دۇنيا تارىخىدىكى 9 قېتىملىق ئەشەددىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق پاجىئەسى
دۇنيا تارىخىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق پاجىئەلىرىنى تىزىپ چىقساق تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بولىدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى ۋە ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ھېسابقا ئېلىنماي پەقەت ئەسكەرلەرنىڭپۇقرالارغا( قۇرال تاشلاپ ئەل بولغان ئەسكەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تىزىپ چىقىلدى.
ئەرلەر ئاياللاردىن كۆڭۇللۇك ياشايدۇ
ئەرلەر ئاياللاردىن كۆڭۇللۇك ياشايدۇ .
بۇنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن، تۆۋەندە ئېيتقانلىرىم بىرئاز تومتاق بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسى ئەمەلىيەت.
ئەرلەر ئېغىر ئاياق بولمايدۇ. سۇ ئۈستى باغچىسىغا مايكىچان ياكى مايكا كىيمەيمۇ بارالايدۇ .
قايغۇ، سەن نېمە
قايغۇ،
رەت قىلغۇسىز گۈزەل ئايالدەك
ياكى
بويتاقلىقتا سۈرگەن خىيالدەك
ۋاقىت كارىدۇرىدىكى مۈكچەيگەن
ئاقارغان..تاتارغان..
ۋۇجۇت ئەينەكلىرىمگە سىزار رەسىملەر…..
دىلمۇرات
(1)
ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كېسىۋەتتۇق
جاراھەتكە چاپلىشىپ قالغان
ئاپئاق گۈللەرنى ئېلىۋەتتۇق
يۇيۇش تاختىسى ئۈستىدە قالغان نەرسىلەر
ۋاقىت، تەن، ۋە ئەسلىمە.
15غەزەل
(1)
كەل،يىلاندەك ئوينىغان بۇ سۇمبۇلى رەيھانغا باق،
كەل،يۈرەكنى ئۆرتىگەن بۇ ياپيېشىل گۈلخانغا باق.
پاز شېئىرلىرىدىن
تىلىماچ: پەرھات ئىلياس
ھەركەت
سەن گوياكى جەرەن ئات بولساڭ،
مەن قانلارغا تولغان ئۆتەڭ يول.
سەن تۇنجى رەت ياغقان قار بولساڭ،
مەن سەھەرنى تۇتاشتۇرغان قول.
نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق
(سالۋاتور كاشىموتو)
مېنىڭ نەزەرىمدە شۋېتسىيە ھەر بىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىدۇر. بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ بىردىنبىر ۋە پارلاق شەرىپىگە ئىگە بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. دەرۋەقە، شۋېتسىيە پەقەت نەچچە مىليۇن نوپۇسقىلا ئىگە دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچىلىك باشقا بىرەر دۆلەت كەڭ ئەھمىيەتلىك نەمۇنە دەپ قارىلىدىغان ۋە غايەت زور مەنىۋى، ئەمەلىي كۈچ قۇدرەتنى، ئۆزى مۇجەسسەملەشتۈرگەن بۇ مۇكاپاتنى مۇۋپپەقىيەتلىك ھالدا تەسىس قىلالمىدى ۋە يولغا قويالمىدى .
تۇلۇق ئوقۇش »
قەلەمنىڭ يىلتىزى ئانا تۇپراقتا
ئوسمان زاھىر
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئارىسىدا نوقۇل ھالدىكىئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئىجتىمائىي خاراكتىرلىق ، تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرگەيۈزلىنىش خاھىشى كۆرۈلدى. ئىلگىرىكى ھەجمى چوڭ ئەسەرلەرنى، مۇھەببەت ئاساسىيلىنىيە قىلىنغان يەككە سىيۇژىتلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇشتىن، ئوقۇرمەننى تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەيدىغان، ھەم تارىخىي ھەم ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرگە ئېغىش يۈزلىنىشى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى. بۇمۇ ئەلۋەتتە بۈگۈنكى رېتىمى تېز تۇرمۇش مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان يېڭى بىر تۈركۈم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەر تاللاش ئېڭى. « ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا » ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش دەۋرىدە تۇرىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ زور ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. قايتا نەشىر قىلىندى. يىراق ئوكيان مىللىتى بىلەن تەكلىماكان باغرىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىيەت ئېقىنلىرىدىكى پەرقلەر ھەققىدە نۇرغۇن ھېكمەتلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇ كىتاپ نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلب تارىنى چەكتى. ئەينى چاغدا ئەختەم ئۆمەرنىڭ « يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، بارلىق تارقىتىش ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقىتىلغان ئىدى. بۇ ئۆزنىتونۇش دولقۇنى قوزغاپ، ئۆزىمىزنىڭ رىئال ھالىتىمىزگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىدىغان ئىجابىي يۈزلىنىشنى بارلىققا كەلتۈردى. «خوتەندىن خەت» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ داغدۇغىسى، ئىجتىمائىي تەسىرى ھەرقانداق بىر ئېسىل روماندىن قېلىشمىدى.«بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار»،«قۇتۇلۇش يولى» ناملىق ئەدبىي ئاخباراتلار مۇشۇ زىمىندا نەپەسلەنگەن، مۇشۇ زىمىندا ئايىغى چىققان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالىغانلىقى ئۈچۈنلا بازارلىق ئەسەرلەردىن بولالىدى. ھازىر نەشرىيات ئورۇنلىرىمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئىجتىمائىيتېمىدىكى ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىشنى خالايدىغان بولۇشتى. پوئىزىيە ئەسەرلىرى سوغۇق مۇئامىلىگە دۇچ كەلدى. خەلقىمىز ئەزەلدىن شېئىر ئوقۇپ كەلگەن. قىيىنشارائىتلاردا ھەتتا نادىر ئەسەرلەرنى يەر ئاستىغا كۆمۈپ ساقلىغان. ھېلىھەم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ « ئىز» ناملىق نادىر شېئىرى ئۆيلەرنىڭ تۆرىدە رامكىغا ئېلىنىپ ساقلىنىۋاتىدۇ. روزى سايىتتەك خەلق سۆيگەن شائىرلار ئالتۇن ئۈزۈك بىلەن تارتۇقلانغان . نۆۋەتتە ياشلاردىن ئادىل تۇنىياز، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت ، ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىقلارنىڭشېئىرلىرىنىڭ خەلقىمىز ئىچىدە مۇقىم ئوقۇرمەنلىرى بار.