قەلەمنىڭ يىلتىزى ئانا تۇپراقتا
ئوسمان زاھىر
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئارىسىدا نوقۇل ھالدىكىئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئىجتىمائىي خاراكتىرلىق ، تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرگەيۈزلىنىش خاھىشى كۆرۈلدى. ئىلگىرىكى ھەجمى چوڭ ئەسەرلەرنى، مۇھەببەت ئاساسىيلىنىيە قىلىنغان يەككە سىيۇژىتلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇشتىن، ئوقۇرمەننى تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەيدىغان، ھەم تارىخىي ھەم ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرگە ئېغىش يۈزلىنىشى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى. بۇمۇ ئەلۋەتتە بۈگۈنكى رېتىمى تېز تۇرمۇش مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان يېڭى بىر تۈركۈم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەر تاللاش ئېڭى. « ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا » ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش دەۋرىدە تۇرىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ زور ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. قايتا نەشىر قىلىندى. يىراق ئوكيان مىللىتى بىلەن تەكلىماكان باغرىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىيەت ئېقىنلىرىدىكى پەرقلەر ھەققىدە نۇرغۇن ھېكمەتلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇ كىتاپ نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلب تارىنى چەكتى. ئەينى چاغدا ئەختەم ئۆمەرنىڭ « يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، بارلىق تارقىتىش ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقىتىلغان ئىدى. بۇ ئۆزنىتونۇش دولقۇنى قوزغاپ، ئۆزىمىزنىڭ رىئال ھالىتىمىزگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىدىغان ئىجابىي يۈزلىنىشنى بارلىققا كەلتۈردى. «خوتەندىن خەت» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ داغدۇغىسى، ئىجتىمائىي تەسىرى ھەرقانداق بىر ئېسىل روماندىن قېلىشمىدى.«بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار»،«قۇتۇلۇش يولى» ناملىق ئەدبىي ئاخباراتلار مۇشۇ زىمىندا نەپەسلەنگەن، مۇشۇ زىمىندا ئايىغى چىققان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالىغانلىقى ئۈچۈنلا بازارلىق ئەسەرلەردىن بولالىدى. ھازىر نەشرىيات ئورۇنلىرىمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئىجتىمائىيتېمىدىكى ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىشنى خالايدىغان بولۇشتى. پوئىزىيە ئەسەرلىرى سوغۇق مۇئامىلىگە دۇچ كەلدى. خەلقىمىز ئەزەلدىن شېئىر ئوقۇپ كەلگەن. قىيىنشارائىتلاردا ھەتتا نادىر ئەسەرلەرنى يەر ئاستىغا كۆمۈپ ساقلىغان. ھېلىھەم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ « ئىز» ناملىق نادىر شېئىرى ئۆيلەرنىڭ تۆرىدە رامكىغا ئېلىنىپ ساقلىنىۋاتىدۇ. روزى سايىتتەك خەلق سۆيگەن شائىرلار ئالتۇن ئۈزۈك بىلەن تارتۇقلانغان . نۆۋەتتە ياشلاردىن ئادىل تۇنىياز، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت ، ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىقلارنىڭشېئىرلىرىنىڭ خەلقىمىز ئىچىدە مۇقىم ئوقۇرمەنلىرى بار.
تارىختىن بۇيان تالاي ئەسەرلەر يېزىلدى. ئىنسان ھاياتلا بولىدىكەن پىكىر يۈرگۇزۇشتىن توختىمايدۇ. يازغۇچى مەلۇم دەۋرگە تەۋە ئىنسان بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان زامان، ماكاننىڭ تاشقى ھەم ئىچكى پوستىدىكى تۇرلۇك ماددىي، مەنىۋىي مەۋجۇدلۇقلارنى يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەپ كېيىنكىلەرگە ئۇچۇر بېرىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا يېزىقچىلىق قوش قاتلاملىق ۋەزىپىنى يەنى، تارىخىي ئۇچۇر ۋە مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مەنىۋىي ئۇچۇرلارنى يەتكۇزۇشنى ئۇستىگە ئالغان بولىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېقىنقى يىللار مابەينىدە زور بىر تۇركۇم يىرىك ئەسەرلەر، جۇملىدىن رومانلار بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كوتۇرۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ يەنە بىر قىسىم ئېسىل رومانلار ھازىرغا قەدەر قولدىن -قولغا ئوتۇپ، بەزىلىرى قايتا نەشىر قىلىنىش شەرىپىگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ ”ئىز“،“ئويغانغان زىمىن“، ”ئانا يۇرت“، ”قۇم باسقان شەھەر“ لەر خەلقىمىزنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. دېمەك، ئەسەر ياخشى بولسا ئوقۇرمەندىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق. يۇقىرىقى ئەسەرلەرنى خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپ قايسى؟ مېنىڭچە، بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھىيەت تىندۇرمىلىرى، يىغا- كۇلكىلىرى، تارىخىي بۇرۇلۇش پەيتلىرىدىكى مۇرەككەپ روھىي ھالەتلىرىنى ياخشى ئىپادىلەپ بەرگەن. قەلەمگە ئەمەس قەلبكە مۇراجىئەت قىلىپ يېزىلغان. قايسىدۇر بىر ئەدىب ”يېزىقچىلىق ۋىجدان ئىشى.“ دېگەن. ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ ”ئەدەبىيات مىللەتنى گۇللەندۇرمەيدۇ، ساقلايدۇ، نېمىنى ؟ ھەقىقىي ئىنساننى.“ دەپ تولىمۇ ئوبرازلىق جاۋاپ بەرگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرگەن ھەۋەسكارلار ئارىسىدا نام- مەنپەئەت شەيتىنىنىڭ ۋەسۋەسىسىدە بالدۇرراق تونۇلۇش ئۇچۇن زەربىدارلىق بىلەن ئەسەر يازىدىغان قۇيۇن كوتۇرۇلدى. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ھەقىقەتەنمۇ ئانا تۇپراقنى يىلتىز قىلغان، ئەنئەنىدىن كۆكلەپ چىققان ئەسەرلەر بولسىمۇ، بىر قىسمى ئۇ يەر بۇ يەردىن كۆچۈرۈلگەن ساختا مەھسۇلاتلار بولۇپ چىقتى. چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ بىر ئەسەر ھەتتا بىر ھېكايە ئۇچۇن نەچچە ئايلاپ، يىللاپ ئويلىنىشى، ماتېرىيال كۆرۇشى نېمە ۋەجىدىن؟ ئاخىرقى ھېسابتا ۋىجداننىڭ سورىقىغا قېلىشتىن قورققانلىقتىن بولغان. ئەسەر يېزىلىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۇز كۆرۈشكەن ئىكەن. ئۇ تۇغۇلۇپ بولغان پەرزەنتكە ئوخشاش بولىدۇ. ئۇنى خەلقنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋالالمايسىز. ئوتكۇر ئەپەندى ”ئىز“،“ئويغانغان زىمىن“ نى يېزىش ئۇچۇن، 5 شەھەر ، 12 تاغدا دەسسىمىگەن جايى قالمىغان ئىدى. شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئۇچۇن 10 يىلدەك ماتېرىيال توپلىغان ئىدى. ئەسەر يېزىلىپ پۈتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆكۈنمىدى. كوچا- كوچىلاردا بوۋاي، مومايلارنىڭ توپلىشىپ بۇ ئەسەرنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كورگىلى بولىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
ھازىر قىسمەن ھەۋەسكارلاردا ھەتتا بەزى ئەدەبىي سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىنى بىلمەي، دەبدەبىلىك قىلىش ئۇچۇن قوللىنىدىغان ناچار خاھىش بار. ھېچقانداق ئىشنى ئەپلەشتۇرەلمىگەن ئادەملەرمۇ ئەدەبىيات كوچىسىدا تەمتىرەپ يۇرىۋاتىدۇ. بىرەيلەننىڭ دېيىشىچە، ئۇ 6 روماننى يېزىپ بوپتۇ. يەنە بىرەيلەننىڭ دېيشىچە ، كۈنىگە مانچە پارچە شېئىر يازالايدىكەن. مىكىيان چېغىدا كۇنىگە بىرلا تۇخۇم تۇغىدۇ. كۆپ تۇغسا تېنىنىڭ يار بەرمەيدىغانلىقىنى، تەبئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ بولىدىغانلىقىنى، تۇغقان تەقدىردىمۇ قۇۋۋىتىنىڭ كەم بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. يەنە بەزىلەر شاگىرت بولۇش ئۇچۇن بەزى يازغۇچىلارنى ئەگىپ يۈرىدۇ. يېزىقچىلىق بىلەن ياغاچچىلىق پەرقلىنىدۇ. ئورۇندۇق ياساشنى ئۈچ كۇندە ئۇگىنىش مۇمكىن. شېئىر يېزىشنى بىر ئومۇر ئۇگىنەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. سىز قەلەم تۇتۇشنى، يازغۇچىنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتىنى ئۇگىنىۋالالىغىنىڭىز بىلەن ئۇنىڭ قەلبىنى مەڭگۇ ئۇگىنەلمەيسىز. قەلب ئىجارىگە بەرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر قىممەتلىك مۈلۈككە ئايلانغان بۇگۇنكى كۈندە ئۆز قەلبىگە چۆكەلىگەن، تىل ماھارىتى بىلەن قەلبىنىڭ پىچىرلىشىنى ئىپادە قىلالىغان ئادەم يېزىقچىلىق كوچىسىدا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.
2005- يىلى ، ئىستىداتلىق يازغۇچى مۇھەممەت باغراش پىچاندا ئېچىلغان «خانتەڭرى ئەدەبىياتى» مۇھاكىمە يىغىنى مەزگىلىدە تۇيۇق يېزىسىدىكى ساياھەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ پىشقەدەملەردىن تارىخ ئۈگەندى. دېھقان ئارىسىدا يۈرۈپ دېتال توپلىدى. دېھقان تىلىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان ھېكمەت- دۇردانىلەر ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا تېخىمۇ جۇلالىنىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ھۆسىن بەخش ئەتتى.
