شېئىرىي تىل ۋە سۆز

ماقالە-ئوبزورلار باھا يازىمەن

 

شېئىرىي تىل ۋە سۆز

 

ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان

 

(ماقالە)

  

ئىنسانىيەتتە، مەڭگۈلۈكلىكىدىن ئەنئەنىگە، جەۋھەرلىكىدىن دائىم يېڭى شەكىلگە ئىگە بولغان بىر تىل لەھزىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ــ شېئىردۇر. شېئىر ھېسسىيات بىلەن ئەقىلنىڭ يۈكسەك بىرلىكىدىن پەيدا بولىدىغان ئۈچىنچى ھال ياكى تۇيغۇن بىرلىكنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئوقۇغاندا، تۇيۇش ياكى تۇيۇلۇش پائالىيىتى، بىزنىڭ ئوقۇرمەنلىك دەرىجىمىزنى مۇئەييەن دائىرىگە ۋە ئىچكىي بېسىمغا ئالغان بولىدۇ، ھەمدە ئاڭا پائالىيەت بوشلۇقى بەلگىلەپ بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

دېمەك، تۇيۇش ياكى تۇيۇلۇشتىن ئاۋۋال، تۇيغۇنىڭ ھەرقانداق ئەسلەتمە ياكى تارىخىي تۈسنى، شۇنداقلا ئوبيېكتىپ خىيال ياكى كەلگۈسى لايىھىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. تۇيغۇ ماكاننى زامانغا زەرب بىلەن ئۇرىدۇ – دە، ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىن ئىبارەت ئۈچ زاماننى ئۆزئارا زەنجىرلىگەن ئىدىيال تارىخىيلىق، بوشلۇقتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك شەكىلنىڭ چۇۋۇلۇشىدەك، سوزۇلۇۋاتقان ۋە توزۇۋاتقان بىردىنبىر لەھزىگە ئۆزگىرىدۇ ياكى تۇيۇلۇش ئۇرۇنۇشىدىكى شەرەپلىك تۇزانلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ، يېڭى شائىر، تۇيغۇنى ئاتىماستىن، بەلكى ئۇنىڭدا ئاتالغاندىلا، يارىتىش ئىستىكى ئۆز قېنىشىغا ئېرىشىدۇ. مەنىسىزلىكمۇ ئەسلىدىكى كونا شەكلىنى يېڭىدىن يېڭى شەكىللەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. تۇيغۇنى ئاتاش ئەمەلىيەتتە، ئاتىلىش ياكى جەۋھەر مەسىلىلەرگە قارىتىلغان ئەقلىي ھۆكۈمگە ئېرىشىشنىڭ ئىپادىلىرىدىن بولۇپ، بۇخىل ئىپادە ئىجتىمائىيەت تۈسىدىكى مەقسەتچانلىقنى چىقىش قىلغاچقا، شېئىرىيەت، مەنىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق ئاسىيلىقنى رەت قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر شېئىرىيەت تۇپرىقىدا 1980 – يىللارنىڭ ئاخىرىدا بارلىققا كېلىپ، ئۆتكەن ئەسرنىڭ ئاخىرقى 10 يىلىنىڭ بېشىدا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىمۇ دەل، ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتنىڭ مەقسەتچانلىق خاراكتېرى ھەمدە مەزمۇن مەركەزچىلىكىدەك ھېسسىي باسقۇچىنى يېڭىلاش، شېئىرىي مەنىنى تىرىلدۈرۈش، شۇنداقلا، شېئىرنىڭ نېمىلىكىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك ئويلىنىش مۇھىتى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بۇ يېڭى ئېقىمنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ چىقارغان ئاۋانگارت ئۇستازلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىجادىيەت مۇھىتىدا تۇرغۇنلۇق، بېكىنمىچىلىك شەكىللىنپ قالغان، بىر بۆلۈكلىرى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىجادىيەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، بىر تۈركۈم ياشلار بۇ ئېقىمنىڭ غوللۇق قەلەمكەشلىرىدىن بولۇپ قالدى ھەمدە شېئىرىيەتتە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ گۈزەللىكى ياراتتى. بىراق، بۇ يۈزلىنىشكە ئەگىشىپ، يېڭى شېئىرنى قارغۇلارچە دورايدىغان، تەقلىد قىلىشتا تاشقىي ئامىللارنى ئاساس قىلىۋالىدىغانلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى شېئىرلارنىڭ ئەسلىدىكى مەنە چۈشەنچىسى ئېتىبارنىڭ سىرتىدا قېلىپ، سۆزلەرنىڭ گۇڭگىلىقى، مىسرالارنىڭ ئاجايىپ-غارايىپلىقى، يەنى شەكىل جەھەتتىكى يېڭىلىق ئالدىنقى قوغلىشىش نىشانى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، يېڭى شېئىرىيەت ھەققىدىكى ئاكتىپ يېڭى چۈشەنچىلەر بىلەن پاسسىپ يانداشما قاراشلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭ بارغانچە چوڭىيىپ كەتتى.

