ئۆز مىللىتىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى چۈشىنىش ناھايىتى مۇھىم. بىز ئۆز تارىخىمىزنى سۇدەك يادقا بىلەلمىسەكمۇ، يۈزەكى بولسىمۇ بىر تونۇشقا كېلىپ قالغىنىمىز ياخشى.
مىلالىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا – بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى قىسمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار ئالتۇن تاغ (ئالتاي تېغى)نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇ زېمىننىڭ شەرقى قىسمى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە، غەربى قىسمى بولسا بايقال كۆلى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ئارلىقىدىكى جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
مىلادى 4 – ئەسىرلەردە تۇغلۇقلار جەنۇپقا پىيادە يۈرۈش قىلدى. شەرقى تۇغلۇقلار ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا، غەربى تۇغلۇقلار تىيانشاننىڭ شىمالىي ۋە غەربى قىسمىدىكى يايلاقلاردا كۆچمەنلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى. بۇ چاغقا كەلگەندە تۇغلۇقلار دېگەن نامنىڭ ئورنىنى تۇرالار دىگەن نام ئىگەللىدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھارۋىسىنىڭ چاقى ئېگىز بولغانلىقتىن، ئېگىز قاڭقىللار (ئېگىز ھارۋىلىقلار) دەپمۇ ئاتالدى. ئون ئوغۇز دېگەن نام بارلىققا كەلدى. بىر قىسىم قاڭقىللارنىڭ سىلىنگا دالاسىدا ياشىدى.
مىلادىنىڭ 429 – يىلى
بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى ئېگىز قاڭقىللارنىڭ شەرقىي قىسمىدىكىلەردىن نەچچە ئونمىڭ كىشى ۋېي سۇلالىسىگە ئەل بولدى.
مىلادىنىڭ487 – يىلى
ئېگىز قاڭقىلار بوركلى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاۋۇزلۇ چوڭچىلار، ئۆز قەۋمىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ ئېگىز قاڭقىلارنىڭ غەربىي شىمالىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۆز ئالدىغا خانلىق تىكلىدى.
مىلادىنىڭ 490 – 508 – يىللىرى
مىلادى 490 – يىلى ئاۋۇزلۇ سودىگەر خۇيۇ جېنى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ پايتەختىگە ئەۋەتىپ ئىككى دانە ئوقيا تەغدىم قىلدى ...
مىلادىنىڭ 951 – يىلى
قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى جۇ سۇلالىسى پادىشاھىغا تۇتۇق ئەۋەتىپ، ئىچكىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادى، مەدەنىي مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. كېيىنكى جۇسۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان خەلق ئوتتۇرسىدىكى سودىنى كەڭ قۇيۇۋەتكەن. ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئاساسلىقى قاش تېشى، يۇڭ، تېرە، دورا – دەرمەكلەرنى ئالتۇن كۆمۈشكە ئالماشتۇرغان.
مىلادىنىڭ 956 – يىلى
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتى ئاتۇشقا دەپنە قىلىندى. ئوغلى بايتاش (مۇسا بىننى ئابدۇكېرىم) خانلىققا ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۆزىنى «ئارىسلانخان» دەپ ئاتىدى ۋە قەشقەردە تۇردى. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 2 – ئوغلى سۇلايمان بالا ساغۇنغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
مىلادىنىڭ 960 – يىلى
200 مىڭ ئۆيلۈك تۈرك خەلقى ئىسلام دىنىغا كىردى. مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم ئارىسلانخان ئسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىدى.
مىلادىنىڭ 981 – يىلى
ئىدىقۇت ئۇيغۇر پادىشاھى ئۆزىنى شىجۇدىكى جىيەن شىر ئارسلانخان دەپ ئاتاپ، موسوۋىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى. سۇڭ سۇلالىسىمۇ، جاۋابەن ۋاڭيەندى قاتارلىقلارنى سۇجۇغا ئەۋەتتى.
مىلادىنىڭ 982 – يىلى
ۋاڭ يەندى بەشباللىقتا ئۇيغۇر خانى بىلەن كۆرۇشتى. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا تارتۇق تەقدىم قىلدى. 983 – يىلى ۋاڭ يەندى قايتىدىغان چاغدا، ئىدىقۇت پادىشاھى 100 كىشلىك ئەلچىلەر ئۆمىكىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى.
مىلادىنىڭ 990 – يىلى
قارخانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بۇغراخان ھەسەن لەشكەر تارتىپ ئىسىپىجان شەھرىنى ئالدى.
