15 غەزەل

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يازىمەن

 

 15غەزەل

 

(1)

 

كەل،يىلاندەك ئوينىغان بۇ سۇمبۇلى رەيھانغا باق،

كەل،يۈرەكنى ئۆرتىگەن بۇ ياپيېشىل گۈلخانغا باق.

 

جىلۋىگەر نازلى چېچەكلەر شىركەيىپ ئاچسا قويۇن ،

كۆزلىرى ئاھۇ سۈپەت بۇ نازىنىن جانانغا باق.

 

سەلكىنى كۆكلەم ھاۋانىڭ خۇشبۇي پۇرايدۇ ئۆزگىچە ،

مەست ھاۋادا لەرزە قىلغان ئېلھامى جەۋلانغا باق.

 

قاتمۇ قات بەرگىن يېيىپ بىر تاللا بولدى ئىشتىياق ،

شەۋقىدە گۈر-گۈر كۆيەر ئاتەشى خۇمدانغا باق.

 

مىسلىسىز سۆيگۈ قىيام بولدى لېۋىمدە بىر كېچە ،

كۆكسۈمە ئۈنگەن ئەشۇ گۈلگە باق، گۈلدانغاباق.

 

داتلىشىپ ياتقان چېقىنلار ئويغاندى روھىڭمەۋجىدىن

چېقىلار ئالتۇن كىشەنلەر سەندەلۇ-بازغانغا باق.

 

جىلۋىگەر خۇلقۇڭغا مەست پۈتتۈم لېۋىڭگە سەترلەر

بەھرىدە تاغلار كەيىپ يەرگە باق،ئاسمانغاباق……

 

(2)

 

سىلىكىنپ ئۇچقايمۇ روھىم سۆيگۈنىڭ ئەييامىدىن

كەل ساڭا سۆيگۈ تۇتاي ئاشىق كۆڭۈللەر جامىدىن.

 

مۇزلىغان ھىسلار چاراسلاپ كۆيدى خانەمدى بۈگۈن

مەست بولۇپ قونغىن شېخىمغا بۇ مۇھەببەت دامىدىن.

 

ئەيلىگەيمەن ئارىزىڭگە ئارمىغان قىپ ھەممىنى

چۈنكى قىشتىن چىقتى سۆيگۈم مۇز يېرىپئارمانىدىن.

 

داتلىشىپ ياتقان قەلەمنى ئۇيغاتتى زۇلفۇڭنىڭھىدى

رەڭ ئېلىپ گۈللەر ئېچىلدى بۇ يۈرەكنىڭ قانىدىن.

 

تۇپرىقىم مەست،ئاسمىنىمدا ئول نىگاھىڭ جىلۋىسى

ئاڭقىغاي سۆيگۈ شۇ تاپتا مىڭ چېچەك چاڭدانىدىن..

 

كەل مۇغەننى،چال جېنىمنىڭ تارىسىگە لەڭ ئۇرۇپ

زەخمىكىڭدىن روھ ياشارغاي نەزمە-كۈي بوستانىدىن.

 

نەزمىلەر تۇفراغىدا بىخ يارسا شەيدالىق ئوتى

قېقىنۇسلار دەم تىرىلگەي مەن كەبىمەستانىدىن……

 

(3)

 

ئېسىم جىلۋەڭدە چايقالدى،رېئاللىق ھەسرىتىئاندىن،

سوغۇق سايەڭدە يەلپۈندۈم غېرىپلىق ياغدى ھەرياندىن.

 

لاۋۇلداپ كۆيدى يۇلتۇزلار جۇدالىق لەھزىدە ئاخشام

چېچەكلەپ ھەسرىتىم تۈندە سەھەرلەر ئۆكسىدىقاندىن.

 

زامانلار يىڭنىدىن ئۆتتى سوزۇپ ئەكسىمنىئەينەكلەر

كۆيۈك ۋەھدەت كۈلى توزغۇپ تۆكەر مەيلەرنىمەيخاندىن.

 

ئۆزۈم كۈلپەتكە سۇلتانمەن ھامان تۈنلەرگەباغلانغان

ئۆلۈمنىڭ قۇشلىرى ئەگىپ ئۇچار كۆكسۈمدەگۈلخاندىن.

 

پەلەك ئەكسىمدە ياتقان سۇ،باياۋانلاردا روھ بەرگى

سۇنۇق كولدۇرمىدا ھېجرەت جاراڭلار چۆلدەكارۋاندىن.

