Drug preguntas

مەن ئەينەك ئىچىدە ساڭا قارايمەن

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 2 قېتىم باھا يوق »

 

مەن ئەينەك ئىچىدە ساڭا قارايمەن

تۇلۇق ئوقۇش »

پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟

ماقالە-ئوبزورلار| زىيارەت: 14 قېتىم باھا يوق »

پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟

(يازغۇچى ئالىم ئاتەخانغا ئوچۇق خەت)

ئىمىن ئوسمان

تۇلۇق ئوقۇش »

ئاغۋاتلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە پادىشاھنىڭ يېڭى پەرمانى

نەسىرى يازمىلار| زىيارەت: 23 قېتىم باھا يوق »

 

ئاغۋاتلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە پادىشاھنىڭ يېڭى پەرمانى

(فېليەتۇن)

ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت

 

ئەلقىسسە، پادىشاھ لىيۇ يەن مەكتەپلەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا چۈشتى. پادىشاھنىڭ«ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاختا قىلىنسۇن!» دېگەن بۈيۈك پەرمانىغا ئاساسەن تولۇق ئاختا قىلىنغان يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى  پادىشاھ بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىرگە بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھقا بولغان چەكسىز ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نۇقتىلىرىنى ئالدىن بېكىتكەنىدى. دېمەكچى بولغىنىمىز، ئالدىن بېكىتلگەن مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىدىن تارتىپ  ئۇلار ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتقان ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئاتارمەن-چاپارمەنلىرىگىچە ھەممىسى يارىلىشتىنلا تولۇق ئاغۋات بولغانلار، يەنى ئەسلى-زاتى ئاياللار ياكى دەسلىپى ئەر بولغان بولسىمۇ، شامالنىڭ چىقىشىغا، سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئاختا قىلدۇرغان، ئەمەلدارلارنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىشنى كېچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان سۈنئىي ئاغۋاتلار ئىدى. پادىشاھ يەرلىك ئەمەلدار ئاغۋاتلارنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقى بويىچە مېڭىپ ناھىيە مەركىزىدىكى بىر تىپىك ئاغۋاتلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى مەكتەپكە كەلدى. دەرۋەقە، بۇ مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا سەپلەنگەنلەرنىڭ ئىچىدە تەبىئىي ئاغۋاتلار-ئاياللار زور كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەندىن باشقا، قوشۇقنىڭ سېپىچىلىك ئەمەل تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى سۈنئىي ئاغۋات-ئۆزىنى ئۆزى ئاختا قىلدۇرغان كېلىپ چىقىشى ئەر بولغانلار ئىدى. تۇلۇق ئوقۇش »

قاراڭغۇلۇق

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 18 قېتىم باھا يوق »

قاراڭغۇلۇق

ئەسلەر چاقناق…تۈنلەر زىم زىيا

تاش تاملاردا تەۋرەر كۆلەڭگە.

يۇرۇتماقتا سۇلغۇن يۈزۇڭنى

تاماكامغا ياققان سەرەڭگە.

ھاقارىتى رەزىل ئۆتمۈشنىڭ

ۋىل-ۋىل يېنىپ تۇرار يىراقتا.

تۇلۇق ئوقۇش »

كېسەل (1)

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 38 قېتىم باھا يوق »

كېسەل (1)

مېتورىت تاشلار

مېنىڭ قولۇمدىكىكۆكۈش سائەتنىڭ

ئىنچىكەئىستىرىلكىىگە بەنىت قىلىنغان

بەنىت قىلىنغان ئۇزۇن چاچلىق مىتورىت تاشلار

تۇلۇق ئوقۇش »

يۈركۈمنى ئاغرىتقۇچىغا

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 42 قېتىم باھا يوق »

يۈركۈمنى ئاغرىتقۇچىغا

چۈشۈمدىكى چىغىر يولدىن چىقىپ

ئوڭغا بۇرۇلدۇڭ

تۇلۇق ئوقۇش »

جەنۇبى تاغدا تارتىلغان سۈرەتلەر

ھەۋەسلىك كۆزلەر| زىيارەت: 84 قېتىم باھا: 8 »

بۇ يىل 5-ئاينىڭ31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە يازغۇچىلار جەمىيىتى، يازغۇچىلار تورىنىڭ  تەشكىللىشى بىلەن«تۇنجى نۆۋەتلىك ياش شائىرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش سىمنارىيەسى»گە قاتناشتىم. تۆۋەندىكىسى شۇ ۋاقىتتا تارتقان بىر قىسىم سۈرەتلىرىم

 

تۇلۇق ئوقۇش »

تەنھالىق دالاسى

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 35 قېتىم باھا يوق »

تەنھالىق دالاسى

 

 

چۈش چېچەكلەپ كەتكەن
قوياش سايىسىدا جىسمىم
شەھەر، يول قىشلاق، ئايال
رېئاللىق ئېقىپ چىقار غېرىپلىقىمدىن
چاقماقلار تاۋۇشى يىراقلاپ كەتكەن
ئاسمانغا ئوخشايدۇ سۈكۈتلىرىم
ھاياتلىق جەزىرىسى بوز ئەينەك
ئەينەكتىكى بوشلۇق
تاراملاپ تۆكۈلەر قاقاس دىللارغا
شەبنەم سايىسىدا يالىڭاچلانغان
بىھۇش ئىستەكلەردىن تەپچىپ چىقار تەر
قوياش ۋۇجۇدۇمنىڭ مەجرۇھ پارچىسى
يەنچىلگەن تۇيغۇمدا ئەنجۈر كۆكلىتەر…

تۇلۇق ئوقۇش »

خاتىرلەرⅠ

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 52 قېتىم باھا يوق »

 

خاتىرلەرⅠ

 

 

مەن سېنىڭ ئىسمىڭغا ئۆزۈمنى باغلاپ

سۆرىلىمەن

ئات قۇيرۇقىغا باغلانغان رەزىل قۇل كەبى.

مەن سېنىڭ ئاياغ ئىزلىرىڭنى پايلاپ

قاراڭغۇلۇققا كۆمۈلىمەن

قەبرىستاندىكى چىغىر يول كەبىي

مەن سېنىڭ ھېدىڭنى ھېدلاپ

جان بېرىمەن

زەھەر ئىچىپ ئۆلگەن كەبىي

  تۇلۇق ئوقۇش »

يارغۇل: بوۋاقلار قەبرىستانلىقى

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 49 قېتىم باھا يوق »

 

يارغۇل: بوۋاقلار قەبرىستانلىقى

 

ۋاقىت

توپا ئاستىدىن قوپماقتا

چەكسىز ئاپتاپ

توپا ئاستىغا تارتماقتا

تۇلۇق ئوقۇش »