باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2009 - 3 48
يدسچپجش
1234567
891011121314
15161718192021
22232425262728
293031

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
كۆرسىتىلىش شەكلى: نورمال | تېمىلار تىزىملىكى [21] [22] [23] [24] [25] [26] [27] [28] [29] [30]  ... [30]  

ئېشەك داۋىنى قەدىمىي قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرى باغۋەنچىلىك مەيدانىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بولۇپ، باغۋەنچىلىك مەيدانىغا 12 كىلومېتر كېلىدىغان يەردىكى يوغانتېرەك غولىغا بارىدىغان يول ئۈستىدە. شەرقىي مېردىئان 88 گرادۇس 49 مىنۇت 38 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 43 گرادۇس 17 مىنۇت 20 سېكۇنتتا بولۇپ، ئېشەك داۋىنى قەدىمىي قەبرىستانلىقى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500 مېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 72

ئاتئويناق غولى قەدىمىي قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسى تەۋەلىكىدىكى يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا بولۇپ، ئارىلىقى تەخمىنەن 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. شىمالىي تەرىپى ئۈرۈمچىگە بارىدىغان تاشيولغا 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي مېرىدىئان 89 گرادۇس 1 مىنۇت 22 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 59 مىنۇت 18 سېكۇنتتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 150 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان.

ئاتئويناق غولى قەدىمىي قەبرىستانلىقى ئۆزئارا يېقىن بولغان ئىككى ئېگىزلىككە جايلاشقان. ئېگىزلىكنىڭ ئارىلىقىدا قۇرۇق غول ۋە تەبىئىي يارداڭلىق بار. ئېگىزلىك شىمالغا سوزۇلغانسېرى تۈزلەڭلىككە ئايلىنىپ كەتكەن.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 86

ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھەرى ئاستانە يېزىسى كارسان مەھەللىسىنىڭ غەربىي تەرىپىدە. شەرقىي مېدىئان 89 گرادۇس 31 مىنۇت 44 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 51 مىنۇت 57 سېكۇنتتا بولۇپ، دېڭىز يۇزىدىن 40 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان. تۇرپان شەھىرىدىن ئاستانە يېزىسىغا بارىدىغان قاراماي يول بۇ قەبرىستانلىقنى كېسىپ ئۆتىدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 123

غوجامبۇلاق قەدىمىي شەھەر خارابىسى قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسى تەۋەسىدىكى بېزەكلىك مىڭئۆينىڭ غەربىي شىمالىغا 4 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە، يەنى شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇس 31 مىنۇت 4 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 59 مىنۇت 19 سېكۇنتتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 200 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان.

غوجامبۇلاق قەدىمىي قەبرىستانلىقى يالقۇنتاغ تىزمىسى بىلەن مۇرتۇق دەرياسى ئارىلىقىدىكى بىر پارچە تۈزلەڭلىكتە بولۇپ، غەربىي - جەنۇبىي تەرىپىدە، غوجامبۇلاق بۇددا مۇنارى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شەرقىي - جەنۇبىي تەرىپى بىر غول بىلەن غوجامبۇلاق قەدىمىي شەھىرىدىن ۋە غوجام قەبرىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. قەبرىستانلىق جايلاشقان يەرنىڭ شەكىلى تەكشى ئەمەس، يەر يۈزى قاتلىمى قۇم ئارىلاشقان تاشلىق ساي.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 84

چىچانخۇ ساي قەدىمىي قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ چىچان بازىرى تەۋەسىدىكى چىچانخۇ ۋوگزالىنىڭ غەربىي - جەنۇبىي تەرىپىگە تەخمىنەن 5.7 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان. شەرقىي مېرىدىئان 89 گىرادۇس 24 مىنۇت 42 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 43 گرادۇس 4 مىنۇت 7 سېكۇنتتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 498 مېتىر ئېگىز.

بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ يەر شارائىتى ئالاھىدە بولۇپ، جەنۇبىي تەرەپتە يالقۇنتاغ تىزمىسى بىلەن، شىمالىي تەرەپتە تەڭرىتاغ تېغى ئارىلىقىدىكى كەڭ تۈز كەتكەن چىچانخۇ سايلىقىنىڭ غەربىي - شىمالىي چېتىگە تۇتىشىدۇ. شەرقىي تەرىپى ئايدىڭكۆل خىمىيە زاۋۇتىدىن چىچانخۇغا بارىدىغان تاشيولغا 150 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 106

چىكاڭكۆل سۇ ئامبىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسى تەۋەسىدىكى چىكاڭكۆل سۇ ئامبىرىنىڭ غەربىي تەرىپىدە شەرقىي مېرىدىئان 89 گرادۇس 35 مىنۇت 53 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 42 گىرادۇس 57 مىنۇت 4 سېكۇنتتا بولۇپ، غولنىڭ ئارىلىقىدا شەكىللەنگەن ئارال تۈسىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان.

چىكاڭكۆل سۇ ئامبىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى دېڭىز يۈزىدىن 136 مېتىر ئېگىز.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 151

ئايدىڭكۆل قەدىمىي قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسىنىڭ غەربىي - شىمالىي قىسمىدا 8 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر چۆلگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 40 مېتىر ئېگىز.

بۇ قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ غەربىي - جەنۇبىي تەرىپى بىلەن بۇغان تۇرىنىڭ ئارىلىقى 5 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېڭى ياسالغان قاراماي يولى بار. بۇ يول قەبرىستانلىقنىڭ شىمالىدىن، بۇغان تۇرىنىڭ جەنۇبىدىن ئۆتىدۇ. بۇ يەر ئېگىز - پەس شەكىللەنگەن، يانتاقلار ئۆسكەن. تۇپرىقى مۇنبەت سېغىز توپا، يۇمشاق، چوقچىيىپ قالغان ئېگىز جايلىرىدا تۇزلىشىش، شورلىشىش ئەھۋالى ئېغىر.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 93

قەدىمىي شەھەر مەھەللىسى قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسى يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي - شىمالىي تەرىپىدە تەخمىنەن كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە. شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇس 3 مىنۇت 20 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 57 مىنۇت 52 سېكۇنتتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 90 مېتىر ئېگىز.

بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىق يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىسىدىكى يەنە بىر ئېگىزلىكنىڭ ئۈستىدە. بۇ ئېگىزلىكمۇ ئېگىز - پەس، تەكشى ئەمەس. بوراننىڭ يالاپ ئۇچۇرتۇشى بەك ئېغىر، لەھەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى بوراندا ئۇچۇرتۇپ كېتىلگەچكە، لەھەتمۇ ياكى باشقا بىر ئازگالمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بىر دەرىجىگە كېلىپ قالغان.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 106

چەشتاغ قەدىمىي قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسى تەۋەسىدىكى سەيدىخان مەھەللىرىنىڭ غەربىي تەرىپىدە. يەنى شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 55 مىنۇت 23 سېكۇنت، شەرقىي مېرىدىئان 89 گرادۇس 7 مىنۇت 20 سېكۇنتتا بولۇپ، تۇرپان - ئايدىڭكۆل تاشيولىنىڭ بويىغا جايلاشقان.

چەشتاغ قەدىمىي قەبرىستانلىقى دېڭىز يۈزىدىن 0 مېتىرلىق ئورۇنغا توغرا كېلىدۇ. ئەتراپىنىڭ شەكلى تەكشى ئەمەس، سايلىق، تاغلىق ۋە ئېتىزلىقلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن. چەشتاغ قەدىمىي قەبرىستانلىقى ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 100 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 123

يارغول قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسى تەۋەلىكىدە.

بۇ قەبرىستانلىق تۇزلۇق تاغ تىزمىسىنىڭ ئىچى غول دەپ ئاتىلىدىغان غولنىڭ شىمالىي تەرىپىدە، شەرقىي مېرىدىئان 89 گرادۇس 2 مىنۇت 53 سېكۇنتتىن 4 مىنۇت 34 سېكۇنتقىچە، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 57 مىنۇت 18 سېكۇنتتىن 56 مىنۇت 34 سېكۇنتقىچە ئارىلىقتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 75 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان.

يارغول قەدىمىي قەبرىستانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى تەخمىنەن تۆت كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاننىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 374
[21] [22] [23] [24] [25] [26] [27] [28] [29] [30]  ... [30]  
«تۇرپان تەزكىرىسى»نىڭ نەشىر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە.
Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.062500 second(s), 6 queries