Drug preguntas

ئاغۋاتلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە پادىشاھنىڭ يېڭى پەرمانى

نەسىرى يازمىلار باھا يوق »

 

ئاغۋاتلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە پادىشاھنىڭ يېڭى پەرمانى

(فېليەتۇن)

ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت

 

ئەلقىسسە، پادىشاھ لىيۇ يەن مەكتەپلەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا چۈشتى. پادىشاھنىڭ«ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاختا قىلىنسۇن!» دېگەن بۈيۈك پەرمانىغا ئاساسەن تولۇق ئاختا قىلىنغان يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى  پادىشاھ بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىرگە بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھقا بولغان چەكسىز ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نۇقتىلىرىنى ئالدىن بېكىتكەنىدى. دېمەكچى بولغىنىمىز، ئالدىن بېكىتلگەن مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىدىن تارتىپ  ئۇلار ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتقان ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئاتارمەن-چاپارمەنلىرىگىچە ھەممىسى يارىلىشتىنلا تولۇق ئاغۋات بولغانلار، يەنى ئەسلى-زاتى ئاياللار ياكى دەسلىپى ئەر بولغان بولسىمۇ، شامالنىڭ چىقىشىغا، سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئاختا قىلدۇرغان، ئەمەلدارلارنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىشنى كېچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان سۈنئىي ئاغۋاتلار ئىدى. پادىشاھ يەرلىك ئەمەلدار ئاغۋاتلارنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقى بويىچە مېڭىپ ناھىيە مەركىزىدىكى بىر تىپىك ئاغۋاتلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى مەكتەپكە كەلدى. دەرۋەقە، بۇ مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا سەپلەنگەنلەرنىڭ ئىچىدە تەبىئىي ئاغۋاتلار-ئاياللار زور كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەندىن باشقا، قوشۇقنىڭ سېپىچىلىك ئەمەل تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى سۈنئىي ئاغۋات-ئۆزىنى ئۆزى ئاختا قىلدۇرغان كېلىپ چىقىشى ئەر بولغانلار ئىدى. تۇلۇق ئوقۇش »

ئېچىل پاختام

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يوق »

ئېچىل پاختام

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

كۈمۈشتەك تاۋلىنىپ ئاپئاق ئېچىل رەت-رەت، ئېچىل پاختام،

ساڭا يىل بويى سىڭدۈردۈم ئەجىر-مېھنەت، ئېچىل پاختام،

ئېچىلدۇرماققا بار پەرمان يەنە مۆھلەت، ئېچىل پاختام،

بۇ كۈننىڭ سېرىقى بىزگە ئېسىل پۇرسەت، ئېچىل، پاختام،

بېشىمغا كەلمىسۇن مىڭبىر بالا-كۈلپەت، ئېچىل پاختام.

تۇلۇق ئوقۇش »

ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا: 3 »

ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى

ئالاھىدىن ئابدۇرشىت

تارتتىم سېنى سۈرەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى،

تولۇپ قەلبىم ھەيرەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى،

جەننەت دېسە راست دەپتىم كۆرمەي تۇرۇپ بىر چاغلار،

ئوخشىماسكەن جەننەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.

تۇلۇق ئوقۇش »

مــۇبــارەك

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يوق »

مــۇبــارەك

 

(قوشنامنىڭ يېڭى ئۆي پەتىسىگە مۇبارەكنامە)

 

 

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

 

 

قوشنام، يېڭى ئۆيۈڭنى ئېلىۋاپسەن، مۇبارەك،

سۇپىسىغا كىگىزمۇ سېلىۋاپسەن، مۇبارەك،

بىر كېچىدە يۆتكىلىپ كېلىۋاپسەن، مۇبارەك،

بىر كۈن ئۆتمەي «پەتە» مۇ قىلىۋاپسەن، مۇبارەك،

چىللاپ مېھمان، ناغرا-ساز چېلىۋاپسەن، مۇبارەك.

تۇلۇق ئوقۇش »

خىزمەتداشلار سەمىگە

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا: 1 »

خىزمەتداشلار سەمىگە

 

ئالاھىدىن ئابدۇرشىت

 

  

كاتتا زات شوجاڭ دېگەن، ھۆرمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى،

باش ئۇرۇپ تازىم بىلەن ئىززەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛

كۈندە مىڭ «خوش-خوش»نى پەرز-سۈننەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛

توغرا ئۆتمەڭ ئالدىدىن، دىققەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛

ئۆزىڭىزنى قۇل بىلىڭ، بەيئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

 

  تۇلۇق ئوقۇش »

ئـانـامــــغـا مـەرســــىـيـە

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يوق »

ئـانـامــــغـا مـەرســــىـيـە

 

ئالاھدىن ئابدۇرېشىت

 

ئانا، تەقدىر قىسمىتى – چاقچاقلارغا يىغلايمۇ؟

سىېنى مەندىن ئايرىغان تۇپراقلارغا يىغلايمۇ؟

  تۇلۇق ئوقۇش »

ئـەيــدىـز بـــار

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يوق »

 

ئـەيــدىـز بـــار

 

ئالاھىدىن ئابدىرشىت

 

ۋابادەك يامرىدى بىزگە، بۇ دەم ھەرياندا ئەيدىز بار،

ۋەھىمە قاپلىدى دىلنى، تالاي ئىنساندا ئەيدىز بار،

تېنىڭگە ئاققىنى سەلدەك شۇ ئەيدىز،قاندا ئەيدىز بار،

پەرىشتە سايىسى يوق،بىزدىكى شەيتاندا ئەيدىز بار،

چىرىكلىك،روھى گۇمراھلىق بىلەن ۋىجداندا ئەيدىز بار.

  تۇلۇق ئوقۇش »