قىزىم زۇمرەتئايغا
ئوۋچى
ئوۋچى تور خاتىرىسىمېنىڭ تۇيغۇ مۇساپەم….
Drug preguntas
يانۋار 13
قىزىم زۇمرەتئايغا
ئوۋچى
(1)بالىپانىم، نىگاھىڭدىن يۇلتۇز ئاقىدۇ،زۇمرەترەڭلىك ئاسمانلارغا قوللىرىم يېتەر.ساڭا قاراپ يۈرەك ئۈنسىز دولقۇن ئاتىدۇ،دولقۇنلاردا قۇۋناق ھېسلار كۈۋەجەپ كېتەر.تۇلۇق ئوقۇش »ئاۋغۇست 03
شېئىرىي تىل ۋە سۆز
ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان
(ماقالە)
ئىنسانىيەتتە، مەڭگۈلۈكلىكىدىن ئەنئەنىگە، جەۋھەرلىكىدىن دائىم يېڭى شەكىلگە ئىگە بولغان بىر تىل لەھزىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ــ شېئىردۇر. شېئىر ھېسسىيات بىلەن ئەقىلنىڭ يۈكسەك بىرلىكىدىن پەيدا بولىدىغان ئۈچىنچى ھال ياكى تۇيغۇن بىرلىكنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئوقۇغاندا، تۇيۇش ياكى تۇيۇلۇش پائالىيىتى، بىزنىڭ ئوقۇرمەنلىك دەرىجىمىزنى مۇئەييەن دائىرىگە ۋە ئىچكىي بېسىمغا ئالغان بولىدۇ، ھەمدە ئاڭا پائالىيەت بوشلۇقى بەلگىلەپ بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.تۇلۇق ئوقۇش »ئىيۇن 30
تويلار سىرى ۋە باياۋان ئىستىتىكىسى
ئە.ئوسمان شۇ كۈنى ، سۈرگۈنگاھ زىياپىتىدە ، دېڭىزلارنىڭ تاۋۇسى بولغان ئىدى مەي ، كەچكى شەپەقتە دائىم يېتىپ كېلدىغان قار مەرمەر تاشتا نۇر سۇنغاننى كۆرەر يېقىملىق قۇچار يىراق قاغىلارنى تويلار سىرىدا . ئىيۇن 22
ئاپرېل 24
ئوتتۇز ياشلاردىكى ئايال مېتافىزىكىسى ۋە ئەسەر ئۈستىدىكى تەھلىل
ۋەفىقخەنسە (سۈرىيە)
ئەخمەتجانئوسماننىڭ يۇقۇرىدىكى ”ئوتتۇز ياشلاردىكى ئايال مېتافىزىكىسى“ دېگەن شېئىرىنىڭ سۇمرۇغدىكى بەزى تورداشلار تەرىپىدىن خاتا ئوقۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سۈرىيە لاتاكىيە ئۇنۋېرستىتىئەرەپ تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىنىڭ پروفىسسۇرى، ئەرەپ دۇنياسىغا تونۇلغان ئوبزورچى ۋەفىقخەنسەنىڭ مەزكۇر شېئىر توغرىسىدىكى ماقالىسىنى يوللىدىم. بۇ ماقالىنى ئەرەپچىدىن ئەخمەتجانئوسمان تەرجىمە قىلغان. ئاپرېل 19
نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەقىقىدە بەس-مۇنازىرە
تەلئەت ئىمىن تەرجىمىسى
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بۈگۈنكى كۈندە ھەممەيلەننىڭ كۆزىنى قىزارتىدىغان، سوممىسى بىر مىلىيۇن دوللاردىن ئاشىدىغان، دۇنيادىكى ئەڭ ئابرويلۇق ھەم سوممىسى ۋە تەسىر كۈچى يۇقىرى بولغان مۇكاپات. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر نوبېل مۇكاپاتى بېرىلگەن بەزى شەخسلەرگە قايىل بولمايدۇ، ياكى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش پىرىنسىپىنى چۈشەنمەيدۇ. بىز بۇ ماقالە ئارقىلىق كۆپچىلىكنى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ قانداق ئادەملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە تېگىشلىك چۈشەنچىگە خەۋەردار قىلماقچى. ئاپرېل 19
