Drug preguntas

جۇنۇننامە

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يوق »

 

جۇنۇننامە

 

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

 

ئەزەلدىن پۈتمىشىم تۇپراق، يەنە تۇپراققا ئوخشايمەن،

ئۈنۈڭ ئۆركەشلىرى يەتمەس يوچۇن قىرغاققا ئوخشايمەن. 

 

سەير ئەتمەكنى تەرك ئەتتىڭ مالامەتلىك باھارىمنى،

قاقاس باغرىڭدا سولغان بىر خازان ياپراققا ئوخشايمەن.

 

دىدار-ۋەسلىڭنى ئىزدەيمەن جاھانغا لىق مۇھەببەتتىن،

ئوتۇڭ كەلكۈنگە ئايلانسا، شۇئان قولۋاققا ئوخشايمەن.

 

مېنى بىر قېتىغا ئالماس كۆزۈڭدە يەتتە قات ئاسمان،

تۈنۈڭدە يالتىراپ ئۆچكەن چېقىن-چاقماققا ئوخشايمەن.

 

پىراقتىن تالجىقىپ چەندان ھىجىر سەرۋەرلىكىدە جان،

قەسەميادكى، تېنى بىھۇش، دىلى ئويغاققا ئوخشايمەن.

 

غېرىپلىق شەھرىدىن تەنھا كېلۇر مەشرەپ باياۋانى،

ئاڭا تەقدىر قاداپ قويغان قارا بايراققا ئوخشايمەن!

 

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، يېڭىسار.

كۆزلەر زېمىستانى

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يوق »

 

كۆزلەر زېمىستانى

 

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

 

جۇدالىق دەملىرى، ئاپئاق بىشارەتتىن زىيا كەتتى،

ماڭا ھەقتىن نېسىپ بولمىش مۇھەببەتتىن جۇلا كەتتى.

  تۇلۇق ئوقۇش »

ئابدۇرېھىم ھېيىتقا بىر غەزەل

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يوق »

ئابدۇرېھىم ھېيىتقا بىر غەزەل

-شائىر ئىمىن ئەھمىدىنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

تۇلۇق ئوقۇش »

قۇياش مەرسىيىسى

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يوق »

قۇياش مەرسىيىسى

-قىزىم خۇرشىدەنىڭ ۋاپاتىغا

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

ساما ئۆڭكۈرلىرى زۇلمەتتە لەيلەپ گۈلخېنىڭ ئۆچتى،

ئۇپۇقلار گەردىشىدىن ئۆرلىگەن ئاتەش قېنىڭ ئۆچتى.

ئۆڭۈپ نۇر تاجلىرىڭ سۈكۈتتە سۈبھى ئاقتى تۈنلەرگە،

شەپەقلەر باغرىدا سۈترەڭ تۇمان، كۆيگەن تېنىڭ ئۆچتى.

ئېگىلدى بىغۇبار بوشلۇق، بۆشۈكتەك تەۋرىدى ئالەم،

ئىلاھىي تەن ئارا بەرقىڭ ئۇچۇپ روھىي كېنىڭ ئۆچتى.

گۇگۇم بەرباتلىقىدا ساقىدى يۇلتۇز بولۇپ ئارمان،

تولۇن ئايىمنى يالماپ داغ، ھىلال ئايىڭ سېنىڭ ئۆچتى.

تۈنەرمەن سۈبھىلەرگە تەلمۈرۈپ، تەنھالىقىم ھەمرا،

«قۇياش!»دەپ نالە قىلدىم بەرقارار، تۈندە ئۈنۈڭ ئۆچتى…

غەزەللەر

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يوق »

غەزەللەر

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

گۈل قوشىقى

 

توزۇدۇم گۈل بەرگىدە، گۈللەرگە باقتىم زارىقىپ،

ماڭا گۈللەر ئېيتمىغان كۈيلەرگە باقتىم زارىقىپ.

  تۇلۇق ئوقۇش »

ئىككى غەزەل

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يوق »

ئىككى غەزەل

كىم

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

بولۇپ سۆيگۈمگە ئەسرار، بىغۇبار قەلبىمنى سۆيگەن كىم؟

خىرامانىمدا يانغان جەزبىدار ئىشقىمدا كۆيگەن كىم؟

  تۇلۇق ئوقۇش »