دۇنيا تارىخىدىكى 9 قېتىملىق ئەشەددىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق پاجىئەسى

تەرمە ئەسەرلەر| زىيارەت: 361 قېتىم باھا يازىمەن

دۇنيا تارىخىدىكى   9 قېتىملىق ئەشەددىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق پاجىئەسى

  دۇنيا تارىخىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق پاجىئەلىرىنى تىزىپ چىقساق تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بولىدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى ۋە ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ھېسابقا ئېلىنماي پەقەت ئەسكەرلەرنىڭپۇقرالارغا( قۇرال تاشلاپ ئەل بولغان ئەسكەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تىزىپ چىقىلدى.

 

1-     رۋاندادىكى قىرغىنچىلىق ، ئۆلگەنلەر سانى 1مىليون

     1994- يىلى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى، رۋاندا پرېزىدېنتى خابىيالىمانا قوشنا مەملىكەت تانزانىيىگە تىنچلىق سۆھبىتىدىگە قاتنىشىپقايتىش سەپىرىدە ئۇنىڭ ئايرۇپىلىنى نامەلۇم ئوق تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشىرىلىدۇ،ئايروپىلاندىكى ھەممە ئادەم قازا قىلىدۇ ، خۇتۇ مىللىتىدىكى رادىكال ئۇنسۇرلار رۋاندا ھۆكۈمىتىنى كونترول قىلىۋالىدۇ، 4- ئاينىڭ 7- كۈنى دۇنيانى زىل-زىلگە سالغان رۋاندا قىرغىنچىلىقى باشلىنىدۇ.خۇتۇ مىللىتىدىكى رادىكال ئۇنسۇرلار پرېزىدېنت خابىيالىمانانىڭ تۇشى مىللىتىدىكى پارتىيىلەر بىلەن ھوقۇقنى ئورتاق ئىشلىتىش توغرىسىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويدى دېگەننى بانا قىلىپ ئۇنى قەستلىگەن ئىدى. ئارقىدىنلا ئۇلار پىلانلىق ھالدا خۇتۇ مىللىتىدىكى مۆتىدىل سىياسىيون ۋە تۇشى مىلللىتىدىكى رەھبەرلەرنى قەستلەپ ئۆلتۈرىدۇ، ئارقىدىن ئۇلار بارلىق تۇشى مىللىتىنى قىرىپ تاشلاشنى قەستلەيدۇ، ئىستاتىسكىغا قارىغاندا، كېيىنكى 100 كۈن ئىچىدە بىر مىليون غا يېقىن ئادەم ئۆلتۈرىلىدۇ، بۇ دۇنيا تارىخىدىكى سۈرئىتى ئەڭ تىز بولغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى ھىساپلىنىدۇ.ئاخىر تۇشى مىللىتىدىكى رەھبەرلەر ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بۇ ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىدۇ. 

2-         رەنمىن ”غۇزلارنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى“، ئۆلگەن پۇقرا 1 مىليون

   غۇزلار جوڭگۇ زېمىنىنى قالايمىقان قىلغان مەزگىلدە ، ئىچكى تۈزلەڭلىككە ئەتراپتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بېسىپ كىرىپ، خەن مىللىتىنى تالان -تاراچ قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى قۇل قىلىدۇ، ئۆچ ئېلىشنى ئويلىغان پادىشاھ رەنمىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تازىلاش دېگەن چاقىرىقنى ئېلان قىلىپ، غۇزلارنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن سۈپۈرۈپ تازىلاشنى جاكارلايدۇ، ئەگەر ئۇلار چېكىنىپ چىقىپ كەتمىسە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇيدۇ، مانا بۇ تارىختىكى مەشھۇر ”غۇزلارنى ئۆلتۈرۈش بۇيرىغى“دۇر. شەنشى جەنۇبىدىن تارتىپ خېبېينىڭ چاڭبەيشەن تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلاردىلا ئۆلتۈرۈلگەن ئاق ھۇنلار 600 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 400 مىڭ كىشى رەن مىن نىڭ مۇنتىزىم ئەسكىرى تەرىپىدىن قىرىلىدۇ، ئىككى قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا ئۆلگەن كېش مىللىتى 320 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، شۇندىن بېرى بۇ مىللەت تارىختىن يوقالغان.  

