Drug preguntas

قاناتلىرى لاي ۋە نۇردا پۇچىلانغان قاغا

مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر باھا يوق »

قاناتلىرى لاي ۋە نۇردا پۇچىلانغان قاغا

ئەخمەتجان ئوسمان

1

ئالدىرىمىساڭچۇ…

ئەي، سەن تىكەن، بۇنچىۋالا ئالدىرىمىساڭچۇ!

ئارامبەخش بۇ ئورۇندۇقنى

ئارامىغا قويساڭچۇ بىر دەم.

ئولتۇرىمەن ئۇندا شۇدەم تۇيغۇسىزلىنىپ،

بەكمۇ ئۇزاق ھۇۋلاپ چىقتى يۈرىكىمدە ئۇ.

بىردەم ياكى ئىككى-ئۈچ دەم كېچىككەن بولسا،

كۈتەر ئىدىم چوقۇم بىر ئۆمۈر.

تۇلۇق ئوقۇش »

ئوتتۇز ياشلاردىكى ئايال مېتافىزىكىسى ۋە ئەسەر ئۈستىدىكى تەھلىل

ماقالە-ئوبزورلار باھا يوق »

 

ئوتتۇز ياشلاردىكى ئايال مېتافىزىكىسى ۋە ئەسەر ئۈستىدىكى تەھلىل

 

ۋەفىقخەنسە (سۈرىيە)

 

ئەخمەتجانئوسماننىڭ يۇقۇرىدىكى ”ئوتتۇز ياشلاردىكى ئايال مېتافىزىكىسى“ دېگەن شېئىرىنىڭ سۇمرۇغدىكى بەزى تورداشلار تەرىپىدىن خاتا ئوقۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سۈرىيە لاتاكىيە ئۇنۋېرستىتىئەرەپ تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىنىڭ پروفىسسۇرى، ئەرەپ دۇنياسىغا تونۇلغان ئوبزورچى ۋەفىقخەنسەنىڭ مەزكۇر شېئىر توغرىسىدىكى ماقالىسىنى يوللىدىم. بۇ ماقالىنى ئەرەپچىدىن ئەخمەتجانئوسمان تەرجىمە قىلغان.

تۇلۇق ئوقۇش »

ئوتتۇز ياشلاردىكى ئايال مېتافىزىكىسى

مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر باھا يوق »

ئوتتۇز ياشلاردىكى ئايال مېتافىزىكىسى

 

ئەخمەتجان ئوسمان

 

1

 

ئاياللىق چۇقانىمدەك ئۆتكۈنچى

ھەم تېنىمدە ئۇزاقلاشقۇچى

شۇ يۇچۇن ئەرلەر بىلەن يېتىش ئارمىنىم،

ھەمدە ئۇلارنىڭ  تەنلىرىنىڭ

ئاياللار قۇچۇپ بولالمايدىغان

شۇ ياۋايى ۋە مۇقەددەس چاقمىقىنى تۇتۇش ئارمىنىم…

 

تىنجىتمايدۇ كارۋىتىمنى بۇ ئارمىنىم.

 

 

تىنجىتمايدۇ كارۋىتىمنى بۇ ئارمىنىم.

 

تۇلۇق ئوقۇش »

پارىس لېرىكىلىرى

چەتئەل شېئىرلىرى باھا يوق »

 

 

پارىس لېرىكىلىرى

 

سېرگىي يېسنىن (رۇسىيە)

 

سەكىنە،سەكىنە مىنىڭ ئامرىقىم،

مەن ئاشۇ شىمالدىن كەلگىنىم ئۈچۈن.

سۆزلەيمەن ئۇندىكى كەڭرى ئېتىزنى،

ئايدىڭدا بۇغدايلار ياسايدۇ دۇلقۇن.

سەكىنە،سەكىنە مېنىڭ ئامرىقىم.


تۇلۇق ئوقۇش »

يالماۋۇز غارى

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا: 2 »

 

يالماۋۇز غارى

 

(1)

قاراڭغۇ ئاۋازىڭ چاقىردى

ئوپال تامان يۈرۈپ كەتتۇق بىز.

مەھمۇت ئىسىمىلك

بىر قاقاس تاغ بار ھاياجىنىمدا

بىر ئايال بار يېنىمدا

بىر كەچكۈز

بىر تال يوپۇرماق بار تىترەك قولۇمدا

يالماۋۇز غارىغا باشلاپ كەلدى قىز.

تۇلۇق ئوقۇش »

مەخپىيەتلىك

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يوق »

مەخپىيەتلىك

 

بەلكىم بارلىق مەخپىيەتلىكلىرىمىز

ئۆزىمىزنىڭ ئەمەس

باشقىلارنىڭدۇر نىھايەت.

ھامان شۇ مەخپىيەتلىكتە كۆيۈپ يانىمىز

بەدەل تۆلەپ ھاياتقا قەۋەت.

يۇشۇرۇن ئارزۇلار

دىگىلى بولمايدىغان ئىشلار

ئىچىمىزدە ياتىدۇ

مۇزدەك سوغۇق قۇدۇق سۈيىدەك.

تۇلۇق ئوقۇش »

قەرىزدار

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يوق »

قەرىزدار

 

سەھنىدىكى تەلۋە ئۇسسۇلچى

ئۆز خوشلۇقىچۈن يىگەندەك ئازار

بەدەل تۆلەپ كەلدىم

سېنىڭ ئۈچۈن تەكرار ۋە تەكرار.

تۇلۇق ئوقۇش »

نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەقىقىدە بەس‏-مۇنازىرە

ماقالە-ئوبزورلار باھا يوق »

نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەقىقىدە بەس‏-مۇنازىرە

 

تەلئەت ئىمىن تەرجىمىسى

 

 

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بۈگۈنكى كۈندە ھەممەيلەننىڭ كۆزىنى قىزارتىدىغان، سوممىسى بىر مىلىيۇن دوللاردىن ئاشىدىغان، دۇنيادىكى ئەڭ ئابرويلۇق ھەم سوممىسى ۋە تەسىر كۈچى يۇقىرى بولغان مۇكاپات. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر نوبېل مۇكاپاتى بېرىلگەن بەزى شەخسلەرگە قايىل بولمايدۇ، ياكى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش پىرىنسىپىنى چۈشەنمەيدۇ. بىز بۇ ماقالە ئارقىلىق كۆپچىلىكنى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ قانداق ئادەملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە تېگىشلىك چۈشەنچىگە خەۋەردار قىلماقچى.

تۇلۇق ئوقۇش »

شېئىر مەسىلىلىرى

ماقالە-ئوبزورلار باھا: 2 »

شېئىر مەسىلىلىرى

 

ئەخمەتجان ئوسمان

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزگىچە سەزگۈرلۈك مەيدانغا كەلدى .ھازىر،ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ۋە كىتابخانلار ئارىسىدا «ئەنئەنۋى شېئىرلار ».«گۇڭگا شېئىرلار »دېگەن ئىككى ئاتالغۇ كۆپ تەكرارلىنىپ ،ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۆزلىگىدىن ئىككى چوڭ لاگېرغا بىلىنمەكتە .بەزىلەر يېڭى سەزگۈرلۈكىنى ئۇيغۇر شېئىرى ئەنئەنىسىگە تۈپتىن خىلاپ نەرسە دەپ قارىسا ،يەنە بەزىلەر ئۇنى ئەنئەنىمىزنىڭ يېڭى جەريانلىرىدىكى پەۋقۇلئاددە ھادىسە دەپ قاراۋاتىدۇ ،قالغانلىرى بولسا بۇ مۇنازىرىدە سۇكۇت قىلىپ يۈرۈشمەكتە .قانداقلا بولمىسۇن ،شېئىريىتىمىزدىكى بۇ يېڭى سەزگۇرلۇكنىڭ كۆز ئالدىمىزدا تاشلىنىپ تۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلشقا زادى بولمايدۇ .ھازىرغا قەدەر شېئىريىتىمىزدىكى بۇ يىڭى سەزگۈرلۈك سىستېمىلىق  ھالدا ئىنكار قىلىنغىنى ياكى مۇييەنلەشتۇرۇلگىنى يوق ،بۇ سەزگۇرلۇكنىڭ شائىرلىرى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بۇنى كەتكەن بولسىمۇ ،ئوز سەزگۇرلۇكلىرى ھەققىدە ئاندا –ساندا سۆز ئاچقان بولسىمۇ ،يەنىلا سۇكۇت بىلەن يۈزمۇ –يۇز تۇرۇشماقتا ۋە فرانسىيە ئوبزورچىسى روھلان پارت؛«ئاۋانگارتلىق –ئۆتمۇشنىڭ يىڭى شەكلى »دىگەندى .مەن بۇ يەردە جۇرئەت قىلىپ ،(يېڭى سەزگۇرلۇكنى دورىغۇچىلارنى كۆزدىن ساقىت قىلغان ھالدا )شۇنى جاكارلايمەن :باشقىلار تەرىپىدىن «گوڭگا شېئىر »دەپ ئاتىلىۋاتقان نەرسە ئەنئەنىمىزنىڭ يىڭى شەكلى !

قانداق قىلىپ ئەنئەنىمىزنىڭ يېڭى شەكلى بولۇدۇ ؟

تۇلۇق ئوقۇش »

بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ

نەسىرى يازمىلار باھا: 1 »

بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ

 

 

(ئەبجەش خاتىرە)

(1)

بىر ئىستاكان سوغۇق سۇدا ھېچقانداق مەنا يوق. بەلكىم مەنا يوق دىگىلىمۇ بولماس. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا سىمۇۋۇل ۋە يەنە ئاللىقانداق مەنىلەرنى يۈكلىسەم چوقۇم بۇ پىكرىمدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.ۋاز كەچكەن ئىكەنمەن، ئۇنى قايتا تىلغا ئېلىپ يۈرمەسلىكىم كېرەك , لىكىن مەن يەنىلا ئىستاكان ۋە سۇ ھەققىدە خىيال سۈرۈشتىن قۇتۇلالمىدىم.

ئورفاتنىڭ «تۇرمۇش»نامىلىق نەسىرىدە شۇنداق بىر جۈمىللەر ئۇچرايدۇ،«ئوخشاش بىر سۇ،بەزىلەر ئالتۇن قەدەھتە ئىچسە، بەزىلەر ساپال تاۋاقتا ئىچىدۇ. ساپال تاۋقىمۇ يوقلار قولى بىلەنلا ئىچىشكە مەجبۇر بولىدۇ.»مېنىڭ بىر ئىستاكانىم بار. ئۇ ھەر زامان چېقىلىپ كېتىش خەۋپىدە تۇرىدۇ. ئۇنى مۇددەتتىن بۇرۇن چېقىۋىتىشىمدىن ئەنسىرەپ ھامان ئۇنىڭغا ئاڭلىق-ئاڭسىز يۇسۇندا دىققەتتە بولىمەن. بەزىدە ئىستاكانىمنىڭ كونىلىقىدىن ئىچىم سىقىلغان ۋاقىتلار بولىدۇ. ئالماشتۇرغۇم بولسىمۇ،لىكىن قولۇمدىن كەلمىگەچكە يەنىلا مۇشۇ ئىستاكاننى قەدىرلەشكە مەجبۇرمەن.

ئىستاكاندا لىق يامغۇر سۈيى بار ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىمەن.

تۇلۇق ئوقۇش »