«ئا» ھەرىپى ئارىسىدا….

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 193 قېتىم باھا يازىمەن

 

 

«ئا» ھەرىپى ئارىسىدا….

 

 (1)

 

«ئاقرەڭنىڭ قىيامىغا چىقتىم يامىشىپ»

تۇيغۇمدا شاماللار يەلپۈتەر ئۇنى.

 تۇزلانغان قەلىپنىڭ شولىسى كەبى

  تىترەڭگۈ ھاياجان كۈيلىتەر ئۇنى.

 

 مانانلار چىرماشقان شاخلار ئەۋجىدە

 قۇشلارغا ئىمكان يوق، قاناتقا ئاسمان.

مىسلىسىز جاراھەت قاپلىغان دىلنىڭ

پايانى ئەپكېتەر يەنە چۈش تامان.

 

 

ئاۋازىڭ زەردە ۋە كۈلكە ئارىلاش…

بەلكىم مەن كۈتمىگەن، كۆرمىگەن ئۇنى.

مەڭگۈلۈك قۇرىغان قاقاس كېچىگە

يۇشۇرغان شاماللار ئۆز سۆيگۈسىنى.

 

 

نىھايەت…چېچىڭنىڭ چىغىر يولىدا

سىرىنگۈل گۈللىرى چاچقان خۇشپۇراق.

داغ بىلەن قاپلانغان شېئرلىرىمدا

مەن سېنى كۈتەرمەن ..كۈتەرمەن ئۇزاق

.

گۈللەر بار بەرگىگە كۆز يۇشۇرغان

ئۇ سېنىڭ قەلبىڭگە بولالماس تەققاس.

مۇزلىغان قولۇمدىن ئۇچقان كېپىنەك

سۆيگۈگە سىمۇۋۇل، نەپرەتكە رەققاس

.

ئۇپۇقتىن ئۇپۇققا قار ياغدى بۇ تۈن

مەن چەكسىز تۆت تامنىڭ ئىچىدە قالدىم.

ئاۋازىڭ ياندۇرغان خىرە شام ئارا

نىمىدۇر تاپتىم ھەم قولۇمغا ئالدىم.

 

 

لەززەتسىز تۈنلەرگە لەنىتىم قالدى

لەنەتلىك گۈللەرگە بىر سىقىملا كۈل.

سەن ئەگەر تەقدىرنىڭ يامغۇرى بولساڭ

كۈتىمەن،كەل مېنىڭ ئۈستۈمگە تۆكۈل!

 

 

(2)

 

ئاقرەڭنىڭ پايانى سۆيگۈگە يەتتى

ئاقارغان گۈللەردىن كېلەر ساداسى.

ئىشەنگەن تاغلاردىن كىيىكلەر كەتتى

ئاڭلىنار يىراقتىن سۇلغۇن ناۋاسى.

 

 

باغرىمدا دولقۇنلاپ كۆتۈرەر شاۋقۇن

بۇ تىلسىز ئەينەكلەر…تاملار…شاماللار.

مەن گويا تاشلارغا ئۇرۇلغان دولقۇن

مەرۋايىت ئىزلەيدۇ سەۋدا ئاياللار.

 

 

زەڭگەررەڭ ياغلىقلار..ھالرەڭ كۆينەكلەر

سۈكۈتنىڭ باغرىدا ياتقان ئۇ يوللار؛

شائىرلار، قاتىللار…رەسسام …بېزەكلەر

ئالقانغا نىمىدۇ يۇشۇرغان قوللار.

 

 

غەرق مەسىت سۆزلەيسەن..تىڭلايدۇ قەلبىم

 سۆزلەيسەن مۇھەببەت..ھايات توغۇرلۇق.

كىم بىلەر، بىر كۈنى مېنىمۇ بەلكىم

ھەسرەتتىن قۇتقۇزار كېلىپ بىر پاي ئوق.

 

 

 

خەتكۈچلەر:


مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش