ئاغۋاتلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە پادىشاھنىڭ يېڭى پەرمانى
(فېليەتۇن)
ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت
ئەلقىسسە، پادىشاھ لىيۇ يەن مەكتەپلەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا چۈشتى. پادىشاھنىڭ«ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاختا قىلىنسۇن!» دېگەن بۈيۈك پەرمانىغا ئاساسەن تولۇق ئاختا قىلىنغان يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىرگە بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھقا بولغان چەكسىز ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نۇقتىلىرىنى ئالدىن بېكىتكەنىدى. دېمەكچى بولغىنىمىز، ئالدىن بېكىتلگەن مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىدىن تارتىپ ئۇلار ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتقان ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئاتارمەن-چاپارمەنلىرىگىچە ھەممىسى يارىلىشتىنلا تولۇق ئاغۋات بولغانلار، يەنى ئەسلى-زاتى ئاياللار ياكى دەسلىپى ئەر بولغان بولسىمۇ، شامالنىڭ چىقىشىغا، سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئاختا قىلدۇرغان، ئەمەلدارلارنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىشنى كېچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان سۈنئىي ئاغۋاتلار ئىدى. پادىشاھ يەرلىك ئەمەلدار ئاغۋاتلارنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقى بويىچە مېڭىپ ناھىيە مەركىزىدىكى بىر تىپىك ئاغۋاتلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى مەكتەپكە كەلدى. دەرۋەقە، بۇ مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا سەپلەنگەنلەرنىڭ ئىچىدە تەبىئىي ئاغۋاتلار-ئاياللار زور كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەندىن باشقا، قوشۇقنىڭ سېپىچىلىك ئەمەل تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى سۈنئىي ئاغۋات-ئۆزىنى ئۆزى ئاختا قىلدۇرغان كېلىپ چىقىشى ئەر بولغانلار ئىدى. تۇلۇق ئوقۇش »
بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ
(ئەبجەش خاتىرە)
(1)
بىر ئىستاكان سوغۇق سۇدا ھېچقانداق مەنا يوق. بەلكىم مەنا يوق دىگىلىمۇ بولماس. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا سىمۇۋۇل ۋە يەنە ئاللىقانداق مەنىلەرنى يۈكلىسەم چوقۇم بۇ پىكرىمدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.ۋاز كەچكەن ئىكەنمەن، ئۇنى قايتا تىلغا ئېلىپ يۈرمەسلىكىم كېرەك , لىكىن مەن يەنىلا ئىستاكان ۋە سۇ ھەققىدە خىيال سۈرۈشتىن قۇتۇلالمىدىم.
ئورفاتنىڭ «تۇرمۇش»نامىلىق نەسىرىدە شۇنداق بىر جۈمىللەر ئۇچرايدۇ،«ئوخشاش بىر سۇ،بەزىلەر ئالتۇن قەدەھتە ئىچسە، بەزىلەر ساپال تاۋاقتا ئىچىدۇ. ساپال تاۋقىمۇ يوقلار قولى بىلەنلا ئىچىشكە مەجبۇر بولىدۇ.»مېنىڭ بىر ئىستاكانىم بار. ئۇ ھەر زامان چېقىلىپ كېتىش خەۋپىدە تۇرىدۇ. ئۇنى مۇددەتتىن بۇرۇن چېقىۋىتىشىمدىن ئەنسىرەپ ھامان ئۇنىڭغا ئاڭلىق-ئاڭسىز يۇسۇندا دىققەتتە بولىمەن. بەزىدە ئىستاكانىمنىڭ كونىلىقىدىن ئىچىم سىقىلغان ۋاقىتلار بولىدۇ. ئالماشتۇرغۇم بولسىمۇ،لىكىن قولۇمدىن كەلمىگەچكە يەنىلا مۇشۇ ئىستاكاننى قەدىرلەشكە مەجبۇرمەن.
ئىستاكاندا لىق يامغۇر سۈيى بار ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىمەن.
چېچىلغان چوغلار
(1)
نە ھارارەت، نە ئىنتىلىش، نە قىزغىنلىق بۇ؟
كىمنىڭ ناخشىسى، كىمنىڭ كۆلكىسى، كىمنىڭ ئاۋازى؟
كىم نەدە، كىم كىمدە؟
پەقەتلا قىش شۇنداق كۈيلەيدۇ؛ دالىلار، بالىلار، تاغلار…توقايلار…
پەقەتلا قىزىمنىڭ كۆزلىرى ماڭا سۆزلەيدۇ؛ نە ھايات، نە مۇھەببەت، نە مىھرىبانلىق، نە نەپرەت؟
مەن كۈنلەرنى كۈزتىمەن، تۈنلەرنى سۆزلىتىمەن، شامدەك كۆيۈپ، سۇدەك دولقۇنلاپ، ئوتتەك يالقۇنلاپ.
تۇلۇق ئوقۇش »
ياخشىمۇ سەن ھەسرەت؟
مۇھەببەت مەيىن باھار شامىلىدەك ۋۇجۇدۇم ئاراشلىرىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن چاغدا ، قەلبىمدىكى ھەربىر دۇنيانىڭ گۈزەل ھەم ئەندىشىلىك ناخشىلار بىلەن لىق تولغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم.
مۇھەببەت گويا شامالغا ئوخشاش ۋۇجۇدۇم ئاراشلىرىدىن ئۇچۇپ چىقىپ يىراقلارغا، مېنىڭ قولۇم، ئاۋازىم، نىگاھىم يەتمەيدىغان يىراق جايلارغا ئۇچۇپ كەتكەندە بولسا، قەلبىمنىڭ ھەربىر يېرىقچىللىرىنىڭ خىرە گۇگۇمغا پۈركۈنۈپ تاقىر ھاڭلارغا ئايلانغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
چۈش خاتىرلىرى
چۈش يەنىلا شۇ گۈزەل ۋە غېرىپ شولىسىنى چاچقانچە كېتىپ قالدى.بۇ قاراڭغۇ يولدا ئۇنىڭ سۈزۈك ،ئاپپاق سايىسىلا قالدى.مەن ئەمدى ئەشۇ قاتقان سايىگە قاراپ توزغاقتەك توزۇيمەن،قاردەك چېچىلىمەن،ئوتتەك يېنىپ،مۇزدەك قاتىمەن…..يامغۇرلۇق كېچىدىكى غېرىپلىقىمنىڭ ھەممىسىن بىر ئىستىكان سوغۇق سۇ بىلەن ئارلاشتۇردۇم.نەملەشكەن ئالقىنىمغا چاپلىشىپ قالغان بىر تال چاچنىڭ ئۈستىدە يېتىپ يىلانلار ئۇسۇلىنى چۈشەپ چىقتىم…..