ئەدەبىي ئەسەرىنىڭ ھاياتىي كۈچىمۇ دەل يازغۇچىنىڭ ئەسىرى ئۇچۇن قانچىلىك مەسئۇلىيەت بىلەن قەلەم تەۋرەتكەنلىكىدە، ئادىمىيلىكنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىدە، مىللىي ئۆزلۇك ئېڭىنى ، زامانىۋىيلىق يالتىراقلىرى ئىچىدىكى ئەنئەنىنىڭ جۇلاسىنى قانچىلىك دەرىجىدە چاقنىتالىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردا ئەدەبىيات قەغەز يۈزىدىن ئېنتىرنېتقا يۈزلەندى. چەكلىمىلىك بۇزۇپ تاشلىنىپ، مىسلىسىز كەڭ بىر دۇنيا قەلەمكەشلىرىمىزگە قۇچاق ئاچتى. ئۆزۈممۇ ھەم تور يېشىمنى ﻫېسابلىسامئىككى يىلغا بېرىپ قاپتۇ. ئەدەبىيات تور بەتلىرىدە نۇرغۇن ئېسىل يازمىلارنى كۆرۈش شەرىپىگە مۇشەررەپبولدۇم. تالاي ئەخلەت يازمىلارنى ئۇچراتتىم. يەڭگىلتەكلىكلەرنى، دەقىقىلىق ﻫاياجانلارنىكۆردۈم. بىر- بىرىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن يەردە يىلتىز، ئاسماندا يۇلتۇزغىچە قايناشلار، بىلىمنى پەش قىلىپ تېرە تاراقشىتىشلار ، دېنىدىن سامىنى كۆپ يازمىلار ئىچىدە ئېزىقىپ يۈرۈپ كامىل ۋىجدان ئىگىلىرىنى ، يۈرەكنىڭ بېغىشىدىن قايناپ چىققان تەلقىنلەرنى ئىزدەشنى داۋام قىلدىم. بىراۋدىن مۇنداقبىر گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم: يەكەندە بىر سورۇندا بىر نەچچەيلەن ئولتۇرۇپ سورۇن ئەۋجىگەچىققاندا بىرەيلەن ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» نامىلىق يىگانە ئەسىرىنى دېكلىماتسىيەقىلماقچى بوپتۇ. ئارىدا بىرەيلەن:«بىز ﻫازىر ﻫاراق ئىچتۇق. بۇ بەدبۇي ئاغزىمىز بىلەن ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭئەسىرىگە داغ تەككۈزمەيلى»دەپتۇ. بۇ گەپنىڭ قانچىلىكى راست. ئەمما مەن ئاڭلاپ تولىمۇسۆيۈندۈم. ئۆزنى ﻫەم ئۆزگىلەرنى قەدىرلەش ئادىمىيلىكنىڭ مۇﻫىمبەلگىسى. نۇرغۇن ﻫەۋەسكار- يازغۇچىلارنىڭيازمىلىرى شەخسىي ئىشق، مۇﻫەببەتتىن ﻫالقىمىدى..
توم- توم كىتاپ چىقارغان بىلەن ۋۇجۇدىدا ﻫەق سۆيگۈسىيېلىنجىمىغان ئادەم ئوتۇندىنمۇ قەدىرسىز ئۆلۈپ كېتىدىكەن. كاللامغا ئۆتكۈر ئۇيغۇرنىڭ «ئېشەكئىگىسىنى ئېلىپ مىڭ قېتىم ﻫەجگە ئېلىپ بارسىمۇ ئېشەك پېتى قايتىپ كېلىدۇ.»دېگەن پىكرىكېپقالدى. يالقۇن روزى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا «ۋىجدانى بىلەن يېزىۋاتقان يازغۇچىبىر مىنىبۇسقىمۇ توشمايدۇ»دېگەن ئىدى. ﻫازىرمۇ ﻫەم شۇ ﻫالەتتە دېگەن قاراشتىمەن. مېنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىئىخچاملاش زۆرۈر بولۇپ قالدى» دەپ چالما – كېسەككە قالغۇم يوق. ئەمما «ناچار يازمىلارنى ئىخچاملاش زۆرۈر بولۇپ قالدى.» دەيمەن. يازغۇچىلىرىمىز نەزەر دائىرىسىنى بىر ئاز كېڭەيتسۇن. ئەدەبىيات ئېسىل ئىلىم. بىراقئەدەبىيات ﻫەممە ئەمەس. پەرەڭلەر نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشبىلەن بىرگە ئاتوم بومبىسىنىمۇ ياساپ چىقتى. تار قىسلچاققا قىسىلىۋالغانلار ئۆچەكتىنچىقسۇن. سازلىق پاقىسىدەك كاكىراش ئەمدى ئاقمايدىغاندەك تۇرىدۇ. «سۆز ۋادىسىدا تىنەپيۈرگۈچى» ئەمەس «تەپەككۇر قىلغۇچى ، ئىبرەت ئالغۇچى» قەۋملىك سۈپىتىگە ئىگە بولۇشئاسان ئەمەس.
