سىرىنگۇل كۈيى

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 187 قېتىم باھا يازىمەن

 

سىرىنگۇل كۈيى

 

(1)

زەر چايشاپلىق ھالرەڭ تۈنلەرنى

سۈمۈرگەندە…كىرپىكىڭ جۈپلەپ؛

بىللە ئۆتكەن قۇۋناق كۈنلەرنى

خاتىرىمگە سالىمەن تۈپلەپ.

 

كۆيىۋاتقان ئەسلىمەم ئارا

چەكسىز كۆككە بالىقىغاندا ئاي؛

كۈي شېخىدا يۈرىكى يارا

كەشتىلەيدۇ تۈننى ئۇخلىماي.

 

يۇلتۇزلاردۇر قۇرىغان كۆزلەر

ھېجرانىڭغا يىرتىلغان يەلكەن.

ساڭا ئاتاپ ئېيتىلغان سۆزلەر

دولقۇنلارنىڭ ئاستىغا چۆككەن.

 

ئاققان ياشتەك.. يا چۆككەن  تاشتەك

كېچىلەرنى سۇغاردىڭ نەمدە.

كۆكرىكىمدە لىكىن قوياشتەك

بىر يارا بار…ئېچىشار غەمدە.

 (2)

ئاھ ،سىرىنگۇل، گۇڭگا ئاق تۇمان

دىدارىڭدىن تېشىلدى سەبرەم.

ھاياتىمغا مەڭگۈلۈك گۇمان

كۆكرىكىڭدە قالارمۇ قەبرەم؟

 

شات كۈيلەيسەن شۇ قەدەر قۇۋناق

نىگاھىڭغا سىڭەر كەڭ دالا.

يېشىل كۈيلەر ئەۋجىدە ئويناق

مەن چوڭ بولماس بىر سەبى بالا.

 

بوسۇغامدا گۈللەرنى ھالرەڭ

تاڭ شولىسى تەۋرەتكەندە سۇس؛

ئويغىنانساڭمۇ كۆزۈم بىلەن تەڭ

كىرپىكىمدە ئۇچىسەن ئەپسۇس.

 (3)

نادامەتلىك شىۋىرلار تۈنلەر

ساددا ئاسمان باقار يىراقتىن.

قۇلۇقۇمدا پەرىشان ئۈنلەر

ئۇخلىيالماس قەلبىم پىراقتىن.

 

دەرەخلەرنىڭ سايىسى ئارا

ئۇيۇپ قالغان مەڭگۈلۈك ئىزلار؛

پەقەت قىپتۇ كۆكسۈمنى يارا

مېنى سۆيگەن ، مەن سۆيگەن قىزلار.

 

ئاھ، سىرىنگۇل، ھەسرەتلىك ئارمان

سەنلا پەقەت شامسەن…بىر تال شام.

زۇلمەت پەيتى چاقناپ شۇ ھامان

تەڭلەپ تۇردۇڭ ماڭا ئالتۇن جام.

 

مەست قىل مېنى..شىركەيىپ ، غالجىر

ئۇنتۇپ كەتكۈم كېلەر ئۆتمۈشنى.

كېرەك ئەمەس ھېچنىمە ھازىر

كۆرگۈم باردۇر پەقەت بىر چۈشنى.

 

چۈشلەر ئارا ئۇنتۇلسۇن تىترەك

ئۇنتۇلسۇن ھەم زەھەرلىك گۈللەر.

ساڭا ئۈنسىز تېۋىنار يۈرەك

نېسىپمىدۇ بەخىتلىك كۈنلەر؟……

 

2008.12.24

خەتكۈچلەر:


مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش