Drug preguntas

بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ

نەسىرى يازمىلار باھا: 1 »

بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ

 

 

(ئەبجەش خاتىرە)

(1)

بىر ئىستاكان سوغۇق سۇدا ھېچقانداق مەنا يوق. بەلكىم مەنا يوق دىگىلىمۇ بولماس. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا سىمۇۋۇل ۋە يەنە ئاللىقانداق مەنىلەرنى يۈكلىسەم چوقۇم بۇ پىكرىمدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.ۋاز كەچكەن ئىكەنمەن، ئۇنى قايتا تىلغا ئېلىپ يۈرمەسلىكىم كېرەك , لىكىن مەن يەنىلا ئىستاكان ۋە سۇ ھەققىدە خىيال سۈرۈشتىن قۇتۇلالمىدىم.

ئورفاتنىڭ «تۇرمۇش»نامىلىق نەسىرىدە شۇنداق بىر جۈمىللەر ئۇچرايدۇ،«ئوخشاش بىر سۇ،بەزىلەر ئالتۇن قەدەھتە ئىچسە، بەزىلەر ساپال تاۋاقتا ئىچىدۇ. ساپال تاۋقىمۇ يوقلار قولى بىلەنلا ئىچىشكە مەجبۇر بولىدۇ.»مېنىڭ بىر ئىستاكانىم بار. ئۇ ھەر زامان چېقىلىپ كېتىش خەۋپىدە تۇرىدۇ. ئۇنى مۇددەتتىن بۇرۇن چېقىۋىتىشىمدىن ئەنسىرەپ ھامان ئۇنىڭغا ئاڭلىق-ئاڭسىز يۇسۇندا دىققەتتە بولىمەن. بەزىدە ئىستاكانىمنىڭ كونىلىقىدىن ئىچىم سىقىلغان ۋاقىتلار بولىدۇ. ئالماشتۇرغۇم بولسىمۇ،لىكىن قولۇمدىن كەلمىگەچكە يەنىلا مۇشۇ ئىستاكاننى قەدىرلەشكە مەجبۇرمەن.

ئىستاكاندا لىق يامغۇر سۈيى بار ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىمەن.

تۇلۇق ئوقۇش »

چېچىلغان چوغلار

نەسىرى يازمىلار باھا يوق »

 

چېچىلغان چوغلار

 

(1)

نە ھارارەت، نە ئىنتىلىش، نە قىزغىنلىق بۇ؟

كىمنىڭ ناخشىسى، كىمنىڭ كۆلكىسى، كىمنىڭ ئاۋازى؟

كىم نەدە، كىم كىمدە؟

پەقەتلا قىش شۇنداق كۈيلەيدۇ؛ دالىلار، بالىلار، تاغلار…توقايلار…

پەقەتلا قىزىمنىڭ كۆزلىرى ماڭا سۆزلەيدۇ؛ نە ھايات، نە مۇھەببەت، نە مىھرىبانلىق، نە نەپرەت؟

مەن كۈنلەرنى كۈزتىمەن، تۈنلەرنى سۆزلىتىمەن، شامدەك كۆيۈپ، سۇدەك دولقۇنلاپ، ئوتتەك يالقۇنلاپ.

تۇلۇق ئوقۇش »