ياخشىمۇ سەن ھەسرەت؟

نەسىرى يازمىلار| زىيارەت: 86 قېتىم باھا يازىمەن

ياخشىمۇ سەن ھەسرەت؟

 

           مۇھەببەت مەيىن باھار شامىلىدەك ۋۇجۇدۇم ئاراشلىرىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن چاغدا ، قەلبىمدىكى ھەربىر دۇنيانىڭ گۈزەل ھەم ئەندىشىلىك ناخشىلار بىلەن لىق تولغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم.

مۇھەببەت گويا شامالغا ئوخشاش ۋۇجۇدۇم ئاراشلىرىدىن ئۇچۇپ چىقىپ يىراقلارغا، مېنىڭ قولۇم، ئاۋازىم، نىگاھىم يەتمەيدىغان يىراق جايلارغا ئۇچۇپ كەتكەندە بولسا، قەلبىمنىڭ ھەربىر يېرىقچىللىرىنىڭ خىرە گۇگۇمغا پۈركۈنۈپ تاقىر ھاڭلارغا ئايلانغانلىقىنى ھىس قىلدىم.

ئۆچۈۋاتقان كەچكى شەپەققە، قارىيۋاتقان دالاغا قاراپ ھەقىقى تەنھالىقنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى سەزدىم. كۆڭۈللۈك ياز ئاخشاملىرى، ئاپپاق ئاي نۇرى ئاستىدىكى ناخشىلار…مەڭگۈلۈك ئەستە قالغان شاتلىق ۋە ئۆكسۈشلەر….ھەممىسى يىراقتا قالدى. ھالبۇكى ئۇلار -تاش ئىچىدىكى ئەسلىمىلەردۇر. كەيىپلىكىتىن يېشىلىپ ئۆزۈمگە سىنچىلاپ قارىغىنىمدا، گاھى-گاھى ئاقار يۇلتۇزلارغا قاراپ شۇ ئەستىلىكلەرنى سېغىنغان چېغىمدا مۇھەببەتنىڭ مۇقەددەس روھ پەسلىنىڭ غىدىقلاشلىرىنى ئەسلىگىنمىدە—ھەممە نەرسە ئۈچۈن قايغۇرىمەن. يەنە تۇرۇپ-تۇرۇپ ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز پېتى تۇرغانلىقىنى ،ھېچنىمنىڭ يۈتمىگەنلىكىنى پەقەت ئىچكى ئاۋازىمنىڭ سۈزۈك ئەينىكىگە بىر تامچە ياشنىڭ چاپلىشىپ قالغانلىقىنىلا ھىس قىلمەن.

تونۇش ۋە ناتونۇش كۆزلەر ، ئەستىلىكلەرنى قوزغايدىغان ھەربىر ھەركەت ۋە ئاۋاز، زېرىكىشلىق جىمجىتلىق ئالدىدا شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ:<<ياخشىمۇ سەن،ھەسرەت؟؟؟………..

خەتكۈچلەر:


مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

«ياخشىمۇ سەن ھەسرەت؟» غا 3 تورداش باھا بەردى

  1. ئىزتىل مۇنداق يازغان: (2011-04-10 | 09:51) | جاۋاب

    بىر چاغلاردا نەسىر ، شېئىر دېگەنلەرگە ئاجايىپ ھەۋەس قىلاتتىم ، قولۇمدىن كېلىشىچە ئانچە – مۇنچە بىرنېمىلەرنى جىجىلاپ يېزىپمۇ قۇياتتىم ، ياخشى يازىدىكەنسىز ، داۋاملىق تىرىشىڭ . سىزگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن !

  2. بەرگىيە مۇنداق يازغان: (2011-04-17 | 06:35) | جاۋاب

    بۇ نەسىرنى بەك ياقتۇردۇم،يېڭى بىلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن

    • owchi مۇنداق يازغان: (2011-04-18 | 06:46) | جاۋاب

      رەھمەت ، دېئالۇگلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كېتىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.

باھا يوللاش