مىلادىنىڭ 992 – يىلى
بۇغراخان ھەسەن ماۋرا ئۈنھەرىگە ھۇجۇم قىلىپ سەمەرقەند بىلەن بۇخارانى ئىشغال قىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ سامانلار خانلىقى زەئىپلىشىشكە يۈزلەندى.
مىلادىنىڭ 999 – يىلى
قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئىلىك ناسىرى سامانلار خانىلىقىنى ئۇزۇل – كېسىل يوقاتتى.
مىلادىنىڭ 1069 – 1070 – يىللىرى
بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادقۇ بىلىك» داستانىنى يېزىپ چىقتى.
مىلادىنىڭ 1072 – 1074 – يىللىرى
قەشقەرلىك مەھمۇت قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى»نى يېزىپ چىقتى.
مىلادىنىڭ 1141 – يىلى
غەربىي لياۋ لەشكەرلىرى سەمەرقەندنىڭ شىمالىدىكى كاتۋان يايلىقىدا سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشتى، سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى يېڭىلىپ قالدى. ماۋرا ئۈنەھرى رايونى لياۋنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن غەربىي قاراخانىيلار سۇلالىسى غەربىي لياۋغا قارام بولدى.
مىلادىنىڭ 1211 – يىلى
نايمانلار خانى كۈچلۈك گورخان غەربىي لياۋ پادىشاھى چورۇقنىڭ خانلىق ئورنىنى تارتىۋالدى. غەربىي لياۋ سۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى.
مىلادىنىڭ 1212 – يىلى
خارەنزىم شاھى مۇھەممەت بىننى مەسئۇد سەمەرقەندنى ئىشغال قىلىپ، غەربىي قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ئوسمان بىننى ئىبراھىمنى ئۆلتۈردى. غەربىي قاراخانىلار سۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى.
مىلادىنىڭ 1219 – يىلى
چىڭگىزخان لەشكەر تارتىپ چىقىپ غەرىبكە يۈرۈش قىلدى. قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىقۇتى تۈمەنمىڭ لەشكەر بىلەن چىڭگىزخانغا قوشۇلدى.
مىلادىنىڭ 1225 – يىلى
چىڭگىزخان ئۆزى بويسۇندۇرغان جايلارنى ئوغۇللىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى. 2 – ئوغلى چاغاتايغا ۋە 3 – ئوغلى ئوگدايغا غەربتىكى كەڭ زېمىننى بەردى.
قوجۇ ئىدىقۇت مۇڭغۇللارغا ھەممىدىن بۇرۇن قارام بولدى. شۇڭا قۇجۇ رايونى يەنىلا ئۆزىنىڭ قارمىقىدا بولىۋەردى.
مىلادىنىڭ 1251 – يىلى
مۇڭغۇللار بەشباللىق قاتارلىق جايلاردا ئۆلكە دىۋان ۋازارىتى تەسسىس قىلىپ، غەربىي رايوننىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى. بۇ تارىختا غەربىي رايون بويىچە ھەممىدىن ئەۋزەل تەسسىس قىلىنغان ئۆلكە ۋازارىتى ئىدى.
مىلادىنىڭ 1274 – يىلى
يۇەن سۇلالىسى ئودۇن، يەركەنلەردە 13 سۇلۇق ئۆتەڭ قۇردى ۋە خوتەن قاش تېشى ئىشچىلىرىنى ھاشغا تۇتۇشنى كەچۈرۈم قىلدى.
مىلادىنىڭ 1275 – يىلى
چاغاتاينىڭ نەۋرىسى دۇۋا قاتارلىقلار 12 تۈمەن لەشكەر تارتىپ چىقىپ ، قۇجۇنى ئالتە ئايغىچە مۇھاسىرە قىلىۋالدى . ماھاسىرە تۈگىگەندىن كېيىن ئىدىقۇت قۇجۇنىڭ جەنۇبىدىكى قۇمۇلدا بوز يەر ئاچتى.
مىلادىنىڭ 1324 – 1328 – يىللىرى
ئۇيغۇرلار زېمىنىغا كېيىنكى چاغاتاي خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
مىلادىنىڭ 1346 – يىلى
مۇڭغۇل قەبىلىلىرىدىن دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى پىداجى چاغاتاي جەمەتىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنى خانلىققا كۆتۈردى (ئاقسۇدا).
مىلادىنىڭ 1370 – يىلى
چاغاتاي خانلىقى مۇنقەرىز بولدى.
مىلادىنىڭ 1383 – يىلى
تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئوغلى قىدىر خوجا بەشباللىقنىڭ چاغاتاي خانىلىقىغا كۆتۈرۈلدى.
مىلادىنىڭ 1391 – يىلى
قىدىرخان خوجا ئەلچى تەيىنلەپ مىڭ سۇلالىسىگە تارتۇق ئەۋەتتى. مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىمۇ ئەلچى تەيىنلەپ قىدىرخان خوجىغا نامە يوللاپ مىڭ سۇلالىسىنىڭ سىياسىتىنى ئىزھالىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭلار يىلىغا قەدەر قىدىر خوجا ھەر يىلى دېگۈدەك مىڭ سۇلالىسىغا تارتۇق ئەۋەتتى.
مىلادىنىڭ 1403 – يىلى
قۇمۇل ۋاڭى ئوڭغۇ تۆمۈر مىڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ 4700 ئات تارتۇق قىلدى. مىڭ سۇلالىسىمۇ پۇل قايتۇردى. تارتۇق قىلىنغان ئاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چېگرا قوغدىغۇچى ئاتلىق ئاتلىق ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بەردى.
مىلادىنىڭ 1404 – يىلى
مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قۇمۇل ۋاڭنى ئوڭغۇ تۆمۈرنى ساداقەتلىك، ئىتائەتمەن دەپ ئاتىدى ھەم ئالتۇن مۆھۈر ئىنھام قىلدى.
مىلادىنىڭ 1680– يىلى
17 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇبى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان خوجىلار «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق»، «ئاق تاقىيە»، «قارا تاقىيە» دەپ ئىككىگە بۆلۈندى ۋە ئۆزئارا ھوقۇق تالاشتى.
17 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە بۇلار ئوتتۇر سىدىكى زىددىيەت كۈندىن – كۈنگە كەسكىنلەشتى. يەكەن خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئىسمايىل خان قارا تاغلىقلارنى قوللاپ، ئاق تاغلىقلارنىڭ غوجىسىنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئاپئاق دالايلاما ۋە جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان بىلەن كۆرۈشۈپ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى سەئىدىيە دۆلىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەربىي ياردەم سورىدى. شۇ يىلى غالدان قوشۇپ بەرگەن ئەسكەرلەرنى باشلاپ كېلىپ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئاپئاق خوجا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قورچاق خانى بولدى. بۇ قورچاق خانلىق ھەر يىلى جۇڭغارلارغا 100 مىڭ سەر كۈمۈش خىراجەت، 100 مىڭ ئۇلاغ، ماتا – چەكمەن تۆلىدى.
مىلادىنىڭ 1696 – يىلى
جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان ئۆلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا چىۋان ئاراپتان ۋارىسلىق قىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكىلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى.
مىلادىنىڭ 1700 – يىلى
چىۋان ئاراپتان لەشكەر تارتىپ كېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتا بويسۇندۇردى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى ئاق تاغلىقلار قولىدىن قارا تاغلىقلار قولىغا ئۆتتى. جۇڭغار خانى چىۋان ئاراپتان قارا تاغلىقلارنىڭ ئاقساقىلى دانىيال خوجىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خانى قىلىپ تەيىنلەپ، ھەر يىلى جۇڭغارلارغا ئون تۈمەن كۈمۈش پۇل ئولپان تاپشۇرۇشنى بەلگىلەپ ئىلىغا قايتىپ كەتتى.
مىلادىنىڭ 1755– يىلى
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى.
مىلادىنىڭ 1759 – يىلى
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى لەشكەر تارتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ – چوڭ خوجا (بۇرھاندىن خوجا ۋە خوجا جاھان)لارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ شىنجاڭ رايونىنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈردى.
مىلادىنىڭ 1762 – يىلى
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا قارىتا ھەربىي مەھكىمە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىنى تەسس قىلدى.
جاڭجۈن مەھكىمىسى ئىلىدىكى كۈرەدە تۇردى. ئۇنىڭ قارمىقىدا، مەسلىھەتچى ئامبال، دوتۇڭ، ئىش باشقۇرغۇچى ئامبال، لەشكەر بېشى ئامباللار بېكىتىلدى.
ئۇيغۇرلار رايونىدىكى بەگلەرنىڭ نەسەپ بويىچە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، بەگلەرنىڭ ھۇقۇقىنى چەكلىدى ۋە تارقاقلاشتۇردى.
