Drug preguntas

شېئىر مەسىلىلىرى

ماقالە-ئوبزورلار| زىيارەت: 236 قېتىم باھا: 2 »

شېئىر مەسىلىلىرى

 

ئەخمەتجان ئوسمان

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزگىچە سەزگۈرلۈك مەيدانغا كەلدى .ھازىر،ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ۋە كىتابخانلار ئارىسىدا «ئەنئەنۋى شېئىرلار ».«گۇڭگا شېئىرلار »دېگەن ئىككى ئاتالغۇ كۆپ تەكرارلىنىپ ،ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۆزلىگىدىن ئىككى چوڭ لاگېرغا بىلىنمەكتە .بەزىلەر يېڭى سەزگۈرلۈكىنى ئۇيغۇر شېئىرى ئەنئەنىسىگە تۈپتىن خىلاپ نەرسە دەپ قارىسا ،يەنە بەزىلەر ئۇنى ئەنئەنىمىزنىڭ يېڭى جەريانلىرىدىكى پەۋقۇلئاددە ھادىسە دەپ قاراۋاتىدۇ ،قالغانلىرى بولسا بۇ مۇنازىرىدە سۇكۇت قىلىپ يۈرۈشمەكتە .قانداقلا بولمىسۇن ،شېئىريىتىمىزدىكى بۇ يېڭى سەزگۇرلۇكنىڭ كۆز ئالدىمىزدا تاشلىنىپ تۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلشقا زادى بولمايدۇ .ھازىرغا قەدەر شېئىريىتىمىزدىكى بۇ يىڭى سەزگۈرلۈك سىستېمىلىق  ھالدا ئىنكار قىلىنغىنى ياكى مۇييەنلەشتۇرۇلگىنى يوق ،بۇ سەزگۇرلۇكنىڭ شائىرلىرى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بۇنى كەتكەن بولسىمۇ ،ئوز سەزگۇرلۇكلىرى ھەققىدە ئاندا –ساندا سۆز ئاچقان بولسىمۇ ،يەنىلا سۇكۇت بىلەن يۈزمۇ –يۇز تۇرۇشماقتا ۋە فرانسىيە ئوبزورچىسى روھلان پارت؛«ئاۋانگارتلىق –ئۆتمۇشنىڭ يىڭى شەكلى »دىگەندى .مەن بۇ يەردە جۇرئەت قىلىپ ،(يېڭى سەزگۇرلۇكنى دورىغۇچىلارنى كۆزدىن ساقىت قىلغان ھالدا )شۇنى جاكارلايمەن :باشقىلار تەرىپىدىن «گوڭگا شېئىر »دەپ ئاتىلىۋاتقان نەرسە ئەنئەنىمىزنىڭ يىڭى شەكلى !

قانداق قىلىپ ئەنئەنىمىزنىڭ يېڭى شەكلى بولۇدۇ ؟

تۇلۇق ئوقۇش »

بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ

نەسىرى يازمىلار| زىيارەت: 125 قېتىم باھا: 1 »

بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ

 

 

(ئەبجەش خاتىرە)

(1)

بىر ئىستاكان سوغۇق سۇدا ھېچقانداق مەنا يوق. بەلكىم مەنا يوق دىگىلىمۇ بولماس. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا سىمۇۋۇل ۋە يەنە ئاللىقانداق مەنىلەرنى يۈكلىسەم چوقۇم بۇ پىكرىمدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.ۋاز كەچكەن ئىكەنمەن، ئۇنى قايتا تىلغا ئېلىپ يۈرمەسلىكىم كېرەك , لىكىن مەن يەنىلا ئىستاكان ۋە سۇ ھەققىدە خىيال سۈرۈشتىن قۇتۇلالمىدىم.

