ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىن قارىغىنىمىزدا ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش باشلىغاندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈش قەدىمكى ئەنئەنە. ئادەتتە ئۆي سالغاندا ئۆي سېلىش مۇراسىممۇ ۋە ئۆي چېيى بېرىدىغان ئادەت بار. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بىرەر قۇرۇلۇش باشلىسا ياكى قۇرۇلۇش ئاخىرلاشسا تەرتىپسىز قىلغان ئەمەس ھەم جىمجىت ئۆتكۈزگەن ئەمەس. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۆزىگە پەرھىز تۇتۇش، رەڭ تاللاش، ۋاقىت – مەۋسۈمگە قاراپ ئىش كۆرۈش ... قاتارلىق ئادەتلىرى بار. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان كارىزچىلىقتا بولسا، كارىزنىڭمۇ ئۆزىگە خاس، ئىش باشلاش، ۋاقىت – مەۋسۈمگە قاراپ ئىش كۆرۈش، پەرھىز سۆزلىرى، كارىزدىن بۇلاق چىقسا كولو (سۆيۈنچە) بېرىش، كارىز پۈتكەندە تىلمىغا تۇنجى قېتىم سۇ باشلىغاندا سۇ باشلاش مۇراسىمى ... قاتارلىق بىر قىسىم كارىزچىلىققا خاس ئادەتلىرى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىملىرىدا ھەر قايسى رەڭلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ئوخشىمايدۇ. بايلىققا، توي خۇشاللىققا قىزىل، ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىغا ئاق ... ھەرقايسى مۇراسىملاردا ئىشلىتىدىغان رەڭلەرمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاندىن تاشقىرى بىر خىل رەڭنىڭ بىر قانچە خىل ئالاھىدە مەنىسىمۇ بار. كارىزچىلىقتا ئاق رەڭ كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدۇ. كارىزچىلىقتا ئاق رەڭنىڭ كۆپرەك ئىشلىتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئاق» رەڭنى ئۇلۇغلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
«ئاق رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېڭىدا بەخت – ئامەت، ياخشىلىق، پاكلىق، ئالىيجاناپلىق چۈشەنچىسىنى بەرگەن. بۇ خىل چۈشەنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد دەۋرلىرىدىن تارتىپ، تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، سەپەرگە چىققانلارنى ئۇزىتىشتا «ئاق يول بولسۇن» دەپ ياخشى تىلەكتە بولۇش، سۇنى ئۇلۇغلاش، قارنى بەخت – ئامەتنىڭ بەلگىسى دەپ بىلىش...» ①
ئادەتتە كارىز قازغۇچى ئاۋۋال يەرنىڭ تۈزىلىشىنى ئوبدان كۆزىتىپ، بۇ كۆزەتكەن ئورۇننىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ مول ياكى مول بولمايدىغانلىقى، سۈيىنىڭ تۇزلۇق ۋە تاتلىق بولىدىغانلىقىنى، تۇپراقنىڭ قاتلىمى ۋە شۇ يەردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى، قاپلىنىش دائىرىسىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ. كارىز قېزىشتا كارىزنىڭ دەسلەپكى ئورنىنى بەلگىلىگەندە كۆل، ئېرىقنىڭ باشلىنىش ئورنى ۋە تىلما ئورنىغا پۆگە (بەلگە قويۇش) سالىدۇ. بۇ پۆگىلەرنىڭ ئۈستىگە ئاق رەختنى كېسەك بىلەن باستۇرۇپ قويىدۇ. كارىزدا ئىش باشلىغاندا ئاق داستىخان سېلىپ جامائەتكە ياكى يېقىن كىشىلىرىگە نەزىر بېرىدۇ. ئاق داستىخان سېلىپ ئىشنىڭ خەيىرلىك بولۇشىنى تىلەيدۇ. بۇ مۇراسىمغا قاتناشقانلار ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىدۇ، پۇل، مال ياردەم قىلىدىغانلار ئاتىغىنىنى، كۈچ ياردەم قىلىدىغانلار نەچچە كۈندىن ئىشلەپ بېرىدۇ. ياردەم قىلمىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. ئەگەر قوي ياردەم قىلىدىغانلار بولسا چوقۇم ئاق قوي ياردەم قىلىدۇ. بۇ كارىز چېپىشنىڭ خەيىرلىك بولۇشىنى ۋە سۇنىڭ «ئېقىشى»نى نەزەردە تۇتقان بولىدۇ. قۇدۇقچىنىڭ قۇدۇق ئىچىدىكى ئىش كىيىمىنىڭ رەڭگىمۇ ئاق رەختتىن بولىدۇ. ئەگەر قۇدۇق ئىچىدە بىرەر يېنىك دەرىجىدە خەتەر كۆرۈلۈپ قۇدۇق ئىچىدىكى ئادەملەر ئامان قالسا ئاق خوراز بىلەن قۇدۇقتىن ئامان چىققانلارنى ئۇچۇقلايدۇ. «ئىسرىق سېلىش»، « ئوچۇقلاش» ... ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا قەدىمدىن بار ئادەت. بۇنى «ئۇيغۇر –ئۆرپ ئادەتلىرى» دېگەن كىتابتا «قوغلاش سېھىرگەرلىكى» دەپ مۇنداق بايان قىلىدۇ. «قوغلاش سېھىرگەرلىكى: خەلق ئارىسىدىكى ئاتالمىش داخان، باخشى، پېرىخون دېگەنلەر ئەنە شۇ قوغلاش سېھىرگەرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان « كەسپى سېھىرگەر » لەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىگە چاپلاشقان جىن – شەيتان (يامان روھ)لارنى « قوغلىۋېتىش» ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان «ياندۇرۇش»، «چاچراتقۇ سېلىش»، «ئاشلاش»، «ئوت كۆچۈرۈش»، «تېرىگە ئېلىش»، «كەتمەن بېسىش»، «تۇغ باغلاش»، «قان قىلىش » ... قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللىرى بار.»② بۇ دەل «قان قىلىش» ئۇسۇلى بولۇپ، ئاق خورازنى قان قىلىش ئارقىلىق بالا – قازانى قوغلايدۇ. قۇدۇقچىنى توققۇز خىل ياكى يەتتە خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇچىنى سۇغا چىلاپ ئۇچۇقدايدىغان ئادەتمۇ بار. مۇبادا قۇدۇق ئىچىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە ئادەم مېيىپ بولۇش كۆرۈلسە شۇ جايدىن چىققان جايغا توققۇز غېرىچ ئېگىزلىكتە چوققا سېلىپ قۇيۇش ئادىتى ۋە بۇ چوققىنى قۇدۇقتىن چىققان ئاقۇچ لايدا سۇۋاپ قۇيۇش ئادىتىمۇ بار.
كارىز چاپقاندا خاسىيەتلىك كۈن ۋە بۇرجىنى تاللايدۇ. بۇنى ئاسترونومىيىلىك ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە ئېلىپ بارىدۇ. « ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۆت زات قارىشىنى ئۇلارنىڭ كۈن ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسمان جىسىملىرىنى ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىش ئارقىلىق بەزى يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بەلگىلىك بىر ۋاقىتتا «تۇغۇلۇپ»، «مېڭىپ»، «پېتىش»تەك بۇرجلۇق ھەرىكەت ھالىتىنى ۋە ئۇنىڭ ھاۋارايى، جۈملىدىن، يەر يۈزىدىكى مەۋجۇداتلارغا بولغان تەسىرىگە قارىتا ھاسىل قىلغان چۈشەنچىلىرىنىڭ يەكۈنى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ يەتتە يۇلتۇز، ئون ئىككى بۇرجقا باغلاپ، ئۇلارنىڭ خاسىيىتىنى بىر – بىرلەپ تەرىپلەپ مۇنداق يەكۈن چىقارغان:
143. ئۈچى سۇ، ئۈچى يەل، ئۈچى بولدى ئوت.
ئۈچى تۇپراق، بۇلار دۇنيادا مەۋجۇد.
«قۇتادغۇبىلىك» بەشىنچى باب»③
كارىز چاپقاندا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىش باشلىغاندىن تارتىپ تاكى ئىش توختاتقۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەرقايسى ئىش باسقۇچلىرىنى بۇ 12 بۇرجىغا قاراپ ئىش كۆرىدۇ. بۇرجى ياخشى بولمىسا قۇدۇق ئىچىدە خەتەر كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ئىش باشلاش ھالقىلىرىدىن ئېرىق ئېچىش، تىلما يېرىش، تۈڭلۈك ئۇيۇش، سۇغا يېتىش، كۆز ئىچىش ... قاتارلىق پائالىيەتلەردە ياخشى خەيىرلىك كۈن ۋە بۇرجىنى تاللايدۇ. قۇدۇق ئىچىدە مەشغۇلات قىلغۇچى قۇدۇقتىن يورۇق (ئاق رەڭ) غۇۋالاشقاندا ئىش توختايدۇ. ئەگەر ھاۋا بۇلۇتلۇق، تۇمانلىق كۈنلەردە قۇدۇق ئىچىگە قۇدۇقتىن يورۇق (ئاق رەڭ) يېتەرلىك چۈشمىسە، «قۇدۇق چىرىغى بار بولغاندىكىن» دەپ قاراپ قۇدۇق ئىچىدە مەشغۇلات قىلمايدۇ.
قۇدۇققا چۈشىدىغانلار چوقۇم قۇدۇقچىلىقتا رىئايە قىلىدىغان قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى ۋە ئۆزىنى پاك تۇتۇشى كېرەك. بىخەستىلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ئىش بېشىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىدۇ.
كارىز كولىنىپ سۇغا يەتكەندە «سۇلۇق» دەپ، كارىز قازغۇچى كىچىك بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، سۇنىڭ ئۇلۇغ ۋە تاتلىق بولۇشى ئۈچۈن قۇدۇقچىلارغا ھالۋا بېرىدۇ.
سۇلۇققا يەتكەندە كارىزدىن سۇ ئېقىشقا باشلىغاندا قۇدۇقچىلار تىلمىنىڭ ئىككى قۇدۇق قالدۇرۇپ، تۇغان سېلىپ قۇيىدۇ. سۇ يىغىلىپ تەشمىگە تاقاشقاندا پۈتۈن يۇرتنى چاقىرىپ، تىلما بېشىغا چىقىپ ئاق داستىخان سېلىپ، ئاق خادا تىكىپ، قوزۇق قىلغان ياغاچنى ئاقلىۋېتىپ قىلسىمۇ بولىدۇ. ئاق قوچقارنى تىلما بېشىغا ئېلىپ چىقىپ تەييار قىلىپ تۇرىدۇ. قۇدۇق ئىچىدىكى قۇدۇقچىلار بېشىغا ئاق تاغارنى ئۇچلاپ كىيىۋېلىپ «سۇ كەلدى، ئامان كەلدى!» دەپ توۋلاپ قولىدىكى تۇغاننى توسۇپ قويغان خالتىنى سۆرەپ ماڭىدۇ. «سۇ كەلدى ئامان كەلدى!» دەپ تىلمىدىن چىقىشىغا ئاق قۇشقارنى بوغۇزلاپ قان ئاققۇزىدۇ. بۇ كارىزدىن سۇنىڭ چىقىشى قۇتلۇق بولسۇن، مەڭگۈ ئېقىپ تۇرىدۇ، دېگەنلىك بولۇپ، كارىز سۈيىنى تەبرىكلەشكە كەلگەن ئەل جامائەت قۇشقار گۆشىنى يەپ دۇئا بېرىدۇ. قوچقارنىڭ تېرىسى مەسچىتكە بېرىلىدۇ.
ئاق قوي «قوچقار»نى خەيىرلىك ئىشقا سىمۋول قىلىش ئادىتى قەدىمكى ئادىتىمىزدۇر. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ئېپوسى «ئوغۇزنامە» دە مۇنداق يېزىلغان:
«361. قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى،
362. ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇنى ئاستى،
363. ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغلىدى. سول
364. تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى.
365. ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇنى ئاستى،
366. تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى.» ④
بۇ يەردە ئاق ئالتۇن بىلەن ئاق قوينى ئوڭ تەرەپكە قويۇپ ئاق تەڭلىك قوينى ئەزىزلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالىمىز.
گەرچە كارىز قېزىش بۈگۈنكى كۈندە ئۈزۈلۈپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ، كارىز قېزىش ۋە كارىزچىلىققا ئائىت ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى تەتقىق قىلىش مۇھىم. بىز بۇنىڭدىن مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى ۋە ئېتنوگرافىيىسىنى بىلەلەيمىز.
–––––––––––––––––––––––––––––––
① «ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى» 166 – بەت، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1996 – يىلى 8 – ئاي نەشرى
② «ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى» 185 – بەت، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1996 – يىلى 8 – ئاي نەشرى
③ ئابدۇرېھىم ھەبىيبۇللا: «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى» 548 – بەت
④ تۇرسۇن ئايۇپ، گىڭ شىمىنلار نەشرگە تەييارلىغان «ئوغۇزنامە» 1980 – يىلى 11 – ئاي 1 – نەشرى، 61 – بەت.
================================
مەنبە: ئاپتورى پەرھات كازىم، بۇ ماقالە «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2007 – يىلى 4 – سانىدا «كارىز مەدەنىيىتىگە دائىر بايانلار» دېگەن ماۋزۇنىڭ ئۈچىنچى تارمىقى ئىدى، بۇ يەردە ئايرىم تېما قىلىپ يوللاندى.