مىلادىنىڭ 1765 – يىلى
ئۇچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا، يەرلىك فېئوداللارنىڭ ئېزىشىگە قارشى قوزغىلىپ ئۇچتۇرپاننى ئازات قىلدى. قوزغىلاڭ يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قەشقەر، ئاقسۇ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن ئەسكەر يۆتكەپ بۇ قوزغىلاڭنى باستۇردى.
مىلادىنىڭ 1815 – يىلى
قەشقەر ئۇيغۇرلىرى زىياۋۇدۇننىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتەردى، بۇ ۋەقە چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا يېزىلغان كىتابلاردا «زىياۋۇدىن ۋەقەسى» دەپ ئاتالدى.
مىلادىنىڭ 1822 – 1828 – يىللىرى
بۇرھانىدىن خوجىنىڭ نەۋرىسى جاھانگىر خوجا جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭىغا باشچىلىق قىلدى.
1826 – يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى لەشكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنى باستۇردى. 1828 – يىلى جاھانگىر خوجىنى ئەسىر ئېلىپ، بېيجىڭغا ئېلىپ باردى ۋە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى.
مىلادىنىڭ 1848 – يىلى
جاھانگىر خوجىنىڭ جىيەنى مۇھەممەت ئىمىن (كاتتا خوجا) بىلەن ۋەلى خان قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى يەتتە خوجا قوقەندىن لەشكەر تارتىپ كېلىپ قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەسكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېغىر قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. خەلق بۇلاڭ – تالاڭغا ئۇچرىدى.
مىلادىنىڭ 1857– يىلى
ۋەلىخان تۆرە يەنە بىر قىتىم توپىلاڭ كۆتۈردى. بۇ، بىر قانچە قېتىملىق خوجىلار توپىلىڭىنىڭ كېڭىيىشى ئىدى. توپىلاڭ تۆت ئاي داۋاملاشتى. چىڭ سۇلالىسى توپىلاڭنى ئاخىر تىنجىتتى. ئۇزاق ئۆتمەي كۇچاردىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر ئالۋاڭ – ياساققا، خورلۇققا قارشى قوزغىلاڭ كۆتەردى. قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە بىرئاز يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
مىلادىنىڭ 1864 – يىلى
كۇچادىكى ئۇيغۇر، خۇيزۇ خەلىقلىرى ئالۋاڭ – ياساق، خورلۇققا قارشى ئومۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ كۆتۈردى. قوزغىلاڭ يالقۇنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىڭى رايونلارغا كېڭىيىپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭى بۇلۇپ شەكىللەندى.
مىلادىنىڭ 1865 – يىلى
قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ ، بىر – بىرىگە بېقىنمايدىغان بەش ھاكىمىيەت شەكىللەندى. ئۈرۈمچىدە خۇيزۇ تودىلىن ھاكىمىيىتى، كۇچادا راشىدىن خوجا ھاكىمىيىتى، قەشقەردە سىدىق بەگ ھاكىمىيىتى، جىڭ شاڭيىڭ خۇيزۇ ھاكىمىيىتى، ئىلىدا مىزامزات ھاكىمىيىتى مەيدانغا كەلدى.
قەشقەردىكى سىدىق بەگ بىلەن شاڭيىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن قوقەند خاندانلىقىدىن ياردەم سورىدى. قوقەند خاندانلىقى جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇك خوجا بىلەن قوقەندنىڭ قۇر بېشى ياقۇپ بەگنى لەشكەر بىلەن جەنۇبى شىنجاڭغا ئەۋەتتى.
مىلادىنىڭ 1865 – 1867 – يىللىرى
ياقۇپ بەگ قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، كۇچا، كورلا قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ، ئۆزىنى «بەدۆلەت» دەپ ئاتاپ قەشقەردە يەتتە شەھەر خانلىقىنى قۇردى.
مىلادىنىڭ 1870 – يىلى
ياقۇپ بەگ نىڭ ئەسكەرلىرى تۇرپان، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى. شىمالىي شىنجاڭدا ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى ماناسقىچە كېڭەيدى. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىرقىسىم رايونلىرى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى.
مىلادىنىڭ 1875 – يىلى
چىڭ سۇلالىسى ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن، زوزۇڭتاڭنى چىنچەي داجىن ھەم شىنجاڭنىڭ ھەربىي دوبەنى قىلىپ تەيىنلىدى.