شېئىر مەسىلىلىرى
ئەخمەتجان ئوسمان
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزگىچە سەزگۈرلۈك مەيدانغا كەلدى .ھازىر،ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ۋە كىتابخانلار ئارىسىدا «ئەنئەنۋى شېئىرلار ».«گۇڭگا شېئىرلار »دېگەن ئىككى ئاتالغۇ كۆپ تەكرارلىنىپ ،ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۆزلىگىدىن ئىككى چوڭ لاگېرغا بىلىنمەكتە .بەزىلەر يېڭى سەزگۈرلۈكىنى ئۇيغۇر شېئىرى ئەنئەنىسىگە تۈپتىن خىلاپ نەرسە دەپ قارىسا ،يەنە بەزىلەر ئۇنى ئەنئەنىمىزنىڭ يېڭى جەريانلىرىدىكى پەۋقۇلئاددە ھادىسە دەپ قاراۋاتىدۇ ،قالغانلىرى بولسا بۇ مۇنازىرىدە سۇكۇت قىلىپ يۈرۈشمەكتە .قانداقلا بولمىسۇن ،شېئىريىتىمىزدىكى بۇ يېڭى سەزگۇرلۇكنىڭ كۆز ئالدىمىزدا تاشلىنىپ تۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلشقا زادى بولمايدۇ .ھازىرغا قەدەر شېئىريىتىمىزدىكى بۇ يىڭى سەزگۈرلۈك سىستېمىلىق ھالدا ئىنكار قىلىنغىنى ياكى مۇييەنلەشتۇرۇلگىنى يوق ،بۇ سەزگۇرلۇكنىڭ شائىرلىرى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بۇنى كەتكەن بولسىمۇ ،ئوز سەزگۇرلۇكلىرى ھەققىدە ئاندا –ساندا سۆز ئاچقان بولسىمۇ ،يەنىلا سۇكۇت بىلەن يۈزمۇ –يۇز تۇرۇشماقتا ۋە فرانسىيە ئوبزورچىسى روھلان پارت؛«ئاۋانگارتلىق –ئۆتمۇشنىڭ يىڭى شەكلى »دىگەندى .مەن بۇ يەردە جۇرئەت قىلىپ ،(يېڭى سەزگۇرلۇكنى دورىغۇچىلارنى كۆزدىن ساقىت قىلغان ھالدا )شۇنى جاكارلايمەن :باشقىلار تەرىپىدىن «گوڭگا شېئىر »دەپ ئاتىلىۋاتقان نەرسە ئەنئەنىمىزنىڭ يىڭى شەكلى ! قانداق قىلىپ ئەنئەنىمىزنىڭ يېڭى شەكلى بولۇدۇ ؟ مارت 29
نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق(سالۋاتور كاشىموتو)مېنىڭ نەزەرىمدە شۋېتسىيە ھەر بىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىدۇر. بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ بىردىنبىر ۋە پارلاق شەرىپىگە ئىگە بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. دەرۋەقە، شۋېتسىيە پەقەت نەچچە مىليۇن نوپۇسقىلا ئىگە دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچىلىك باشقا بىرەر دۆلەت كەڭ ئەھمىيەتلىك نەمۇنە دەپ قارىلىدىغان ۋە غايەت زور مەنىۋى، ئەمەلىي كۈچ قۇدرەتنى، ئۆزى مۇجەسسەملەشتۈرگەن بۇ مۇكاپاتنى مۇۋپپەقىيەتلىك ھالدا تەسىس قىلالمىدى ۋە يولغا قويالمىدى .تۇلۇق ئوقۇش »مارت 29
قەلەمنىڭ يىلتىزى ئانا تۇپراقتائوسمان زاھىر
NattyWP wordpress themes
|