بەرﻫەق، ۋىجدان ﻫەققىدە تولا سۆزلەپ قەلەم ، ئېغىزلار ئۇپرىدى. سىياﻫ قۇرىدى. قۇلاقلار يەنىمۇ ئېغىرلىشىشقا ، دىللار قەساۋەتلىشىشكە يۈز تۇتتى. يازغۇچى پەرىشتە ئەمەس. شۇ ۋەجى ئۇمۇ خاتالىشىدۇ. بىراق، ئۆزى تەۋە ئىتنىك توپنىڭ روﻫىي كەچۈرمىشلىرىنى ، ئۆزىنىڭ روﻫ قاتلىمىدىكى پاكىزتۇيغۇلىرىنى قازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەخلاقنىڭ كۇرسى چۈشكەن بۇ زاماندا ئىنسانسۈپىتىدە ياشىشى لازىم. بۇنىڭ بىرىنچى شەرتى سەمىمىيەت، پاكىزە ئەقىدە . ئۇ تۇرمۇش ئۈگىنىمەن ، دېگەنچىرايلىق قالپاقنى كىيىۋېېلىپ پاﻫىشىلەرنىڭ قۇچىقىدا ياشايدىغانلارنىمۇ، كەيپ سورۇنلىرىدائىشتەي قوشىقى توقۇيدىغانلارنىمۇ ياكىبايراملىق قوشاق زاۋۇتىنى ئىشقا سالىدىغانلارنىمۇ تەرك ئېتىدۇ. پاكىزە بۇلاق سۈيى زىمىننىڭ چوڭقۇرىدىن سىرغىپچىققىنىدەك بۇنداق «ئىپپەتلىك» يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىدىن سىرغىپ چىققىنمۇ كۆپ ﻫاللاردا ئۆزىدىن ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرىدىغان ئەسەرلەرگەئايلىنىدۇ. ﻫازىر يېنىدا تاماكا ئالىدىغان پۇلى تۈگەپ قالسىمۇ شاققىدەتۆت قىرلىق قوشاقتىن نەچچە كۇبلېتنى توقۇپ تەﻫرىر بۆلۈمگە يۈگۈرىدىغانلاربار. سىز قەلەم ساﻫىبى ئىكەنسىز خەلقنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قاننىڭ ﻫارارىتىنىئۆلچەپ تۇرۇڭ. «سىز ﻫەرقانچە نوچى بولغان تەقدىردىمۇ ئىگىزلىكتە تاغلارغاتەڭلىشەلمەيسىز. بەقۇۋۋەتلىكتە زىمىننى تېشىۋېتەلمەيسىز.» خەلقتىن ئايرىلىپ قېلىشكەچۈرگۈسىز پاجىئە. بىر دېﻬقان بىلەن بىر شائىر ياكى زىيالىينىڭ بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئازادە پىكىر ئالماشتۇرالماسلىقى ئۇيۇمنىمىللەت نامى قىلغان ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى ئورتاق پاجىئەسى. روﻫىي بىرلىك تاپالماسلىقنىڭنېگىزى ئېتىقاد بىرلىكى تاپالماسلىقتا. چۈنكى سىز ۋە بىز خەلقنىڭ نازۇك كۆڭۈلتارلىرىنىڭ ساداسىنى، پاكىزە تۇپراقنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ تۇرغان، كۈلكىسى ﻫەميىغىسىنىڭ مېغىزى بار بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقارغان.
ئەسەرلەر يېزىلىۋاتىدۇ. «خەلق باﻫا بېرىدۇ» دېگەن چىرايلىقپەتىۋاغا كۆنگەنمىز. ئەرەپ ئالىملىرىدىن بىرىنىڭ ئالدىغا ئەينى چاغدا ئايىغى چىقمىغانبىر مەسىلىگە پەتىۋا بېرىشكە بىر نەچچە ئادەم كەلگەن ئىكەن. يەنى«قانجۇق ئېمىپ چوڭبولغان پاخلان ﻫالال بولامدۇ ياكى ﻫاراممۇ؟» بۇ ئالىم مۇنداق مەشﻬۇر پەتىۋا نى بەرگەن ئىكەن: «قويچوڭ بولۇپ مەرىسە ﻫالال بولىدۇ. قاۋىسا ﻫارام بولىدۇ.»
يازغان يازمىلىرىمىز «قاۋامدۇ» ياكى «مەرەمدۇ» يەنىلاكۈتۈشكە مەجبۇرمىز. ئۇنۋېرستىت ياتىقىدا شۇنداق بىر چاقچاق بولۇنغانئىدى. خوتەنلىكبىر ساۋاقدىشىم بىلەن شېئىر ﻫەققىدە سۆزلىشىۋېتىپ «مەن شېئىر يازمىسام خەلقىمگە يۈزكېلەلمەيمەن.» دېگەنتىم. ئۇ «-سەن شېئىر يازمىساڭ ئاندىن خەلقىڭگە يۈز كېلەلەيسەن.»دېگەن. ئەينى چاغدا بۇ بىر چاقچاق تەرىقىسىدە ئۇنتۇلغان بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە يازغان ﻫەميېزىۋاتقان شېئىرلىرىمنى، ئوقۇۋاتقان شېئىرلارنى دەڭسەپ كۆرۈپ ساۋاقدىشىمنىڭ سۆزىنى چاقچاق تەرىقىسىدە ئەمەس ﻫەقىقىيئۆلچەم سۈپىتىدە تونۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ﻫېس قىلىۋاتىمەن.
بىر مەسىلىدە ئۆز پىكرىمدە جاﻫىللارچە قالىمەن. ئۇ بولسمۇ «يازغۇچىمۇ بىر ئادەم . ئۇمۇ خاتالىقتىن خالىي ئەمەس.» پىكرىنىڭ ياقلىغۇچىلىرىغا دەيدىغىنىم:«يازغۇچى خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، لېكىن ئۇ ۋىجدان خاتالىقى بولماسلىقى كېرەك.»