 

ئۇيۇقلار تەۋرىگەن تاڭنى مالايىكلارغا ئاڭلاتتى

ۋەلكىن كۆرگىنىم قاندۇر يەنە يۇلغۇن ۋەئازغاندىن.

 

ئوغۇزلار قىسمىتى كۆيگەن سامالار بارمۇ ئىقلىمىدا ؟

قارايغان قىسمىتىم سۆزلەر ئۆلۈكلەر شەھرىدەئاندىن!

 

(4)

 

كەل،مۇھەببەتتىن زېرىككەن تەلۋىلەر مەيدانغاكەل،

ياخشى گەپ قىلسام تېرىككەن غەلۋىلەر جەۋلانغاكەل.

 

كەل ،غېرىپ باشىمغا كەل،…يا سۈزۈك ياشىمغا كەل

كەل ،مېنىڭدەك دەرت-ئازاپتا قاينىغان زىندانغاكەل.

 

كەل،شامالدەك،يا خىيالدەك يا زاۋالدەك بىر لاكەل،

كەل،يۈرەك بىر زىخ كاۋاپ بولغان مۇشۇ خۇمدانغاكەل.

 

سۇ بولۇپ كەل،ئوت بولۇپ كەل،قۇت بولۇپ كەل،ياكىجۇت

كەل،مۇھەببەتنىڭ باھاسى ئەرزىمەس دەۋرانغا كەل.

 

 

كەل،ئۆلۈمدەك،كەل كۆرۈمدەك،كەل كۈيۈمدەك بىرلاكەل ،

كەل،كۆيۈپ كۆككە سورۇلغان شورى قۇر داستانغاكەل……

 

(5)

 

قۇي،قەدەھكە ئول جۇنۇنلۇق مەيلىرىدىن بىر ئاياق ،

نۇش ئېتىپ چۆلگە كېتەي مەن يۈگۈرۈپ مەشرەپسىياق.

 

قەترە يۇتسام لەرزە ئەيلەر مىڭ باياۋانسىلكىنىپ،

مىڭ يىلان چۈشتى ئۇسۇلغا، مىڭ كۆڭۈلدە ئىشتىياق.

 

تاش قەدەھنىڭ پارچىسىسەن،مەن شاراپ بولغان كۈنى،

تەلۋە روھىم زۇلمىتىدە سەن يۇرۇپ تۇرغان چىراق.

 

بەر كەيىپلىك لەززىتىدىن، كۈللى جان غەپلەتتىدۇر ،

قانچە يۇتسام شۇنچە ئۆرلەر قاقشىتىپ دىلداپىراق.

 

پەردىئى پىنھان بولۇپتۇ تەركى مۇھەببەت جىلۋىسى،

ئاڭلىنۇر چۈش شەھرىدە ھېجران كۈيىدىن قوڭغىراق.

 

كۆكسۈمە ئۈنگەن ئەتىرگۈللەر ماڭا مەھبۇپ ئەمەس،

قان بىلەن سانچىلغىنى تۆمۈر تىكەننىڭ ياخشىراق.

 

قۇي قەدەھ بىرلە كۆڭۈلنىڭ تەكتىگە سۆيگۈ سۈيى ،

قۇيمىساڭ ئۇرغىن بېشىمغا سۇنغىچە تاكى تاياق……

 

(6)

 

ئارىزىڭنى بۇ كۈيۈمگە پەردىئى پىنھان قىلىپ

قىينىغايمەن تەلۋە جاننى كۈي ئارا غەليان قىلىپ.

 

لەڭ ئۇرۇپ ھېجران كۆڭۈلدە ئاتتى ساھىلغا سەدەپ

كۆز يېشىمنى ئاستى تۈنلەر بوينىغا مارجان قىلىپ.

 

سىلكىنىپ ئۇچتى پەسىللەر تەركىي مۇھەببەتشاخىدىن

تەن ماڭا بولدى قەپەس روھىم ساما جەۋلان قىلىپ.

 

مەن كەيىپلىك لەززىتىدىن ئىزدىدىم ۋەسلىڭ كۈيى

چۆلدە چۆلدەك لەرزە ئەيلەر بۇ يۈرەك ئارمانقىلىپ.

