باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2009 - 3 48
يدسچپجش
1234567
891011121314
15161718192021
22232425262728
293031

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
تۇنيۇقۇقنىڭ جەمەتى كورىيىدە تېپىلدى نەمەت خەلپەت
1 نورۇزنىڭ تارىختىكى ئىزلىرى ۋە مەشھۇر كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى شېئىرلىرى  [2008-05-15]

نورۇزنى بايرام قىلىش (3– ئاينىڭ 20—22– كۈنلىرىنى) قەدىمكى زامانلاردىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان شەرق خەلقلىرىنىڭ بىر خىل ئەنئەنىسىدۇر. نورۇزنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە تۈرلۈك رىۋايەتلەر بار.

يازما تارىخىي مىراسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نورۇزنى بايرام قىلىش ئادەتلىرى قەدىمكى ئىرانلىقلاردا، ئەھمەنىلەر دەۋرىدىن (مىلادىدىن ئىلگىرى 588—330– يىللار) باشلاپ ئادەتكە ئايلانغان.

نورۇز ھەققىدە ئەڭ ئىشەنچلىك مەلۇمات ۋە ئىلمىي يەكەنلەر شەرق ئۆلىمالىرىدىن — ئەبۇرەيھان بېرۇنىي (1048—973)نىڭ «قەدىمكى خەلقلەردىن قالغان يادىكارلىقلار»، «قانۇنىي مەسئۇدىي» ۋە «ئەتتەفھىم» ناملىق ئەسەرلىرىدە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆمەر ھەييامنىڭ (1131—1054) نەۋرۇز مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىران ئۆلىمالىرى نورۇز كۈنىنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبىنى جەمشىدكە باغلايدۇ. مۇھىمى جەمشىد پادىشاھلىق كۈنلىرىدە مەجۇسىيلەر دىنىنى يېڭىلىغان ۋە بۇ يېڭىلىق بولغان كۈنىنى «نەۋرۇز» — «يېڭى كۈن» دەپ ئاتىغان، دەيدۇ. بېرۇنىي ئۆز ئەسىرىدە مۇنداق بىر رىۋايەتنى بايان قىلىدۇ:

«جەمشىد ئۆزىگە بىر ھارۋا ياسىغان ۋە ھارۋىغا ئولتۇرۇپ ئاسماندا ئۇچقان، شۇنى كۈنى دۇنباۋەند تېغىدىن ئۆتۈپ بابىلغا بېرىپ چۈشكەن.» ئۇنى دىۋە – پەرىلەر ئۇچۇرغانمىش. كىشىلەر بۇ ئاجايىپ ۋەقەنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشقان. شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈننى ھېيت دەپ سانىغان، كىشىلەر جەمشىدنىڭ ھارۋىسىدىن ئىلھاملىنىپ ئىلەڭگۈچلەر بىلەن ئۇچۇشقان. بۇ رىۋايەت ئۇبۇلقاسىم فىردەۋسنىڭ (934—1025) «شاھنامە» داستانىدىمۇ قەيت قىلىنغان.

ئۆمەر ھەيياممۇ «نەۋزۇرنامە» دېگەن ئەسىرىدە نورۇزنىڭ خاتىرىلىنىشىدىكى رىۋايەتلەرنى پادىشاھ جەمشىد زامانىغا باغلاپ، شاھ كيومارسنىڭ ھەمەل ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىنى يىل بېشى ھېسابلاش ھەققىدىكى پەرمانىنى ئەسلىتىدۇ.

ئومۇملاشتۇرغاندا، رىۋايەتلەردىن ئىككى تۈرلۈك خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ: 1) نورۇزغا ئائىت رىۋايەتلەرنىڭ كۆپى پادىشاھ جەمشىد بىلەن باغلانغان. 2) بۇ رىۋايەتلەردە نورۇز كۈنىنى بەلگىلەشلەردە ئاسترونومىيىلىك پرىنسىپلارغا ئاساسلانغان.

نورۇز بايرىمى قانچە كۈن بولۇپ كەلگەن؟ بۇ ھەقتە بېرۇنىي يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئەسەرلىرىدە، ئىرانلىقلارنىڭ 1– ئايى — «پەرۋەردىن»نىڭ بىرىنچى كۈنى ھورمۇز ئاتالغانلىقىنى ھەم ئۇ پادىشاھ نورۇزى، يەنى يېڭى يىل ئىكەنلىكىنى، ھەمدە شۇ ئاينىڭ 6– كۈنى كاتتا بايرام بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

نورۇزنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق ناملار بىلەن ئاتىلىشىنى بايان قىلساق، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە خاس سەۋەبلىرى بولغان. مەسىلەن، جەمشىد زامانىدا — جەمشىد نەۋرۇزى (پادىشاھ نورۇزى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، نوشورۋان (ھۆكۈمرانلىق يىللىرى 531—579) بوۋىسى فىرۇز دەۋرىدە — فىرۇز نورۇزى، دەپ ئاتالغان. سۇلتان جالالىدىن مەلىك شاھ سەلجۇقى (ھۆكۈمرانلىق يىللىرى 1029—1071) ۋاقتىدا بولسا، «نەۋرۇزى سۇلتانى» دەپ ئاتالغان. نورۇزنىڭ زادى قانچە كۈن بايرام قىلىنىشىنى ئالىملار مۇنداق كۆرسەتكەن: قەدىمكى زامانلاردىلا نورۇز تەنتەنىسى بىر ھەپتە داۋاملاشقان. 1— كۈنى، پادىشاھ ئۆزى نورۇزنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە پۇقرالىرىنى قوبۇل قىلىشىنى ھەمدە ئۇلارغا شاپائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2— كۈنى، مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشىلەر، ساراي خادىملىرىنى قوبۇل قىلغان. 3— كۈنى، ئاتلىق سىپاھلار ۋە دانىشمەنلەرنى قوبۇل قىلغان. 4— كۈنى بولسا، ئۆز جەمەتلىرى ھەم يېقىنلىرىنى ئالاھىدە ئادەملەرنى قوبۇل قىلغان. 5— كۈنى، پەرزەنتلىرىنى، ئۆز تەۋەسىدىكى كىشىلەرنى قوبۇل قىلغان.

نورۇزنى تەنتەنىلىك بايرام قىلىش تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى خەلقلەر بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. بۇددا ۋە كاتولىك دىنىدىكىلەرمۇ نورۇزنى خاتىرىلەپ كەلگەن. تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن مۇھەممەد پەيغەمبەر نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەككەن ۋە بۇنى (بۇ قانداق ھادىسە) دەپ سورىغان. بۇ نورۇز، دەپ جاۋاب قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: نورۇز نېمە؟ دەپ سورىغان جاۋابتا: «ئىرانلىقلارنىڭ ئۇلۇغ ھېيتى ...» ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن مۇھەممەد پەيغەمبەر: «كاشكى، بىزدىمۇ ھەر كۈنى نورۇز بولسا ئىكەن ...» دەپ ئېيتقان. دېمەك، ئەرەبىستاندا ئىلگىرى نورۇزنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشمىگەن. ئۆلىمالارنىڭ يېزىشلىرىچە، نورۇز ئەنئەنىسىنى ئىسلام ئەقىدىلىرىگە زىت قويماسلىق سىياسىتى ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىلا بولغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن نورۇز بارغانچە ئومۇملىشىپ بارغان، خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. نورۇزدىكى كۆپ ئۇدۇملار ئىنسان تۇرمۇشىدىكى كۈندىلىك ئېھتىياجلار بىلەن زىچ باغلىق بولغانلىقى ئۇچۈنمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىگە زىيانلىق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ھەم نورۇز ئەنئەنىسى يوقالمىغان. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرۇشى بىلەن ئەتىيازلىق دېھقانچىلىق تەييارلىقى، تەبىئەتنىڭ نورمال بولماسلىقى تۈپەيلىدىن يامغۇر تىلەش قاتارلىق شەكىللەرگە ئىسلام ئەقىدىسى سىڭىپ بارغان. ئومۇمەن، نورۇز — يېڭى كۈن بىلەن تەنتەنە قىلىش، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش ئادەتلىرى كۆپلىگەن مەملىكەت خەلقلىرىدە ياۋروپادا، سلاۋيانلار، رۇسىيىنىڭ ئۇزاق دالالىرىدىن باشلاپ، ۋولگا بويلىرىدىكى بىر مۇنچە خەلقلەر، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك، تاتار، تۈركمەن، ئەزەربەيجانلىقلار، يەتتىسۇ ئەتراپىدىكى قازاقلار، قىرغىز، تاجىكلار، ئۇزاق شەرقتە ياپونلارغىچە باھاردا بايرام قىلىش بىر خىل ئەنئەنىگە ئايلانغان. يۇقىرىدىكى خەلقلەرنىڭ تەنتەنىسىدە تۈرلۈك كۈلكىلىك ئويۇنلار، پائالىيەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز تەنتەنىسىدىكى پائالىيەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

ئېلىمىزنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخشۇناسى خۇي لىن «مۇزىكا تەزكىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە، 11— ئەسىردە مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك»ناملىق ئەسىرىدە ھەم ناۋايى، لۇتفى ... قاتارلىقلارمۇ نورۇز توغرىسىدا كۆپلەپ لىرىك ھەم ئېپىك شېئىرلارنى يازغان.