قەلەم ﻫەققى موچەنلەپ ﻫېسابلىنىدىغان بۇ دەۋردە يەنە شۇنچە يازغۇچى، شائىر ، ﻫەۋەسكارنىڭبۇ كوچىدا يۈرىشىنىڭ ئۆزى قالتىس ئىش. ﻫەۋەسكارلارمۇ يېزىپ باقسۇن. «ﻫەممە قويلار ئىلگىرى قوزائىدى » دېگەندەك بىزمۇ ئىلگىرى ﻫەۋەسكار ئىدۇق. گەپ نېمىنى يېزىشتىلا ئەمەس نېمىنى ئېلانقىلىشنى بىلىشتە.
ئاپتونوم رايونىمىزدا شائىر، يازغۇچىلار قوشۇنى خېلى زور كۆلەمگە ئىگە بولدى. سەنئەت خۇرۇچى تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر مىللەتكە نىسبەتەن بۇ مۇقەررەر نەتىجە بولسىمۇ، ھەقىقىي نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئاز بولىشى يۈرىكىمىزنى سىلاپ بېقىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. پىكىردىكى قاتماللىق، تىلدىكى ئېغىرلىق، ئىپادىلەشتىكى يۈزەلىك، تېمىدىكى تەكرارلىق نۆۋەتتىكى نۇرغۇن ئەسەرلىرىمىزنى بويۇن قىسىشقا مەجبۇر قىلماقتا.
قاپىيە لۇغىتىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئاچچىق قارا يۇمۇر. بارماق پۈكۈپ ئولتۇرىدىغان ھەۋەسكارلارنىڭ كۆپىيىشى كەلگۈسى شېئىرىيتىمىزنىڭ پاخاللىشىش تەقدىرىدىن بېرىلگەن بىشارەت. بازار ئىگىلىكى دەۋرىدىكى ئىقتىسادىي ئىمكانسىزلىق قىسماقلىرىدا قىسىلىۋاتقان قىسمەن شائىر- يازغۇچىلىرىمىز قورساق ھەلەكچىلىدە قەلەمنى قويۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئاقىلانە تاللاش. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى دولقۇنى يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى سۈكۈنات، دېيىش مۈمكىن. يازغۇچى، شائىرلىرىمىز ئويلاندى. رىئاللىق بىلەن روھىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. پۇل ۋەسۋەسىسىدە قالغان قەلەمكەشتىن ئۆلمەس ئەسەر كۈتۈش قىيىن. شۇنىڭدەك، نامراتلىقىدىن نانغا زار ھالەتكە چۈشۈپ قالغان قەلەمكەشنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئەسەر ئەمەس، مۇڭ تۆكۈلىدۇ. مەلۇم شائىرنىڭ تەرجىمىھالىدىن ئۇنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى، شېئىرغا بولغان ئاشىقلىق سەۋەبىدىن بىر بالىنى يىتىم قىلىپ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئوقۇپ، چوڭقۇر خىياللارغا چۆكتۈم. شېئىرغا يۈز كېلەلىگەن شائىر ئائىلىسىگە يۈز كېلەلمىدى. بۇمۇ بىر خىل پاجىئە. رىئاللىقتىن قېچىشتەك پاسسىپ ئىدىيە تەسىرىدە شەكىللەنگەن ئىقتىسادىي ئۈزۈكچىلىك، پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، ئائىلىنى گۈلىستانغا ئەمەس گۆرىستانغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ماھىيەتتە شائىرنىڭ بۇرچكارلىق تۇيغۇسى سۇسلۇقىنى دەلىللەيدۇ. مىڭ كۇبلىت پاساھەتلىك شېئىر يازغاندىن ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىك ۋەتەن ئۈچۈن بىر مەررە گۈلخان بولۇپ كۆيۈپ بېقىڭ. سىز شائىر ئەمەس ئالدى بىلەن بىر ئەركەك بولۇڭ. ئەركەكلىك لەززىتىگە چۆمۈلگەن شائىردىن ئۆلمەس ئەسەرلەر تۇغۇلغۇسى.