مىلادىنىڭ 1876 – يىلى
زوزۇڭتاڭ قوماندانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ياقۇپ بەگكە ھۇجۇم قىلدى. فۇكاڭ، كومودى، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۋېلىپ، داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلىدى.
مىلادىنىڭ 1877 – يىلى
چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى تۇرپان، توقسۇن ، داۋانچىڭ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى. ياقۇپ بەگ كورلىدا باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى.
چىڭ ئەسكەرلىرى داۋاملىق ئىلگىرىلەپ كورلا، كۇچار، باي، ئاقسۇلارغا كىردى. ياقۇپ بەگ 14 يىل ئىشغال قىلغان قەشقەر، يېڭسار، يەكەن، خوتەنلەرنىمۇ ئىشغال قىلدى. ياقۇپ بەگكە قارشى تۇرۇش بىر يېرىم يىل داۋام قىلىپ 1878 – يىلى 1 – ئايدا غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتى.
مىلادىنىڭ 1884 – يىلى
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى مەمۇرى ئۆلكىگە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاپ، ليۇ جىڭتاڭنى پاشاپ بەگلىككە، خې كوڭتاڭنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئامباللىقىغا تەيىنلىدى. 1885 – يىلى ليۇ جىڭتاڭ قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
مىلادىنىڭ 1911 – يىلى
جۇڭگودا سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىي پارتىلدى. ليۇ شەنجۇن باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار ئۈرۈمچىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كوتۈردى. قوزغىلاڭغا «گېلاۋخۇي» جەمىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
مىلادىنىڭ 1912 – يىلى
ياڭ زەيشۇي قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار ئىلىدا قورالىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئىلى چېگرا مۇداپىئەسىدە تۇرىۋاتقان چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرىنى تېزلا تارمار قىلىپ ئىلىنى ئىشغال قىلدى. ئىلى جاڭجۈنى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر، خەنزۇ، مانجۇ، مۇڭغۇل، زاڭزۇلاردىن ئىبارەت «بەش مىللەت ئورتاق ئىلگىرىلەش جەمئىيىتى» ۋە «يېڭى ئىلى چوڭ دودو مەھكىمىسى» قورۇلدى. ئىلى ئىنقىلابچىلىرى قوشۇنى شەرققە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جىڭ ناھىيىسىدە چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرىنى تارمار قىلدى. شىنجاڭنىڭ پاششاپ بېگى يۇەن داخۇ جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى.
شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە ئامبىلى قوشۇمچە ئۈرۈمچىنىڭ ۋالىسى ياڭ زىشىن دودولىققا تەيىنلەندى. شۇ يىلى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە، خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ياڭ زىشىن ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. خوتەندە چىرىيە ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چار روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆرۈشى يەنى «چىرا ۋەقەسى» پارتىلدى.
مىلادىنىڭ 1928 – يىلى
بىر قەدەر ئىلغار ئىدىيىگە ئىگە بولغان، كونا سىياسەتنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان فەن ياۋنەن باشچىلىقىدىكى بەزى ياش ئەمەلدارلار 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى سىياسى ئۆزگىرىش قىلپ، ياڭ زىشىننى ئۆلتۈردى. بۇ ۋەقە شىنجاڭدا «7 – ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتالدى. سىياسىي تېزلا بېسىقتۈرۈلدى. شىنجاڭ مەمۇرى ئىشلار نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى جىڭشۇرىن پۇرسەتتىن پايدىلنىپ شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالدى.
مىلادىنىڭ 1931 – يىلى
قۇمۇلدا خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى پارتىلىدى. گەنسۇدىكى خۇيزۇ ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلىشىپ جىڭشۇرىن قىسىملىرىغا زەربە بەردى. ئۇزاق ئۆتـمەي بۇ قوزغىلاڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيدى.
مىلادىنىڭ 1933 – يىلى
4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى جىڭشۇرىن ھۆكۈمىتىدىكى ياش ئەمەلدار تاۋمىڭيۇ ئۈرۈمچىنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان ئاق ئورۇس سالداتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ جىڭشۇرىننى ھەيدىۋېتىپ، ليۇ ۋىنلۇڭنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، شىڭ شىسەينى چېگرا مۇداپىئە دوبەنى قىلىپ تەيىنلەيدۇ.
شۇ يىلى 11 – ئايدا قەشقەردە سابىت داموللا «شەرقىي ئىسلام جۇمھۇرىيتى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما جۇڭگودىن ئايرىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى.