 

تۈن ئارا سايەم ھاۋا،سۈبھى ماڭا بىر تاش قەدەھ

نۇش ئېتىپ يۇتتۈم ئۆزۈمدە قەۋزى جان كارۋانقىلىپ.

 

ماڭا نە بولسۇن زاماننىڭ رەستىسىدىن ھالقىماق؟

ئارمىغان قىلدى گۇياكى سۆيگۈنى زىندان قىلىپ.

 

ئالدى چوغنى ئالقىنىغا چوغدىكى ئوۋچى رەسىم

ئەيلىگەي نەپسى ئوتۇنغا تۇترۇق-گۈلخان قىلىپ!

 

(7)

 

جېنىم شام بولدى بۇ تۈنلەر ھاياتىمئىپتىداسىدىن،

دىدار ۋەسلىڭ تىلەپ كەلدىم مۇھەببەتنىڭخۇداسىدىن.

 

بۇلۇتلار قاينىغان قاينام ساماغا ئايلىنىپ قەلبىم

نېسىپ بولغايمىكىن ئاخىر ۋىسالىڭنىڭ زىياسىدىن؟

 

بوسۇغاڭ ئالدىدا جىمجىت بولۇپ رەسۋا ياتارمىشمەن

جۇنۇنلۇق قىسىمىتى بائىس ماڭا ھەقنىڭ جۇلاسىدىن.

 

قەدەھسىز ئارمىنىم تاڭلار چۆلىدە يۈرگۈسى ساياق

ساپايەم زارىغا تەشنا باياۋانلار ناۋاسىدىن.

 

ئۆلۈمكار مەنىلەر مەنزىل- قارارىمغا نىشانبەرمىش

مېنى ئۈركۈتمە سايەڭنىڭ يەنە سالقىن ھاۋاسىدىن.

 

ساچىڭ دارىدا ياتتىم خوپ،ئەبەتلىك قەبرىگاھئىزدەپ

ماڭا يادنامە قىل ۋەسلىڭ مۇھەببەتئىنتىھاسىدىن…..

 

(8)

 

مېنى سۈرگۈن قىلىپ تەڭرىم ئۆزەمنىڭ دىل پايانىغا

قىلىپ لەگلەك ئۇچۇرمىش ئۇ بورانلارنىڭ قىيانىغا..

 

پىشانەم ئۈزرە زۇلمەتنىڭ چاراسلاپ ئاڭلىنار ئاھى

تېنىمنى تار قىلىپ چاپتۇ مۇھەببەتنىڭ مۇقامىغا..

 

تىرىكلىك ئەينىكى ئىچرە ھامان پەرياتتا پىرچەڭگى

دوزاقتەك ئۆرتىنەر قەلبىم چىداش بەرمەيزۇۋانىغا.

 

زامان كۆكسۈمدە ئۈنگەن گۈل،تىكەنلەر پەنجىدەروھىم

قارا تۇپراققا يىغلارمەن ئېقىپ شامدەك ئۇۋالىغا.

 

كەيىپلىك لەززىتى قەبرەم تېشىغا شولىسى چۈشمىش

قەدەھتىن بالقىسام كۆككە بېقىپ روھىم زاۋالىغا.

 

ئىچىمدە يالتىرار زۇلمەت ئارا كۈلگەن قاقاستاشلار

رىياكار ئەسلىمەم چوغدەك تۈتۈنلەيدۇ شامالىغا.

 

ئۆزۈم روھىمغا بىر ئولجا بولۇپ سايەمگەسىغماسمەن

قەسىدە پۈتكۈسى زۇلمەت ئۇنىڭ ئۆڭمەسگۇناھىغا…..

 

(9)

 

دىلىمدىن ئۈركىگەن ۋەھدەت كۈيى جەۋلانغا ئايلاندى،

تىلىمدىن چاچىرىغان سىھرەت سۈيى گۈلخانغائايلاندى.

 

باياۋان لەرزىگە كەلدى..قاقاس تەنلەردە ،ئەينەكتە

چېقىلدىم..زاماننىڭ سۆھبىەتلىرى يالغانغائايلاندى.

 

ۋاقىت بىر تۇغ قادىدى..چاقىردى …ھەم ھەرتامانكەلدۇق

ساناقسىز سايىلەر ئاخىر يۇۋاش قۇربانغا ئايلاندى.

 

پىچاق قانغا كۆيدى… قان ئەينەككە…ئەينەكقارا تاشقا

قاراتاش قەبرىگاھ بولدى… قەبرە سۇبىھانغائايلاندى.

