يارغۇل: بوۋاقلار قەبرىستانلىقى

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 17 قېتىم باھا يازىمەن

 

يارغۇل: بوۋاقلار قەبرىستانلىقى

 

ۋاقىت

توپا ئاستىدىن قوپماقتا

چەكسىز ئاپتاپ

توپا ئاستىغا تارتماقتا

چىلىق-چىلىق تەرلەپ ئولتۇرۇپ

ياز سۆزلىمەكتە، كۈز ئاڭلىماقتا.

تاشقا ئايلانغان ھېچنەرسە يوق

بوۋاقلاردىن باشقا

پۈرۈم-پۈرۈم يەر

قۇدۇق

بالىياتقۇغا ئوخشايدىغان ئېچىرقاش

مېنى سەن تەرەپكە باشلاپ باردى

ۋاقىت ھاردى.

ئاسمان لۆمشىمەكتە

يىراقتا <تۇر> پەشتاقلىرى

قەلبىمدىن ئىس كۆتۈرۈلمەكتە

پۇتۇم چۆكمەكتە

بېشىم ئۆرلىمەكتە

ياز ئۆستەڭلىرى ۋاقراپ ناخشا ئېيتماقتا

مىڭ يىل ئاۋالقى ياز

مىڭ يىل ئاۋالقى مېنىڭ بالىلىقىم

قەبرىستان تەرەپتە جىنازا كۆتۈرۈپ

ئۆتۈپ كەتتى بىر توپ كىشى

ئىچىمدىن ئاڭلاندى قەدەم تىۋىشى

ۋاقىت كولانماقتا

سۈرەت تارتىۋاتقانلارنىڭ يوق ئىشى

كۆز ئەينىكىم غۇۋالاشتى

بەلكىم بۇ كۆز يېشى

يىلتىز-يىلتىز

نەقەدەر باراقسان ،نەقەدەر چوڭقۇر؟

ۋاقىتنىڭ ساقىلى ئاپتاپرەڭ

پىشانىسىدە بىر ئۆستەڭ

سۇ يۇق.

ئۇندا 300 بوۋاق

ئوينار يۇپيۇرۇق.

 

2008-يىلى

خەتكۈچلەر:


随机日志

باھا يوللاش