كۇچا

نەسىرى يازمىلار باھا يازىمەن

كۇچا

(1)

بىر مىس قوڭغىراقسەنكى، ۋاقىت سەلتەنەتلىرىدە يېرىمى كۆمۈلگەن.

بىر ئوقيا سەنكى-ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە ئېتىلغان.

سەندىن  نوم ئىسرىقلىرىنىڭ ھېدى كېلىدۇ. مۇھەببەت شاماللىرىنىڭ قىزارغان ياپراقلىرىنى شىرىقلىتىپ ئويناۋاتقان بالىلىق تىمسالىمدا سەن.

(2)

سېنى بىر ۋاقىت ئىشىكى دەپلا قىياس قىلغانمەن. بوسۇغاڭدىن ئاتلىساملا باشقا بىر ئىراغا كىرىمەن دەپلا ئويلىغانمەن. ئىرالىقىڭ راست، يېرىمىڭ بۈگۈن، يېرىمىڭ تۈنۈگۈن.

ئىشىكنى ئىتتىرۋىدىم، كىرىشنىڭ ئورنىغا چىقىپ كەتكىنىمنى ھېس قىلدىم.

(3)

مۇھەببەت سۇتىرالىرىنىڭ مەستخۇش دېئالۇگلىرىدا زىكىرى قىلىنغان ئىسىمسەن. كۆڭۈل ئەينەكلىرى ئىسلاشقان، شەھۋەت شاملىرى يۇرۇتۇلغان، تەن سازغا ئايلىنىپ،  تۇپراق بىلەن ئالتۇننىڭ، سۇ بىلەن ئوتنىڭ، ھاۋا بىلەن دەرەخنىڭ مۇقەددەس بىرلىكى بۇزۇلغان دەملەرگە  ئۇسۇلغا چۈشكەن بۇ ھالىتىڭگە  قاراپ تۇرماقتىمەن. لېۋىمدە ئىسمىڭ….

(4)

قۇلغۇمغا چېلىنىۋاتقان قوڭغىراق ئاۋازىدەك  ئاڭلىنىسەنكى- سۆيگۈ راھىپلىرى سېنى چالماقتا.

كۆكسۈمگە سانچىلىپ قالغان بىر ئوقيادەك تۇيۇلىسەنكى- تۈنۈگۈنۈم بىلەن بۈگۈنۈمنىڭ، ئەتەم بىلەن ئۆگۈنۈمنىڭ ئارلىقىدىكى مۇساپىدە  سەرگەردانمەن.

مىڭ يىل ئاۋالقى ئاۋازىڭ قوڭغىراق شەكلىدە تارالماقتا. ئۆلۈكلەر ئاڭلىماقتا، تىرىكلەر يىغلىماقتا.

ۋاقىت ئىشىكىڭ ئوچۇق. كۆڭۈل ئىشىكىڭدە ئادەم يوق.

خەتكۈچلەر:


باھا يوللاش

سىز تىزىملاتقاندىن كېيىن ئاندىن باھا يوللىيالايسىز.