سىز ئۆزىڭىز بەرپا قىلغان باياۋاندا بىر نامسىز تاش بولۇپ تۇرىۋەرسىڭىز ھېچكىم نەزەرىنى سالمايدۇ. ئەل ئارىسىدا ياشاپ ، ئاشۇ ئۈزۈلمەس ئېقىندىن چەشمە سۈزگەن تالاي شائىرلىرىمىز ئۆتكەن. «سالغا تېشى»، «تاشقاتما»قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنىڭ ساھىبى، ئۇستاز شائىر بوغدا ئابدۇللا قۇمۇل سەپىرىدە نۇرغۇن دېھقان- چارۋىچىنىڭ ئائىلىسىدە قوندى. تۇرمۇش ئۈگەندى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا دېھقانچە پەلسەپىگە باي پىكىرلەر، تەبىئەتنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرى، تارىخ ئېقىنىنىڭ جىمجىت شاۋقۇنلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭىمۇ ئۇ «شائىر بىر پارچە ساپال پۇچىقىدىنمۇ چاقناپ تۇرغان پىكىرلەرگە ئېرىشەلەيدۇ» دەيدۇ. ئالىي مەكتەپنىڭ شېئىرىيەت دەرسىنى ئۆتۈۋاتقان مەزگىللىرىدە شائىر قۇمۇل خەلق قوشاقلىرىدىكى يېڭىچە شېئىر ئېلمىنتلىرى ھەققىدە توختىلىپ:«يالغۇزۇم يالغۇز تېرەكنىڭ تۈۋىدە ياتۇرمۇسىز، مىڭ تىكەننىڭ دەردىنى بىر گۈل ئۈچۈن تاتۇرمۇسىز» ناملىق قوشاقنى تەھلىل قىلغان ۋە تەنھالىق يۈكسەك دەرىجىدە تىپىكلەشتۈرۈپ ئىپادە قىلىنغان شېئىر ،دەپ باھالىغان ئىدى. قۇمۇلنىڭ باغداش تېغىدا زىيارەتتە بولغاندا ئۆزگىلەر مەنزىلەرنى زىيارەت قىلىش بىلەن ھەلەك بولسا، ئۇ دېھقانلار بىلەن سىرداشتى. تاش قىسىلچىقىدىكى بىر كېلەرنى كۆرگەن شائىر دەرھاللا بىر پارچە شېئىر يېزىپ بىزگە ئوقۇپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىكى تۇرمۇشقا بولغان ئەستايىدىللىق ۋە مۇھەببەت نەقمەيداندىكى ھەۋەسكارلارنى تولىمۇ قايىل قىلغان ئىدى.
بوغدا ئابدۇللا بىر قېتىملىق سۆھبەتتە شۇنداق دەيدۇ: -ئاڭلىسام، ھازىر بىزدە 3000 دىن ئارتۇق ئادەم شېئىر يازىدىكەن. يەنە قىز- ئاياللارمۇ يېزىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بەك سۆيۈنىمەن. يەنە مېنى تولىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى، ياشلاردىكى بىر خىل ياۋايى روھ. بۇ بولماي مۈمكىن ئەمەس. ئىلگىرى بىز ياۋايى بولغان، بىزنىڭ قېنىمىزدا ياۋايىلىق بار، مۇشۇ ياۋايىلىقنى تاشلاپ قويساق بولمايدۇ.
ئاقسۇدىكى قىرمىش ئاتام مازىرىدىكى ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە تولغان مەنزىرىلەر ھەققىدە ئۇ بىر تۈركۈم ئېسىل شېئىرلارنى يېزىپ ئېلان قىلدى. ناۋادا ئۇ ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ مەۋجۇتسىز يارى ھەقىدە نەزمە تۈزۈپ ئولتۇرغان بولسا ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ئاتا قىلىۋاتقان روھتىن ئايرىلغان، ئۇنىڭ شېئىر توپلاملىرى توپا باسقان كىتابلار تىزىملىكىدە ئاللىقاچان بويۇن قىسقان بولاتتى. ئۇ ئىككى پۇتى بىلەن مېڭىپ يۈرۈپ رىئاللىقنى كۆزىتەلىدى. شائىر ئالاھىدە ئىنسان ئەمەس. ئۇنىڭ يۈرىكى ئالدى بىلەن ئادىمىيلىك بىلەيلىرىدە بىلىنىپ تۇرۇشى، ۋۇجۇدى ھەق سۆيگۈسىدە يالقۇنلاپ تۇرىشى كېرەك. شائىر شېئىر يېزىۋاتقاندا ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئاسانلىقچە نېسىپ بولمايدىغان شېئىرىي كەيپىياتقا چۆمۈلىدۇ. لېكىن ئۇ پەيغەمبەر قەۋمىدىن ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر قەۋمىدىن. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرنىڭ تىنىقلىرى كېلىپ تۇرسۇن. شائىرلىق دەۋاسى قىلىپ يۈرگەن بىر ھەۋەسكار بار ئىدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل مۇددىئاسى ژۇرنالدا ئەسەر ئېلان قىلىش ئىدى. قايتا- قايتا تۈزىتىش ئارقىلىق ئۈچ پارچە رۇبائىيسى ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بولدى. لېكىن، شۇندىن كېيىن ئۇ سۇغا چۈشكەن تاشتەك غايىب بولدى. كېيىن ئۇنىڭ ئاشۇ رۇبائىيلارنى يادلاپ، ژۇرنالنى قىزلارغا كۆرسىتىپ يۈز تاپماقچى ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. ئۇنىڭ شائىرلىقى سودا تۈسىنى ئالغان ئىدى. ئۆزبېك ئەدىب ئابدۇللا قاھارنىڭ «ئەدەبىياتقا ئوغرى مۈشۈككە ئوخشاش تۈڭلۈكتىن چۈشىدىغانلارمۇ بولىدۇ…» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ قالدىم.ياغاچچىلىققا يارالغان بەزى ئادەملەر بىر ئۆمۈر ناۋايچىلىق قىلىمەن، دەپ يېرىم ئۆمرىنى بىھۇدە خورىتىدۇ. ھەممىلا ئادەمنىڭ شېئىر يېزىش، شائىر بولۇش مەجبۇرىيىتى يوق. ناخشىچى ئىززەتلىنىپ، ئالىم پەگاغا چۈشكەن، كىيىم قەدىرلىنىپ، روھ نەزەردىن ساقىت قىلىنغان جەمئىيەتتە بىر قىسىم ھەۋەسكارلار ئۇلۇغ ئەربابلاردىن بولۇش ئىستىكىنى شائىرلىقتىن ئىبارەت «ئاسان» كەسىپ ئارقىلىق قاندۇرماقچى بولغان. بۇ «نامخۇمار» سولتەك ھەۋەسكارلار قالدۇرغان يامان تەسىر ھېلىھەم شائىرغا ھەم شېئىرغا قارا سايە تاشلاپ تۇرماقتا.
