شىنجاڭنىڭ 60 يىللىق نوپۇس مەلۇماتى
شىنجاڭنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى نوپۇس سىتاستىكىسى
1949-يىلى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 4 مىليون 333مىڭ 400 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 42 مىڭ 400 بولوپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 93.3% تىنى، خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 291 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 6.07 % تىنى ئىگەللەيتتى.
1953-يىلى 1-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 783 مىڭ 600 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سانى 4 مىليون 451 مىڭ 500 گە، خەنزۇلارنىڭ 3 يۈزمىڭ 321 مىڭغا يەتكەن. بۇ 4 يىل ئىچىدە خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ، تەخمىنەن 30 مىڭ نوپۇس ئاشقان.
1964-يىلى 2-قىتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ نوپۇسى 7 مىليون 270 مىڭ 100 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ 4 مىليون 948 مىڭ 900 بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 2 مىليون 321 مىڭ 200 غا يەتكەن.
1982 -يىلى 3-قىتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ نوپۇسى 13 مىليون 81 مىڭ 500گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ 7 مىليون 797مىڭ 500، خەنزۇلارنىڭ 5 مىليون 284 مىڭ بولغان.
1990-يىلى 4-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 15 مىليون 156 مىڭ 900گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ 9 مىليون 461 مىڭ 500، خەنزۇلارنىڭ 5 مىليون 695 مىڭ 400 گە يەتكەن.
2000-يىلى 5-قىتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ نوپۇسى 18 مىليون 459 مىڭ 500 (بۇ دائىمىي تورۇشلۇق ئورنى ئىنىق بولمىغان 790 مىڭ نوپۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.)گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەرنڭ نوپۇسى 10 مىليون 969 مىڭ 600 بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ 7 مىليون 489 مىڭ 900گە يەتكەن.
2008-يىلىدىكى نوپۇس سىتاستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭنىڭ نوپۇسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىپ، 20 مىليون 600 مىڭ (ئىشلەمچى، ئاقما نوپۇسلارنى ۋە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئورنى بولمىغان نوپۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولۇپ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ 10 مىليوندىن ئوشۇق، خەنزۇلارنىڭ 10 مىليون 500 مىڭ بولغان.
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ج خ نازارىتى ۋاقىتلىق نوپۇس ئىشخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا 2008-يىلى بىر يىلدىلا 900 مىڭ نوپۇس كۆپىيىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكەن. ئەمما كۆپەيگەن بۇ 900 مىڭ نوپۇس ئاساسلىقى ئىچكىرىدىن كۆچۈرۈپ چىقىرىلغان ياكى ئاقما نوپۇس سالاھىيتىدە، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پارتكومنىڭ غەمخورلىقىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق سالاھىيتىگە ئېرىشكەنكەن.
يولداش ۋاڭ لېچۈەن ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئىشلار يېغىنىدا ئىنىق قىلىپ: «شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول دەپلا نوپۇس زىچلىقىنى ئاشۇرۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى شىنجاڭنىڭ بوستانلىق كۆلىمى ئىنتايىن كىچىك، ھەم ئىكولوگىيەسى ئاجىز بولۇپ، نوپۇس سىغدۇرۇشچانلىقى تولىمۇ ئاجىز» دېگەن، شۇڭلاشقا ھەممە بىر نىيەتتە شىنجاڭنىڭ مۇھىتىنى قوغداش كېرەك.
نۆۋەتتە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىتاتىسكا ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭدا پىلانلىق توغۇتنى يولغا قويغان 20 يىلدىن بويان، 4 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ ئارتۇق توغۇلىشى تىزگىنلىنىپ، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ نوپۇس بېسىمىنى خېلى يېنىكلەتكەن. ئەمما ئاقما نوپۇس بىلەن كۆچمە نوپۇسنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭدا نوپۇسنىڭ ھەر كۇۋادىرات مىتىردىكى زىچلىقى ب د ت ئېلان قىلغان 7 ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن، ئوتتۇرىچە 700 ئادەمگە يەتكەن، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، مۇھىت قارىشىنى، ھەم پىلانلىق توغۇت قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.
ئېسىڭىزدە بولسۇن: بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار!
مەنبە: «شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى ئىلمىي ژورنىلى» 2008-يىللىق 3-سان
خەتكۈچلەر:شىنجاڭ، نوپۇسى،
شىنجاڭ2010-يىللىق سىتاتىسكا جەدۋېلىدىن ئېلىنغان ئۇچۇر:
شىنجاڭ ئومومي نۇپۇسى:21586300 كىشى، ئازسانلىق مىللەت نۇپۇسى:13169433كىشى، ئۇيغۇرلار:10019758 كىشى، خەنزۇ: 8416867 كىشى، قازاق:1514814 كىشى، تۇڭگان: 980359كىشى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش دېۋزيىسى نۇپۇسى بۇنىڭ سىرتىدا)
ئىشلەپچىقىرىش دېۋزيىسى نۇپۇسى: 2573145(2009-يىلدىكى)، 2573077(2008-يىلدىكى)