بىزنىڭ يېڭى شېئىرىيەت ھەققىدىكى كونا چۈشەنچىلىرىمىزدە، شېئىرنىڭ «نېمە» لىكىدىن ئاۋۋال «قانداق» لىقى باش كۆتۈرگەن بولغاچقا، تۇيغۇ بىلەن بەزى شېئىرلار ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق كۆۋرۈك بولمايدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ تېكىستلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇيغۇغا ئەمەس، يەنىلا ئەنئەنىۋىي ھاياجانلىق ئاڭغا، يەنى ھېسسياتقا ياكى ۋاقىتلىق ئەقلىي يەكۈنگە تۇتاشقان بولىدۇ. شۇڭا، بەزى شائىرلار تەرىپىدىن كېڭىيىشچان ئاتالمىغا ئايلىنىۋاتقان «تىل پارچىلاش ھەرىكىتى» ياكى «سۆز ئويۇنى» نىڭ ئەسلى مەنىسىنى كۆرۈپ چىقىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.

ئەسلىدە، ھەقىقىي شېئىر (بىزچە يېڭى شېئىرىيەت) غا نىسبەتەن، «تىل پارچىلاش ھەرىكىتى» نىڭ ئۆزى، بۇ ھەرىكەتنى قوزغاۋاتقان شائىرنىڭ تېخىچە ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەت تۇپرىقىدا ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىغان ئۇقۇملار بىرلىكى بولۇپ، بۇ قاراشنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال «تىل پارچىلاش ھەرىكىتى» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

تىل پارچىلاش ھەرىكتى ــ ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتتىن يېڭى شېئىرىيەتكە كۆچكۈچىلەرنىڭ، تەقلىد قىلىش، ماسلىشىش، ئىچكىي قۇرۇغدىلىش ۋە بۇ جەرياندىكى تاشلاپ كېتىلگەن ئەنئەنىۋىي قىممەتنىڭ قايتارما تىنجىتىشىدىن ئۈنۈملۈك قوغدىنىش ئۈچۈن تاللىۋالغان ۋاقىتلىق ماكان (ئۆتەڭ) ى بولۇپ، كۆچمەنلەرنىڭ بىر قىسمى، بۇ ئۆتەڭگە يېتىپ كەلمەي تۇرۇپلا، سەپەر جەريانىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ (قەلەمنى تاشلايدۇ). بۇ ئۆتەڭگە ئۇلىشالىغان ھاياتلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن، خۇدىنى يوقاتقان، ياكى ئەسلىدىكى كونا ئولتۇرىقىنى سېغىنىپ مەيۈسلۈككە پاتقان بولۇپ، بۇ ئۆتەڭدىن كۆز يەتكۈسىز يىراقلىقتا ئۆزلىرىنى چاقىرىۋاتقان، ئاخىرى بولمايدىغان ئاداققىي مەنزىلگە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قىيا باققىنىچە، مۇشۇ ماكاننى يېڭى شېئىرىيەتنىڭ مەنزىلى ياكى ئاخىرقى ماكانى دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنداق ئامالسىزلىق ۋە قارىقۇيۇقلۇق بىلەن تاللانغان ئاتالمىش «شېئىرىي مەنە» يېڭى شېئىرىيەت كۆزلەۋاتقان «مەنە» دىن تولىمۇ يېراقتا، يەنە كېلىپ، ئەنئەنىۋىي «شېئىرىي مەزمۇن» دائىرىسىدە بولغاچقا، شېئىرىي مەنە، ئۇلار تەرىپىدىن تولۇق ئاڭقىرىۋېلىنمايدۇ – دە، يېڭى شېئىرنىڭ نېمىلىكى قوغلىشىلماي، قانداقلىقى كۆككە كۆتۈرۈلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق تېكىستلەردە دەبدەبە ۋە سۆز ئويۇنلىرى ئومۇمىيلىقنى ئىگەللەيدۇ. گۇڭگالىقتىن ئىبارەت تاشقىي خۇسۇسىيەت ئاساسىي مىلودىيەگە ئايلىنىپ قالىدۇ. سۆز بىلەن سۆز ئارىسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتلەردە، سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىلىرىنىڭ ئورنىدىن قوزغىلىشى ياكى يەنە بىر سۆز مەنىسىگە سىلجىش مۇساپىسى نەزەردىن چەتتە قالىدۇ، لېكسىكىلىق مۇناسىۋەت ۋە گرامماتېكا ئېتبارغا ئېلىنمايدۇ.

