新ICP备10202342号-4

吾买尔江·沙塔尔 0991-8982843 ئۆمەرجان ساتتار

بېكىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى «شىنجاڭ تېزلىك تورى»  تەمىنلىگەن

Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.046875 second(s), 3 queries