黄头回纥 ، 撒里畏兀 ، 黄黄番تارىخ كىتابلىرىدا سارىخ ئۇيغۇر دېگەن ناملار يولۇقىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئۆزلىرىنى سارەغ يۇغۇر، شارا يۇغۇر دەپ ئاتايدىغان يۈگۇ مىللىتى بار. بۇ ماقالىدە مۇشۇ ناملاردا ئاتالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئانا ماكانى قاتارلىقلار ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىنىپ، بۇلارنىڭ ئەسلىدە ھازىرقى چاقىلىق، چەرچەن ناھىيىلىرىنىڭ قەدىمكى ئاھالىلىرىدىن ئىكەنلىكى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈلىدۇ. چاقىلىق، چەرچەن ناھىيىلىرىنىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرىدىغان بولساق، مۇشۇ دائىرىدە «سېرىق ئۇيغۇر» لارنىڭ ياشايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بار، مانا بۇنىڭغا ئالدى بىلەن ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ جامائەت ۋە دۆلەت ئەربابى، ئاتاقلىق تارىخچى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگاننىڭ «تارىخى رەشىدىي» ناملىق كىتابىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلارنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.
تولۇق تېكستى...ھونلار مىلادىدىن 1500 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىنىڭ 5 – ئەسىرلىرىگىچە (ئىككى مىڭ يىل) بولغان ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخى مەزگىلدە ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىنىڭ سەھنىسىدە ئىنسانىيەت ئەۋلادىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان چوڭقۇر تەسىرلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن. مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن باشلاپ تارىختا 500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 207 – يىلدىن مىلادىنىڭ 216 – يىلىغىچە)، 170 يىل ھۆكۈم سۈرگەن غەربىي ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن 46 –، 216 – يىللار)، 95 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسى (375–469) قاتارلىق ئۇلۇغ ئۈچ ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىدا ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن ئاجايىپ خاتىرىلەر قالدۇرغان.
تولۇق تېكستى...پايانسىز قۇملۇقنى ئەگىپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى بويىدىكى بوستانلىقلار ئارىسىدا ياشىغۇچى خەلىقلەر ئارىسىدا قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن قەدىمقى زاماندىكى نۇرغۇن شەھەر – خارابىلىكلەر ، غەلىتە سۆز – چۆچەكلەر ئىزچىل تارقىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرقى قۇيۇلۇش نۇقتىسى بولغان لوپنۇر كۆلى بويلىرىغا ماكانلاشقان لوپنۇرلۇقلار ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى سىرلىق ھالدا يوقىلىپ كەتكەن شەھەر دۆلىتى كىرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ، ئەمما ئاتا – بوۋىلىرى قۇرغان ئاشۇ سەلتەنەتنىڭ ئەمەلىيەت ياكى رىۋايەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتى.
تولۇق تېكستى...بۈيۈك مىللىي كۆچۈش ئېلىپ بارغان ھۇن قەبىلىلىرى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرى ئاق ھونلار(ئېفتالىتلار) دەپ ئاتالغان. ئۇلار كاۋكاز تاغلىرى ۋە قەدىمكى پېرسىيەنىڭ شىمالىغا ماكانلىشىپ، ئۇ يەرلەرگە نەچچە يۈز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. يەنە بىرى قارا ھونلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تېرىسى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىيىپ كەتكەن. ئۇلار ئاق ھۇنلاردىنمۇ قارا بولۇپ، ئورال تاغلىرىنىڭ غەربىي قاپتاللىرىدىن كەلگەن.
تولۇق تېكستى...مېنىڭ تېگىم يەكەنلىك بولۇپ، ئۆمرۈم يامۇلدا يايىلىق خىزمىتى بىلەن ئۆتكەن، مېنىڭ بىر قىزىم خوتەنگە ياتلىق قىلىنغاچقا خوتەنگە بىر نەچچە قېتىم بارغانمەن، شۇڭا خوتەن يوللىرى ماڭا تونۇش بولۇپ قالغان.
1937 – يىلى 9 – ئاي كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يەكەن تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالدى، ئۇلار يەكەندە ئازلا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن قەشقەر تەرەپتىكى تۇڭگانلارمۇ قېچىپ كېلىپ، ئۇلغىيىپ ھەممىسى يەكەننى تاشلاپ خوتەن تەرەپكە قاچتى.
تولۇق تېكستى...ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق، يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە، جۇڭگونىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايونى)، پاكىستان، ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، روسيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈنەرلىك نوپۇستا مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ.
تولۇق تېكستى...پىچان بىلەن مورى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمىي يولنىڭ پىچان تەرەپكە 72 كىلومېتىر كېلىدىغان بۆلىكىدە كەرچى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قونالغۇ بار. بۇ يەرگە ئىككى ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەن تۆمۈرخان مېھماندوست، كۆكسى – قارنى كەڭ ئادەم بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلارغا ئاۋۋال نان، چاي بېرىپ، ئاندىن گەپ سورايتتى.
تولۇق تېكستى...1. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ساداقەتمەن سانغۇنى ــــ ئاشىنا شىر
ئاشىنا شىر كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ باتۇر شاھزادىسى ئىدى. كۆكتۈرك خانلىقى مىلادى 583 – يىلى غەربىي تۈرك خانلىقى ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن، مىلادى 626 – يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى 15 كە يېقىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەر بىرلىشىپ شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتەردى. دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە شەرقىي تۈركلەر خاقانى قارا خاقان بۇ ئىسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن ئاشىنا شىر بىلەن ئۆز ئوغلى يوغۇق شاد باشچىلىقىدا 100 مىڭ كىشلىك قوشۇننى ماڭدۇردى. ئاشىنا شىر ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر سەركەردىسى — بوسات تېكىن تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولدى.
تولۇق تېكستى...روزى قارىم پاراڭلىرى
(روزى قارىم 1866 – يىلدىن 1966 – يىلىغىچە توقسۇن ناھىيە توتەي يېزىسىدا ياشاپ ئۆتكەن خەلق پاراڭچىسى)
بىر كۈنى مەھەللىنىڭ مەزىنى بۇلاق بېشىدا تەرەت ئىلىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز يەل قويۇۋېتىپتۇ، خەقلەر ئاڭلىۋالدىمىكىن دەپ ئەتراپقا قارىسا كەينىدە روزى قارىم كۈلۈپ ئولتۇرغىدەك، شۇنىڭ بىلەن مەزىن قارىمنى گەپكە سېلىپ باقماقچى بولۇپ: روزى قارىم، بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى نېمانداق مۈزدەك؟ – دېسە
روزى قارىم: بۇ بۇلاقمۇ چاغلىق، يۇقاينىدا يەنە بىر بۇلاق بار، چىچارتىۋىتىدۇ – دەپتۇ.
تولۇق تېكستى...يالقۇنتاغ باغرىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئوت يۈرەك دىللاردىن مەرھۇم ئىمىن ھاسىل ئەپەندىمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇمىزنى بىلدۈرىمىز!!!!
ئىدىقۇت ۋادىسىدىكى تونۇلغان رەسسام، گۈزەل سەنئەت مۇتەخەسسىسى ئىمىن ھاسىل 2010– يىل 9– ئاينىڭ 23– كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 69 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئىمىن ھاسىل 1941– يىلى 11– ئايدا تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، 1952– يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك 2– دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، ئۇ بۇ يەردە كۈندىلىك دەرسلەرنى ياخشى ئىگىلەش بىلەن بىرگەن، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا رەسىم سىزىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، پېشقەدەم رەسساملارنى ئۇستاز تۇتۇپ، رەسىم سىزىنىڭ قائىدىلىرىنى، سىزىق ئارقىلىق ھەرىكەتنى ئىپادىلەشنى، رەڭگە ھېسسىياتنى قانداق سىڭدۈرۈشنى ئىجتىھاد بىلەن ئۆگەنگەن.
تولۇق تېكستى...