ماي 08
قاراڭغۇدا ئېچىلغان گۈللەر
(ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە)
تىلفۇن سىملىرىدىن ئۇچۇپ كەلگەن
بىر تۇتام كۈركۈم گۈللىرى ياكى
بىر سىقىم ئەسلىمە شولىسى
بىر ئۆلتۈرەر قەلبىمنى
بىر تىرىلدۈرەر.
ھاۋارەڭ ئەسلىمەمدە
سىم-سىم يېغىۋاتقان ئاق يېغىن
كۈنلۈك كۆتەرگەن كوچىلارنىڭ چېتىدىن مېڭىپ
ئۆتۈپ كېتەر يېنىمدىن
ئۆتۈپ كېتەر قەلبىمدىن.
چېكىۋاتقان تاماكامنى ئۆچۈرىمەن
يامغۇر سۇلىرى سىرغىۋاتقان چاچلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ
پەلتۇيۇمنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرگىچە
ئۆتۈپ كېتەر ئەسلىمەم
ئۆتۈپ كېتەر ھاياجىنىم.
بىردەستە گۈل كېلىدۇ تىلفۇندا
قىزىل…ئاق…ھالرەڭ.
قىزىل گۈل ماڭا قانغا مىلىنىپ ياتقان قىزدەك بىلىنەر
ئاق ئەتىرگۈل ئاق كۆينەك گويا
ھالرەڭ گۈللەر تەبەسسۇم.
ئۆيۈمدە قانغا مىلەنگەن بىر ئايال بار
ئۇنىڭ كىرپىكلىرى تېگىدە قارلىغاچلار ئۇۋا تۇتقان
ئۇنىڭ كۆكرەك ئويمىسىدا يۈرەك شەكىللىك ئالتۇن مىدالىيۇن لەڭ ئۇرغان
ئۇ قىپ قىزىل نۇر ئىچىدە تەۋرىنىدۇ ئەكسىمدە
ھەر قېتىم ئەينەككە قارىسام.
ئەي قىزىل ئەرۋاھ
ئىڭشىپ قارايسەن خاتىرىمگە
چاچلىرىڭ بوينۇمغا تېگىپ مېنى ئۇيقۇدىن ئويغۇتار
ئاپئاق بارماقلىرىڭ ئىڭكىمنى سىلاپ
ۋاقىتتىن ھالىقتار..ھاياتتىن قورقۇتار.
كۆكسۈڭنىڭ بوش تىنىشى
ئېنىق ئاڭلىنىۋاتقان نەپەسلىرىڭ
مېنىڭ ئۈنسىز پەرياتلىرىمنى يەپ كېتەر
مېنىڭ ئۈنسىز شاتلىقلىرىمنى ئەپ كېتەر.
سەن بولغاچقا مەن مەڭگۈ سەرسانمەن
گويا
سەن تۈپەيلى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئىجرا قىلىنماقچى بولغان
جىنايەتچىدەك
گويا
سەن تۈپەيلى پويىز رېلىسلىرى ئارسىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالغان مۇساپىردەك
ساڭا شۇقەدەر ئۆچمەن
ساڭا بولغان نەپرەتلىرىم سېنى ئۆلتۈرۈپ قويار
ساڭا بولغان زەھەرخەندىلىكىم سېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقرار
بىراق
قەپ قالىسەن يەنە ئۆيۈمدە
قىپ قىزىل نۇر ئىچىدە سۇس تەۋرىنىپ….
ئاق گۈللەر
ئاپئاق كۆينەكلەر ئۇ شامالدا
ئاقرەڭلىك تەبەسسۇم قىلغان
بىغۇبار ئاسمانلاردا
چاچلىرىنى تارارۋاتقان شاقىراتمىلاردا
يېشى چىملىق كوكۇل مەيدانلاردا
غايەت زور بىر ئاق كۆينەك
ئۆلۈم، سەن ئاقمۇ؟
ھايات، سەن قايسى رەڭدە؟
سۆيگۈ، سەن نىمىشقا سەرگەردان؟
مەن ئاقرەڭلىك ئۆيلەردە تۇرۇپ ئادەتلەنگەن
ئاق رەڭنى ياخشى كۆرىمەن
مۇڭلۇق ئاق ناخشىلار مېنى ئەللەيلەر
خاتىرەمدە ئاپئاق تەبەسسۇم….
تۇزلار ئاق
نانغا چىلاشقان تۇزلار
نىكاھ مۇراسىمدىكى ئايەتلەر ئاپئاق
كۆينەكلەر ھەم
كۆكرەكلەر ھەم.
كۆزۈمنى يۇمساملا ئاق رەڭلىك دالا
قارغا چۈمكىلىپ ياتقاندەك ئادەم
قار ئاستىدا قالغاندەك ئالەم
ھاياتنىڭ ئەسلى رەڭگى ئاق ئىدى
ئۆلۈم بىلەن بىرئاز پەسلىدى
بىرئاز…بىرئازدىن
سۆيگۈ، ئۈمىد، زەھەرخەندىلىك ۋە نەپرەت
يىغلاۋاتقان قىزنى بەزلىدى.
شۇندىن بېرى مەن ئاق رەڭدە….
ھالرەڭ گۈللەر كۈيلەيدۇ ئۈنسىز
توي كېچىسى ياكى باشقىنى.
كۆز يېشى ئۇ چاپلىشىپ قالغان
ئەينەكلەرگە -ھەۋەس تاشقىنى.
كۈيلەپ-كۈيلەپ ئاھ ئۆلۈپ قالار
ئەسلىمىدۇر ماڭا ئاشقىنى.
ھالرەڭ تۇيغۇدا ئەسەبىيلىشىمەن
چىرايلىق يۈزلەرگە
تولغان كۆكرەكلەر قاراپ مىڭ قېتىم.
تەن ئېرىقلىرىدا سۇ مەن ،شاۋقۇنمەن
سۇ يىلىنى مەن
ئاستا ئۆمىلەۋاتقان
بىر تال يۇلتۇزمەن
تۇڭلۇكتىن قاراۋاتقان
بۇغداي خامىنى ئۈستىدە ئۇخلاپ قالغان
ياش جۇۋانلارنىڭ چۈشىدىكى تۆمۈرچىمەن
زەرپ بىلەن بازغان ئۇرىۋاتقان
ياكى تۆمۈرمەن
قىپ قىزىل ئوت ئىچىدە تولغۇنىۋاتقان…
ھالرەڭ -ئەسەبىي گۈلدۈر
كىيمىنى سېلىۋەتكەن
ھالرەڭ- غەرق مەسىت ئەردۇر
ساقلىنى قىرىۋەتكەن
ھالرەڭ- فائىشىدۇر
بالىسىنى قىرىپ ئېلىۋەتكەن….
ئاھ….بۇ گۈللەر مېنى ئۆلتۈردى
مېنى بىر ئۆمۈر تەنھا قويدى
بىر ئۆمۈر باشقىلارغا غەمكىن قارايدىغان
تېلىقىپ كۈلەلمەيدىغان
بوزلاپ يىغلىيالمايدىغان
ئاسمانغا قاراپ ھەسرەتلىنىدىغان
ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالالمايدىغان قىلىپ قويدى.
ئاھ…بۇ گۈللەر
شۇقەدەر رەزىلدۇر…شۇقەدەر گۈزەل….
قاراڭغۇدا ئېچىلغان گۈللەر )خەنزۇچىسى(
دېڭىز تەرجىمىسى