باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2013 - 3 48
يدسچپجش
     12
3456789
10111213141516
17181920212223
24252627282930
31

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
كۆرسىتىلىش شەكلى: نورمال | تېمىلار تىزىملىكى [22] [23] [24] [25] [26] [27] [28] [29] [30] [31]  ... [31]  

چىچانخۇ ساي قەدىمىي قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ چىچان بازىرى تەۋەسىدىكى چىچانخۇ ۋوگزالىنىڭ غەربىي - جەنۇبىي تەرىپىگە تەخمىنەن 5.7 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان. شەرقىي مېرىدىئان 89 گىرادۇس 24 مىنۇت 42 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 43 گرادۇس 4 مىنۇت 7 سېكۇنتتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 498 مېتىر ئېگىز.

بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ يەر شارائىتى ئالاھىدە بولۇپ، جەنۇبىي تەرەپتە يالقۇنتاغ تىزمىسى بىلەن، شىمالىي تەرەپتە تەڭرىتاغ تېغى ئارىلىقىدىكى كەڭ تۈز كەتكەن چىچانخۇ سايلىقىنىڭ غەربىي - شىمالىي چېتىگە تۇتىشىدۇ. شەرقىي تەرىپى ئايدىڭكۆل خىمىيە زاۋۇتىدىن چىچانخۇغا بارىدىغان تاشيولغا 150 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 530

چىكاڭكۆل سۇ ئامبىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسى تەۋەسىدىكى چىكاڭكۆل سۇ ئامبىرىنىڭ غەربىي تەرىپىدە شەرقىي مېرىدىئان 89 گرادۇس 35 مىنۇت 53 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 42 گىرادۇس 57 مىنۇت 4 سېكۇنتتا بولۇپ، غولنىڭ ئارىلىقىدا شەكىللەنگەن ئارال تۈسىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان.

چىكاڭكۆل سۇ ئامبىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى دېڭىز يۈزىدىن 136 مېتىر ئېگىز.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 714

ئايدىڭكۆل قەدىمىي قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسىنىڭ غەربىي - شىمالىي قىسمىدا 8 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر چۆلگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 40 مېتىر ئېگىز.

بۇ قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ غەربىي - جەنۇبىي تەرىپى بىلەن بۇغان تۇرىنىڭ ئارىلىقى 5 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېڭى ياسالغان قاراماي يولى بار. بۇ يول قەبرىستانلىقنىڭ شىمالىدىن، بۇغان تۇرىنىڭ جەنۇبىدىن ئۆتىدۇ. بۇ يەر ئېگىز - پەس شەكىللەنگەن، يانتاقلار ئۆسكەن. تۇپرىقى مۇنبەت سېغىز توپا، يۇمشاق، چوقچىيىپ قالغان ئېگىز جايلىرىدا تۇزلىشىش، شورلىشىش ئەھۋالى ئېغىر.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 643

قەدىمىي شەھەر مەھەللىسى قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسى يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي - شىمالىي تەرىپىدە تەخمىنەن كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە. شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇس 3 مىنۇت 20 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 57 مىنۇت 52 سېكۇنتتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 90 مېتىر ئېگىز.

بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىق يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىسىدىكى يەنە بىر ئېگىزلىكنىڭ ئۈستىدە. بۇ ئېگىزلىكمۇ ئېگىز - پەس، تەكشى ئەمەس. بوراننىڭ يالاپ ئۇچۇرتۇشى بەك ئېغىر، لەھەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى بوراندا ئۇچۇرتۇپ كېتىلگەچكە، لەھەتمۇ ياكى باشقا بىر ئازگالمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بىر دەرىجىگە كېلىپ قالغان.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 704

چەشتاغ قەدىمىي قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسى تەۋەسىدىكى سەيدىخان مەھەللىرىنىڭ غەربىي تەرىپىدە. يەنى شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 55 مىنۇت 23 سېكۇنت، شەرقىي مېرىدىئان 89 گرادۇس 7 مىنۇت 20 سېكۇنتتا بولۇپ، تۇرپان - ئايدىڭكۆل تاشيولىنىڭ بويىغا جايلاشقان.

چەشتاغ قەدىمىي قەبرىستانلىقى دېڭىز يۈزىدىن 0 مېتىرلىق ئورۇنغا توغرا كېلىدۇ. ئەتراپىنىڭ شەكلى تەكشى ئەمەس، سايلىق، تاغلىق ۋە ئېتىزلىقلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن. چەشتاغ قەدىمىي قەبرىستانلىقى ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 100 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 666

يارغول قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسى تەۋەلىكىدە.

بۇ قەبرىستانلىق تۇزلۇق تاغ تىزمىسىنىڭ ئىچى غول دەپ ئاتىلىدىغان غولنىڭ شىمالىي تەرىپىدە، شەرقىي مېرىدىئان 89 گرادۇس 2 مىنۇت 53 سېكۇنتتىن 4 مىنۇت 34 سېكۇنتقىچە، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 57 مىنۇت 18 سېكۇنتتىن 56 مىنۇت 34 سېكۇنتقىچە ئارىلىقتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 75 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان.

يارغول قەدىمىي قەبرىستانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى تەخمىنەن تۆت كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 973

يارغول سىپتا تاش قورال ئىزى، تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسى يارغول مەھەللىسى تەۋەسىدىكى يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە، يەنى يار يېزىسى تەۋەلىكىدىكى 3 - غول بىلەن 4 - غولنىڭ ئارىلىقىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان.

بۇ قەدىمىي ئىز يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى 3– غول بىلەن 4–غولنىڭ ئارىلىقىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان. ئېگىزلىكتە چوقچىيىپ چىققان كىچىك قۇم بارخانلىرى بار. سېغىز تۇپراق قاتلىمى سەل قېلىن، شىمالىي تەرىپىدە بىر پارچە تاش دۆۋىلەنگەن قەبرىستانلىق بار. ئۇنىڭ جەنۇبىي تەرىپى ياكى قىرغاققىچە تۇتاشقان.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 888

ئاستانە سىپتا تاش قورال ئىزى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئاستانە يېزىسى كارسان مەھەللىسى تەۋەلىكىدە تېپىلغان.

بۇ سىپتا تاش قورال ئىزى ئاستانە قەدىمىي قەبرە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 40 مېتىر تۆۋەن جايدا.

قورام تاشلىق كەڭ كەتكەن ساي ئىچىنى ئېقىن يولى كېسىپ ئۆتكەن. سۇ سېرىق رەڭدىكى قۇم تۇپراقنى ئاشكارىلاپ قويغان. ئەتراپىدا تاش دۆۋىلەنگەن قەبرىلەر بار. قەبرە توپىلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. غەربىي - شىمالىي ۋە شەرقىي - جەنۇبىي تەرىپىدىن بىردىن كېسەك بىلەن ياسالغان مازارنىڭ ئىزى بار.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 2282
[22] [23] [24] [25] [26] [27] [28] [29] [30] [31]  ... [31]  

تۇرپان تەزكىرىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە

新ICP备10202342号-4

吾买尔江·沙塔尔 0991-8982843 ئۆمەرجان ساتتار

بېكىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى «شىنجاڭ تېزلىك تورى»  تەمىنلىگەن

Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.061523 second(s), 3 queries