ئۆز دىۋانىدا ئاسترونومىيە، 12 مۆچەل ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى، كېلىپ چىقىشى، باھار مەۋسۇمى توغرىسىدا توختاپ نورۇز دېگەن بۇ سۆزنى ئالاھىدە تىلغان ئالغان مەھمۇد قەشقىرى بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان مۇتەپەككۇر شائىرىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىدا: «پارلاق باھار پەسلى ۋە ئۇلۇغ خان مەدھىيىسى» ماۋزۇلۇق قەسىدە يازغان.

خۇي لىن «مۇزىكا تەزكىرىسى» ناملىق كىتابىدا، غەربىي يۇرتنىڭ نورۇز تەنتەنىسىنى تونۇشتۇرۇپ «ئارغىماق ئويۇنى»، «يولۋاس ئويۇنى»، «قىش بوۋاي ئويۇنى» قاتارلىق گىرىملىك ئويۇنلار ئوينىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. چاڭئەن شەھىرىدە «نورۇز» ناملىق مەيخانىلارمۇ بولغان. ئۈزۈم سېۋىتىنى تۇتۇپ، يىراقتىكى يۇرتنى سېغىنغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئويۇن نومۇرلىرى ئوينالغان. ئەلشىر ناۋايىمۇ ئۆزىنىڭ «چاھار دىۋان» ناملىق ئەسىرىدە مۇقام ئىسىملىكلىرى قاتارىدا «نورۇز مۇقامى»نى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ «سەددى ئىسكەندەر» ناملىق داستانىدا ئاجايىپ بىر خىل گۈزەللىكنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىسكەندەرنىڭ تويىنىڭ نورۇز كۈنلىرى بولغانلىقىنى يازغان.

ھايات ۋە سەنئەتتە نورۇز بىلەن باغلىق بولغان ئەنئەنىلەر ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز. مۇنداق سەنئەت گۈزەللىكى كۆڭۈلگە زور بەرمەكتە. ئەلشىر ناۋايى يەنە بىر غەزىلىدە نورۇزدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلەشكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە تايىنىپ گۈزەل بىر خىل ئوخشىتىش بىلەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان. شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىچىدە يىل بېشىدا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىسىملىرىنى قەدىمدىنلا نورۇز، نورۇزگۈل دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش ئادىتى بولۇپ كەلگەن.

كلاسسىك شېئىرىيەتتە لۇتفىنىڭ «گۈل ۋە نورۇز» داستانىدىمۇ فەرروھ شاھنىڭ ئوغلى شۇ كۈنى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ئىسمى نورۇز قويۇلغانلىقى سۆزلەنگەن.

يېڭى يىلنىڭ باشىندا – روزى نەۋروز،

سەدەبدەن چىقتى بىر دۇررى شەباق روز.

سىۋىنگەندە ئاتاسى گەنجىن ئاچتى،

ئۇلۇغ تويلار قىلىپ، ئىشرەتلەر ئەتتى.

ياراتقان بىرلە كۆپ نىيەتلەر ئەتتى،

... چۈن نەۋروز بولدى، نەۋروز ئىچرە فىروز.

ئاتىدى ئوغلىنىڭ ئاتىنى نەۋروز ... دەيدۇ.

بۇ ئەنئەنىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن شېئىرىي پارچىلار ئىچىدە شۇنداق بىر جەزىبىلىك مىسرالارمۇ باركى، بۇنى ئالاھىدە ئۇرغۇ بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتۈش لازىم:

ئۇلۇستا مۇستەھىقلەرنى قىلىپ شاد.

ھەمۇل دەم بەندىلەرنى قىلدى ئازاد.

(«گۈل ۋە نورۇز»دىن) يەنى، شاھ ئەل ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى تەقدىرلەپ، بەندىلەرنىڭ — مەھبۇسلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. شاھنىڭ بۇ خىل ئىلتىپاتى پەقەت ئوغۇل كۆرۈپ خۇشاللانغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى قەدىمكى زامانلاردىلا شەرقتە، نورۇز كۈنى مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىش ئەنئەنىسى بولغانلىقىدىندۇر.

نورۇزدىكى بۇ ھالەتنى فوزۇلىمۇ چىرايلىق ئىبارە، ئوخشىتىشلار بىلەن بېرىدۇ.

ۋەسىلىدۇر فەسلى باھار ئولماق بارابەر روزۇ شەب،

بۇ مىسرالاردا ۋىسال چاغلىرىنىڭ باھار مەۋسۈمىگە ئوخشىغانلىقى ئاجايىپ نازۇكلۇق بىلەن ئىپادىلەنگەن.

نورۇز تەنتەنىسى دائىم دېھقانچىلىق، ھۈنەر – سەنئەت ۋە ھەر قايسى كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى بولۇپ كەلگەن. خەلق ئاممىسىنىڭ سەيلە – ساياھەتلىرىدە ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرى ياسىغان ئاجايىپ ئەسۋابلىرىنى، ئاشپەزلەر ئۆزلىرى پىشۇرغان شېرىن تائاملىرىنى، پالۋان ھەم چەۋەندازلار كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ماھارەتلىرىنى نامايان قىلغان. قىز – چوكانلار نورۇزغا ئاتاپ مەخسۇس كىيىملەر، كەشتە ۋە ياغلىقلىرىنى، ھەر خىل دوپپىلارنى تىكىشكەن. ئۇلارنى گۈل نەقىشلىرى بىلەن بېزەپ نورۇز دېگەن خەت شەكلىنى كۆرسەتكەن. بۇ ھاللار چېۋەر ھەم بەرنا قىز – چوكانلارنىڭ ھۆسنىگە – ھۆسن ئاتا قىلغان. سەيلىلەردە قىزىقچى ھەم دارۋازلار، سۆز ئۇستىلىرى، چاقچاقچى، ھەزىلكەشلەر ئاممىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلغان.

شائىرلار مۇشائىرىلەردە ئاجايىپ ياخشى شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىشقان، تەبىئەت باغرىدا يارۇ – دوستلار، قېرىنداشلار ھەمكەسىپلەر بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن سەيلە تاماشىلار ئەخلاقىي، ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ ئىدىيىۋى ئېكولوگىك تەربىيىگە — تەبىئەتنى سۆيۈش ۋە ئاسراش رولىغا ئىگە دېيىش مۇمكىن.

ھاپىز شىرازىنىڭ:

كانار ئابۇ پايى بىدۇ تەبىئىي شىرۇيارى خوش.

مۇئاشىر دىلبەرى شىرىنمۇ ساقى گولئۇزارى خوش.

تەرجىمىسى:

تال ئاستى سۇ بويىدا شېئىر ئىلە ئالدىڭدا يار بولسۇن،

ھەم ئۈلپەت دىلبەرى شىرىنمۇ يارى گۈلئۇزار بولسۇن.

ياكى مۇقىمىنىڭ:

نەۋ باھار ئاچىلدى گۈللەر، سەبرە بولدى باغلەر،

سۆھبەت ئەيلەيلىك كېلىڭلار، جۆرەلەر، ئورتاغىلەر.

يۇقىرىدا دېگەندەك ئوخشاش بېيىتلار بىلەن باشلىنىدىغان ساددا، نەپىس ئاھاڭدار غەزەللەرمۇ، نورۇز كۈنلىرى گۈزەل تەبىئەت قۇچىقىدا شېرىن لەززەتلەنگۈچى دوستلار يىغىلىشىدا شائىرلار قەلبىنىڭ سۈزۈك دولقۇنلىرىدىن فونتانلىغان نەزمىلەردۇر.

نورۇز ھەققىدە چەت ئەللەردىمۇ يازما مەلۇماتلار ساقلانغان. مەسىلەن، شەرقشۇناس ئا. ۋ. گابائىن خانىم: «قارا قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى» ناملىق ئەسىرىدە ۋە 1971– يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «ئوكيانۇس»دىمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەرگەن: پارس تىلىدىكى «شەمسۇل لۇغەت» ناملىق ئەسەردىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نورۇز ھەققىدە توختىلىپ: «نورۇزنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن بەيگە، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، ئەلنەغمە، قالۇن چېلىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ»غانلىقى بايان قىلىنغان.

ئومۇمەن، نورۇز بايرىمىنى ئەسىرلەردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان خەلق ۋە مىللەتلەر تەنتەنىلىك بايرام قىلىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.

–––––––––––––––––––––––––––––––

1. «نورۇزى ئالەم بۈگۈن» ماقالىلەر توپلىمى (ئۆزبېكچە) تاشكەنت، 89– يىل.

2. «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا – ئۇسسۇل سەنئىتى» ئا. مەمتىمىن، 1980– يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى.

3. «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدە ئىزدىنىش»، 1980– يىل، ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنى چىقارغان ژۇرنال.

================================

مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، ماھمۇد زەيدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى


[ تېكستنىڭ فونت رەزمىرى: چوڭئوتتۇراكىچىك ]
نەقىلگە ئىشلىتىش ئادرېسى (0):
ئادرېسنى كۆچۈرۈش /trackback.asp?tbID=285
«تۇرپان تەزكىرىسى»نىڭ نەشىر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە.
Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.015625 second(s), 6 queries