قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىق پارچىلىرىنى گېرمانىيىنىڭ 3 – قېتىملىق تۇرپان ئارخىئولوگىيە ئەترىتى تۇرپاندىن قولغا چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر بېرلىندا ساقلانماقتا.
بۇ يازما يادىكارلىقلار، گەرچە قۇجۇ (ئىدىقۇت) ئۇيغۇر خانلىقى (ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى — مىلادى 850 – يىلى قۇرۇلغان) دەۋرىدە كۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە دورىگەرلىككە ئائىت تەجرىبىلەرگە قاراپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ۋە دورىگەرلىكىنىڭ ناھايىتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.
كىرىش ئېغىزى
سەھىپىلەر
بېكەت كالېندارى
قىزىق تېمىلار
بېكەت ستاتىستىكىسى
ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار
بېكەت ئۇچۇرلىرى: