توققۇزنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا مۇقەددەس سانلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مەيلى تۇراقلىق بىرىكمىلەردە بولسۇن، مەيلى قوشاقلاردا بولسۇن دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. توققۇزغا مۇناسىۋەتلىك تۇراقلىق بىرىكمىلەرنى بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچۇرتىمىز. مەسىلەن، تويغان يەرگە توققۇز تەزىم، توققۇزى تەل، توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتۇپتۇ، توققۇز ئۆلچەپ بىر بىر كەس ①... ئۇيغۇر خەلق ناخشا – قوشاق، داستانلىرىدىمۇ توققۇز ئالاھىدە سان دەپ قارىلىدۇ.
مەسىلەن، توققۇز تارانىڭ ئېلىدە،
توققۇز مۇجاڭ پەن تارتىدۇ.
مەن ئۆزۈمنى يېتىم دېسەم،
نۇرغۇن بالانى ئارتىدۇ. ②
يەنە:
«سەككىز كەپتە توققۇز بولدى،
توققۇز كەپتە ئوتتۇز بولدى»③
دەپ توققۇزدىن بىراقلا ئوتتۇزغا ئۆرلەيدۇ. «تاھىر – زۆھرە داستانىنىڭ لوپنۇر ۋارىيانتىدا مۇنداق مىسرالار بار.
«بۇ دەريا توققۇز تارام،
بىزدىن زۆھراغا سالام ».④
شۇنداقلا تۇرپان رايونىدا «توققۇز – توققۇز» قوشىقى بار. قوشاقنى «توي كۈنلىرى يىگىت تەرەپنى چىللاش قىلغاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان قائىدە بولۇپ، ئاساسلىقى قىزنىڭ ئانا تەرەپ تۇغقانلىرىنىڭ كۈيئوغۇلنى تونۇۋېلىش مەقسەت قىلىدۇ. يىگىتنى سالامغا ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن مېھمانلار ئولتۇرغان ئۆيگە يىگىتنىڭ دوستلىرىدىن بىرى توققۇز خىل مېۋە تىزىلغان شىرەنى كۆتۈرۈپ كىرىدۇ....» قوشاق مۇنداق.
...
توققۇز – توققۇز،
ياغاچچى ياسىغان جوزىسى بىلەن.
توققۇز – توققۇز،
شاڭخەينىڭ رەختى داستىخىنى بىلەن.
توققۇز – توققۇز،
داۋانچىڭنىڭ دادۇرى بىلەن.
توققۇز – توققۇز،
ئىلىخونىڭ گازىرى بىلەن.
توققۇز – توققۇز،
ئاستانىنىڭ ئانىرى بىلەن.
توققۇز – توققۇز،
دادۇڭنىڭ يانتاق شېكىرى بىلەن.
توققۇز – توققۇز،
چىچاننىڭ ياڭاق مېغىزى بىلەن.
توققۇز – توققۇز،
لۈكچۈننىڭ يېمىشى بىلەن،
توققۇز – توققۇز،
بويلۇقنىڭ كىشمىشى بىلەن.
تېتىپ كۆرگەيلا تەمىنى،
سۆزلەپ بولدۇم ھەممىنى.⑤
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىمۇ « ... يىگىت قىزغا توققۇز ساراي سېلىپتۇ، توققۇزىنچى ئىشىكتىن كىرىپ قارىسا... دېگەندەك توققۇزغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى ئۇچرىتىمىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىدىن قارىغان ۋاقىتىمىزدىمۇ توققۇز ئۇلۇغلىنىدۇ. مەسىلەن، توي چاچقۇسىنى چاچقاندا «توققۇز ئوغۇللۇق، بىر قىزلىق بولسۇن» دەپ چاچقۇ چاچىدۇ، يېڭى قىز – يىگىتنىڭ تۆشىكىنى سالغۇچىلىكمۇ يەڭگىسى «توققۇز ئوغۇللۇق، بىر قىزلىق بولغاي» دەپ سالىدۇ. ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىدا توققۇز خىل داندىن نورۇز ئېشى ئېتىدۇ. ھەر يىلى خېمىر يېڭىلىغاندا توققۇز ئۆيگە بېرىدۇ. يازما ئەدەبىياتمۇ تۇرمۇشنىڭ چىنلىقىنى ئىپادىلەشتە ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى خاسىيەتلىك سان «توققۇز»نى ئەكس ئەتتۈرۈپ كېلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانىدا «... ئوغۇل تەرەپ، تويلۇق ئۈچۈن توققۇز كىيىملىك رەخت، توققۇز تۇياق قوي، توققۇز كۈرە بۇغداي، توققۇز شىڭ گۈرۈچ، توققۇز چىڭ ياغ، توققۇز شىرە مېۋە – چېۋە قاتارلىق نەرسىلەرنى قىز تەرەپكە داغدۇغا بىلەن ئاپىرىپ بېرىدۇ.» دەپ يېزىلغان.
«توققۇز»نىڭ ئۇلۇغلىنىشىنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىمۇ «تاشقى توققۇز قەبىلە»، «ئىچكى توققۇز قەبىلە» دەپ ئاتىلىشى ۋە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە «توققۇز»لۇق تۈزۈمنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئالەم مەنبەسى توغرىسىدىكى ئىپتىدائىي چۈشەنچىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن.⑥ «توققۇزنىڭ مۇقەددەس سان بولۇپ قېلىشى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزىملىق ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قەدىمكى ئۇيغۇر شامانىستلىرىنىڭ ئىپتىدائىي تەسەۋۋۇرىدىكى كۆكتەڭرى ئېتىقادىدىن « يەتتە يۇلتۇز ئىلاھى» چۈشەنچىسى كېلىپ چىققان ۋە بۇ يەتتە يۇلتۇز نامى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ناملار بىلەن ئاتىلىپ يەتتە ئىلاھنىڭ ھەر بىرى ھاياتلىق ئالىمى ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭغا پانىي ئالەم ۋە يەر ئاستى ئالەم (روھانىيلار ماكانى) قوشۇلۇپ، پۈتۈن ئالەم توققۇز ھاياتلىق مەنبەسىدىن قۇرۇلغان دېگەن ئىپتىدائىي چۈشەنچە بارلىققا كەلگەن.⑦ «ئوغۇزنامە» داستانىدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن «... ئوغۇزخاننىڭ ئېتى مۇز تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئوغۇزخان ئۇزۇنغىچە ئازاب چەكتى، توققۇز كۈندىن كېيىن ئوغۇزخاننىڭ ئايغىر ئېتىنى ھازىر قىلدى.» («ئوغۇزنامە» 54 – بەت). «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى»دىن «كۆلتېگىن ئىلگىرى – كىيىن توققۇز قېتىم باشقا – باشقا ئاتقا مىنىپ جەڭگە كىردى»، «كۆلتېگىن توققۇز ئەسكەرنى نەيزىلىدى، توققۇز ئەسكەرنى ئايلاندۇرۇپ سالدى...» دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا «خاننىڭ قول ئاستىدىكى ۋىلايەتلەر ھەرقانچە كۆپىيىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلسىمۇ تۇغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ، چۈنكى توققۇز سانى خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ.»⑧ دەپ خاتىرىلىگەن.
يۇقىرىقى نۇقتىلاردىن قارىغان ۋاقتىمىزدا «توققۇز»، «ئۇلۇغلۇق»، «بۈيۈكلۈك»، «كۆپلۈك»ىكلەرگە سىمۋول قىلىنغان.
ئۇيغۇرلار ياشىغان يۇرتلارنىڭ يەر ناملىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، «توققۇز» دېگەن سان بىلەن ئاتىلىدىغان نۇرغۇن جايلار بار. مەسىلەن، توقۇزاق بازىرى، توققۇزتارا ناھىيىسى، توققۇز بولاق كەنتى، توققۇز خامان، توققۇز داۋان تېغى ... بۇنىڭدىن كۈرىۋېلىشقا بولىدۇكى «توققۇز» دېگەن ساننى ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا ئۇلۇغلاپ يۇرت ناملىرى قىلىپ كەلگەن. بۇ ئەنئەنە كارىز مەدەنىيىتىدىمۇ ئۇچرايدۇ.
قۇدۇق ئىچىدە بىرەر كۈتۈلمىگەن ھادىسە كۆرۈلسە قۇدۇقچىنى توققۇز خىل ياكى يەتتە خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇچىنى سۇغا چىلاپ ئۇچۇقلايدۇ. مۇبادا قۇدۇق ئىچىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە ئادەم مېيىپ بولۇش كۆرۈلسە شۇ جايدىن چىققان جايغا توققۇز غېرىچ ئېگىزلىكتە چوققا سېلىپ قۇيۇش ئادىتى ۋە بۇ چوققىنى قۇدۇقتىن چىققان ئاقۇچ لايدا سۇۋاپ قۇيۇش ئادىتىمۇ بار. پېشقەدەم قۇدۇقچىلار بۇنداق قىلىشنىڭ «توققۇز»نى ئۇلۇغلاپ، قۇتقۇزۇش، مەدەت بېرىش مەقسىتىدە قوللانغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ.
كارىز مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا سۇچىلىقىغا قوشقان ئۆلمەس تۆھپە. كارىز ناملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يەر – جايلارغا نام بېرىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. ئوخشىمايدىغان يېرى بىر كارىزغا «توققۇز ئوغۇل كارىزى» دەپ نام بېرىشتۇر. توققۇزغا مۇناسىۋەتلىك كارىزلار بار ھەم بۇ نامنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخى بار. كارىز ناملىرىدا «توققۇز ئوغۇل كارىزى»نىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئەل ئىچىدە مۇنداق قاراش بار.
كارىزدا ياشىغۇچىنىڭ كارىز ئىگىسى ياكى باشقا بىر كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر «توققۇز ئوغۇل كارىزى» دەپ ئاتىلىدۇ. كارىز نامىنى ئۆزگەرتىشتە ئايرىم مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ. 9 – ئوغۇل تۇغۇلۇپ، توققۇزىنچى كۈنى، ياكى 9 – ھەپتىسى شۇ كارىزدا ياشاۋاتقان جامائەت، شۇ كارىز ئىگىسىنىڭ رازىلىقى بىلەن كارىزنىڭ نامىنى «توققۇز ئوغۇل كارىزى» دەپ ئاتايدۇ. يەنە بىر مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئەگەر كارىز ئىگىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن شۇ كارىزدا تۇغۇلغان 9 – ئوغۇل، 9 ياشقا كىرگەندە كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، كارىز نامىنى «توققۇز ئوغۇل كارىزى»غا يۆتكەيدۇ.
مۇراسىمدا يۇرت كاتتىلىرىدىن توققۇز كىشىنى چاقىرىپ، توققۇز ئوغۇلنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چاقىرىپ، توققۇز خىل داندىن ئېتىلگەن ئاشنى تەڭ يەپ، كارىز تىلمىسىنى توققۇز قېتىم ئايلىنىپ، ئاتىغان بىرەر مالنى قولى قىسقا توققۇز كىشىگە خامتالاش قىلىپ بېرىلىدۇ.
ئەگەر «توققۇز ئوغۇل كارىز»ىدا مەشرەپ بولسا، يىگىت بېشىغا توققۇز ئوغۇلدىن سايلىنىدۇ، ئەگەر توققۇز ئوغۇلار رەت قىلسا، باشقا بىرىنى يىگىت بېشىلىققا كۆرسىتىدۇ. توققۇز ئوغۇلغا مەشرەپ ئەھلى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدۇ. ئەمما توققۇز ئوغۇلنىڭ ناشايان ئىش قىلىشىغا، تەرتىپسىزلىك قىلىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.
ئەگەر كارىز ئىگىسىنىڭ توققۇز ئوغلى بولسا ھەر يىلى توققۇزىنچى ئايدا كىچىك بولسىمۇ نەزىر بېرىش ۋە ئەلگە چېلىش قىلىپ بېرىش ئادىتى بار. توققۇز ئوغلى بار كىشىنىڭ قول ئىلكىدە بولمىسا، شۇ كارىز ئىگىسى ياكى قول ئىلكىدە بار مۆتىۋەرلەر توققۇز ئوغۇلنىڭ بىرىنى بولسىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇتۇپ، ئىلىم – مەرىپەتلىك قىلىش ئادىتى بار.
–––––––––––––––––––––––––––––––
① «ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى» 166 – بەت، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1996 – يىلى 8– ئاي نەشرى
② «غۇلجا خەلق قوشاقلىرى» 47 – بەت، غۇلجا شەھەرلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىشخانىسى
③ «تۇرپان خەلق قوشاقلىرى» 527 – بەت، تۇرپان ۋىلايەتلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى توپلاملىرى تەھرىر ھەيئىتى تۈزگەن، 1994 – يىلى
④ مۇيدۇن سايىت: «لوپنۇر ئەسلىمىلىرى» 107 – بەت، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2003 – يىلى 3 – ئاي 1 – نەشرى
⑤ «تۇرپان خەلق قوشاقلىرى» 79 – بەت تۇرپان ۋىلايەتلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى توپلاملىرى تەھرىر ھەيئىتى تۈزگەن، 1994 – يىلى
⑥ ئابدۇرېھىم ھەبىيبۇللا: «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى» 571–، 572 – بەتلەر
⑦ «ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى» 167 – بەت، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1996 – يىلى 8 – ئاي نەشرى
⑧ «ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى» 166 – بەت، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1996 – يىلى 8 – ئاي نەشرى
================================
مەنبە: ئاپتورى پەرھات كازىم، بۇ ماقالە «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2007 – يىلى 4 – سانىدا «كارىز مەدەنىيىتىگە دائىر بايانلار» دېگەن ماۋزۇنىڭ ئىككىنچى تارمىقى ئىدى، بۇ يەردە ئايرىم تېما قىلىپ يوللاندى.