شېئىرىيەت ئوبزورچىلىقىنىڭ يەنىلا ئاجىز ھالەتتە تۇرۇپ قېلىشى بۇرۇختۇم كەيپىياتنى پەيدا قىلدى. ياخشى شېئىرلار خېلى كۆپ يېزىلدى، شېئىر توپلاملىرى خېلى كۆپ نەشىر قىلىندى- يۇ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىلىرى كۆلەم شەكىللەندۈرەلمىدى. گەپنى يەتكۈزۈش مۇھىم ئەمەس، قانداق يەتكۈزۈش ئەڭ مۇھىم. بىر پارچە شېئىرنى قاتلاملار بويىچە تەھلىل قىلىپ ھەتتا شائىردىنمۇ يۈكسەك پىكىرلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئوبزورچىنىڭ دىتىغا باغلىق. ھەق- ناھەق مەيدانىغا باغلىق، ئەلۋەتتە.
قەيسەر تۇرسۇن بىر قېتىملىق قىسقا سۆھبەت داۋامىدا:
…………………….
قولۇمغا قوش پىچاق ئېلىپ،
يۈرەكنى يارغۇدەك بولدۇم.
دېگەن خەلق ناخشىسىدىكى «قوش پىچاق»نىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، ئاشىق قولىغا قوش پىچاق ئېلىپ بىرنى رەقىبىگە سالىدۇ. بىرنى ئۆزىگە سالىدۇ. چۈنكى ئۇ رەقىبىنىڭ قېنى بىلەن بۇلغانغان پىچاقنى ئۆزىگە سېلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ، دېگەن ئىدى. «قوش پىچاق» ھەققىدىكى تەھلىل قەيسەر تۇرسۇنغىلا تەۋە بولسىمۇ ئۇ شېئىرىيەتنىڭ پايانسىز ساھىللىرىدا ئۆزىگە خاس رەڭگە ئىگە قۇلۇلىلەرنى تېرىپ بىزگە تەقدىم ئېتەلىگەن شائىرلارنىڭ بىرى.
ئادىل تۇنىياز سۈكۈتكە پاتتى. غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت ھاياتقا قويغان سۇئال بەلگىسىنىڭ سايىسىدا كولدۇرمىنىڭ ئاخىرقى ساداسىنى ئىزدىمەكتە. بىرلا شائىر توختىمىدى. ئۇنىڭدا نە قاپىيە، نە سۆز تىزمىلىرى يوق. ئۇ چىن مىلودىيىلىرى بىلەن ھاياتنىڭ ھەر بىر ئاچاللىرىدا بىردىن ئابىدە تىكلەپ ماڭماقتا. ئۇ بولسىمۇ تەبىئەت.
ئادىل تۇنىياز «3- ئايغا كىرىش» ئارقىلىق دۇنيا شېئىرىيىتىنىڭ سۈرلۈك ئىشىكىنى چەككەن ئاشۇ دەقىقىلەردە بىز ئۆزىمىزگە تەۋە قايغۇنىڭ ئاللىقاچان دۇنيانىڭ قايغۇسىغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، باغراش كۆلىنىڭ بۇلغىنىشى ئۈچۈن شىۋىتسىيە ياكى ياپونىيىدىكى بىر شائىرمۇ ئوخشاشلا ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى. نىل دەرياسىنىڭ يىغىسى تارىم دەرياسىنىڭ ئۆكسۈشىگە تومۇرداش ئىدى. دۇنياۋىي ھەسرەت شېئىرلارنى دۇنياۋىي ئوقۇرمەنلەرگە ئىگە قىلىدۇ. تارىم يولۋىسىنىڭ ئۆچكەن ئىزلىرى يوقالغان ئىنكا مەدەنىيىتىگە ئوخشاش قەلبلەرگە يىغا چىللايتتى. يۈكسەلگەن ماددىي توقچىلىق ئارقىسىدىكى پۇچۇلغان روھ ئاراشلىرىدا بىر ئاشىق ئاھ ئۇرۇپ كېلەتتى. ئۇنىڭ پۇتلىرى تىكەندە تىلغانغان، لېكىن ئۇ خۇشال ئىدى. ئۇ شائىر ئىدى. ئۇنىڭ مىسرالىرى يۇلغۇنلارنى سۈكۈتكە چىللىسا، كۇبلىتلىرى تاشلارغا ئېغىرلىق بېغىشلايتتى. ئاياغلىرىدىن ساقىغان قاندا دۇنيا پەرياد چېكەتتى. ھايات ھېچكىمنى ئالدىمىدى. ئەكسىچە بىز قەلبىمىزگە ئاسىيلىق قىلغان ئىدۇق. نارەسىدىلەرنىڭ كۆزلىرىدە مەڭگۈلۈك كېچىكىشنىڭ ئىزنالىرى يالتىراپ تۇراتتى. قوشنىدارچىلىقنىڭ سۇسلىشىشى، ئەنئەنىنىڭ يىراقلىشىشى، ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە روھىيەت بوھرانىنىڭ كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىشى ئۆزىمىز ياساپ چىققان ماددىي سەلتەنەت قورغانىنىڭ ھەيۋەتلىك تاملىرىنى زەيلەتمەكتە ئىدى. رىئاللىق چۆلىدە شاھ مەشرەپ كەبى كەزگەن مەرھۇم باتۇر روزىمۇ ئاخىرى:
زەيلىدى، تام زەيلىدى،
تامدىن ئۆتە جان زەيلىدى.
