پىچان بىلەن مورى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمىي يولنىڭ پىچان تەرەپكە 72 كىلومېتىر كېلىدىغان بۆلىكىدە كەرچى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قونالغۇ بار. بۇ يەرگە ئىككى ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەن تۆمۈرخان مېھماندوست، كۆكسى – قارنى كەڭ ئادەم بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلارغا ئاۋۋال نان، چاي بېرىپ، ئاندىن گەپ سورايتتى.
تولۇق تېكستى...1. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ساداقەتمەن سانغۇنى ــــ ئاشىنا شىر
ئاشىنا شىر كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ باتۇر شاھزادىسى ئىدى. كۆكتۈرك خانلىقى مىلادى 583 – يىلى غەربىي تۈرك خانلىقى ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن، مىلادى 626 – يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى 15 كە يېقىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەر بىرلىشىپ شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتەردى. دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە شەرقىي تۈركلەر خاقانى قارا خاقان بۇ ئىسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن ئاشىنا شىر بىلەن ئۆز ئوغلى يوغۇق شاد باشچىلىقىدا 100 مىڭ كىشلىك قوشۇننى ماڭدۇردى. ئاشىنا شىر ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر سەركەردىسى — بوسات تېكىن تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولدى.
تولۇق تېكستى...روزى قارىم پاراڭلىرى
(روزى قارىم 1866 – يىلدىن 1966 – يىلىغىچە توقسۇن ناھىيە توتەي يېزىسىدا ياشاپ ئۆتكەن خەلق پاراڭچىسى)
بىر كۈنى مەھەللىنىڭ مەزىنى بۇلاق بېشىدا تەرەت ئىلىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز يەل قويۇۋېتىپتۇ، خەقلەر ئاڭلىۋالدىمىكىن دەپ ئەتراپقا قارىسا كەينىدە روزى قارىم كۈلۈپ ئولتۇرغىدەك، شۇنىڭ بىلەن مەزىن قارىمنى گەپكە سېلىپ باقماقچى بولۇپ: روزى قارىم، بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى نېمانداق مۈزدەك؟ – دېسە
روزى قارىم: بۇ بۇلاقمۇ چاغلىق، يۇقاينىدا يەنە بىر بۇلاق بار، چىچارتىۋىتىدۇ – دەپتۇ.
تولۇق تېكستى...يالقۇنتاغ باغرىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئوت يۈرەك دىللاردىن مەرھۇم ئىمىن ھاسىل ئەپەندىمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇمىزنى بىلدۈرىمىز!!!!
ئىدىقۇت ۋادىسىدىكى تونۇلغان رەسسام، گۈزەل سەنئەت مۇتەخەسسىسى ئىمىن ھاسىل 2010– يىل 9– ئاينىڭ 23– كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 69 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئىمىن ھاسىل 1941– يىلى 11– ئايدا تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، 1952– يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك 2– دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، ئۇ بۇ يەردە كۈندىلىك دەرسلەرنى ياخشى ئىگىلەش بىلەن بىرگەن، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا رەسىم سىزىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، پېشقەدەم رەسساملارنى ئۇستاز تۇتۇپ، رەسىم سىزىنىڭ قائىدىلىرىنى، سىزىق ئارقىلىق ھەرىكەتنى ئىپادىلەشنى، رەڭگە ھېسسىياتنى قانداق سىڭدۈرۈشنى ئىجتىھاد بىلەن ئۆگەنگەن.
تولۇق تېكستى...تۇرپان رايونى يىراق تارىختىن بۇيان يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگىنىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر تارىم ئويمانلىقىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئويمانلىقنىڭ شەرقىي شىمالى قىسىمىغا جايلاشقان ھەم مۇناسىپ ھالدا خېلى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
تۇرپان ئالاھىدىلىكلىرىدىن سۆز ئاچساق، تۆۋەندە بىر نەچچە جەھەتتىكى ئەھۋالنى بىلىۋالالايمىز:
1. تۇرپان دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى ئورۇندا ۋە دۆلىتىمىز بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئويمانلىق، خەرىتىدە ئىپادىلەنگەن جۇغراپىيىلىك ئورنىغا قارىتا دېڭىز يۈزىدىن 155 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا تۇرىدۇ دەپ ئالاھىدە شەرھىلەنگەن.
تولۇق تېكستى...يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا «جۇڭگو خەلق بانكىسى» دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان جۇڭگو خەلق پۇلى تارقىتىلدى. بۇ خەتنى كىم يازدى؟ يېقىندا «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز بۇ خەتنى يازغۇچى ھوشۇر ئېلى توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر بەردى.
تولۇق تېكستى...ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قىنى ھېسابلانغان كارىز – بۇلاقلار يۇرتىمىز شىنجاڭدا خىلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئەنە شۇ كارىز ۋە بۇلاقلار ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن، ھازىرمۇ يۇرتىمىز شىنجاڭدا كارىزلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئاساسەن، قۇمۇل، تۇرپان ۋىلايەتلىرىگە ۋە سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى ناھىيەلەردە، گۇما ناھىيىسى، كۇچار ناھىيىلىرىدە كەڭ تارقالغان.
كارىزلارنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 5000 – 7000 كېلومېتىرغىچە بولۇپ، يىللىق ئېقىم مىقتارى 900 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدۇ. يىللىق يامغۇر مىقدارى نۆل چامىسىدا بولغان تارىم ۋە تۇرپان قۇمۇل ۋادىلىرىدا كارىز ئۆز رولىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرغان بولغىيتتى – ھە؟
تولۇق تېكستى...1947– يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى «11 بېتىم»نى بۇزغانلىقى ئۈچۈن «11 بېتىم»نى ھىمايە قىلىش شۇئارى ئاستىدا قوزغالغان تۇرپان، پىچان، توقسۇن دېھقانلار قوزغىلىڭى ئىيولنىڭ ئاخىرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بېسىلغانىدى. يۇقىرىقى ئۈچ ناھىيە قوزغىلاڭچىلىرى بىر قانچە قېتىم قانلىق جەڭلەرنى قىلغاندىن كېيىن، بىرقىسمى تۇرپان ناھىيسىنىڭ ھاكىمى ئابدۇراخمان مۇھىتىنىڭ باشچىلىقىدا ئالغۇي ئېغىزى، يۇلتۇز ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ چاغدا گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچى باش قوماندالىق شىتابى ئۈچ ناھىيەدە بىر مەيدان ئاق تىرورلۇق ھەركىتى يۈرگۈزدى. ھەمدە ھەربىي سىستېمىسىدىكى ئىشپىيون لى خۇڭيۈن باشچىلىقىدا پەۋقۇلئاددە ھەرىكەت ئەترىتى تەشكىللەپ ئەنشا تۈەن (يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ئۆمىكى) دېگەن نام بىلەن ئۇلارنى تۇرپانغا ئەۋەتتى. ئۈرۈمچى باش قوماندانلىق شىتاپ ھەربىي ئىشلار باشقارمىسى ھەركەتلىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى خۇڭيۈن 1947– يىلى 7– ئاينىڭ ئاخىرلىرى مەلۇم بىر كۈنى كېچىدە ئەنشا تۈەننى باشلاپ مەخپى ھالدا تۇرپانغا كېلىپ ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بىر ئاي يوشۇرۇن ھەرىكەتلىنىپ ئىلغار ياشلارنى ئەشەددىلىك بىلەن قانلىق باستۇردى.
تولۇق تېكستى...ھەيدەر سايرانى 1886– يىلى روسىيە فېدىراتسىيىسى قارمىقىدىكى تاتارىستاننىڭ ئۇفا شەھىرىدە سايرانىلارنىڭ 6– ئەۋلادى، تاتار زىيالىي ئوقۇتقۇچى مىنھاجىتتىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ ئۇفا شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قازان ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇفادا مەدرىسلەرلا بار بولۇپ، پەننى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى قازانغا جايلاشقانىدى. ئۇ 1905– يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلىدۇ.
تولۇق تېكستى...ئۇيغۇر سايرانى 1918– يىلى 12– ئاينىڭ 18– كۈنى تۇرپان ئاستانىدا ئوقۇتقۇچى ھەيدەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى تۇرپان، چۆچەك ۋە ئۈرۈمچىلەردە ئوقۇيدۇ. 1933– يىلى ئۈرۈمچىدە رۇس گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1934– يىلدىن 1938– يىلىغىچە موسكۋادا رۇسچە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ۋە شۇ يىلى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. بىراق دادىسى قولغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن چەتكە چىقالمايدۇ. كېيىن ئۇ ئۈرۈمچى نەنلىياڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، 4 ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن، «دادىسى قامالغان»، «سىياسەتتە ئىشەنچسىز» دەپ قارىلىپ، ساۋەنگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. 1938– يىلىدىن 1941– يىلىغىچە سۈرگۈندە بولغان كۈنلەردە رۇسچىدىن پەلسەپە، تارىخقا ئائىت ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ، «شىنجاڭ گېزىتى»، «يېڭى نۇر ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىدۇ. 1941– يىلى10– ئايدىن باشلاپ شىڭ شىسەينىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ.
تولۇق تېكستى...