 

تېنىم بىر داپ…چالارمەن رەستىدە …ئۆيلەردە… كۈيلەردە

تىرىكلىك نەپسى رەققاسقا.. رەققاس ۋىجدانغائايلاندى

 

ھاۋادا قۇش بولساڭ پەسكەچۈش…شاخلارغا.يا.تاملارغا

ئۆزۈڭ قەبرەڭنى قاز…ئاختۇر…سايەڭ رەيھانغائايلاندى…

 

 (10)

 

ئۈركىگەن ۋەھدەت كۈيۈمدە بىر بىشارەت چايقىلار

يالتىراپ تۇرغان سۈيۈمدە بىر ئىشارەت چايقىلار.

 

توزغىغان سەۋدالىرىمنى كەسمەكتە تۈننىڭ قايچىسى

سارغىيىپ ياتقان گۈلۈمدە بىر نادامەت چايقىلار.

 

توزىدى يۇلتۇز كۆزىدىن تۈنلەردە چاقماق داتلىرى

ئايدىڭى ئۆچكەن تۈنىمدە بىر جاراھەت چايقىلار.

 

پەسلىگەن ئاسمان تېنىدىن ئالماقتا قىشلاقلار گۇگۇم

قارچۇغى يۈتكەن كۆزۈمدە بىر ئاداۋات چايقىلار.

 

ئاڭلىنار روھىمغا ھەردەم سەرسانە قۇشلار تېۋىشى

سوۋۇغان تەنھا ئۈنۈمدە بىر خىيالەت چايقىلار.

 

خاتىرەمگە لىق توشۇپتۇ كەچكۈزدە گۈللەر بەرگىسى

بىلسەن،مۇزلۇق لېۋىمدە بىر زالالەت چايقىلار…

 

(11)

 

باﻫارمەستانە بىرقىزدۇركەيىپ قەلبىم دالاسىدا،

قىرانلىقشەۋكىتىم چاقنار ئۇنىڭ گۈلگۈنجۇلاسىدا.

 

زىمىندىنكۆككە پەر سىلىكىپ ئۇچارخىلۋەتتە ئارمانىم،

ئۆزۈمقىشلاقتىمەن، سايەم بۈيۈكچۈشلەر ساماسىدا.

 

يېشىلكۈي سەتﻬىدە تاڭلار ئۆتەرروﻫىمغا چوغتاشلاپ،

كۆيەرمەن روﻫ بىلەنتەننىڭ گىرەلەشكەن ئاراسىدا.

 

بۇلاقلار ﻫېكمىتىئوخچۇپ ئۆزۈمسۆيگۈگە ئايلاندىم،

چېچەكلەر چاڭدىنى كۆيگەن زىلالكۆكلەم ﻫاۋاسىدا.

 

قىرىقتالكوكىلا ئۆرگەنسەنەملەر شولىسى،سەترەم-

قىرىدىن تۆتقۇلاق ئىزلەر ،يۈرەكلەرنىڭ ساداسىدا..

 

چېقىلدى ئەينىكى كۈينىڭ ،يېيىلدىم بەﻫرىقىشلاققا،

قوياش بالقىپ چىقار ﻫەرتاڭ ئۇنىڭ قانرەڭزىياسىدا……

 

(12)

 

 

ساماگۈلخانغا ئايلاندىقوياش بالقىپۋىسالىڭدىن،

زىمىن يۇلقۇندى جانكىرگەچيەنە كۆركى جامالىڭدىن.

 

گىياﻫلارياپرىقى ئۈزرەسۈزۈلدى قانسىمانناخشا،

مۇﻫەببەتچوغلىرى ياندى،كەيىپ خۇشبۇي شامالىڭدىن.

 

قەدىم تۇرخۇنلىرىم كۆككە تۇراركۆپكۆك ﻫاياتپۈۋلەپ،

قونۇپ جان شاخىغا تورغاي ناۋا ئەيلەرزۇۋانىڭدىن.

 

ياتار قورغانسىمان تاغلار سىﻬىرلىك چۈش پايانىدا،

ئېقىنلار شىددىتى كۆككە چېچىلماقتا كامالىڭدىن.

 

يېشىل قاسناق ئاراكاككۇك گۈلىتىترەرمۇﻫەببەتتەك،

جۇنۇنلۇق داغلىرى يۈتكەي ئۆچۈپبەرقى زىلالىڭدىن.