دەپ پىغان چېكىپ، شائىرنىڭ روھىيەت بوھرانلىرى ئالدىدىكى ئامالسىزلىقلىرىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. روھ چۆكۈۋاتاتتى. يەر ئاستى سۈيىمۇ چۆكۈۋاتاتتى. جاڭگاللارنىڭ ئىچكىرىسىگە قېچىپ كەتكەن بۇغا، ماراللار نەفسى ئۈچۈن ئەمدى بوسۇغىمىز تۈۋىدىن نېسىۋە ئىزدەيدىغان بولدى. بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرىدىن چەكسىز ۋەھىمىگە ۋە قورقۇنچ ئىچىدىكى لەززەتلىك ھاياجانغا چۆمۈلۈپ ئۆتكەن ئەجدادلارنىڭ شېئىرىي تۇيغۇغا باي سىماسى كۆزلىرىمىزدىن يۈتتى. پارنىك گازىنىڭ ئاتموسفىرانى بۇلغىشى، ئوزۇن قاتلىمىنىڭ تېشىلىشى قاتارلىق ئېكولوگىيىلىك مەسىلىلەر پورۇخ ھىدىغا تولغان دۇنيادا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى. كىشىلەر نېفىت باھاسىغا قىزىقىۋاتقان، ئالتۇننىڭ باھاسىغا كۆز تىكىۋاتقان مەئىشەت دۇنياسىدا شائىر ئىنساننى ئىنسان قىلىپ تۇرغان روھىيەت ھەققىدە جار سالالىغان ھەم جار سېلىشى زۆرۈر بولغان بىردىنبىر ئادەم. شائىرلار يانار تاغ ئۈستىدە مۇشائىرە قىلىپ ئولتۇرۇش قىسمىتىدىن قۇتۇلمايدىكەن، ئۇلار خارلىق باياۋانىنىڭ ئېتىبارسىز قامغىقىغا ئايلىنىدۇ. شېئىر ماددىيەتكە تەزىم قىلغان كۈن شېئىرنىڭ ھالاكەت كۈنىدۇر.قىسمەن روھى پۈچەك يازغۇچىلارنىڭ ئەمەل جاڭگاللىرىدا پالاقشىپ يۈرىشى، چىرايلىق قىزلارنى دەسمايە قىلىپ ئىت يالىقىدەك ئەمەلگە ئېرىشىۋاتقانلىقىمۇ رىئاللىق. بىر ئاتالمىش شائىر ئۆز يۇرتىدىكى بىر ئەمەلدارنى ئەۋلىياغا تەڭلەشتۈرۈپ شېئىر يېزىپ، ئۇنىڭدىن ماددىي تارتۇققا ھەم ئىلتىپاتقا ئېرىشتى. قەدىمىي ئوردا شائىرلىرىنىڭ قېنىدىكى خۇشامەت گېنلىرى يەنە ئۆزىنى ئاشكارە قىلغان ئىدى. زەققۇم دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يېگەندەك ئازابلاندىم. شائىر سۈكۈتتىن ئىبارەت يۈكسەك نېمەت ئارقىلىق تاشتەك ئېغىر ۋەزىنگە ھەم ئادىمىيەت قىياسىغا يېقىنلىشىدۇ. شېئىرنىڭ نوپۇزىنى ئەمەل جاڭگاللىرىدا خامتالاش قىلىش شائىرنى توختىماي قاۋاپ تۇرىدىغان ئىتقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئىتنىڭ قاۋىشى خەسىدىنمۇ ئېتىبارسىزدۇر. شېئىر پاكىز قەلەم بىلەن ئاغدۇرۇپ تېرىلغان سېھىرلىك ئۇرۇق. ئۇنىڭ ھەر بىر بىخچىلىرىدا سۈپسۈزۈك بىر سەھەر يالتىراپ تۇرۇشى كېرەككى، ئاسىيلىق ۋە مۇناپىقانە كۈلۈمسىرەشنىڭ مانانلىرى ئۇنىڭغا يېقىن يولىمىسۇن، قارا كېچىدىكى قارا تەشتەك ئېغىر سۈكۈتى ئىچىگە قۇياشنىڭ پارلاقلىقى ۋە ئەتىنىڭ زىياسىنى مۇجەسسەم قىلسۇن.
مەنبە: يازغۇچىلار مۇنبىرى
خەتكۈچلەر:ئوسمان زاھىر
سىناق!
سىناق ئىنكاس