ماي 16
تارىختىكى ئون قېتىملىق تىل-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى
تارىختىكى ئون قېتىملىق تىل-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئۆتكەن 200 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مۇتلەق ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسمىلاتتاتسىيە قىلىش ۋە مەملىكەت خارەكتىرلىك تىل بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەخسىتى بىلەن بىر نەچچە قېتىم سېستىمىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا تىل-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىلدى.
تۇلۇق ئوقۇش »
ماي 11
ئېچىل پاختام
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

كۈمۈشتەك تاۋلىنىپ ئاپئاق ئېچىل رەت-رەت، ئېچىل پاختام،
ساڭا يىل بويى سىڭدۈردۈم ئەجىر-مېھنەت، ئېچىل پاختام،
ئېچىلدۇرماققا بار پەرمان يەنە مۆھلەت، ئېچىل پاختام،
بۇ كۈننىڭ سېرىقى بىزگە ئېسىل پۇرسەت، ئېچىل، پاختام،
بېشىمغا كەلمىسۇن مىڭبىر بالا-كۈلپەت، ئېچىل پاختام.
تۇلۇق ئوقۇش »
ماي 07
ئايالنىڭ كۆزلىرى

كۆزلەر سۆيگۈ جەزىرىسى كەتكەن ئۇ مۇزلاپ،
ئەينەكلەردە يەر تەكتىدىن باقار ئۇ قىيا.
مىڭ نازاكەت، مىڭ لاتاپەت…ئۆلەيم، مەن ئۆلەي
كۆكرىكىمنى تۇيدۇرماستىن يارار ئۇ گويا.
تۇلۇق ئوقۇش »
ماي 07
مــۇبــارەك
(قوشنامنىڭ يېڭى ئۆي پەتىسىگە مۇبارەكنامە)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
قوشنام، يېڭى ئۆيۈڭنى ئېلىۋاپسەن، مۇبارەك،
سۇپىسىغا كىگىزمۇ سېلىۋاپسەن، مۇبارەك،
بىر كېچىدە يۆتكىلىپ كېلىۋاپسەن، مۇبارەك،
بىر كۈن ئۆتمەي «پەتە» مۇ قىلىۋاپسەن، مۇبارەك،
چىللاپ مېھمان، ناغرا-ساز چېلىۋاپسەن، مۇبارەك.
تۇلۇق ئوقۇش »