يېڭى شېئىرىيەتنىڭ ئۆزىگە ئۇرۇنغۇچىلارغا ئەسلىتىدىغان بىرىنچى پارولى ــ «شېئىرنىڭ نېمىلىكى» دۇر. يېڭى شېئىرىيەتكە ئۇرۇنغۇچى ئاۋۋال شېئىرنىڭ «نېمە» لىكىنى ئەسلىيەلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ شېئىرىي مەنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تۇيالىسا، يېڭى شېئىرىيەت ئۇنىڭغا ئۇنتۇلغان ئۆزگىچىلىكىنى ياكى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان نەزەربەنت ئاستىدا ياشاپ كەلگەن ئەركىنلىك قۇياشىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا، ئۆزىنىڭ ئۆزگە ئىكەنلىكىنى تۇيغۇچى شائىرنىڭ قارشىسىدىكى كونا ئىجتىمائىي كىملىك ياكى ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى، شېئىرلاردا دېيىلىش ئالدىدا تۇرغان «مەنە» ئىگىلىگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا گۇۋاھ بولغان شائىرمۇ، ئىپادىلىگۈچىلىك سالاھىيىتىدىن ھالقىپ، ياراتقۇچىلىق شەرىپىنىڭ ھەقدارىغا ئايلىنىدۇ. بىز ئۇلۇغلاۋاتقان ھەقىقىي مەنىدىكى شېئىر، مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.

شېئىرىي تىلدىكى «پەلسەپىۋىيلىك» بولسا، ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتكە نىسبەتەن، ھازىرغا، ئۆتكەن زامان چۈشەنچىسى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت قايتىلاش تراگېدىيىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، ئەنئەنىۋىي ئوقۇرمەن شېئىردىن «پەلىسەپىۋىي پىكىر» ئىزدەش ئۈچۈن ئاۋۋال پەلىسەپىگە، ئاندىن شېئىرغا خىيانەت قىلىدۇ. چۈنكى، پىكىر ــ كىشىلەرنىڭ شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە قايتۇرغان ساددا ئىنكاسى بولۇپ، ئۇنىڭدا پەلىسەپىۋىيىلىك بولمايدۇ. پەلىسەپە بىلمەسلىكتىن باشلىنىدۇ، پىكىر بولسا، ھۆكۈمنىڭ ئاددىي شەكىللىرىدىن بىرى. ئۇ، مۇئەييەن چەك ئارقىلىق ئۆز گەۋدىسىنى تۇرغۇزىدۇ ۋە بىلىمگە ئوخشاشقا ئىنتىلىدۇ. پەلىسەپە ئەقىلنىڭ رادىكال خاراكتېرىنى گۇمان ئارقىلىق كۈچلەندۈرىدۇ. شۇڭا، بىز، تىلدىن «پەلىسەپىۋىي پىكىر» ئىزدەلگەن شېئىرلارنى ئوقۇرمەنلىك نۇقتىسىدا ھەقىقەتەن ئەقلىي يەكۈنلەر تىزمىسىغا ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا مەجبۇرمىز. يەنە كېلىپ، تۇيغۇ ــ ئەقىل بىلەن ھېسىياتنىڭ يۈكسەك بىرلىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئەقىل ھەقىقەتنى نىشان قىلسا، ھېسىيات ئىشەنچنى مەركەز قىلىدۇ. تۇيغۇ شېئىر ئارقىلىق ئالدىنقى ئىككىسى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە (مۇددىئا)نىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىغاندىن سىرت، ئۇنى ئۆزى خالىغانچە ياساپ چىقىدۇ. بۇ نۇقتىدا، شائىرنى تىل باياۋىنىدىكى ئازغۇنغا ياكى تەنھا سەيياھقا ئوخشىتىش تامامەن مۇمكىن.