ئورفاتنىڭ «تۇرمۇش»نامىلىق نەسىرىدە شۇنداق بىر جۈمىللەر ئۇچرايدۇ،«ئوخشاش بىر سۇ،بەزىلەر ئالتۇن قەدەھتە ئىچسە، بەزىلەر ساپال تاۋاقتا ئىچىدۇ. ساپال تاۋقىمۇ يوقلار قولى بىلەنلا ئىچىشكە مەجبۇر بولىدۇ.»مېنىڭ بىر ئىستاكانىم بار. ئۇ ھەر زامان چېقىلىپ كېتىش خەۋپىدە تۇرىدۇ. ئۇنى مۇددەتتىن بۇرۇن چېقىۋىتىشىمدىن ئەنسىرەپ ھامان ئۇنىڭغا ئاڭلىق-ئاڭسىز يۇسۇندا دىققەتتە بولىمەن. بەزىدە ئىستاكانىمنىڭ كونىلىقىدىن ئىچىم سىقىلغان ۋاقىتلار بولىدۇ. ئالماشتۇرغۇم بولسىمۇ،لىكىن قولۇمدىن كەلمىگەچكە يەنىلا مۇشۇ ئىستاكاننى قەدىرلەشكە مەجبۇرمەن.

ئىستاكاندا لىق يامغۇر سۈيى بار ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىمەن.

تۇلۇق ئوقۇش »

چېچىلغان چوغلار

نەسىرى يازمىلار| زىيارەت: 51 قېتىم باھا يوق »

 

چېچىلغان چوغلار

 

(1)

نە ھارارەت، نە ئىنتىلىش، نە قىزغىنلىق بۇ؟

كىمنىڭ ناخشىسى، كىمنىڭ كۆلكىسى، كىمنىڭ ئاۋازى؟

كىم نەدە، كىم كىمدە؟

پەقەتلا قىش شۇنداق كۈيلەيدۇ؛ دالىلار، بالىلار، تاغلار…توقايلار…

پەقەتلا قىزىمنىڭ كۆزلىرى ماڭا سۆزلەيدۇ؛ نە ھايات، نە مۇھەببەت، نە مىھرىبانلىق، نە نەپرەت؟

مەن كۈنلەرنى كۈزتىمەن، تۈنلەرنى سۆزلىتىمەن، شامدەك كۆيۈپ، سۇدەك دولقۇنلاپ، ئوتتەك يالقۇنلاپ.

تۇلۇق ئوقۇش »

جىمجىترەڭ تۈنلەردىن ساقىغان ئارمان

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 73 قېتىم باھا يوق »

جىمجىترەڭ تۈنلەردىن ساقىغان ئارمان

(1)

قەلبىمدە قەلبىڭنىڭ جىمجىت ساداسى،

ئۇيىغان روھىمنى تۈرتەر بىر-بىرلەپ.

خىيالچان كۆزۈمگە كۆزلىرىڭ ئاسى،

سارغايغان تۇيغۇمنى تۇرىدۇ نەملەپ.

ھېجرانكار تۈنلىرىڭ سۆزلەيدۇ چۆچەك،

ئەتىرگۈل…مۇزلىغان تاڭلار ھەققىدە.

بىر مىسرا ناخشىدەك يوقايدۇ يۈرەك،

يوللارغا چېچىلغان گۈلنىڭ بەرگىدە…

تۇلۇق ئوقۇش »

مەستلىك تۇيغۇلىرى

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 66 قېتىم باھا يوق »

مەستلىك تۇيغۇلىرى

 

 

قەدەﻫسىز شاراپلار لەزىز نەقەدەر؟

مەس بولغىن، مەسلىككەيېتىدۇ نىمە؟

ﻫاياتىڭ گوياكى يەلكەنسىز ئاققان

ئۆركەشلىك دېڭىزدا ئاداققى كېمە.