مىلادىنىڭ 1935 – يىلى
مۇشۇ يىلى 6 – ئايدا يوشۇسۇڭ قاتارلىق كىشىلەر شىنجاڭغا كېلىپ، تەشۋىقات، تەشكىللەش خىزمەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ كومپارتىيەنىڭ تەسىرنى كېڭەيتتى. شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوست بۇلۇش، كومپارتىيىنى ھېمايە قىلىش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈردى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە تەسىرى ئاستىدا «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش»، «سوۋېت بىلەن دوست بولۇش»، « مىللەتلەر ھوقۇقى باراۋەر بۇلۇش»، «تىنىچلىقنى ساقلاش»، «شىنجاڭنى ئىسلاھ ۋە تەمر قىلىش» دېگەن ئالتە بۇيۈك سىياسەتنى ئوتتۇرغا قويدى.
مىلادىنىڭ 1937 – يىلى
9 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۈرۈمچىدە 9 – يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باشقارمىسىنى قۇردى. بۇ دەسلەپ قۇرۇلغاندا چىڭ يۈن مەسئول بولغان ئىدى، كېيىن دىڭفا چىڭ تىيەنجۈلەر مەسئۇل بولدى.
مىلادىنىڭ 1942 – يىلى
شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى . شۇ يىلى 9 – ئايدا چىڭ تىيەنجۇ، ماۋزىمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلارنى قولغا ئالدى ۋە 150 نەپەر كىشىنى نەزەربەند قىلىپ كېيىن ئۇلارنى تۈرمىگە قامىدى.
مىلادىنىڭ 1943 – يىلى
چىڭ تىيەنچۇ، ماۋزېمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق كوممۇنىستلار شىڭ شىسەي تەرىپىدىن مەخپى ئۆلتۈرۈلدى.
مىلادىنىڭ 1942 – يىلى
شىڭ شىسەي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق ۋازارىنىڭ ۋازىرلىقىغا تەيىنلىنىپ شىنجاڭدىن كەتتى. شۇ يىلى 9 – ئايدا نىلقا ناھىيسىنىڭ خەلقى ئات تەقدىم قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 11 – ئايدا خەلىقمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غۇلجىنى ئىشغال قىلدى ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇردى. قوزغىلاڭ ناھايىتى تېزلا ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتكە كېڭەيدى ۋە «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي» دەپ ئالدى.
مىلادىنىڭ 1946 – يىلى
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1945 – يىلى 10 – ئايدىن باشلاپلا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 1946 – يىلى 6 – ئايدا تىنىچلىق بىتىمى ئىمزالىنىپ، شىنجاڭدا مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. مەسئۇد سەبۇرى ئۆلكە رەئىسى ، ئەخمەتجان ئەپەندى ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف باش كاتىپ بولدى.
مىلادىنىڭ 1947 – يىلى
مۇشۇ يىلى 2 – ئاينىڭ 25 – كۈنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى «25 – فېۋرال» ئەكسىيەتچىلىك ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، «تىنىچلىق» بىتىمىنى يىرتىپ تاشلىدى ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي رەھبەرلىرى ئىلىغا قايتىپ كەتتى. 5 – ئايدا مەسۇد سەبۇرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولدى.
مىلادىنىڭ 1949 – يىلى
شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىندى. بۇرھان شەئىدى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولدى. 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان ئەپەندى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئېسھاق بېك، دەلىلقان سۈرگۈن بايوف ۋە لوجىسلار جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىغا قاتناسماقچى بولۇپ يولغا چىقتى. ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ۋەقەگە ئۇچراپ مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ۋە خەلق دېموكراتىيە ئىنقىلابىي ئىشلىرى يولىدا شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى.
شۇ يىلى 9 – ئاينىڭ 25–، 26 – كۈنلىرى تاۋسىيۆ، بۇرھان شەھىدىلەر تېلگىرامما يوللاپ ھەقىقەتكە قايىتتى... 1949 – يىلى 10 – ئايدىن 1951– يىلى 1 – ئايغىچە خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى 600 چاقىرىم يول يۈرۈپ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقلابىي مىللىي ئارمىيىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى بىلەن ئۇچراشتى ۋە بۇ ئارمىيە جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ 5 – كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
مىلادىنىڭ 1955 – يىلى
10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى. دوڭبىۋو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەركىزى كومىتېتىغا، مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە رەئىس ماۋزۇدوڭغا ۋاكالىتەن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى.
================================
مەنبە: ماتېرىيالدىن