ۋەھالەنكى، «تىل پارچىلاش ھەرىكىتى» دە تۇرغۇچىلار، ئەنئەنىۋىي قىممەتلەرنىڭ بىردىنبىر ھامىيسى سانالغان كونا كىملىك ياكى مەۋجۇت ھەقىقەتنى يېڭى تىل مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق بېزەيدۇ، ئۇلارغا ۋىجدانەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئۇلار قارىماققا، ئۆزىنى تىلغا تولۇق تاپشۇرغاندەك قىلغان بىلەن، شېئىردا ھەرگىز غايىپ بولمايدۇ. ھەربىر مىسرا، ھەر بىر سۆزدە ئۇلارنىڭ ۋاسىتىگە ئايلانغان ھېسسىياتى ياكى ماشىنىلاشقان ئەقلى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئوقۇرمەننى پىكىر قىلىشتىن، تۇيۇشتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋەلەندۈرۈپ ماڭىدۇ. شۇڭا، «تىل پارچىلاش ھەرىكىتى» قوزغىغۇچىلار ياكى «سۆز ئويۇنى» ئوينىغۇچىلارنى، ئەسلىدىنلا بار بولغان كونا مەزمۇننى يېڭىلاپ تەكرارلىغۇچىلار، يېڭى مەدھىيىچىلەر، شەكىلدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان گۇڭگا شۇئارۋازلار دەپ تەنقىدلەشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار شېئىرىي تىلدىكى گۇڭگالىقتىن پايدىلىنىپ، يېڭى مەنە يارىتىش ئەمەس بەلكى، بار بولغان مەنىنى يوشۇرۇش مەقسىتىگە يېتىدۇ. بۇنداق پوزىتسىيە، تىلنى مەۋجۇدىيەتنىڭ بىرخىل شەكلى ياكى ياراتقۇچىسى، يەنى غايە دەپ قارايدىغان يېڭى شېئىرىيەت تەرەپدارلىرى بىلەن، شېئىرىي تىلنى ــ مۇئەييەن بىر مەزمۇن ياكى كونكېرىت پىكىرنى سەنئەتلىك ئىپادىلەيدىغان ۋاسىتە، دەپ قارايدىغان يېڭى ئەنئەنىچىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىنچىكە پەرقنى تولۇق ئېچىپ تاشلايدۇ.

شۇنداقتىمۇ، بۇ خىل ئايرىمىلىقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئاۋال، تىلنى پارچىلاش ياكى سۆزنى ئويۇنلاشتۇرۇش لىنىيىسىدە ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان ئازغۇنلۇققا باي تىل تەۋەككۇلچىسى بىلەن، مەلۇم بىر ئىپادىلەش شەكلىگە ياكى بىرخىللا سۆز ئويۇنىغا بېرىلگۈچى مۇقىم «يېڭى» ئەنئەنىچىنى ئۆزئارا پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئالدىنقىسى، ھەرقانداق مەنىنىڭ ۋاقىتلىقلىقىنى سېزىشكە باشلىغىنى ئۈچۈن، ئۆزىنى يېڭىلاشقا، داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەيدۇ. ئۇنىڭ تېكىستلىرىدە مەۋجۇدىيەت ھەققىدىكى ساددا ئويلىنىش ۋە ئىلاھىي تەشۋىشلەر سالماقلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئاداققىي نىشانىنى، يېڭى شېئىرىيەتتىن ئىبارەت تەشۋىش ماكانىغا مۇۋاپپەقىيەتلىك تۇتاشقان دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. كېيىنكىسى بولسا، ئۆزى قوزغىلىپ چىققان ئەنئەنىۋىي شېئىر ئۇقۇمىدىن يېڭى شېئىرىيەت ئۇپۇقىغا بىرئاز سىلجىغان بولسىمۇ، ئىچ – تېشىنى قاتمۇقات ئورىۋالغان كونا ئىجتىمائىي كىملىك ۋە ھەقىقەتلەرنىڭ تەرتىپلەندۈرۈش تەسىرى تۈپەيلىدىن ئىچىنى تىڭشاشقا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ، ھەمدە ئالدىدىكى مەۋھۇملۇققا قەدەم ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇلاردىكى قورقۇنچ، ئىچىدىن ئەمەس، تاشقىرىدىن، يەنى ئارقا تەرەپتىن كېلىدۇ.

مەسىلىگە مۇشۇنداق قارىغاندا، شېئىرىي تىل ــ ئويلىنىش، يەنى ئىچىنى تىڭشاشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئويلىنىش يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەمما، تىل پارچىلاش ھەرىكىتى ياكى سۆز ئويۇنى، ئويلاش (سىرتىغا تىڭشىلىش) نىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇئەييەنلىك، ئېنىقلىق، تەرتىپ ۋە چۈشەنچە كۈندۈزى باركى، ھەرگىزمۇ يارىلىشچان شېئىرىي سەرخۇشلۇق ۋە تىلنىڭ مەرىپەت كېچىسى يوق.

