ئاپرېل 22
يالماۋۇز غارى
(1)
قاراڭغۇ ئاۋازىڭ چاقىردى
ئوپال تامان يۈرۈپ كەتتۇق بىز.
مەھمۇت ئىسىمىلك
بىر قاقاس تاغ بار ھاياجىنىمدا
بىر ئايال بار يېنىمدا
بىر كەچكۈز
بىر تال يوپۇرماق بار تىترەك قولۇمدا
يالماۋۇز غارىغا باشلاپ كەلدى قىز.
غۇژژىدە يوللار
ھاياتىمدەك كۈز پەسلى
شېئرلىرىم ئارىسىدىن قېچىپ چىققان ئىپارنىڭكۆزلىرى
مىڭ يىل ئاۋالقى شات كۈيلىشىدە
قەدىمىمگە ئوقار قەسىدە.
ماشىنىدىن چۈشتۈق
يۈگۈرۈپ كەلدى ئوپال
تونۇۋالدى يۈرىكىم دەرھال.
سالام ساڭا مەھمۇت قەشقىرى
ئەي يالماۋۇز غارىغا يېقىن ياتقان زات
ئەي ئۇيغۇر تىلى جاڭگاللىرىدا
تۇيۇقىدىن چاقماق چاققان ئات
ساڭا ئېھتىرام!
ئوپالنىڭ ئومۇرۇتقىسى يەر ئاستىدا
ئوپالنىڭ جىنسى ئەزاسى يانتۇ ئۆسۈپ توختاپقالغان
ھاي-ھاي تېرەككە قىزىل پۇرۇچلار ئېسىلغان
بۇ يەردە ۋاقىت توختاپ قالغان
بىر مىس ساۋۇت بار يېرىمى توپىغا ئايلانغان.
پارچە-پارچە سۇنغان قىلىچلار
مىس پۇللار
نەقىشلىرى ئۆچمىگەن مىڭ يىللىق ساپال كوزا
شۇتاپ
مېنىڭ باش سۆڭگىمىدۇر گويا.
ئىپار يول باشلايدۇ
قاقاس تاغقا.
يالماۋۇز غارىدىن ئايلىنىپ ئۆتتۈق
چاقىرىدۇ بىزنى بىر چوققا.
(2)
ۋاقىتنىڭ بىر يۈزى ئاق
بىر يۈزى قاراڭغۇ
ئىچىمدە بىر ئاۋاز بار
ياداڭغۇ.
چېچىۋىتىمەن
ئالقىنىمدا تۇرغان سۆيگۈ دانلىرىنى
ۋاقىت قۇشلىرىغا ئوچۇملاپ.
قاراڭغۇلۇق چاقناپ كېتىدۇ
سەن قولۇمنى تۇتساڭ سىقىملاپ.
بەلكىم ئوپالنىڭ بالياتقۇغا ئوخشايدىغان چوڭقۇرتەنلىرى
بەلكىم ھەزرىتىمنىڭ شاخلاپ كەتكەن ھېلىقى ھاسىسى
بەلكىم يەنە يالماۋۇز غارىدىكى ھېلىقى ئاۋاز
ماڭا قايتۇرۇپ بېرەر يا قايتۇرماس
مۇھەببەتنى تاشقا ئايلانغان……
كۈز پەسلىدەك چوڭقۇر ئاھ ئۇرما
تۆكۈلىدۇ قىپ-قىزىل خازان
ئەگەر مېنى سىلىكسەڭ جانان.
بەلكىم كۆز يېشىڭدۇرمەن سۈپ-سۈزۈك
يا قونالغۇ ئىزدىگەن مېھمان.
ئەگەر سېنىڭ كۆز يېشىڭ بولسام
سۈرتىدۇ چوقۇمكى بىر قول
ئاھ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھامان.
ئەگەر بولسام سەرسان يولۇۋچى
ئۇزىتۇپ قوي، بولاي تىچ-ئامان.
(3)
جىممىدە تاغلار
ئىككى تاشقا قاراپ ئاھ ئۇرار
ئاستىدا جىلغا.
كۆكۈش كۆڭۈللەردە سەرسان ئاق بۇلۇت
ھېچنىمىنى قىلالماس ئىلغا.
ئىككى ئاۋازنى شىرىقلىتار
غۇر-غۇر شامال.
يۈزۈڭدىكى ياشنى قۇرىتار
لېۋىمدىكى قىزىغان خىيال.
بەلكىم ھاياتتىكى كۈتكەن يەر مۇشۇ
بىز ئۆلىمىز ھازىر ئېھتىمال….
(4)
ئېيتما
لېۋىڭ ئۈزرە كەلگەن شۇ سۆزنى.
كۆزلىرىمگە قارىما
كۆرگۈم كەلمەس كۆزۈڭ ئىچىدە
شۇ يېلىنجاپ تۇرغان كەچكۈزنى.
(5)
تاغدىن چۈشتۈق
بىر نەرسە شۇ يەردە قالدى،.
سەن كەينىڭگە قاراشتىنقورقىسەن
لىكىن شۇ يەردە بىر نەرسە قالدى
غۇر-غۇرشامالغا
كۆيۈك قاقاس تاشلارغا ۋە ھەم.
تاشتىن تاشقا ئۇرۇپ ئۇچۇرۇپ
ئەپكېتىدۇ شاماللار ھەردەم.
تاپالماسمىز-ياكى تاپارمىز
ئۆلمىسەكلا بىر كۈنلەر ئەركەم….
(6)
ئىچىمدە بىر دۇئا
ئىچىمدە ئاپئاق بىر تەبەسسۇم
نورۇز بۇلاقتىن قايتىپ كېلىپ
يالاڭئاياغ ماڭدۇق بەك ئۇزۇن.
كۈن مەھمۇت تاغلىرىدا ئىستىقامەتتە ئولتۇرغاندا
مەن سېنىڭ كۆكسۈڭگە جان بېرىمەن
ياكى كۆكسۈڭ جان بېرەر چوقۇم.
(7)
ئەي يالماۋۇز غارىدىكى سىھرىگەر ئايال
پەيدا بولدۇڭ
ئىچىمدىكى كەچكۈزدە دەرھال.
بۇنچە قىيناش كەتمەيتى
بۇنچە كۆز يېشى ماڭا ئېشىپ قالاتتى
مەن ھامان ئۇسسۇزلۇقتا ئۆلۈپ كېتەتتىم
جەسىتىم
ئاستىڭدا قۇرۇپ قالاتتى.
شۇنچىلىك ئىش ئىدى
ھايات دىگەن قولۇڭدىكى تىلفۇن دەپتىرىدەكلا بىرنەرسە
ئانچە قىممەت دىگىلى بولمايدۇ
ئۇنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە ئىسىم بار
قانچە توۋلىساڭ ئاڭلىمايدۇ
ئەكىس ساداسى يوق سېنىڭدەك
يالماۋۇز غارىدىكى شۇ ئاۋازدەك…..
خەتكۈچلەر:owchi
شېئىردىكى ئىماگ، تەسەۋۋۇرلار يېڭى ئۆزگىچە ئىكەن، يېڭى بىر بەدىئى دۇنيانى ھاسىل قىلىپتۇ. بارىكاللا!
كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا….تەنقىدىي پىكرىڭىزنىمۇ كۈتىمەن.