 

سەﻫەربىرجام،بۇجام ئۈزرەجۇلالار ﻫېكمىتى روﻫنىڭ،

قىرانلىق شەۋكىتى تاپقاي ئۆسۈپمەغرۇر نىﻬالىڭدىن…….

 

(13)

 

چىمەنلەر ياشنىغان خىلۋەت ئارا سۇلاردا ئاقتىڭمۇ؟

قاقاس روھىڭنى تۇپراققا قىلىپ سەكپارە ياقتىڭمۇ؟

 

ئۈمىد گۈلشەنى توزغىتقان ناۋالارغا بېرىپ قانىڭ

ئۆزەڭ ئاسمانغا يىگانە ھامان باقتىڭمۇ،باقتىمۇ؟

 

ئۈزۈلسا سۆيگۈدىن نۇرلۇق تېنىڭ زەخمەكى تارلاردا

قەدەھلەرنى جۇنۇن تاشىغا ئۇرۇپ ھەسرەتتە چاقتىڭمۇ؟

 

يۈرەكنىڭ بېغىشى بىرلە ئۈزۈلدى قانسىمان غۇربەت

سۈرەنلەر ئەۋجىدە سەرخۇش ئازاپ گۈلخانى ياقتىڭمۇ؟؟؟

 

(14)

 

نە ھاجەت سۆيگۈدىن ئىشرەت،سۆزۈڭ بۇ خىل بايان بولسا؟

چىلانرەڭلىك ئېتىم ئاقسار يولۇمدا بۇ داۋان بولسا؟…

 

ئۈنۈڭنى ئاڭلىدىم سىم-سىم يېغىن ياغقان كېچەلەردە

سېغىنچىڭنى ئۆزۈڭ ئەپكەت،مەگەر ھېجران قىيان بولسا.

 

سېنىڭ قەھرىڭگە تەڭداشتۇر ئىزىڭ چۈشكەن چىغىر يوللار

ئۆلەرمەن زەھرىدە چاڭقاپ ساچىڭ چىرماپ يىلان بولسا.

 

قىلىچلاپ تاشلىدىڭ سۆيگۈ گاداسى ئۇشبۇ مەجنۇننى

رىزامەن چاچىرىغان قانىم ئارا سۆيگۈم ئايان بولسا.

 

سۆيۈلگەن دەملىرىم چاقنار ئەتىرگۈل شاخى-كۆكسۈڭدە

ماڭا نە قالدى بۇ دۇنيا مۇشۇنداقلا تامام بولسا؟؟؟

 

(15)

 

ئەتىرگۈل شاخىغا باقما،ئاڭا سەۋدالىقىم سىڭگەن،

زەھەرلىك خۇشپۇراق بىرلە قاقاس تەشنالىقىم سىڭگەن.

 

جۇنۇنلۇق قىسىمىتى باشىم ئارا ئەگىيدۇ بىر قۇشتەك

ئۇچارمەن ،مەنزىلىم ،جايىم ئارا رەسۋالىقىم سىڭگەن.

 

كېچە بىرلە تاملارنىڭ قاراسلاپ سۇنغىنى يالغان

سۇنارمەن رەققاسى ئايغا ھامان ئاشنالىقىم سىڭگەن.

 

كەيىپ قىشلاقلىرىڭ كۆكتە، جۇۋاننىڭ ئاھى بىر لەھزە

رىۋايەت ئەينىكى سۇنسا  ئاڭا  شەيدالىقىم سىڭگەن.

 

چىمەنلەر باغىنى ئاچقىن ،شامالدەك تولغۇنۇپ قاچقىن

بۇ پۇرقەت تەكتى ھېجرانغا مېنىڭ غەۋغالىقىم سىڭگەن..