دېمەك، شېئىرىي گۈزەللىك ياكى تىلدىكى ئىستېتىك بوشلۇق، پەقەت تىلغا ئويلىنىشتىن ئىبارەت ئېھتىماللىق كېچىسىدىلا مەۋجۇتتۇر. بۇنداق ئېھتىماللىق لەھزىسىگە يېتىش ئۈچۈن، بىز، تىلنى خاتىرىلەۋاتقان سۆزلەرنىڭ مەنە پىرىنسىپىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. سۆزلەرنىڭ مەنە پىرىنسىپى، شېئىرغا كىرگەندە قايتا تۈزۈلىدۇ. يەنى، سۆزلەر شېئىرغا كىرگەندە ئۆزلۈكتىكى بارلىق مەجبۇرىيەتنى ئۇنتۇيدۇ. بۇنى ئۆز ماھىيىتىىن چىقىپ تۇرۇپ ئىزاھلىغاندا، سۆزنىڭ شېئىرغا كىرىشى، سۆز ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى خىرىس ھاسىل بولغانلىقىنىڭ رېئال بەلگىسى دەپ قاراش تېخىمۇ مۇۋاپىق. چۈنكى، شېئىردا تىلنىڭ تەييار قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ھېسابلانغان سۆز، ئۆز ئەنئەنىسىنى يوقاتقان ھالدا ئالاھىدە بىرخىل تىل قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدۇ. شېئىردىن ئىبارەت سىرلىق ھەمدە خەتەرلىك ئىمارەتنىڭ مەنە تەلىپىنى شەكىللەندۈرگەن قورقۇنچلۇق نۇقتىلار ئەڭ ئاۋۋال سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىگە ۋە ئۇنى سىغدۇرغۇچى بەلگىلىك ھەجىمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۆزلەرنىڭ ئاڭ قۇرۇلمىسى يەنى ئىدىيىۋىي مەۋقەسىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرمەي تۇرۇپ، شېئىرىي مەنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مەنىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ يېڭىلىنىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، شېئىردا مەنە يېڭىلىنىشى بولمىسا، ئوقۇرمەننىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئەسلىدىكى مۇقەددەس قائىدە – مىزانلىرىنى ساقلاپ قېلىۋىرىدۇ. كونا قائىدە – مىزان ئىچىدىكى تەپەككۇر تېنىچلىقى ماھىيەتتە ــ تېنىچسىزلىقنىڭ كونكېرت ھالدىكى ئەكسىدۇر. سۆزلەر بۇخىل تېنىچلىقتا مۇئەييەن مەنە ۋە تاۋۇش شەكلىگە ئىگە، شۇنداقلا، مەنە بىلەن شەكىل روشەن ئايرىمىلىققا مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىراق، شېئىردا تېنىچلىق ياكى جىمجىتلىق سۆزلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تېنچسىزلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا، بۇنداق تېنچسىزلىقتا، سۆزلەرنىڭ مەنە ۋە شەكىل ئايرىمىلىقى يېمىرىلىپ، مەۋھۇم ھەرىكەت سېخىمىسى بارلىققا كېلىدۇ – دە، سۆزلەر شېئىرىي مەنىدىكى جىمجىتلىقنى ھەقىقىي تاپشۇرۇپ ئالغۇچى ياكى تۇتۇۋالغۇچى ئوخشاش بولمىغان ھەرىكەتچان نۇقتىلار توپىغا ئايلىنىدۇ.

سۆزنىڭ شېئىرغا كىرىشىنى سۆزنىڭ شېئىرلىشىشى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. شېئىرغا قارىتا پوزىتسىيىسى يېڭىلانغان، مەنىگە قارىتا ئىدىيىسىدە چېقىلىش يۈز بەرگەن شائىر ئۈچۈن، ھەرقانداق سۆز ھەرقانداق ۋاقىتتا تامامەن شېئىرلاشقان تۈستە بولىدۇ. دېمەك، سۆزنىڭ شېئىرلىشىشى، سۆزنى ھاسىل قىلغۇچى تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرلىكىدە ئىچكى تەۋرىنىش بولۇۋاتقان، سۆزدە ئەكىس ئەتكەن ئەسلى ئۇقۇم غۇۋالىشىشقا يۈزلىنىۋاتقان، شۇنداقلا، سۆزگە نىسبەتەن غايىپ شەيئى ماھىيەتسىزلىكتىن ماھىيەتلىشىشكە قاراپ ماڭغان ۋە ئۇنىڭ غايىۋىي ئۇقۇمى دەل ھازىردا شەكىللىنىۋاتقان كەمتۈك ھال بولۇپ، سۆزنىڭ شېئىرلاشقاندىكى ماھىيىتى ــ سۆزسىزلىك (مەۋجۇدىيەتسىزلىك) تۇر. بۇ، سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىدىن قۇرۇغدالغان قۇرۇق ئۆزلۈكىگە قارىتىلغان.

