ئىيۇن 30
تويلار سىرى ۋە باياۋان ئىستىتىكىسى
ئە.ئوسمان

شۇ كۈنى ،
سۈرگۈنگاھ زىياپىتىدە ،
دېڭىزلارنىڭ تاۋۇسى بولغان ئىدى مەي ،
كەچكى شەپەقتە دائىم يېتىپ كېلدىغان قار
مەرمەر تاشتا نۇر سۇنغاننى كۆرەر يېقىملىق
قۇچار يىراق قاغىلارنى تويلار سىرىدا .
تۇلۇق ئوقۇش »
ئىيۇن 22
پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟

(يازغۇچى ئالىم ئاتەخانغا ئوچۇق خەت)
ئىمىن ئوسمان
تۇلۇق ئوقۇش »
ئىيۇن 19
ئاغۋاتلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە پادىشاھنىڭ يېڭى پەرمانى
(فېليەتۇن)
ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت
ئەلقىسسە، پادىشاھ لىيۇ يەن مەكتەپلەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا چۈشتى. پادىشاھنىڭ«ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاختا قىلىنسۇن!» دېگەن بۈيۈك پەرمانىغا ئاساسەن تولۇق ئاختا قىلىنغان يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىرگە بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھقا بولغان چەكسىز ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نۇقتىلىرىنى ئالدىن بېكىتكەنىدى. دېمەكچى بولغىنىمىز، ئالدىن بېكىتلگەن مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىدىن تارتىپ ئۇلار ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتقان ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئاتارمەن-چاپارمەنلىرىگىچە ھەممىسى يارىلىشتىنلا تولۇق ئاغۋات بولغانلار، يەنى ئەسلى-زاتى ئاياللار ياكى دەسلىپى ئەر بولغان بولسىمۇ، شامالنىڭ چىقىشىغا، سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئاختا قىلدۇرغان، ئەمەلدارلارنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىشنى كېچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان سۈنئىي ئاغۋاتلار ئىدى. پادىشاھ يەرلىك ئەمەلدار ئاغۋاتلارنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقى بويىچە مېڭىپ ناھىيە مەركىزىدىكى بىر تىپىك ئاغۋاتلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى مەكتەپكە كەلدى. دەرۋەقە، بۇ مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا سەپلەنگەنلەرنىڭ ئىچىدە تەبىئىي ئاغۋاتلار-ئاياللار زور كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەندىن باشقا، قوشۇقنىڭ سېپىچىلىك ئەمەل تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى سۈنئىي ئاغۋات-ئۆزىنى ئۆزى ئاختا قىلدۇرغان كېلىپ چىقىشى ئەر بولغانلار ئىدى. تۇلۇق ئوقۇش »
ئىيۇن 08
بۇ يىل 5-ئاينىڭ31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە يازغۇچىلار جەمىيىتى، يازغۇچىلار تورىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن«تۇنجى نۆۋەتلىك ياش شائىرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش سىمنارىيەسى»گە قاتناشتىم. تۆۋەندىكىسى شۇ ۋاقىتتا تارتقان بىر قىسىم سۈرەتلىرىم
![]()
تۇلۇق ئوقۇش »