 

 

خەتكۈچلەر:


«15 غەزەل» غا 5 تورداش باھا بەردى

  1. ئۇيغۇرغول مۇنداق يازغان: (2011-06-20 | 09:34) |

    بۇنى بۇنى كۆرىۋېتىپ بىلوگىڭىزغا كىرىپ قالدىم، «غەزەللەر» ماۋزۇسىدىكى 15 غەزىلىڭىزنى قزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم، ئىلگىرىمۇ ژورناللاردىن غەزەللىرىڭىزنى ۋە باشقا شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇغان ئىدىم . غەزەللەرنى بەكلا ياخشى يېزىپسىز. خۇددى كىلاسسىكلارنىڭ غەزەللىرىدەكلا جەلپ قىلارلىق ئىكەن. گۈلنىڭمۇ تىكىنى بولغىنىدەك غەزەللەردە بىرئاز ۋەزىنگە ئۇدۇل كەلمىگەن بېيىت-مىسرالارمۇ بار ئىكەن. كېيىنچە تۈزىتىپ كېتەرسىز. غەزەلنى يەنىمۇ كۆپرەك يېزىشىڭىزنى، باشقا بەھىرلەرنىمۇ سىناپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. چۈنكى نەۋايى ئون نەچچە بەھىرنىڭ تۈرلۈك ۋەزىنلىرىدە يازغان ئىكەن. ھازىر پەقەت رەمەل بەھرىنىڭ مەقسۇر ۋەزنى بىلەن ھەزەجى مۇسەممەنى سالىم ۋەزنىدىلا يازىدىغانلار باركەن. بۇ بەلكىم ئارۇز ۋەزىن نەزەرىيەسىنىڭ تېخىچە تولۇق يېزىلىپ نەشىر قىلىنمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.

    • owchi مۇنداق يازغان: (2011-06-20 | 11:42) |

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام؛
      ئالدى بىلەن بلوگۇمغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ غەزەللىرىم توغرىسىدا ئەستايدىل بەرگەن پىكىرلىرىڭىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
      دەرۋەقە، يازغان غەزەللىرىمدە ۋەزىن چېقىش، ۋەزىن ئاتلاشتەك قائىدىسىزلىكلەر خېلى مەۋجۇت. راستىنى دېگەندە مەن مۇ ھازىرغىچە ئارۇزغا شۇنچە قىزىققىنىمغا قارىماي، ئۇنىڭغا چوڭقۇرلىيالمايۋاتىمەن. خاس توپلىمىمىنى ئىشلەش جەريانىدا بۇ مەسلىنى جەزمەن ھەل قىلىپ كېتىشكە تىرشىمەن.
      ئاخىرىدا سىزنىڭ داۋاملىق پىكىر-تەكلىپ بېرىپ تۇرىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلمەن.

  2. مەنزۇر مۇنداق يازغان: (2011-10-3 | 15:01) |

    ئوۋچى،
    مەنمۇ تور مارىلاپ بۇ غەزەلگاھقا كىرىپ قالدىم.بەزىلىرىنى ئىلگىرى كۆرگەنكەنمەن.شۇ مۇناسىۋەتتە ئىككى كەلىمە سۆزلىگۈم كەلدى:
    غەزەللىرىڭىزدە ۋەھدەت كۈيى ۋە فەنالىق چەشمىسى بوقۇلداپ تۇرىدۇ.سىز چاغداشلىرىڭىز ئىچىدە غەزەل يىزىشقا ئاۋال ئۈلگۈرگەن ۋە ئۈلگە كۆرسىتەلىگەن شائىر.بۇ ھەم تەلەيگە ھەم تەۋەككۇلگە مۇناسىۋەتلىك.سىز ئىجادىيىتىڭىزدە كۆپىنچە ئەركىن شېئىرنى تۇتقا قىلغان بولسىڭىزمۇ،ئارۇز چىچەكلىرى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۆزگىچە جۇلا بېغىشلاپ تۇرىدۇ.يەنى بۈگۈنكى زامان شېئىريىتىدە ئارۇزسىز ئوۋچى غەنىمەتسىز شائىرغا ئوخشايدۇ.بولسا،تەكلىۋىم سىز بۇنىڭدىن كېيىنكى سەپىرىڭىزدە ئارۇزغا تىخىمۇ ئىچكىرلەڭ،ئۇ سىزنى لەززەت ۋە لاياقەت قۇچىقىدە ئەركىلىتىدۇ.
    بۇنىدىن كېيىنكى غەزەل ئىجادىيىتىڭىزدە ۋەزىن بۇزۇلۇشىغا شۇنچىكى دېققەت قىلىڭكى،سۆز،ھەرپلردىنمۇ ماھارىتىڭىز جەۋلان قىلسۇن.ھەر بىر پارچە غەزىلىڭىزنىڭ ئاخىرقى بېيىتىدا «مەقتەئە» سىدە ئىسم-زاتىڭىزنى شەرھىلەپ قويۇڭ.بۇنىڭ ئەھمىيىتى بەك چوڭ.ئەڭ ياخشىسى پەدەرىڭىزنىڭ ئىسمىنى قوللىنىڭ،«مەنسۇر» دېگەن بۇ ئىسىم كىلاسسىك قىممەتكە ۋە مەنىگە باي.تۈرلۈك بەھىر،ۋەزنىلەرگە مۇراجىئەت قىلىڭ.سىز بۇنىڭغا چوقۇم چىقىنالايسىز.