تۇلۇق ئوقۇش »

خىزمەتداشلار سەمىگە

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 277 قېتىم باھا: 1 »

خىزمەتداشلار سەمىگە

 

ئالاھىدىن ئابدۇرشىت

 

  

كاتتا زات شوجاڭ دېگەن، ھۆرمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى،

باش ئۇرۇپ تازىم بىلەن ئىززەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛

كۈندە مىڭ «خوش-خوش»نى پەرز-سۈننەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛

توغرا ئۆتمەڭ ئالدىدىن، دىققەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛

ئۆزىڭىزنى قۇل بىلىڭ، بەيئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

 

  تۇلۇق ئوقۇش »

ئـانـامــــغـا مـەرســــىـيـە

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 76 قېتىم باھا يوق »

ئـانـامــــغـا مـەرســــىـيـە

 

ئالاھدىن ئابدۇرېشىت

 

ئانا، تەقدىر قىسمىتى – چاقچاقلارغا يىغلايمۇ؟

سىېنى مەندىن ئايرىغان تۇپراقلارغا يىغلايمۇ؟

  تۇلۇق ئوقۇش »

ياخشىمۇ سەن ھەسرەت؟

نەسىرى يازمىلار| زىيارەت: 257 قېتىم باھا: 4 »

ياخشىمۇ سەن ھەسرەت؟

 

           مۇھەببەت مەيىن باھار شامىلىدەك ۋۇجۇدۇم ئاراشلىرىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن چاغدا ، قەلبىمدىكى ھەربىر دۇنيانىڭ گۈزەل ھەم ئەندىشىلىك ناخشىلار بىلەن لىق تولغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم.

مۇھەببەت گويا شامالغا ئوخشاش ۋۇجۇدۇم ئاراشلىرىدىن ئۇچۇپ چىقىپ يىراقلارغا، مېنىڭ قولۇم، ئاۋازىم، نىگاھىم يەتمەيدىغان يىراق جايلارغا ئۇچۇپ كەتكەندە بولسا، قەلبىمنىڭ ھەربىر يېرىقچىللىرىنىڭ خىرە گۇگۇمغا پۈركۈنۈپ تاقىر ھاڭلارغا ئايلانغانلىقىنى ھىس قىلدىم.

تۇلۇق ئوقۇش »

چۈش خاتىرلىرى

نەسىرى يازمىلار| زىيارەت: 85 قېتىم باھا يوق »

چۈش خاتىرلىرى

 

               

        چۈش يەنىلا شۇ گۈزەل ۋە غېرىپ شولىسىنى چاچقانچە كېتىپ قالدى.بۇ قاراڭغۇ يولدا ئۇنىڭ سۈزۈك ،ئاپپاق سايىسىلا قالدى.مەن ئەمدى ئەشۇ قاتقان سايىگە قاراپ توزغاقتەك توزۇيمەن،قاردەك چېچىلىمەن،ئوتتەك يېنىپ،مۇزدەك قاتىمەن…..يامغۇرلۇق كېچىدىكى غېرىپلىقىمنىڭ ھەممىسىن بىر ئىستىكان سوغۇق سۇ بىلەن ئارلاشتۇردۇم.نەملەشكەن ئالقىنىمغا چاپلىشىپ قالغان بىر تال چاچنىڭ ئۈستىدە يېتىپ يىلانلار ئۇسۇلىنى چۈشەپ چىقتىم…..

تۇلۇق ئوقۇش »

شىنجاڭنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى نوپۇس سىتاستىكىسى

تەرمە ئەسەرلەر| زىيارەت: 265 قېتىم باھا: 1 »

شىنجاڭنىڭ 60 يىللىق نوپۇس مەلۇماتى

   

شىنجاڭنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى نوپۇس سىتاستىكىسى

 

1949-يىلى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 4 مىليون 333مىڭ 400 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 42 مىڭ 400 بولوپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 93.3% تىنى، خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 291 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 6.07 % تىنى ئىگەللەيتتى.

1953-يىلى 1-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 783 مىڭ 600 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سانى 4 مىليون 451 مىڭ 500 گە، خەنزۇلارنىڭ 3 يۈزمىڭ 321 مىڭغا يەتكەن. بۇ 4 يىل ئىچىدە خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ، تەخمىنەن 30 مىڭ نوپۇس ئاشقان

تۇلۇق ئوقۇش »