يۇقارقى پىكىرىمىزنىڭ مىسالى ئۈچۈن، بىز، گىرمانىيىلىك ئۇلۇغ شائىر گىيوتې (Johann Wolfgang von Goethe, 1749-1832) نىڭ «سەيياھ ۋە كېچە ناخشىسى» سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى شېئىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

بارلىق چوققىلارنىڭ ئۈستى

جىمجىت،

دەرەخلەرنىڭ ئۇچىدا

ھېس قىلىنماس شاماللارنىڭ تىنىقى،

قۇشلار

ئورماننى تېنچلاندۇرار:

سەنمۇ

ئۇزاق ئۆتمەي تېنچلىنارسەن

شېئىردا «چوققا»، «دەرەخ»، «ئورمان» ۋە «قۇش» قاتارلىق بىرقانچە ئىماگ بار. چوققىلارنىڭ ئۈستى بىلەن دەرەخلەرنىڭ ئۇچى جىمجىتلىق ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان، شۇنداقلا، ھېس قىلماسلىق خۇسۇسىيىتى بىلەن رەڭ بېرىلگەن. گويا، ئورماننىڭ تېنىچلىقى قۇشلارنىڭ تېنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتىنىڭ نېمىلىكىگە جاۋاب بەرمىگەندەك، قۇشلارنىڭ نامەلۇم سۈپەتنى ساقلىشىمۇ، ئورماندىكى تېنچلىقىنىڭ مەنىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا يېتەرلىك. بىراق، تېكىستتىكى مەن ئاخىرىدا ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇ خىل سۈپەت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كېتىشىنى ئىستەيدۇ. «مەن» تېكىستتىكى مەن بولۇشىمۇ، مەننىڭ كۆرۈنمەس سىمۋوللۇق چوققىلىرىدىن بىرى بولۇشىمۇ، ياكى ئورماندىكى قۇشلار توپىدىن ئايرىلغان تەنھالىق تەسۋىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەيلى نېمىلا دەيلى، مەننىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىۋاتقىنى ــ ئوقۇرمەننى سۆزگە يېتەكلەيدىغان يارىتىش ئاھاڭى، ئۆز ئىچىگە ئېلىنىۋاتقىنى بولسا ــ كېچىدىن ئىبارەت، سۈكۈت ۋە سەرخۇشلۇقنىڭ غايىپ سۈپىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ سۇپىدا ئولتۇراقلىشىدىغىنىمۇ، مەن ياكى مەزكۇر تېكىستكە مەنە تولۇقلىغۇچى يېڭى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنھا يولۇچىلىقىدۇر.

ئۇنداقتا، سۆزنىڭ سۆزسىز (مەۋجۇدىيەتسىز) لىكى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

بىز بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئاۋۋال سۆزنىڭ ئەنئەنىۋىي ئېنىقلىمىسىدىن ۋاز كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، كونا ئېنىقلىمىدا سۆز ــ تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرلىكى دەپ قارىلىدۇ. بۇ ھۆكۈمدىن بىز تاۋۇش ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرگەن ۋە غايىۋىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلاشقان «مەنە» نىڭ ئاللىقاچان بار بولغان، كىشىلەر تەرىپىدىن مېغىزى بىلەن ھەجىمىگە ئېنىق چەك قويۇلغان تەييار ئاتالما ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالىمىز. شۇنداقلا، ئۇنىڭ قارشىسىدا، تەسۋىرىلەش ۋە بەرداشلىق بېرىش ناھايتى قىيىن بولغان «مەنىسىزلىك»نى ئۇچرىتىمىز. دېمەك، سۆزسىزلىك ــ «مەنە» ئۈچۈن ئېيتىلغان يۇقارقى «بار»لىق بىلەن «يوق»لۇقنى سەرخۇشلۇق بىلەن بېرىكتۈرۈپ، مەنىنى پۈتۈپ بولغان ئىدىيىۋىيلىكتىن تېخىچە بولۇۋاتقان، پۈتمەيۋاتقان، ئىدىيىسىز، كاۋاك ھالەتكە قايتۇرۇپ كېلىشتۇر. شۇڭا، بىر تىل ئۇستازى سۆزنى «گەپ» ۋە «سۆز»دىن ئىبارەت ئىككى كاتېگورىيەگە بۆلۈۋېتىدۇ. چۈنكى گەپ يەنى ئېنىق بىر چۈشەنچىنى ھۆكۈم ئارقىلىق يىگانىلاشتۇرماقچى بولغان مۇئەييەن تاۋۇش بىرلىكى، ئېيتىلغان ھامان ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىدۇ. ئۇنىڭدا دېئالوگقا ئورۇن بولمايدۇ. ئۇ، مەنىنى ئاللىقاچان بار بولغان نەرسە دەپ قاراش ئارقىلىق ئۇنى كېڭەيتمەكچى، ئومۇملاشتۇرماقچى، ئوقۇرمەننىڭ ئاڭ مۇئەسسەسەلىرىگە قەدەر مەجبۇرى تاڭماقچى بولىدۇ. بىراق، سۆزدە ياكى مەن يۇقىرىدا شەرھىيلەۋاتقان سۆزسىزلىك (سۆزنىڭ شېئىرلىشىشى)تە ھەرقانداق چۈشەنچىنىڭ ئېھتىماللىقى ئالدىنقى شەرت قىلىنغان ھالدا، ئېيتىلىش بىلەن تەڭلا مەنە يارىلىشقا يۈزلىنىدۇ، ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنى ئىجادىي ھالەتتە ھەمكارلىشىشقا چاقىرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، سۆز ئېيتىلىپ بولۇنسىمۇ مەنە پۈتمەيدۇ. ئۇ، باشقا سۆزلەرنىڭمۇ ئېيتىلىشىغا (دېئالوگقا كىرىشىگە)، شۇ ئارقىلىق مەنىنى بىرلىكتە بار قىلىشقا، پۈتمەيۋاتقان مەنىنى پۈتۈنلەشكە مۇھتاج بولىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەنە پۈتۈمى ھەققىدىكى تەتقىقات غەرب تىلشۇناسلىقىدا قۇرۇلمىزىم، تىل پىسخولوگىيىسى، سەنئەت لوگېكىسى قاتارلىق پەن ئېقىملىرىدىن پايدىلانغان ئاساستا ئۆزىگە خاس مېتودنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ خىل مېتودنىڭ يەنە بىر يۈزى يەنىلا شېئىرىي تىل ئارقىلىق ئاشكارىلىنىدىغان مەنە ئېھتىماللىقىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىپ تاللىۋالغان. بۇ خىل شېئىرىي ئىستراتېگىيە بىزگە ئارگېنتىنالىق مەشھۇر شائىر، يازغۇچى ۋە تەرجىمان ــ بورخېس (Jorge Luis Borges, 1889 – 1986) نىڭ «ئەتىرگۈل» ناملىق شېئىرىنى ئەسلىتىدۇ:

ئەتىرگۈل

مەن ئۇنىڭ خازان بولۇش ئىستىكىنى مەدىھىيىلەيمەن

ئېغىرلىقى، خۇشپۇرىقى تېخىچە ساقلانغان ئەتىرگۈل

كېچىنىڭ

نۇرلارنى تىرىك يۇتۇۋالىدىغان قاپقاراڭغۇ باغچىسىدىكى ئەتىرگۈل

ھېچنەنىڭ گۈللۈكىگە بەھۇزۇر ماكانلاشقان زاۋال ئەتىرگۈلى

ئەپسۇن ئارقىلىق

خېمىيەۋىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق غەلىتە رەۋىشتە پەيدا بولىدىغان ئەتىرگۈل

پارىسلارنىڭ ۋە ئارىستو نىڭ ئەتىرگۈلى

لەھزىنىڭ توپلاشمايدىغان ۋە قايتىلانمايدىغان ئەتىرگۈلى

لەھزە ئەتىرگۈلىدىكى ئەتىرگۈللۈكنىڭ ئەتىرگۈلى

تۇنجى قېتىم ئەپلاتونچە سەرپ قىلىنىشقا باشلىغان

مېنىڭ غالجىرانە قىزغىنلىقىم بىكارغا كېتىدىغان قارىغۇ ئەتىرگۈل

ئەي، ھېچنېمە ئەتىرگۈلى!

شائىر بۇ شېئىردا «ئەتىرگۈل» دىن ئىبارەت ھادىسىۋىي ئۇقۇمنى تاللىۋېلىش ئارقىلىق، شېئىرىيەتنىڭ «مەنە» ئېقىنىغا ئىشارە قىلغان. دېمەكچىمىزكى، شېئىرىكى «ئەتىرگۈل» ــ ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىداسىدىن باشلانغان جەۋھەر ئىزدەش قىزغىنلىقىنىڭ سېمۋولى بولۇپ، بارلىق شائىرلار، شۇنداقلا، ھەقىقەت ئىزدىگۈچى پەيلاسوپلار ئۇرۇنغان نەرسىنىڭ پەقەت بىرلا «مەنە» ئىكەنلىكى، بىراق، ئۇنىڭ تۇيۇلۇش ۋە بىلىنىش شەكلىنىڭ سانسىزلىقى تەسۋىرىلەنگەن. شۇڭا، شائىر «ئەتىرگۈل»نى «ھېچنەنىڭ گۈللۈكىگە بەھۇزۇر ماكانلاشقان» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئەمەلىيەتتە، ئۇنى يوقلۇققا قويۇشنىڭ شېئىرىي شەكلى بولۇپ، جەۋھەرنىڭ قۇرۇقلىقى ياكى يوقلۇقى شائىرنى ئىزتىراپقا سېلىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەبتۇر. مانا مۇشۇ ئىزتىراپ تۈپەيلىدىن شائىر ئەڭ ئاخىرىدا، مەنىنىڭ يوقلۇقىغا ياكى پۈتمەيدىغانلىقىغا قارىتا، ئۆز ئۇرۇنۇشلىرىنى بىكارغا كەتكۈزۈۋېتىدىغان «قارىغۇ ئەتىرگۈل» دەپ جاكارلايدۇ.

بۇ مۇلاھىزىلەردىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، شېئىر ــ سۆزنىڭ گەپ ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ، سۆزسىزلىككە تۇتۇلۇشىدۇر. شۇڭا، شېئىرنىڭ دەسلەپكى خاتىرىلىگۈچىسى بولغان شائىردىن باشلاپ ئۇنىڭ يېڭى ئوقۇرمەنلىرى ياكى دېئالوگ ئىشتىراكچىلىرىگىچە، ئورتاق ھالدا مەنىسىزلىكتە مەنە يارىتىش يەنى مەۋجۇدىيەتسىزلىكتىن مەۋجۇدىيەتكە ئۇرۇنۇش شەرىپىدىن ئورتاق بەھىرلىنەلەيدۇ.

ئۆزگىچىلىك بىرلىكنىڭ كۆپلۈكىدىن دېرەك بەرگىنىدەك، شېئىرلاشقان ھەربىر سۆز سۆزلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ – دە، تىل قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت غايەت زور ئېھتىماللىق ۋە مەنە يارىلىش مەيدانى ئىلگىرى ئېيتىلىپ بولۇنغان ياكى مەۋجۇت بولغان سۆزلەرنى ئۆزىگە سۆزسىزلىشىشكە چاقىرىشتىن سىرت، تېخىچە بولۇۋاتقان ۋە بولۇپ باقمىغان سۆزلەرنىمۇ يارىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. شۇڭا، شېئىرنىڭ بىرىنچى خاتىرىلىگۈچىسى ھېسابلانغان شائىردىن باشلانغان يېڭى ئوقۇرمەنلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزنىڭ ئەنئەنىۋىي مەنىسىگە بولغان مۇقىم چۈشەنچە ياكى تەجىرىبىيىۋىي ئىشەنچنىڭ ئورنىنى سۆزنىڭ ئېھتىماللىق ئۈستىدىكى بولۇۋاتقان مەۋھۇم مەنىسىگە تىكىلگەن يارىتىش تەشۋىشى ئىگەللىشى كېرەك. بۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى ھەققىدە چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىمىزغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە، كۆنۈككەن كونا تەپەككۇر ئادىتىمىزنى يېمىرىپ تاشلاپ، ماھىيەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە دادىللىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزىشىمىزگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز پەقەت شېئىرىي تىلنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ يەتكىنىمىزدىلا، ئاندىن سۆزدىمۇ قۇدرەت بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايمىز. چۈنكى، ھەربىر سۆزنىڭ قۇدرىتى چوقۇم شۇ سۆز ۋەكىللىك قىلىۋاتقان تىلنىڭ ئالەمشۇمۇل كېلەچەكىدىن ئالدىنئالا بىشارەت بېرىشتىن سىرت، ئىنساننىڭ ئېندىۋىدۇئال خاراكتېرىنى ئەسلى يۆلىنىشىگە قايتۇرۇپ، ئۆزگىچىلىكىمىزنى مەنىۋىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا غايەت زور ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

 

ئىزاھات: مەزكۇر تېمىدىكى مىسال ئېلىنغان گىيوتېنىڭ شېئىرى ”چەتئەل شېئىرلىرىدىن تاللانما“ ناملىق خەنزۇچە توپلامدىن، بورخېسنىڭ شېئىرى ”بوئېنوس ئايرىسنىڭ ھاياجىنى“ ناملىق خەنزۇچە شېئىرلار توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.

خەتكۈچلەر:


«شېئىرىي تىل ۋە سۆز» غا تورداشلار بىر باھا بەردى

  1. torbajin مۇنداق يازغان: (2011-08-25 | 14:55) |

    بۇ يازمىنىڭ مەزمۇنى بەك چۇڭقۇركەن.ماڭا ياختى.

باھا يوللاش

سىز تىزىملاتقاندىن كېيىن ئاندىن باھا يوللىيالايسىز.