3-         ئەرمىنىيىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق, ئۆلگەن پۇقرا 1 مىليون 500مىڭدىن ئاشىدۇ 

 ئەرمىنىيە تاشقى كاۋكاز رايۇنىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، تۈركىيىنىڭ شەرقى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، تارىختا ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىتەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، ئەرمىنىيە دائىرلىرىنىڭ تارىخى خاتىرلىرىگە قارىغاندا، 1915-1923 يىلىغىچە، ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئەرمىنىيىلىكلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قوللانغان ۋە 1.5 مىليون پۇقرانىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئەرمىنىيە چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسى بولسا ئەرمىنىيلىك ئىككى مەشھۇر تارىخشۇناسلارنىڭ“ كۆك تاشلىق كىتاب“ئى بولۇپ،ئۇنىڭدا 1915-1916 يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەرمىنىيىلىكلەر چوڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان، ”كۆك تاشلىق كىتاب“تا چوڭ قىرغىنچىلىققا ئائىت 150 نەچچە دەلىل كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى ئەرمىنىيىلىكلەرنى قىرغان ۋاقتى 1877 – يىلدىكى روسىيە – ئوسمانلى جېڭىدىن كېيىن باشلانغان دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ دوكلاتتا: ئەرمەنىيە ئەركەكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاھالىسىدىكلەر يۇرتىدىن ئايرىلىپ كېتىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ئايرىلىش مەنزىلى ۋە مۆھلىتى ئۇقتۇرۇلىدۇ.ئەگەر بۇ كىشىلەر بۇيرۇق بويىچە يۇرتتىن ئايرىلمىسا ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئامانلىق ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، ئۇلارنى زىندانغا تاشلايدۇ، ئاندىن ئۇلارنى ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئۇختۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا ”جىنايەتچى ”دېگەن نام بىلەن موسۇل ۋە باغداتتىكى زىندانغا يۆتكەيدۇ، بۇ كىشىلەر كۆپىنچە بىر نەچچە يۈز ئادەم بىر تۆمۈر زەنجىر بىلەن باغلىنىپ، كەڭ سايلىق يەرگە ئاپىرىلىپ قىرغىن قىلىنىدۇ.

4-      رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلىشى. ئۆلگەن ئادەم بىر يېرىم مىليۇندىن ئارتۇق

  مىلادىيە1- ئەسىردە، رىم ئىمپېرىيىسى پەلەستىننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى يەھۇدىيلار باسقۇنچىلارغا قارشى نەچچە رەت قوزغىلاڭ قىلىدۇ، بىراق ھەر قېتىم ئىمپېرىيىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا دۇچار بولىدۇ، مىلادىيە 135 – يىلى قوزغىلاڭچى يەھۇدىي ئاممىسى يەنە باستۇرۇلىدۇ ۋە مەغلۇپ بولۇپ بىر يىل ئىچىدە بىر يېرىم مىليون كىشى قەتلە قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار پەلەستىن رايونىدىن قوغلىنىلىپ، غەربىي ياۋروپادىكى يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ ئىشلەمچى قۇل بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. 

5- گېرمانىيىنىڭ يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلىشى ، ئۆلگەنلەر 6 مىليون

- 1939يىلى نېمىس ئارمىيىسى پولشاغا بېسىپ كىرىدۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش دەسلىپىدە ، گېرمان ئارمىيىسى ھەربىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ غەلىبە قىلىدۇ، ۋە ياۋروپا ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئىشغال قىلىدۇ، 1941- يىلى چوڭ قىرغىنچىلىقنى باشلايدۇ . تەخمىنەن 6 مىليون يەھۇدىي ۋە 250 مىڭ مېيىپ نېمىس ئاممىسىنى ئۆلتۈرىدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ ھايات قالغانلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدۇسېۋىت ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن جايلار ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، پولەك ۋە باشقا ئىرقتىكى پۇقرالارغا ئىرقىي يۇقۇشۇش قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ

6-  بەش غۇزلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى قالايمىقان قىلىشى، ئۆلگەن ئادەم 10 مىليۇندىن ئاشىدۇ.

چېگرىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەن بەش غۇزلار ئىچىدە كېش، ئاق ھۇن، دىڭلىڭ، سىيانپى، لۇشۇي غۇزلىرى ۋە توبا ھۇنلىرى قاتارلىق قەبىلىلەر بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن شىمالى يايلاق رايوندىكى مىللەتلەر ئارىسىدا ئۇرۇش ھالىتى بار ئىدى. بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى كۆك كۆزلۈك ئاق تەنلىكلەر بولۇپ، ئۇلار بېسىپ كىرگەن رايون ۋە يېزا مەھەللىلەردە ئەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ئايال- قىزلىرىنى دېدەك قىلىشقا بۇلاپ كىتەتتى ياكى باسقۇنچىلىق قىلىپ تاشلايتتى. كېش قەبىلىسى قۇرغان ھاكىمىيەت بىر مەزگىل راۋاج تاپقان خەن مىللىتىنى قىرىپ ھالاكەت گىردابىغا كەلتۈرۈپ، يۇقىلاي دەپلا قالغان ئىدى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە پەقەت 4 مىليون خەن مىللىتى قالغان ئىدى، غەربى جىن سۇلالىسىدا بولسا 20 مىليون خەنزۇ بار ئىدى. رەنمىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن،“5غۇزلارنى قىرىش“ بۇيرۇقى چۈشىرىپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلىۋالغان ئىدى. 

7- تەيپىڭتيەنگو ئىنقىلابى، ئۆلگەنلەر 10 مىليۇندىن 15 مىليون غىچە. 

خوڭشىئۇچۇئەن رەھبەرلىكىدىكى بۇ ئىنقىلاب6 يىل داۋام قىلغان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 10 مىليون دىن ئاشىدۇ دەپ پەرەز قىلىنىدۇ. 

9-مانجۇلارنىڭ بېسىپ كىرىشى: ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىليۇندىن ئاشىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

10- موڭغۇل ئىمپېرىيىسى مەزگىلدىكى ئۆلگەن پۇقرا 200 مىليون 

 بۇ ئىمپىرىيىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش رېكورتى تارىختا داڭلىق بولۇپ، 1- ئورۇنغا مۇناسىپتۇر.بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلگەن خەنزۇ پۇقراسى 30-40 مىليۇنغىچە ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىيا ۋە غەربىي ياۋروپادىكىئۆلگەنلەر سانى 200 مىليون ئەتراپىدا 1122 يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە، خەنزۇلار نوپۇسى 93 مىليون 470 مىڭ بولسا، 1274- يىلغا كەلگەندە 8مىليون 870 مىڭغا چۈشۈپ قالغان، دېمەك ٪91 ئادەم قىرىلىپ تۈگىگەن.  

 

ئىزاھات؛ بۇ ماتىريالنى قەيەردىن ، قاچاندا كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق، خاتىرلەپ قويۇپتىكەنمەن. شۇ پېتى چىقىرىپ قويدۇم.

خەتكۈچلەر:


随机日志

«دۇنيا تارىخىدىكى 9 قېتىملىق ئەشەددىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق پاجىئەسى» غا 3 تورداش باھا بەردى

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان: (2011-03-31 | 14:14) | جاۋاب

    ئاخىرىدىكى بايانلار سەل ئەقىلگە سىغمامدۇ قانداق؟

  2. owchi مۇنداق يازغان: (2011-03-31 | 16:21) | جاۋاب

    بۇ بايانلارنىڭ پاكىت ئاساسى ئەسلى ماقالىدىمۇ ئەسكەرتىلمىگەنكەن. مەنمۇ قىزىقىپلا ساقلاپ قويغان خالاس.

    • AbdulGheni مۇنداق يازغان: (2011-04-20 | 12:40) | جاۋاب

      مېنىڭچىمۇ ئاخىرىدىكى بايانلار بىرخىل ئەقىلگە سىغمايدىغاندەك…،مەنچە بولغاندا موڭغۇل ئېستىلاسىدا ئازلىغان خەن نوپۇسى ،ھازىرقى ئۆزبىكىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئۆزبىك سالاھىتىدە ياشاۋاتقىنىغا ئوخشاش ئۆز سالاھىتىدىن مەھرۇم بولغاندىن كېيىن ئازلىغان دەپ قاراشقىمۇ بولامدىكىن …(شەخسى كۆزقارىشىم خالاس)

باھا يوللاش