ماي 22
بىدارلىق دېئالۇگى
ئوۋچى تور خاتىرىسىمېنىڭ تۇيغۇ مۇساپەم….
ماي 22
بىدارلىق دېئالۇگى
تۈن ئارا كۆككە باقارسەن، كۆكتە چولپانىڭ قېنى؟كۈي ئارا ئوتلار ياقارسەن، تەپتى گۈلخانىڭ قېنى؟ئىشتىياق بىرلە ھەۋەسنىڭ چاقمىقى باشىڭدىدۇرسۇ بولۇپ جىمجىت ئاقارسەن، ئىشقى ئىسيانىڭ قېنى؟قۇل قىلىپ سالدى كىشەن ئاھ، سۆيگۈدە سەۋدا كۆڭۈل،ئەندى قانداقمۇ چاقارسەن، قولدا بازغانىڭ قېنى؟مەسىت بولۇپ تەرك ئەيلىسەڭ ئۇشبۇ جاھان غەۋغاسىدىنئېيت، قېنى نەگە قاچارسەن، بۇنغا ئىمكانىڭ قېنى؟چاكى-چاك قىلدى لېۋەن يارنىڭ سۇباتى ۋادەرىخ!غەم بىلەن ئويغا پاتارسەن، كۈلكە-خەندانىڭ قېنى؟نە كېرەك مەشرەپ، نەۋائىي، چۆللىرىگە پالىماقبىر ئۆزۈڭ تەنھا ياتارسەن، كەيپى خۇمدانىڭ قېنى؟ئىي كۆڭۈل سەۋدايى بولدۇڭ، يارنىڭ قىلىچتەك ساچىدىنتەلمۈرۈپ يارغا باقارسەن، سۆيمەككە پەرمانىڭ قېنى؟….خەتكۈچلەر:owchiمۇناسىۋەتلىك يازمىلارباھا يوللاش
NattyWP wordpress themes
|