    مۇھەممەت خېۋىر (ئالاھ ئۇنى پاناھىدا ساقلىغاي) تازا تارىخى ھالقىش دەۋرىگە كەلگەندە ،كۆزى ئوچۇق ئالەمدىن كەتتى.بىز راۋۇرۇس غەزەلخان بولىدۇ دېگەن ئابدۇقادىر جالالىدىن تېخىمۇ ۋەزنىلىك ئىلىم قوينىغا شۇڭغىدى.ۋارىسچان قاسىم قارىسىنى كۆرسەتمەس بولۋالدى.سىز نېمىگە ئىككىلىنىسىز؟؟؟
    خەيىر،ئامان بولۇڭ.

  3. owchi مۇنداق يازغان: (2011-10-8 | 17:03) |

    قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزگە تەشەككۈر…ئارۇزغا بولغان ئۆزگىچە مۇھەببىتىم ھېلىھەم لاۋۇلداپ تۇرىدۇ. ئېيتقانلىرىڭىز كەلگەي دېگەن ئۈمىدتە مەن….

  4. Halley مۇنداق يازغان: (2012-01-4 | 03:45) |

    ئوۋچى،
    مەنمۇ تور مارىلاپ بۇ غەزەلگاھقا كىرىپ قالدىم.بەزىلىرىنى ئىلگىرى كۆرگەنكەنمەن.شۇ مۇناسىۋەتتە ئىككى كەلىمە سۆزلىگۈم كەلدى:
    غەزەللىرىڭىزدە ۋەھدەت كۈيى ۋە فەنالىق چەشمىسى بوقۇلداپ تۇرىدۇ.سىز چاغداشلىرىڭىز ئىچىدە غەزەل يىزىشقا ئاۋال ئۈلگۈرگەن ۋە ئۈلگە كۆرسىتەلىگەن شائىر.بۇ ھەم تەلەيگە ھەم تەۋەككۇلگە مۇناسىۋەتلىك.سىز ئىجادىيىتىڭىزدە كۆپىنچە ئەركىن شېئىرنى تۇتقا قىلغان بولسىڭىزمۇ،ئارۇز چىچەكلىرى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۆزگىچە جۇلا بېغىشلاپ تۇرىدۇ.يەنى بۈگۈنكى زامان شېئىريىتىدە ئارۇزسىز ئوۋچى غەنىمەتسىز شائىرغا ئوخشايدۇ.بولسا،تەكلىۋىم سىز بۇنىڭدىن كېيىنكى سەپىرىڭىزدە ئارۇزغا تىخىمۇ ئىچكىرلەڭ،ئۇ سىزنى لەززەت ۋە لاياقەت قۇچىقىدە ئەركىلىتىدۇ.
    بۇنىدىن كېيىنكى غەزەل ئىجادىيىتىڭىزدە ۋەزىن بۇزۇلۇشىغا شۇنچىكى دېققەت قىلىڭكى،سۆز،ھەرپلردىنمۇ ماھارىتىڭىز جەۋلان قىلسۇن.ھەر بىر پارچە غەزىلىڭىزنىڭ ئاخىرقى بېيىتىدا «مەقتەئە» سىدە ئىسم-زاتىڭىزنى شەرھىلەپ قويۇڭ.بۇنىڭ ئەھمىيىتى بەك چوڭ.ئەڭ ياخشىسى پەدەرىڭىزنىڭ ئىسمىنى قوللىنىڭ،«مەنسۇر» دېگەن بۇ ئىسىم كىلاسسىك قىممەتكە ۋە مەنىگە باي.تۈرلۈك بەھىر،ۋەزنىلەرگە مۇراجىئەت قىلىڭ.سىز بۇنىڭغا چوقۇم چىقىنالايسىز.

    +1

باھا يوللاش

سىز تىزىملاتقاندىن كېيىن ئاندىن باھا يوللىيالايسىز.